مىرئەھمەت سېيىت

ئورنى Wikipedia
مىرئەھمەت سېيىت ھاجى
تۇغۇلۇش1923، ئاتۇش
ۋاپاتى1991
ئەسىرى«مەمتېلى ئەپەندى» (كىتاب)


مىرئەھمەد سېيىت ھاجى — «مەمتېلى ئەپەندى» ناملىق بۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇرلىرىدىن بىرى بولۇپ، 1923 - يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.[1]

1935 - يىلى مەمتېلى ئەپەندىنىڭ «ئىزچى ئەتىرىتى»گە قوبۇل قىلىنغان ھەم بارابانچى بولغان.[1]

1939 - يىلى قەشقەر پېداگوگىكا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ، ئۈچ يىل ئوقىغان. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋە ئاتۇشتا سەنئەتچى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئىلمى مۇدىر بولغان. [1]

1949 - يىلدىن كېيىن، ئاتۇشتا مەدەنىي - مائارىپ خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1959 - يىلدىن 1987 - يىلغىچە، ئاتۇش ناھىيىلىك (شەھەرلىك) مەدەنىيەت يۇرتىدا ئىشلىگەن.[1]

مىرئەھمەت سىيىت ئەپەندى 1981 - يىلى تۇنجى قېتىم «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 3 - سانىدا «شائىر تەۋپىق» ناملىق ماقالىسىنى ۋە «تەۋپىق شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر»نى ئېلان قىلىپ مەمتېلى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇمات بەرگەن.[1]

1985 - يىلى «ئاتۇش ئەدەبىياتى»دا «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 30 - يىللاردىكى كومپوزىتورى مەمتېلى ئەپەندى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.[1]

ئۇ يەنە مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ناخشا - مارشلىرىدىن 40 نەچچىنى رەتلەپ كىتاپچە ھالىتىدە نەشرگە تەييارلىغان ۋە ئادەتتىكى ئۈنئالغۇغا تەمبۇر بىلەن ئوقۇپ، ئىككى پىلاستىنكا قىلىپ خاتىرە قالدۇرغان.[1]

مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى يەنە 1987 - يىلى «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى — مەمتېلى ئەپەندى» ناملىق ئەسلىمىسىنى تاماملاپ نەشرگە تاپشۇرغان.[1]

1991 - يىل 10 - ئاينىڭ 18 -كۈنى 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.[1]

مەنبە[تەھرىرلەش]

[1]

  1. 1.00 1.01 1.02 1.03 1.04 1.05 1.06 1.07 1.08 1.09 «مەمتىلى ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز!»، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تورى، ئۇلىنىش 2020-11-10