كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى

ئورنى Wikipedia

كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى (نېمىسچە: Das Manifest der Kommunistischen Partei)، قىسقىچە كۇمپارتىيە خىتابنامىسى. كارل ماركىس ۋە ڧرېدرىخ ئېنگىلىس تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم 21 - ھۇد 1848 دە ئېلان قىلىنغان يازما، كۇممۇنىزمنىڭ تۇنجى خىتابنامىسى.

كوممۇنىستىك ئىتتىپاق تەرىپىدىن ھوقۇق بېرىلگەن ماركس ۋە ئېنگلىس، ئىتتىپاقنىڭ مەقسىدى ۋە پروگراممىنى تۇرغۇزىدۇ. كومپارتىيە خىتابنامىسى، پرولېتارىيەنىڭ بۇرژۇئازىيە تۈزۈمىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ شەخسىي مۈلۈكچىلىكنى بىر ئىنقىلاب بىلەن يۇق قىلىپ سىنپىتىن خالىي بىر توپلۇم سېستىمىسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.[1]

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

خىتابنامىنىڭ تۇنجى بېتىدە يازغۇچى ئولاراق ڧرېدرىخ ئېنگىلىس ۋە كارل ماركسنىڭ ئاتلارى بىرلىكتە يەر ئالماقتا ۋە ئورتاق يازما شەكلىدە كۆرسىتىلگەن. ماركىسنىڭ ئۆلىمىدىن سوڭرە ئېنگىلىس، 1883- يىلى نېمىسچە باسماسىنىڭ ئالدىنقى يۈزىدە مۇنداق يېزىلغان: خىتابنامەگە ئەگەمەن بولغان ئاساسىي پىكىر... پەقەتلا ۋە تامامەن ماركىسقا مەنسۇبتۇر".

كۇمپارتىيە خىتابنامىسى تۇنجى بولۇپ 1848- يىلى لوندوندا نېمىسچە قۇيۇق يېشىل رەڭلىك بىر ۋاراقچە شەكلىدە بېسىلغان. تۇنجى ئىنگىلىزچە ئاغدۇرمىسىنى ھەلەن مەكڧارلانە (Helen MacFarlane) ئاتلىق كىشى 1850 تە ئىشلىگەن. 1872 دىن 1893 كىچە ئوخشىمىغان ئالغى سۆزلەر بىلەن قايتا قايتا باسىلدى. ماركىس ۋە ئېنگىلىسنىڭ 1871 پارىژ كوممۇناسى سىنىقى بىلەن ئالاقەدار بەئزى قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئالغى سۆز بىلەن، 1882 دە رۇسچە باسىلغان بىر ئالغى سۆز بىلەن ۋە ماركس ئۆلگەندىن سوڭرە ئېنگىلىسنىڭ 1883 نېمىسچە، 1890 نېمىسچە، 1892 لەھچە، 1893 ئىتاليانچە باسىمىغا ئالغى سۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە 1888- يىلى ساموئېل موورېنىڭ ئېنگىلس بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى، ئە ڭ كۆپ قوللىنىلغان ئىنگىلىزچە نەشرىدۇر.

مەنبە[تەھرىرلەش]