ماھاتما گەندى

ئورنى Wikipedia

موھانداس كارامچاند گەندى Mohandas Karamchand Gandhi
موھانداس كارامچاند گەندى
توغۇلۇش


1869- يىل 2- ئۆكتەبر

پورباندار، ئەنگىلىيەگە قاراشلىق ھىندىستان

ئۆلۈم 30- يانۋار 1948، يېڭى دېھلى، ھىندىستان
ئۆلۈم سەبەبى سۇئىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن
قەبرىسى راج گھاد، جەسىدى كۆيدۈرۈلگەن
باشقا ناملىرى ماھاتما گاندھى، باپۇ، گاندھىجى
مەكتىبى


ئالڧېرد تولۇق ئوتتۇرا, راجكوت

سامالدېس كوللېج, باۇناگار، ل ك ئۇ

تونۇلۇش سەبەبى



ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ داھىيسى

ساتياگراھا؛ ئاھىمسا؛پاسىپلىق قاتتىق قوللۇققا قارشى

دىن جائىنىزىم تەسىرىدىكى ھىندىزم
رەڧىقىسى كاستۇربا گاندھى
بالىلىرى




ھارىلال گاندھى

مانىلال گاندھى
رامداس گاندھى
دەمداس گاندھى

ئاتا-ئانىسى


كارامچاند گاندھى (ئاتا)

پۇتلىبائ گاندھى (ئانا)

ئىمزاسى

موھانداس كارامچاند گەندى (گۇجاراتچە: મોહનદાસ કરમચંદ ગાંધી، ھىندىچە: मोहनदास करमचंद गांधी، ئىنگىلىزچە: Mohandas Karamchand Gandhi، تو. 1869- يىل 2- ئۆكتەبىر — 1948- يىل 30- يانۋار) ھىندىستان ۋە ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ ئاتاقلىق سىياسىي ۋە رۇھانىي داھىيسى. ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ھىندى مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ھىندىستان خەلقى تەرپىدىن «مۇقەددەس ئاتا» دەپ ئۇلۇغلانغان.

ئۇ ئاتاقلىق سىياسى داھىي بۇلۇپلا قالماي، يەنە مەشھۇر مۇتەپەككۇر بۇلۇپ، ئۇنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي ئىدىيىسى پۈتكۈل ھىندىستان يېرىم ئارىلىدا غايەت زور ھەم چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى گەندىزم دەپ ئاتىلىدۇ. ھەقىقەت ۋە يامانلىقققا قارشى ئاكتىپ ئەمما شىددەت قوللىنىلمىغان تىركىشىش بىلەن ئالاقىدار بولغان ساتياگاراھا (Satyagraha) پەلسەپەسىنىڭ باشچىسىدۇر. بۇ پەلسەپە ھىندىستاننى مۇستەقىللقىغا قاۋۇشتۇرغان ۋە يەر يۈزىدە ۋەتەنداشلىق ھەقلىرى ۋە ئەركىنلىك قوغدىغۇچىلىرىغا ئىلھام مەنبەسى بولغان.

نامى[تەھرىرلەش]

گەندى ھىندىستاندا ۋە دۇنيادا، تاگور تەرىپىدىن بېرىلگەن ۋە ئۇلۇغ رۇھ مەنىسىدىكى ماھاتما (سانسىكرىتچە: महात्मा) ۋە ئاتا مەنىسىدىكى باپۇ (گۇجاراتچە: બાપુ) ناملىرى بىلەن ياد ئېتىلىدۇ. ھىندىستاندا رەسمىي شەكىلدە دۆلەت ئاتىسى ئېلان قىلىنغان ۋە توغۇلغان كۈنى بولمىش 2- ئۆكتەبر كۈنى گەندى جايانتى نامى بىلەن مىللىي تەتىل كۈنى شەكلىدە قۇتلىنىدۇ. 2007- يىل 15- ئىيۇن كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاۋاز بىرلىكى بىلەن 2- ئۆكتەبر كۈنى "خەلقئارالىق شىددەتكە قارشق تۇرۇش كۈنى" ئېلان قىلىنغان. گەندى ھەققىدە ئەڭ كۆپ كىتاب يېزىلغان كىشىلەر تىزىملىكىدە 8. ئورۇنغا تىزىلماقتا.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

ئۇ «ئۆتكەن 30 يىلدىكى يولباشچى ۋە پەيلاسوپ»، «ھىندىستاننىڭ ئەركىنلىك ماياكى». 1947-يىلى 8-ئايدا، ھىندىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىدا ھىندىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيەسى موھانداس كارامچاند گەندى ئەنە شۇنداق تەرىپلەنگەن. 

گەندى (1869 − 1948-يىللار) دەسلەپتە ئەنگلىيە دە ئوقۇپ، قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۇزاق مۇددەت ئادۋوكاتلىق قىلغان، شۇ يەردىكى ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، كاتتا شۆھرەت قازانغان. 1915-يىلى، ئەنگلىيە نىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، مىللىي ئازادلىق ئىشلىرى يولىدا كۈرەش قىلغان ھەمدە بۇ كۈرەشنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغان.

ئانا پەرزىنىت تەربىيىسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم، گەندىنىڭ ئانىسى گەندى ھۆرمەت قىلىدىغان مەزلۇم ئىدى، ياخشى ئايال، پەزىلەتلىك ئانىلارنىڭ بارلىق ئىسىل پەزىلەتلىرى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ئىدى. ئۇ يەنە تەقۋادار ئايال بۇلۇپ، پەرھىز ۋە ئىبادەت قىلىشتا ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىدى. گەندىنىڭ نەزىرىدە ئانىسى پاكلىقنىڭ سىمۋولى ئىدى. گەندى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئەخلاقتىمۇ، ئوقۇشتىمۇ ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى. نۇرغۇن قېتىم ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشكەن ئىدى. گەندى دوست تۇتۇشنى ياخشى كۈرەتتى. گەندى باشقىلار بىلەن ئىسلاھاتچى بۇلۇش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىدا دوستلۇق ئورنىتاتتى. ئۇ ئىدىيە كىيىن بۇ ئۇلۇغ ئەرباپنىڭ ئاساسىي پەزىلىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.

گەندى 13 ياشقا كىرگەندە، ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى كاستۇبى بىلەن توي قىلدى، بالدۇر توي قىلىش ئەينى چاغدىكى ھىندىستاندا ئومۇمىيۈزلۈك ھادىىسە ئىدى. ئۇ ئەر-ئايال ئۆزئارا سادىق بۇلۇشنى بىرىنجى ئورۇنغا قويدى. كېيىن نۇرغۇن قىينچىقلارنى يېڭىپ ئەنگىلىيىگە ئوقۇشقا بېرىپ، لوندىن ئۈنۋىرسىتىدا قانۇن ئۈگەندى، نۇرۇغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندى، كۆردى، چۈشەندى. ئەنگىلىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئارقىلىق ئۆز ۋەتىنىنى بېسىپ ياتقان ئەنگىلىيە مۇستەبىتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى، ئەنگىلىيەدە ئوقۇش پۇرسىتى ئۇنىڭغا قانات ئاتا قىلدى، ھەمدە دۇنياۋى نەزەر بىلەن ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە كەلتۈردى. جەنۇبى ئافرىقىدا ناتۇرال مەجلىسىنى قۇردى. بوئىر ئۇرۇشىدا ھىندىستان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى تەشكىللەپ، ئەنگىلىيە ئارمىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. كونگىرىسلار پارتىيىسىنىڭ 17-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېغىنىغا قاتناشتى ھەمدە جەنۇبى ئافرىقىدا ‹‹ھىندى ئوبزورى›› نى نەشىر قىلدى. ‹‹خەلىقنىڭ ساداسى، خۇدانىڭ ساداسى›› دەپ بىلگەن گەندى ‹‹زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەي، قارشىلىق كۆرسىتىش›› پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبى ئافرىقا دائىرلىرىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش پەرمانىغا قارشى تۇرغان. ھەمدە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن لوندۇنغا تەلەپ قويۇشقا بارغان، ‹‹ھىندىستان ئاپتۇنومىيىسى›› ئوقۇمىنى شەكىللەندۈرشكە ئاساس سالغان. ھەمدە ‹‹زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك، ھەمكارلاشماسلىق›› ھەركىتىنى تەشكىللەپ جەنۇبى ئافرىقا دائىرلىرىنىڭ ھىندىلارنى كەمسىتىدىغان كۆچمەنلەر قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. تەرتىپ ساقلاش ئەترىتى تەشكىللەپ ۋە تەربىيلەپ ھەممە يەرگە ‹‹پادىشاھقا سادىق بولايلى، خۇداغىمۇ سادىق بولايلى››، ‹‹ھىندىستان مۇھاجىرلىرى ئەركىنلىككە مۇھتاج›› دىگەندەك شۇئارلارنى چاپلىغان، ئۇ ئەترەت ئەزالىرىنى تەشكىللەپ ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ، كىشىلەرگە بۇ قانۇنغا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقنى تەشۋىق قىلغان، ھەمدە بۇ قىتىمقى ھەركەتتە نەتىجە قازانغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، بۇ غەلبە قۇرال كۈچى ئارقىلىق قارشى تەرەپنى مەغلۇپ بۇلۇشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى مۇھەببەت ۋە سەمىمىيلىك بىلەن قولغا كەلگەن. گەندى خەلق ئاممىسى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تەربىيىسىدە دېھقانلار ھەركىتى غەلبە قىلدى. ھۆكۈمەت دائىرلىرى يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى. گەندى ئۆز خەلقىگە مۇھەببەتنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى، مۇھەببەتنى زورلۇق كۈچ ئورنىغا قۇيۇشنى تىنماي تەشۋىق قىلدى، ھەمدە بۇ گەندىنىڭ ھەركەت مىزانىغا ئايلاندى. گەندى ئىزچىل ھالدا مىللەت ئادەمگە ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئاجىز بولسا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇ ‹‹ھىندىستان ئاپتۇنۇمىيىسى›› دىگەن كىتاپتا مۇنداق دەپ يازغان: ‹‹بىز ئۆزىمىز ھىندىستاننى ئىنگىلىزلارغا ھەدىيە قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە تۇرغانلىقى ئۇلارنىڭ بىزدىن قۇدرەتلىك بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۇلارنى باققانلىقىمىزدىن بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ھىندىستان ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى مەملىكەت بويىچە توختىتىدىغان بولسا، ئۇلار مۇقەررەر ھالدا گۇمران بۇلۇپ، ھىندىستاننىڭ تارىخ سەھسىنىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ.››

گەندى ھىندىستان كونگېرىسلار پارتىيسىگە ئۆز تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىش توغىرىسدا مەسلەھەت بەردى: ‹‹ھۆكىمەت خىزمەتچىلىرىگە ئەنگىلىيە ئورگانلىرىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىش توغىرسىدا نەسىھەت قىلىش، ئاۋدۇكاتلار ئەنگىلىيىچە سوتقا قارشى تۇرۇش، ئوقۇغۇچىلار ئىنگىلىزلار ئاچقان مەكتەپلەردە ئوقۇشنى رەت قىلىش، مەملىكەت بويىچە ھەممە كىشى ئەنگىلىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش، بارلىق كىشىلەر ۋەتەننىڭ سادىق خىزمەتكارى بولۇش، ئاڭلىق ئىختىيارى ھالدا زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك ھەركىتىنىڭ جەڭچىلىرىدىن بۇلۇپ، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش لازىم.›› گەندىنىڭ تەشەببۇسى خەلىقنىڭ كۆڭلىگە ياقتى، ئۇ پۈتۈن ھىندىستاننىڭ خەلق داھىيسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ چاقىرقى بىلەن، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگانلىرىغا ئىشقا بارمىدى، ئاۋدۇكاتلارمۇ ئىشلىمىدى، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە بارمىدى، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان شەھەر ئاھالىلىرى يېزىلارغا بېرىپ دىھقانلارنىمۇ زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك، ھەمكارلاشماسلىق ھەركىتىگە قاتنىشىشقا چاقىردى. ھىندىستان خەلقى ئويغاندى، ئۇلار خۇددى نەچچە ئەسىر غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان ئەركەك شىردەك ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ھۆكىرەپ، توسقىلى بولمايدىغان كۈچ قۇۋۋەتكە ئىگە بولدى. ئۇلار قەدىر قىممەتكە ئىگە بۇلۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدى، مىللەتنىڭ قەدىر -قىممىتى ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇردى. ھىندىستاننىڭ شەھەر يېزىلىرىدا، ھەممىلا يېرىدە كىشىلەرنىڭ چەتئەل كىيىملىرىنى كۆيدۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. بارلىق كىشىلەر، باي -كەمبەغەل، ياش، جىنىس ئايرىماي، مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ بىرلەشكەن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى مىسلىسىز بىردەك ئىتىپاقلاشقانىدى.

گەندى سوتقا چۈشكەندە ئەنگىلىيەلىك سوتچىغا مۇنداق دىگەنىدى: ‹‹ھىندىستان بەك نامرات، ئۇ قۇرالسىزلاندۇرۇلغان، سىرىتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرالىغۇدەك ھېچقانداق كۈچ يوق، ھەتتا ئۇنىڭ ئاپەتكە قارشى تۇرۇش كۈچىمۇ ئىنتايىن ئاجىز. شەھەرلەردە كەڭ دىھقانلارنىڭ ئاچارچىلىق دەستىدىن ھالاكەتكە قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئىرىشكەن تاپقان ھەقىقىي بەدىلىگە راھەت -پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئويلاپ يىتەلمەيدۇ. بۇ تاپقان ھەقلىرى دەل ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شىلىۋېلىنغان. ئەگەر سىلەر يېزىلارغا بېرىپ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ھالەتنى كۆرۈپ باقىدىغان بولساڭلار، شۇ چاغدا خۇدۇڭلارنى تاپىسىلەر… مېنى قاتتىق جازالىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن، ھەم خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن، بۇ قانۇندا قەستەن جىنايەت سادىر قىلغانلىق دىيىلىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئېىتقاندا، بۇ بىر پۇخرا ئىگە بولغان ئەڭ ئالىي شان-شەرەپتۇر!››. نەتىجىدە گەندى ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۇ لاۋرات قانۇن لايىھىسىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ، زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەي قارشىلىق كۆرسىتىش مەجلىسىنى قۇرغان، ھەمدە مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي بازار تاشلاشنى تەشكىللىگەن. تۇز بېجىنى كېمەيتىش ئۈچۈن، ئۆزى پىدائىيلارغا باشچىلىق قىلىپ، دېڭىز بويىغا بېرىپ تۇز چايقاپ، مەملىكەت بويىچە ئىنقىلاپنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى شەكىللەندۈرگەن. قارا خەلق سىنىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىش ئۈچۈن 21 كۈن ئاچلىق ئىلان قىلغان. گەندى ھىندىستان بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان. 1942-يىلى ئەنگىلىيىنى ھىندىستاندىن چىقىرىۋېتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

گەندى سۈيقەستكە ئۇچراشتىن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن ئىدى: ‹‹ئەگەر مەن كىسەل بۇلۇپ ئۆلۈپ كەتسەم، ئىسمى -جىسمىمغا لايىق مۇقەددەس قەھرىمان ھىساپلانمايمەن، ئەگەر بىر كىشى ماڭا ئوق چىقىرىپ خۇددى ئالدىنقى كۈنلەردە بەزىلەر مىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانغا ئوخشاش، ئوق مىنىڭ كۆكرىكىمگە تەگسە، مەن قىلچە نالە قىلماي، خۇدانىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ئۆلىمەن، ئۇنداق بولغاندا خەلققە پايدىلىق بولىدۇ.››

تۇغۇلۇپ ئۆلۈش ئۆزگەرمەس،

ئۆلۈپ تىرىلىش ئۆزگەرمەس،

تۇغۇلۇپ ئۆلۈش ئۆزگەرمەس،

ھەسرەت چەكمەڭ بولدى بەس.

گەندى 1948-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا، ھىندى دىنى مۇرىتلىرى تەرىپىدىن ئوق تىگىپ قازا قىلدى. مۇقەددە ئاتا گەندى ئۆز خەلقى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلغان ئىدى، ھىندىستان خەلقى ‹‹مۇقەددەس ئاتا، بىزنى كەچۈرۈڭ›› دەپ يىغلاشتى.

باشلىغانتىڭ مىنى سەن،

خيالىي دۇنيادىن رېئاللىقا.

زۇلمەتتىن يۇرۇقلۇققا،

ئۈلۈمدىن ھاياتلىققا…

گەندى بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ئىشلارنى ئورۇنداپ ۋاپات بولدى. پۈتۈن ھىندىستاندا، ھەرقايسى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىكى قىرغىنچىلىق شۇنىڭدىن باشلاپ ئاخىرلاشتى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل بولىشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇلۇغ تارىخى دارامنىڭ باش رول ئالغۇچىسى ئىدى.

گەندى ھىندىستان سىياسى سەھنىسىنىڭ پۈتكۈل خارەكتىرىنى ئۈزۈل كېسىل ئۆزگەرتتى، ئەمما بىر ئۆزى ئۆزگەرمىدى. ئۇنىڭ ئوبرازى كۈچەيدىكى ئاجىزلىمىدى. ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرى ۋە شاۋقۇن سۈرەنلىرى ئىچىدە ئۆز خارەكتىرىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇ ۋەتەن ئۈچۈن ئاخىرقى نەپسىگىچە ئىشلەشكە قەسەم بەرگەنىدى، ئاخىرى مۇرادىغا يەتتى.

ھىندىستان خەلقى بۇ مۇقەددەس قەھرىماننى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بىر خاتىرە تاش ياسىغان. بۇ خاتىرە تاش قارا تاشتىن ياسالغان بۇلۇپ، ئۈستىگە ئىنگىلىز ۋە ھىندى يېزىقىدا گەندىنىڭ تۆۋەندىكى تەلىمى ئۇيۇلغان:

‹‹مەن ھىندىستاننىڭ ئەركىن، قۇدرەتلىك، ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بۇلۇشىنى، شۇنداقلا دادىللىق بىلەن بىر گۈزەل دۇنيا يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربان بىرىشىمىز، ھەر بىر ئائىلە ئۆز ناھىيسى ئۈچۈن قۇربان بىرىشى، ھەر بىر ناھىيە ئۆزىنىڭ ئۆلكىسى ئۈچۈن قۇربان بېرىشى، ھەر بىر ئۆلكە ئۆزىنىڭ دۆلىتى ئۈچۈن قۇربان بىرىشى، ھەر بىرىمىز پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن قۇربان بىرىشى لازىم. جەننەتنىڭ پانى ئالەمگە يېتىپ كىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.››

مانا ھازىر ئىنسانلار مەدەنىيەت خەزىنىسى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قۇشۇشتەك ئۇزاق ئەنئەنىسىنى قوغداپ قالغان بۇ دۆلەت ھىندىستان، دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەيسەرلىك بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

ماخاتما گەندى ھېكمەتلىك سۆزلىردىن ئۈزۈندىلەر:

ھەقسىزلىككە بېقىنىپ پۈتۈن دۇنيانى ئۆزەڭگە قاراتقىنىڭدىن، ئادالەت يولىدا يالغۇز قالغىنىڭ ئەۋزەل.

ئاددى ياشىغىنكى باشقا نەرسىلەرمۇ سەندە بار بولسۇن.

ئالتۇن كىشەنلەر، تۆمۈر كىشەنلەر تېخىمۇ ئەسكىدۇر.

ئادالەتسىزلىكنى ئادالەت بىلەن يىمىرىپ تاشلاپ، چاۋاك چالغانلار ئالدىغا قان يۇقىسىز قوللىرىڭلار بىلەن چىقىڭلار.

كۈچسىز ئىنسانلار كەچۈرۈشنى بىلمەيدۇ، كەچۈرۋېتىش پەقەت كۈچلۈكلەرگە خاس بىر ھالەتتۇر.

شەخسىيەتچى كىشىلەرنىڭ كۆزى كۆردۇر.

«قانغا –قان، جانغا-جان» دىگەن كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى پۈتۈن دۇنيانى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.

ھەقىقەت بەزىدە تاشتەك قاتتىق، بەزىدە مامۇقتەك يۇمشاق.

ھەقىقىي كۈچ سېنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى كۈچۈڭدىن كەلمەيدۇ، بەلكى بويۇن ئەگمەس ئىرادەڭدىن كېلىدۇ.

تەرتىپلىك، پاكىز ۋە شەرەپلىك بىرسى بولۇشتا پۇلنىڭ ھېچ بىر رولى يوقتۇر.

بىر مىللەتنىڭ ھاياتى ئۈچۈن كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق شەرت.

ھېچكىمنىڭ پاسكىنا پۇتلىرى بىلەن ئۆيۈمدە يۈرۈشىگە يول قويمايمەن.

ئۆزىمىزدىن يىراق تۇتىدىغان نەرسىلەر:

ئاساسسىز سىياسەت، ۋىجداننى بۇلغايدىغان كۆڭۈل ئېچىشلار، ئەجىرسىز بايلىق، ئۆزىنى بىلىملىك ئىنسانلار دەپ خاراكتىرسىز يۈرۈيدىغانلار، ئەخلاقسىز بىر تىجارەت دۇنياسى، ئىنسان سۆيگىسىنى ئاياق-ئاستى قىلدىغان ئاتالمىش بىلىملەر، دىنغا ئەقىل پاراسەت بىلەن ساداقەت كۆرسەتمەيدىغان كىشىلەر.

ئەگەر ھەقىقىي ئاڭلايدىغان بىر قۇلاققا ئىگە بولساڭ، تەڭرى بىزگە ئۆز تىلى بىلەن نىدا قىلىدۇ.

يەرنى ئاغدۇرۇپ ئۇنى تېرىمىسەك، ئۆزىمىزنى ئۇنۇتتۇق دېمەكتۇر.

ئەركىنلىك ھېچبىر زامان ھەر ئويلىغىنىمىزنى قىلىمەن دىگەنلىك ئەمەستۇر.

دىنلار ئەسلىدە ئوخشاش بىر نۇقتىدا كېسىشكەن، پەرىقلىق يوللاردۇر، ئوخشاش بىر نۇقتىغا يىتىشىمىز دەيدىكەنمىز نىمىشقا ياتلىشىمىز.

بىزنىڭ بەدىنىمىزدە ھالەت قانداق بولسا، بۇ كائىناتنىڭ ھالىتىمۇ شۇنداقتۇر، شۇنىڭغا بىز پۈتۈن دۇنيانىڭ يۈكىنى يۈكلەشكە ھازىر بولىشىمىز لازىم.

ئىنسانلار باشقىلارغا ئەسكىلىك قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە ياخشىلىق تەلەپ قىلمىسۇن. ئىنسانلارنى بىر كاچات ئۈچۈن ئىككى كاچات ئۇرۇش ھەققىڭ يوق.

بىر ئىنساننىڭ ئىچىنى ئىلىمنىڭ نۇرى قاپلاپ، جاھالەتنىڭ قاراڭغۇلىقىنى ئېلىمنىڭ نۇرى يورۇتقاندا، تەڭرىنىڭ مۇبارەك نۇرى ئۇنىڭغا كۆرىنىدۇ.

ئالتۇن، كۆمۈش، ئالماس ياقۇتلار ھەممىسى ئەسلىدە تۇپراقتىن كەلگەندۇر، ئەمما ھېچ بىرىنىڭ قىممىتى يوقتۇر . ھەر بىرى توزىغان تۇپراقتىن ئىبرەتتۇر. ئاچكۆزلۈكتىن قۇتۇلغان چاغدا پۈتۈن بۇلارغا ئەنە ئاشۇنداق قارايمىز.

ھەددىدىن زىيادە تاماق يىگەن ۋە ھەددىدىن زىيادە ئۇخلىغان كىشى بۇ دۇنيادا ھېچ بىر ئىشتا غەلبە قىلالمايدۇ.

ھەر تۈرلۈك ئارزۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ئىلىمدىن مەھرۇم قالغان ئىنسانلار پەقەت دۇنيانىلا كۆرىدۇ، ئەمما دۇنيادا يوشۇرۇن بار بولغان تەڭرىنى كۆرەلمەيدۇ.

ھەقىقەت مەڭگۈلۈك بولسا، ئۇ ھالدا يالغانچىلىقمۇ شۇنداق. شۇنىڭغا ئوخشاش نۇر مەڭگۈلۈك بولسا، قاراڭغۇلۇقمۇ شۇنداق. ئەمما بىز پەقەت مەڭگۈلۈك بولغان مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى باغرىمىزغا باسالايمىز.

دۇنيانى قانداق كۆرۈشنى ئارزۇ قىلساڭ، ئۆزەڭمۇ شۇنداق بول.

قوللىرىنى قان بىلەن بويىغانلار، ھېچقانداق ۋىجدان ئازابى تارتىشنى بىلمەيدىغانلاردۇر.

ئەگەر بىر ئىنسان ھەقىقەتەن ئۇخلاۋاتقان بولسا، ئۇنى ئۇيغۇتۇش مۇمكىندۇر، ئەگەر ئۇ يالغاندىن ئۇخلىۋالغان بولسا، پۈتۈن كۈچىمىزنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇنى ئويغىتىش مۇمكىن ئەمەستۇر.

بۇ دۇنيادا شۇنداق ئاچ ئىنسانلار باركى، ھەتتا تەڭرىمۇ ئۇلارنىڭ كۆزىگە بىر پارچە نان شەكلىدە كۆرۈنىدۇ.

سۆيگۈ ئىنسانلارغا، ۋەھشىلىك ھايۋانلارغا خاستۇر.

سۆيگۈ بار يەردە ھاياتلىق بار بولىدۇ.

تۈگۈلگەن مۇشتلار بىلەن قول ئېلىشمايمەن.

زوراۋانلىق قىلماسلىق مېنىڭ ئېتىقادىمنىڭ بىرىنجى ماددىسىدۇر. ئۇ ھەم ئەڭ ئاخىرقى ماددىسىدۇر.

بۇ دۇنيادا ۋىجدانىمدىن باشقا ھېچكىمدىن قورۇقمايمەن.

پىكىرلىرىڭلەرگە دىققەت قىلىڭلار، ھېس تۇيغۇلىرىڭلارغا ئايلىنىپ قالمىسۇن. ھېس تۇيغۇلىرىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ئىش ھەركىتىڭلەردە ئىپادىلىنىپ قالمىسۇن. ئادەتلىرىڭلەرگە دىققەت قىلىڭلار، قەدىرلىك نەرسىلىرىڭلارغا ئايلىنىپ قالمىسۇن. قەدىرلىك نەرسىلىرىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار مىجەز – خاراكتىرىڭلەرگە ئايلىنىپ قالمىسۇن. مىجەز-خاراكتىرىڭلەرگە دىققەت قىلىڭلار، تەقدىرىڭلارنى بەلگىلەپ قويمىسۇن.

ميس ميس