كۈن نۇرى ئەپەندىم (كورىيە تىياتىرى)

ئورنى Wikipedia

كۈن نۇرى ئەپەندىم (باشقىچە نامى: قۇياش نۇرى ئەپەندىم، ئۇرۇش دەۋىردىكى مۇھەببەت، ئامېرىكىلىق چوسۇن ئەپەندىم، مۇستەملىك دەۋىردە كورىيەدىكى مۇھەببەت؛ خانگۇل: 미스터 션샤인؛ ئېنگلىزچە: Mr. Sunshine) بىر نەتفلىكىس سۇپىسى ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئىجادى كورىيە تىياتىرىدۇر.

كۈن نۇرى ئەپەندىم
تەشۋىقات ئېلانى
كۈن نۇرى ئەپەندىمنىڭ لوگو يازمىسى
باش پېرسوناژ
خانگۇل قۇياش نۇرى ئەپەندى
ئۆزگەرتىلگەن لاتىنچىسى Miseuteo Syeonsyain
ژانىر
  • تارىخى
  • رومانتىك
  • ھاياجانلىق
ئىجاد قىلغان
  • Lee Myung-han (tvN) (لى ميۇڭ خەن)
  • Netflix (نەتفلىكىس)
فىلىم ئىشلىگۈچى
  • جىننىي چوي
  • Studio Dragon
يازغۇچى Kim Eun Sook

كىم ئىۇن سوك

رېژىسسور Lee Eung-bok

لى ئىئۇڭ بوك

باش رول ئالغان
  • Lee Byung-hun (لى بيۇڭ خۇن)
  • Kim Tae-ri (كىم تائى رى)
  • Yoo Yeon-seok (يو يېئون سېئوك)
  • Kim Min-Jung (كىم مىن جۇڭ)
  • Byun Yo-han (بيۇن يو خەن)
كومپوزىتور Nam Hye-seung

نام خيې سېئۇڭ

ئەسلى دۆلەت كورېيە
ئەسلى تىل
بۈلۈم 1
قىسىم 24  
ئىشلەپچىقىرىش
ئىجرائىيە ئىشلەپچىقارغۇچىلار
  • Kim Young-kyu (كىم يوڭ كيۇ)
  • Yoon Ha-rim (يۇن خا رىم)
كامېرا تەڭشەكلىرى يەككە كامېرا
ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى
  • Studio Dragon (ئەجدرىھا ستودىيەسى)
  • Hwa & Dam Pictures (خۋا ۋە دەم سۈرەتچىلىكى)
خامچوت 40 مىليارد كورىيە ۋونى
ئەسلى تارقىتىلىشى
تور tvN
تۇنجى قويۇلۇشى 2018-يىلى 7-ئىيۇلدىن 30  - سېنتەبىرگىچە

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

بۇ چاتما تور تىياتىرىدا ياپونيەنىڭ چوسۇننىڭ مۇستەملىك قىلىش جەريانى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، كورىيە مىللەتىچىلىرى، ياپونپەرەسلەر، ئامېرىكاپەرەسلەر، روسپەرەسلەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چوسۇننى ئۆز خائىشى بويىنچە "زامانىۋىلاشتۇرۇش"، "مەدەنيەتلەشتۈرش" ئۈچۈن تىرىشىش جەريانى تارىخى ۋاقىت ئوقى قىلىپ بايان قىلىندۇ. بۇ فىلىمنىڭ باش پېرسوناژى كىچىك ۋاقتىدا چوسۇندىكى تەبىقىچىلىق، زۇلۇم سەۋەبىدىن، چوسۇندىن قېچىشقا مەجبۇرى بولغان بىر بالىنىڭ تەلىيى كېلىپ ئامېرىكىغا كېلىپ قېلىشى ۋە كېيىن چوڭ بولغاندا ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ئەسكەر بولۇپ، مەرتىۋە ۋە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى، لېكىن شۇ ئارلىقتا ئامېرىكا دۆلتىنىڭ ئارزۇسى بۇيىنچە چوسۇنغا، يەنى ئاتا-ئانىسى زالىملارچە ئۆلتۈرۈلگەن يۇرتقا كونسۇل ۋە ھەربىي ئىشلار ۋەكىلى سۈپىتىدە قايتىدۇ. باش پېرسوناژ چوسۇندىكى مەزگىلدە شۇ جايدىكى ئالى كوڭزى تەرىقەت ئوقۇتقۇچىسنىڭ ياڭبەن ئاقسۆڭەك قىزىغا ئاشىق بۇلۇشى، مىللەت، ۋەتەن، تەبىقە، ئىجتىمائى ئورۇن، ۋە سۆيگۈ ئارىسىدا قېلىشى ۋەقەسى بايان قىلىنىدۇ. بۇ فىلىمنىڭ ئىشلنىش تېخنىكىسى يۇقىرى، سۈرەتلىرى ناھايىتى سۈزۈك، رەڭلەر ئېسىل تەڭشەلگەن، ئارتىسلار گۈزەل، ۋەقەلىكىك جانلىق ھەم قىزىقارلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش[تەھرىرلەش]

ياپونلارنىڭ كورېيەنى ئىشغال قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ساگېئۇك دىراممىلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى ، كۈن نۇرى ئەپەندىم 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياپونلارغا قوشۇلۇشتىن بۇرۇن يۈز بېرىدۇ . ئۇنىڭدا ھەققانىيەت پىدائىيلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ ، كورىيەنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەرنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن. شىنميەنيو ۋەقەسى ، ئىسپانىيە-ئامېرىكا ئۇرۇشى ،  ئىمپېراتور ميوڭسېڭنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشى ، رۇس -ياپون ئۇرۇشى ،  غوجوڭنىڭ مەجبۇرىي تەختتىن چۈشۈشى ۋە نامدايمون ئۇرۇشى قاتارلىق رېئال تۇرمۇشتىكى تارىخىي ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن ياكى تىلغا ئېلىنغان.

ئىمپېراتور گوجوڭ ، ئىتو خىروبۇمى ، ھاياشى گونسۇكې ، خاسېگاۋا يوشىمىچى ، خوراس نيۇتون ئاللېن ۋە بەش ئېۋلا خائىنلىرى قاتارلىق تارىخى شەخسلەر قايتا-قايتا پېرسوناژلاردەك كۆرۈنىدۇ ، تېئودور روزۋېلىت قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تېئودور روزۋېلىت، ئەن چاڭخو ،  ئىمپېرىيە ئالىيجاناب مەسلىھەتچىسى سۈنخون ،  پارك سېڭخۋان ،  ۋە فرېدېرىك ئارتۇر ماككېنزى قاتارلىقلارمۇ مەيدانغا چىقىدۇ.