Jump to content

كارل ماركىس

ئورنى Wikipedia

كارل ماركس (ئىنگ:Karl Heinrich Marx، ت. 1818.5.5 — ئۆ. 1883.3.14) پۈتۈن دۇنيا پۇرۇلېتارىياتىنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى ۋە داھىيىسى، ماركسىزىمنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ پىرۇسسىيىنىڭ رېين ئۆلكىسىدىكى ترىئېر شەھرىدە بىر ئادۋۇكاتنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىلگىر- كېيىن بۇلۇپ بونىن ۋە بېرلىن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش مەزگىلىدە قانۇن بىلەن پەلسەپىنى نۇقتىلىق ئۈگەنگەن. بىر مەزگىل ياش گېگىلچىلار گۇرۇھىغا قاتناشقان. 1841- يىلى 3- ئايدا ئۇنۋېرستىتنى پۈتتۈرگەن ۋاختىدا «دېموكرىتنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى بىلەن ئېپىكۇرنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ پەرقى» دېگەن تېمىدا دېسسىرتاتسىيە يېزىپ، گېگىل پەلسەپىسىدىن خۇداسىزلىققا ياتىدىغان رادىكال خۇلاسىنى چىقىرىپ، پەلسەپە بۇيىچە دولتۇرلۇقنى ئالغان. 1842- يىلى 4- ئايدىن باشلاپ، «رېين» گېزىتىگە ماقالە يازغۇچى بولغان. 10- ئايدا باش مۇھەررىر بولغان. بۇ مەزگىلدە ماركس گىزىتتە ئوبزۇرلارنى يېزىپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنى چۇڭقۇر پاش قىلغان. ئىدىئالىزىمدىن ماتىرىيالىزىمچىغا، ئىنقىلاۋىي دېموكىراتىزىمچىدىن كومىنىزىمچىغا بۇرۇلىشىغا باشلىغان. 1843- يىلى «رېين» گىزىتى پىچەتلىۋىتىلدى. ماركس يېننى ۋېستفالىن بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ ۋە پارىژغا كۆچۈپ بېرىپ، گېرمانىيىلىك، فرانسىيىلىك ئىشچىلارنىڭ مەخپىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە باغلاشقا باشلايدۇ. ئىشچىلار، قول سانائەتچىلەرنىڭ يىغىنلىرىغا دائىم قاتنىشىپ تۇرىدۇ. سىياسىي ئىقتىساد، خىيالىي سوتسىيالىزىم ۋە تارىخ توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. 1844- يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، «نېمس – فرانسۇز يىللىق مەجمۇئەسى» نى نەشىر قىلىدۇ. «گېگىلنىڭ قانۇن پەلسەپىسىگە تەنقىدكە مۇقەددىمە»، «يەھۇدىيلار مەسىلىسى توغرىسىدا» قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ. پۇرۇلېتارىيات ئىكىسپۇلاتتاتسىيە تۈزۈمىنى يۇقاتقۇچى بىردىن بىر سىنىپ ئىكەنلىكىنى، ئىشچىلار ھەركىتى ئىلمىي دۇنيا قاراش بىلەن بىرلىشىشى لازىملىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. «مەۋجۇت تۇرغان ھەممە نەرسىنى رەھىمسىز تەنقىت قىلىش»، بولۇپمۇ «قورال تەنقىدى قىلىش» نى تەرغىپ قىلىدۇ. بۇ ماقالىلەر ۋە شۇ مەزگىلدە ئا. رۇگېغا يازغان بىر نەچچە پارچە خەت ماركسنىڭ دۇنيا قارىشىدا ئۆزگىرىش تاماملانغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بۇلۇپ قالىدۇ.

1844- يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ماركس ئېنگېلس بىلەن پارىژدا ئۇچراشتى. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئۇلۇغ ئىككى ئۇستاز پۇرۇلېتارىياتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بىرلىكتە كۈرەش قىلدى. ئۇلار ئالدى بىلەن ئىلمىي يېڭى دۇنيا قاراشنى سېستىمىلق تەتقىق قىلىشتى. ئۇلارنىڭ تۇنجى مۇۋەپپىقىيىتى ئۇلارنىڭ ئورتاق ئەسىرى «مۇقەددەس ئائىلە» بۇلۇپ، ئۇنىڭدا ياش گېگېلچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى برۇنو بائۇئېر قاتارلىقلارنىڭ ئىدىئالىستىك پەلسەپىسى تەنقىتلىنىپ، تارىخىي ماتىرىيالىزىمنىڭ خەلق ئاممىسى تارىخنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر دېگەن بۇ ئاساسىي پىرىنسىپنى شەرھىلىدى. 1844- يىلى ماركس «ئىقتىسادشۇناسلىق – پەلسەپە قول يازمىسى» نى يازدى. 1845- يىلى ئىنقىلاۋىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن فرانسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كىيىن بېلگىيىنىڭ پايتەختى بىريۇسېلغا بېرىپ ماكانلاشتى. ئۇ مەشھۇر «فېيرباخ توغرىسىدا تىزىس» نى يېزىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئېنگېلسمۇ شۇ يەرگە باردى. ئۇلار «نېمىس ئىدىئولوگىيىسى» نى بىرلىكتە يېزىپ، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ياش گېگېلچىكارنى تەنقىت قىلدى. يېڭى دۇنيا قاراش ھەققىدىكى نەزىرىيىنى، بولۇپمۇ تارىخىي ماتىرىيالىزىمنىڭ بەزى ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى شەرھىلەپ، پۇرۇلېتارىياتنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى.

1846- يىلى ئېنگېلس بىلەن بىرلىكتە بىريۇسېلدا كومۇنىستىك ئالاقە كومىتىتى بىلەن نېمىس ئىشچىلار جەمىيىتىنى قۇردى. پرۇدونىزمنى، ۋېتلىڭنىڭ تەڭ تەقسىماتچىلىق كومۇنىزىمىنى ۋە «ھەقىقىي» سوتسىيالىزىمنى تەنقىت قىلدى. 1847- يىلى «پەلسەپە نامراتلىقى» نى تەنقىت قىلدى. شۇ يىلى كومۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىغا كىردى. 1847- يىلى 12- ئايدىن 1848- يىلى 1- ئايغىچە ئىتتىپاق ئىككىنچى قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتناشتى ۋە قۇرۇلتاينىڭ ھاۋالىسى بۇيىچە ئېنگېلس بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقنىڭ پىروگراممىسىنى تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن «كومۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» دېگەن بۇ ئۇلۇغ كومۇنىزىملىق ئەسەر بارلىققا كەلدى. «خىتابنامە» دە پۇرۇلېتارىيات كۈرۈشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى يەكۈنلەندى، ئۆزلىرىنىڭ تەلىماتى ۋە پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلاۋى بىلەن پۇرۇلېتارىيات دىكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى نەزىرىيە سېستىمىلق، مۇكەممەل شەرھىلەندى. 1848- يىلى 2- ئايدا «ختابنامە» رەسمىي ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلاۋى ھەركىتىدە «خىتابنامە» ھەركەت قىبلىنامىسى ۋە كۈرەش پىروگراممىسى بۇلۇپ قالدى.

1848-1849- يىللاردا بولغان ياۋرۇپا ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە، ماركس بىلەن ئېنگېلىس گېرمانىيەگە قايتىپ بېرىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن كۈرەشكە قاتناشتى. كيۇلىندا «يېڭى رېين» گىزىتىنى چىقىرىپ (ئۆزى باش مۇھەررىر بۇلۇپ)، ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ ئىنقىلاۋىي كۈرۈشىگە مەدەت بەردى. ئىنقىلاپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ 1849- يىلى 5- ئايدا پىرىسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، پارىژغا باردى. كىيىن تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە لوندوندا ماكانلاشتى. ئۇ لوندونغا بارغاندىن كىيىن دەرھال كومۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرىنى ۋە مەركىزىي كومىتىتىنى قايتا قۇردى. 1848- يىلدىكى فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابى ۋە 1851- يىلىدىكى لوئى بوناپارتنىڭ ئەكسىل ئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كىيىن، ئىلگىر- كىيىن بۇلۇپ، «1848- يىلدىن 1850- يىلغىچە فرانسىيىدە بولغان سىنىپىي كۈرەش» نى ئېلان قىلىپ، 1848- يىلدىكى ئىنقىلابنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىدى، تارىخىي ماتىرىيالىزىمنىڭ بىر قاتار ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى چۇڭقۇر شەرھىلىدى. پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلابى كونا دۆلەت ماشىنىسىنى پاچاقلاپ تاشلىشى لازىم، ئىنقىلاب – تارىخنىڭ پاراۋۇزى دېگەندەك مەشھۇر كۆز قاراشلارنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى. پۇرۇلېتارىيات دىكتاتۇرىسى، ئۈزلىكسىز ئىنقىلاب، ئىشچى- دېھقانلار ئىتتىپاقى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئىدىيىلەرنى بايان قىلدى. 1859- يىلى «سىياسىي ئىقتىساد تەنقىدى» نى ئېلان قىلىپ، قۇشۇمچە قىممەت نەزىرىيىسىنى تەپسىلىي ئىسپاتلاشقا ئاساس سالدى. 1867- يىلى «كاپىتال» نىڭ 1- تومىنى نەشىر قىلدۇردى (2-، 3- توملىرىنى ماركس ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئېنگېلس رەتلەپ نەشىر قىلدۇردى؛ 4- تومىنى يەنى «قۇشۇمچە قىممەت نەزىرىيىسى» نى ئېنگېلس ۋاپات بولغاندىن كېيىن كائۇتسكى رەتلەپ نەشىر قىلدۇردى). بۇ ئۆلمەس گىگانت ئەسەردە ماركسىزىمچە ئىقتىسادىي نەزىرىيىنىڭ ئاساسىي ھۇلى – قوشۇمچە قىممەت نەزىرىيىسى بايان قىلىندى. كاپىتالىستىك جەمىيەتنىڭ ئىچكى زىدىيەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي ھەركەت قانۇنىيەتلىرى ئېچىپ بىرىلدى. كاپىتالىزىمنىڭ مۇقەررەر يۇقىلىدىغانلىقى ۋە كومىنىزىمنىڭ مۇقەررەر غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن سوتسىيالىزىم تەلىماتى مۇستەھكەم ئىلمىي ئاساسقا قۇيۇلدى. 1850- يىلدىن 1870- يىلغىچە بولغان 20 يىل جەريانىدا مانچېستېردا تۇرۇۋاتقان ئېنگېلس بىلەن كۈندە دىگۈدەك خەت يېزىشىپ، سىياسىي مەسىلىلەر، ئىجتىمائى پەن ۋە تابىئىي پەنگە دائىر تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشتى. 1851- يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا «نيۇ-يورك كۈندىلىك مۇنبەر گىزىتى» گە، ئەنگىلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بەزى گىزىت- ژورناللىرىغا ماقالە يېزىپ تۇردى. ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگۇ مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئوبزۇرلارمۇ بار ئىدى. جۇڭگۇ مەسىلىسى بايان قىلىنغان ماقالىلەردە جۇڭگۇ جەمىيىتىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى تەھلىل قىلىنغان، روسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگۇغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى پاش قىلىنغان ۋە ئەيپلەنگەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرۈشى مەدھىيلەنگەن، جۇڭگو ئىنقىلابىۋىنىڭ پارلاق ئىستىقبالى كۆرسىتىپ بىرىلگەن ئىدى. ياۋروپا ئىشچىلار ھەركىتى تۈۋەن دولقۇندا تۇرىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار تەشكىلاتلىرى ۋە ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ يول باشچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ ئۇلارنى ئىلمى سوتسىيالىزىم ئىدىيىسى بىلەن تەربىيلىدى ۋە ئۇلارغا نەزىرىيە ۋە ئەمىلىيەت جەھەتتىكى تۈرلۈك مەسىللەرنى ھەل قىلىشىپ بەردى.

ماركس ئىشچىلار ھەركىتىدىكى يېڭى دولقۇننىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 1864- يىلى 9- ئايدا لوندوندا خەلقئارا ئىشچىلار جەمىيىتى (يەنى 1- ئىنتېرناتسيۇنال) نى قۇردى ۋە ئۈزى ئۇنىڭ رەھبىرى بولدى. 1- ئىنتېرناتسيۇنالنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پرۇدونچىلار، باكۇنىنچىلار، ئىشچىلار بىرلەشمىچىلىكى تەرەپدارلىرى ۋە لاسسالچىلارنىڭ ئىسلاھاتچىلىقى، تەسلىمچىلىكى، ھۆكۈمەتسىزلىكى، بۆلگىنچىلىكى ۋە 1- ئىنتېرناتسيۇنالغا قارشى سۈيقەستلىك ھەركەتلەرگە قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىپ، ماركسىزىمنىڭ خەلقئارا ئىشچىلار ھەركىتىدىكى يىتەكچى ئورنىدا تۇرىشىغا ئاساس سالدى. 1871- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى پارىژ ئىشچىلىرى قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تارىختا تۇنجى پۇرۇلېتارىيات ھاكىمىيىتى – پارىژ كومىنىسىنى قۇردى. ماركس پارىژ پۇرۇلتارىياتىنىڭ ئىنقىلابىي ئىجاتچانلىق روھىغا يۇقىرى باھا بەردى، ھەمدە ئۇنى قىزغىن مەدھىلىدى ۋە قوللىدى. «فرانسىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش» دېگەن كىتابنى ۋاختىدا يېزىپ چىقىپ، كومۇنىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، «ئىشچىلار سىنىپىنىڭ تەييار دۆلەت ماشىنىسىنى شۇ پېتى ئىگىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆز مەقسىدىگە يىتىش يولىدا پايدىلىنىشى مۈمكىن ئەمەس»، كونا دۆلەت ماشىنىسىنى ئىنقىلابىي ئىنقىلابىي زورلۇق يولى بىلەن پاچاقلاپ تاشلاپ ۋە بۇزۇپ تاشلاپ، پۇرۇلېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى يولغا قۇيىشى لازىم دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، «ئىنتېرناتسيۇنال قۇرۇلغانلىقىنىڭ يەتتە يىللىقىنى خاتىرلەيمىز» دېگەن ئەسىرىدە مۇنۇلارنى تەكىتلەپ كۆرسەتتى: «پۇرۇلتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ بىرىنچى شەرتى پۇرۇلېتارىيات ئارمىيىسىدۇر. ئىشچىلار سىنىپى ئۆزىنى ئازاد قىلىش ھوقۇقىنى جەڭ مەيدانىدىلا قولغا كەلتۈرىشى لازىم».

ماركس 70- يىللاردىن 80- يىللارنىڭ بېشىغىچە ئاساسىي زىھنىنى داۋاملىق ھالدا «كاپىتال» نىڭ 2- تومى ۋە 3- تومىنى يېزىشقا قاراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا كومىنىزىم ھەركىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى. 1875- يىلى گېرمانىيە ئىشچىلار ھەركىتىدە ئېيزىناخچىلار لاسسالچىلار بىلەن بىرلىشىش ۋاقتىدا شەكىل جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىققا بىرىلىپ كىتىپ، «پىرىنسىپ بىلەن سودىلاشتى»، لاسسالچىلارنىڭ ئاغمىچىلىقى بىلەن مۇرەسسەلەشتى. ماركس كىسەل يۈرۈپ «گوتا پىروگراممىسىغا تەنقىد» نى يېزىپ، گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پىروگرامما لاھىيىسىدە ئىپادىلەنگەن لاسسالنىڭ ئاغمىچىلىق نۇقتىنەزەرلىرىنى ئۈزۈل- كىسىل تەنقىت قىلىپ، كاپىتالىزىم بىلەن كومىنىزىمنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر ئىنقىلابىي ئۆزگىرىش دەۋرى بۇلىدۇ، بۇ دەۋرگە مۇناسىپ سىياسىي جەھەتتىكى بىر ئۆتكۈنچى دەۋرمۇ بۇلىدۇ، بۇ دەۋردىكى دۆلەت پەقەت پۇرۇلېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىي دىكتاتۇرىسىدا بۇلىدۇ دەپ كۆرسەتتى. 1879- يىلى گېرمانىيە پارتىيىسىدىكى سيۇرىخ ئۈچ كىشىلىك گۇرۇھىنىڭ ئىسلاھاتچىلىقى، تەسلىمچىلىكىنى ۋە فرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاغمىچى گۇرۇھلارنىمۇ پاش قىلدى ۋە تەنقىت قىلدى.

ئۆلۈمى

[تەھرىرلەش]

ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكى، چىكىدىن ئاشقان نامراتچىلىق ۋە ئىنتايىن ئېغىر نەزىرىيىۋى ۋە ئەمىلىي خىزمەت ماركسنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكغزدى. 1883- يىلى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كىيىن ماركس ئۆزىنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان پېتى دۇنيادىن ۋىدالاشتى. ئېنگېلس مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن ئىدى: «ماركس ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تاپتى»، «ھازىرقى زامان كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسۈلىنىڭ ۋە شۇنىڭدىن ھاسىل بولغان بۇرژۇئا جەمىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ھەركەت قانۇنىيىتىنىمۇ تاپتى»؛ ماركس «پەن جەھەتتىكى گىگانت»، لېكىن ئۇ «ئالدى بىلەن بىر ئىنقىلاپچى. كاپىتالىستىك جەمىيەتنى ۋە شۇ جەمىيەت بئاساسىدىكى دۆلەت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىشىغا مەلۇم يول بىلەن قاتناشتى ۋە ئۇنىڭ يارىدىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ئورنىنى ۋە تىلىپىنى، ئۆز ئازادلىقىنىڭ شەرتىنى چۈشەنگەن ھازەرقى زامان پۇرۇلېتارىياتىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا قاتناشتى، – بۇ ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەزىپىسى ئىدى».