مىيازاكى ھايائو

ئورنى Wikipedia

مىيازاكى ھايائو 1941-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھرى بانكيو رايونىدا دۇنياغا كەلگەن.

شەخسلەر ئانكىتى[تەھرىرلەش]

مىيازاكى ھايائو 1941-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھرى بانكيو رايونىدا دۇنياغا كەلگەن. مىيازاكى ھايائونىڭ ئاتىسى ئايروپلان زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئارمىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى. شۇڭلاشقا ئۇرۇش مەزگىللىرىدىكى ئاچارچىلىقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئانچە قىينىلىپ كەتمىگەن ئىدى. ئەمما مۇشۇنداق ئائىلە شارائىتىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۆسمۈر ھايائونىڭ كۆڭلىدە ئائىلىسىنىڭ نوپوزىغا نىسبەتەن گۇمان ۋە نارازىلىق بار ئىدى. ئۇ بالىلىق دەۋرىدىلا چاتما رەسىملىك كىتابلارنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. شۇنداقلا كەلگۈسىدە چاتما رەسىملىك كىتاب يازغۇچىسى بولۇش ئارزۇسىمۇ بار ئىدى.

ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى[تەھرىرلەش]

مىيازاكى ھايائو ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىمۇ بالىلىقتىكى ئارزۇ ھەۋەسلىرى سۇسلاشمىغان ھايائو ئۆزى قۇرغان ”بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقات گۇرپىسى“ نامىدا كۆپلىگەن چاتما رەسىملەرنى ئىجاد قىلىپ شۇ مەزگىلدىكى مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتەتتى. ئەمما ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئاخىرى چىقمىغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان ئەسەرلىرى ئانچە تەسىر قوزغىيالمىغان.

كىيىن ئۇ ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بىر قارارنى يەنى شەرىق ستودىيىسىگە كىرىپ كارتون فىلىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلايدۇ. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا كارتون ستودىيىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ھايائو ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تېزلا كۆزگە كۆرۈنىدۇ.

1965- يىلى بۇ ستودىيە «قۇياش شاھزادىسى خورسنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى» ناملىق كارتون فىلىمنى ئىشلەيدۇ. كارتون فىلىم ئىشلىنىش جەريانىدا ھايائو ۋە كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە Ghibli خىزمەتخانىسىنى قۇرۇپ چىققۇچى، ئىسائو تاكاخاتانىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى ئۈچۈن رەھبەرلەر تاكاخاتاغا نازارەتچىلىك ھايائوغا بولسا بۇندىن بۇرۇن مەۋجۇت بولمىغان بىر خىزمەت يەنى مەيدان لايھىيىلىگۈچىلىك خىزمىتىنى تاپشۇرىدۇ. بۇ ئىككى ياش، تۇنجى ھەمكارلىغىدىن كېيىن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ.

1968-يىلى كارتون فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ ئەمما بېلەت كىرىمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.

شۇندىن كېيىن ستودىيىنىڭ رەھبىرى ياسۇئو ستودىيىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ. ھايائو بىلەن تاكاخاتا بولسا گېزىتلەردە «سانتارو» دېگەن نام بىلەن «قۇملۇق خەلقى» ناملىق چاتما رەسىمنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئەسەر ئۇلارنىڭ ۋەكىل خارەكتېرلىك ئەسىرى «ئەرۋاھ مەلىكە» نىڭ ئەسلى خام ماتېرىيالى ئىدى.

1971- يىلىغا كەلگەندە ئۇلار بۇرۇنقى ئۇستازى ياسۇئونى قوغلىشىپ A-Pro ستودىيىسىگە ئالمىشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى يەنە بىر ھەمكارى كوندوئۇ يوشىفۇمى بىلەن تونۇشىدۇ. بۇ يەردە ئۇلار بىرلىكتە ياپونىيىدە خېلى زور تەسىر قوزغىغان «لۇپان ئۈچىنچى» ناملىك چاتما كارتون فىلىمنى ئىشلەشكە قاتنىشىدۇ. بۇ ئۈچ ھەمراھ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ”قۇملۇق خەلقى“ ناملىق چاتما رەسىملىك كىتابچە (مىيازاكى ھايائونىڭ ۋەكىل خارەكتېرلىق ئەسىرى ”شاماللىق جىلغا“ مۇشۇ چاتما رەسىملىك كىتابتىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.) ”ئالپېس تېغىدىكى قىزچاق“، ”ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى“، ”قىزىل چاچلق قىز ئاننى“، كەلگۈسىدىكى ئۆسمۈر كونان“ قاتارلىق كارتون فىلىملەرنى بىرلىكتە ئىشلەيدۇ.

1983-يىلىغا كەلگەندە ئۇلار“شاماللىق جىلغا“ نى ئىشلەش خىزمىتىنى باشلانغاندا، بۇرۇندىن باشلاپلا يۇقىرى-تۆۋەن قاتلاملارنىڭ ھەممىسىدە خىزمەت قىلىپ باققان مىيازاكى بۇ يەردە ئۆزىنىڭ خىزمەت قابىلىيىتىنى تولۇق جارىقىلدۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز رېژىسورلۇق، كۆرۈنۈش ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تىزىس تۈزۈش خىزمەتلىرىنى ئۈسـتىگە ئالغان. كارتون فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، زور ئۇتۇققا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، يەنى 1985-يىلى ئۇلار بۆلۈنۈپ چىقىپ، توسۇكا كىتابخانىسىنىڭ مەبلىغى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ”Ghibli خىزمەتخانىسى“ نى قۇرۇپ چىقىدۇ. Ghibli (ياپونچىدا: ”گىبۇرى“ دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.) دېگەن بۇ سۆز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى، ئىتالىيىنىڭ رازۋىتكا ئايروپىلانىنىڭ ئىسمى بولۇپ“سەھرايى كەبىردىكى ئىسسىق شامال“ دېگەن مەنىدە ئىدى.

شۇندىن كېيىن مىيازاكى ۋە Ghibli خىزمەتخانىسىنىڭ ئالتۇن دەۋرى يېتىپ كەلدى. ”بوشلۇق شەھرى“، ”سېھرىگەر قىزنىڭ ھېكايىسى“، ”قىزىل چوشقا“، ”ئەجدىرھا مۈشۈك“، ”يالتىراق قوڭغۇزنىڭ قەبرىسى“ قاتارلىق كارتون فىلىملەرنىڭ قويۇلىشى ئۇلارنى زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتۈردى شۇنداقلا، Ghibli خىزمەتخانىسىنىڭ بىراقلا نامى چىقىپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئالدىنقى ئۈچىگە، مىيازاكى ئەپەندى رىژىسورلۇق قىلغان. بولۇپمۇ ”«بوشلۇق شەھرى“» ناملىق كارتون فىلىم زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

«قۇياش شاھزادىسى خورسنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى» (كارتون فىلىم)؛ «قۇملۇق خەلقى» (چاتما رەسىم)؛ «ئالپېس تېغىدىكى قىزچاق» (كارتون فىلىم)؛ «ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى» (كارتون فىلىم)؛ «قىزىل چاچلق قىز ئاننى» (كارتون فىلىم)؛ «كەلگۈسىدىكى ئۆسمۈر كونان» (كارتون فىلىم)؛«بوشلۇق شەھرى» (كارتون فىلىم) قاتارلىق فىلىمىلەرنى ئىشلىگەن ۋە رېژىسورلۇق قىلغان.

شان-شەرەپلىرى[تەھرىرلەش]

«بوشلۇق شەھرى» زور ئۇتۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن مىيازاكى ۋە Ghibli خىزمەتخانىسىنىڭ بىراقلا نامى چىقىپ كېتىدۇ. ۋە داۋاملىق تەرەققى قىلىدۇ. كېيىنكى ئون يىلدا ئۇلار ”يالتىراق قوڭغۇز قەبرىسى“، ”سېھرىگەر قىزنىڭ ھېكايىسى“، ”قىزىل چوشقا“، ”ئەجدىرھا مۈشۈك“ قاتارلىقلار ئىشلىنىدۇ. بولۇپمۇ 1997- يىلى قويۇلغان ”ئەرۋاھ مەلىكە“ مىيازاكىنى ئالتۇن دەۋرگە ئېلىپ كىرىدۇ. ئەسلىدىنلا كېسەل سەۋەبىدىن مەزكۇر فىلىمدىن كېيىن كارتون ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقماقچى بولغان مىيازاكى بۇ فىلىمنى تارىخ بېتىگە يېزىپ قالدۇرىدۇ. بۇ 20- ئەسىر كارتون فىلىم ساھەسىدىكى ئابىدە خارەكتېرلىق ئەسەر بولۇپ قالىدۇ.

شۇنىڭدىن بۇيان نەچچە يىل داۋالىنىشتىن كېيىن ئۆز سېپىگە قايتقان مىيازاكىنىڭ 2001-يىلى زور ئۇتۇققا ئېرىشكەن يەنە بىر ئەسىرى“چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى“ قويۇلىدۇ. 75- نۆۋەتلىك ئوسكار نادىر كارتون فىلىم مۇكاپاتى، 52- نۆۋەتلىك بېرلىن كىنو كۆرىكى ئالتۇن ئېيىق مۇكاپاتىغا نائىل بولغان دۇنيا بويىچە توتتۇر مېليون ئادەم قېتىم كۆرۈلگەن بۇ كارتون فىلىم يەنە بىر قېتىم كارتون ساھەسىنى زىل-زىلىگە سالىدۇ.(مەزكۇر فىلىم شاھ ئۇيغۇر گۇرپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.)

مىيازاكى ھايائو رېئاللىق ۋە تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىسىدىكى تەمپۇڭلۇقتا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشى، غايە ۋە مۇھىت قارىشىنى ئۆزىنىڭ كارتونلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە بايان قىلغۇچى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىگە دۇنيانىڭ ئۇنچىلىك رەزىل ئەمەسلىگىنى، شۇنداقلا ئۇنچە چىداملىقمۇ ئەمەسلىگىنى تونۇتىدۇ.

ئالاقىدار ئىشلار [تەھرىرلەش]

مىيازاكى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشلۇق كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۇچۇش، سېھىر قاتارلىق ئورتاق ئېلىمىنتلارنى بايقىمىقى تەس ئەمەس. ”«بوشلۇق شەھرى“» مۇ ھەم بۇ خىل ئىلمىنتلار ئۆز ئورنىنى تاپقان. بۇلارنى ئىلمىنت دېگەندىن كۆرە مىيازاكى ئەسەرلىرىدىكى تېما دېيىش توغرىراق بولار بەلكىم. كارتون فىلىمدىكى كىشىلەر قەلبىدىكى ئارزۇغا سىموۋول قىلىنغان بوشلۇق شەھرىنىڭ ئاخىرىدا بەربات بولۇشى كىشىنى بىرخىل سۇس ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىغا باشلايدۇ. ئەمما ئارزۇغا يېتەلمىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن تىرىشىشنىڭ ئۆزى بىر گۈزەل جەريان، ئاخىرىقى نەتىجە قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىش، ئىنتىلىش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئۈمىد جەريانغا مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ. مانا بۇ مىيازاكى ھايائونىڭ ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە قويغان سوئالى. فىلىم ئاخىرىدىكى جوئۇ خىسايىشى ئىشلىگەن ”ھەمراھىڭمەن“ ناملىق ناخشا بىلەن ئاخىرىلىشىدۇ.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]