مىللەتلەر ئەدەبىياتى(ژورنال)

ئورنى Wikipedia

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى باشچىلىق قىلىدىغان، جۇڭگو يازغۇچىلار نەشرىيات گۇرۇھى چىقىرىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى قوش ئايلىق ژۇرنىلىدۇر. ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە نەشرى 1981-يىلى چىقىشقا باشلىغان. 2009-يىلى، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىدا، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە نەشرىنى چىقىرىشقا باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ژۇرنالغا: «مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن.

موڭغۇلچە، زاڭزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئۈچ تىلدىكى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» چىقىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئۆزىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنى يۆلەش ۋە يېتىشتۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك باش مەقسىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 62 سان چىقىرىپ، 700 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسەرنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەسەرلەر لاۋ شې، ۋاڭ زېڭچى، تيې نىڭ، مو يەن، ۋاڭ مېڭ، مالچىنخۇ، جىدىماجيا، ما شىتۇ، يې مېي، ئالەي، يې گۇاڭچىن قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 700 نەچچە يازغۇچىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى، شۇنىڭدەك ھېمىڭۋاي، پابلو نېرۇدا، ئورخان پامۇك، ف. مىسترال، تاگۇر، رومىن روللان قاتارلىق ئون نەچچە داڭلىق چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ژۇرنالنىڭ موڭغۇلچىسىدا 180 نەچچە پارچە ئەسەر ئېلان قىلىندى، 200دىن ئارتۇق تەرجىمان تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشتى؛ زاڭزۇچىسىدا 160 نەچچە پارچە ئەسەر ئېلان قىلىندى، 140تىن ئارتۇق تەرجىمان تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشتى؛ ئۇيغۇرچىسىدا 140 نەچچە پارچە ئەسەر ئېلان قىلىندى، 160تىن ئارتۇق تەرجىمان تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشتى. ژۇرنال دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئەدەبىيات جەۋھەرلىرىنىڭ ھەقىقىي توپلانغان ماكانىغا ئايلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇرمەنلىرىنى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى قىياپىتىدىن دەل ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارنى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدىن تەڭ بەھىرلەندۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچى-ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا كەڭ تەسىر قوزغىدى.

مەنبە

مەركىزى رادئيو ئىستانسى https://web.archive.org/web/20191019003014/http://www.uycnr.com/zdgz2019/201910/t20191017_1367048.html