مۇنازىرە:باشبەت

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

يىتۈك ئالىم، مۇدەررىس مۇھەممەت ئېلىئاخۇن خەلپىتىم 1930-يىلى خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسى چىرا كەنتىدە تۇغۇلغان، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ باشلانغۇچ دىنىي بىلىملەرنى چىرىدا ئوقۇغاندىن كېيىن 1947-يىلى پىيادە مېڭىپ بېرىپ كېرىيەدىكى قالۇق مەدرىسىسىدە سەرپ ۋە نەھىۋدىن باشلاپ 3 يىلدەك ئوقۇيدۇ،1953-يىلى شۇدەۋردە خوتەن بىلەن ئارىلىقى بىرئايلىق مۇساپە بولغان قەشقەرگە مىڭبىر جاپادا ئاشلىق سودىگەرلىرىنىڭ كارۋىنىغا قوشۇلۇپ بېرىپ مەشھۇر خانلىق مەدرىسەدە ئاتاقلىق ئۆلمالاردىن ئىمىن مەۋلىۋى دموللام قاتارلىق ئۆلىمالاردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان،ئۇ يىللار دەل مەدرىسە ۋە مەسچىتلەرنىڭ كىرىم مەنبەسى بولغان تېرىلغۇ يەرلەر ۋە مال-چارۋىلار قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغاچقا مەدرىسىگە ئوقۇغىلى كەلگەن تالىپلار كۈندۈزى مەدىكارچىلىق قىلىپ ئشلەپ جان بېقىشقا توغرا كېلەتتى،مەمەت ئېلى خەلپىتىممۇ ئەتىگەن-ئاخشام ئەپكەچتە سۇ توشۇپ مەدىكارچىلىق بىلەن جېنىنى بېقىپ ئېشىنغان ۋاقىتتا ئوقۇپ ئۇسۇلۇددىن،ئۇسۇلۇلفىقھە ۋە ئۇسۇلۇلھەدىس ئوقۇپ دىنىي ئىلىملەر بويىچە دەۋرىگە نىسبەتەن بىرقەدەر يۇقۇرى مەلۇماتلىق بولغان مۇھەممەت ئېلىئاخۇن خەلپىتىم 1958-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى قەشقەر ساقچى باشقارمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئىنقىلاپقا قارشى چىققان ئۇنسۇر دەپ 3 يىل قاراڭغۇ زىندانغا تاشلاپ قىيناپ كېيىن سىرتقا چىقىرىپ باشقارمىنىڭ پارچە-پۇرات ئىشلىرىغا سالىدۇ،،1965-يىلغا كەلگەندە مەخپى سوت ئېچىلىپ 9 يىللىق ھۆكۈم كېسىلىدۇ ۋە پەيزاۋاتتىكى قاراقچىن مەيدانىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ،خەلپىتم بۇ جايدا قاغىلقتىن ئابدۇلھېكىم مەخسۇم،ئابدۇرېشىت قارىم،ئەمەتخان كىتاپچى،ياقۇپ قارىم،سەدرىدىنخان مەخسۇم ۋە سالىھجان قارىم قاتارلىق ئۆلىمالارمۇ بار بولۇپ،ھەممىسىنى ئايرىم-ئايرىم گۇرۇپپىلارغا تەقسىم قىلىۋېتىدۇ،خەلپىتىمنى بولسا4-قۇراللىق ئەترەتكە تەقسىم قىلىدۇ،خەلپتىم بۇ ئەترەتتە بوزيەر ئېچىش،دېھقانچىلىق قىلىش ئىشلىرى بىلەن ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىدۇ، بىلەن بىللە تۈرمە جازاسىنى ئۆتەيدۇ، خەلپىتىم 1968-يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئارقىدىن قاراقچىن مەيدانى تەۋەلىكىدىكى ئاتالمىش يېڭى ھايات مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ،بۇ مەيداننىڭ تۈرمىدىن پەرقى ھەرئاي باھالىنىپ ياخشى ئىشلىگەنلەرگە ئايدا 18 يۈئەن مائاش بېرىلىدۇ،كادىرلاردىن رۇخسەت ئالالىسا3-4 ئايدا بىر قېتىم بازارغا بارالايدىغان بولىدۇ،1070-يىلغا كەلگەندە پەيزاۋات قاراقچىن مەيدانىدىن مارالبېشى تەۋەلىكىدىكى جاڭبۇ يېڭى ھايات مەيدانىغا ئ‍كتكۈزۈپ بېرىلىدۇ،بۇ جايدىمۇ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىپ بوزيەر ئېچىش،يەر تېرىش ۋە چارۋا بېقىشقا سېلىنىدۇ،شۇنداق قىلىپ يەنە 9 يىلنى مەجبۇرى ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئ‍ۆتكۈزىدۇ.شۇنداق قىلىپ 18 يىللىق ھاياتى خىتاينىڭ قولىدا نابۇت بولىدۇ. تۈرمىدىن چىقىپلا ئوقۇ -ئوقۇتۇش ۋە دىنىي مائارىپقا ئۆزىنى بېغىشلىغان خەلپىتىم 80- يىللاردىن ئاخىرقى ئۆمرىگە قەدەر خوتەن ئىلچى نەھىيىسىگە قاراشلىق دوڭۋاغ مەھەللىسىدە تالىپ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ۋە 2004-يىلى تومۇز ئېيىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. مەندە مۇشۇ خەلپىتىمنىڭ قالدۇرغان ئۆچمەس ئىزلىرى بار، مەرھۇمنىڭ كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ دەرس ئۆتۈشلىرىنى ئويلىسام،ھېلىمۇ سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن. خەلپىتىم تالىپلىرىدىن ھېچقانداق ماددى ھەق ئالمايتتى،بىركۈنى خەلپىتىم،خوتەن شەھەردىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ بىرنەچچە كۈن تۇرغان ۋە مەن ئائىلىمىزدىكى ئېشەك ھارۋىسى بىلەن يېزىدىكى بىرقىسىم جايلارنى ئايلاندۇرغىنىم ئېسىمدە، دادام رەھمەتلىك ئۆلىمالارنى، ئوقۇمۇشلۇق ئىنسانلارنى بەك ئىززەتلەيدىغان بولۇپ، مەھەللىدىكى ئۆلىمالارنىمۇ قولىدىن كېلىشىچە يۈلەپ تۇراتتى، خەلپىتىمنىڭمۇ ئىززىتىنى قىلىپ ئۇزاپ ماڭىدىغان كۈنى يېزىمىزنىڭ ئادىتى بويىچە پەتنۇسقا بىرنەچچە يۈز يۈۋەن پۇلنى قويۇپ ئاز بولسىمۇ يوللۇقلىرى بولسۇن، دېسە خەلپىتىم پۇلنى زاكات دەپ ئويلاپ قىلغانمۇ قەتئى ئالغىلى ئۇنىماي، مېنىڭ چەتئەلدە ئوقۇيدىغان تالىپلىرىم بار، شۇلار مېنىڭ نامىمدىن تىجارەت قىلىپ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ماڭا دۇرۇس كەلمەيدۇ ..دەپ رەت قىلغان ئىدى. مەدرىسە دېسە كۆپلىرىڭلار يۇغان دەرۋازىسى بار، ھەشەمەتلىك قورۇ بولغىيمىدى؟-دەپ قالماڭلار، نەچچە مىڭ تالىپ خوتەندىكى ئاقكۆڭۈل خەلقىمىزنىڭ قورولىرىدىكى بىرەر ئېغىز ئۆيلىرىدە ھەقسىز يېتىپ قوپۇپ، مۇھەممەد ئەلى خەلپىتىم، ئابدۇلئەھەت مەخسۇم، مۇھەممەد زاكىر خەلپىتىم، مۇھەممەد قۇربان داموللام قاتارلىق خىتاي زىندانلىرىدىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ چىققان ئۆلىمالاردىن ئالدىن-ئالا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆيلەرگە جەم بولۇپ دەرس ئالاتتى.

خىتاي ساقچىلىرى چارلاشقا كېلىدىغان ۋاقىتىنى ئۇيغۇر ساقچىلار ئالدىن مەزكۇر ئۇستازلارغا خەۋەر قىلىپ قويىدىغان بولغاچقا، كۆپ ھاللاردا قۇتۇلۇپ قالاتتۇق، بەزىدە تۇتۇلۇپ قالىدىغان چاغلىرىمىزمۇ بۇلاتتى. خەلپىتىمنىڭ دۆڭۋاغدىكى ئۆيىنىڭ كەينىدە كىچىككىنە ئېتىزلىقى بار ئىدى، سەي-كۆكتات تېرىيتتى. بىز يىلدا بىرنەچچە كۈنلا قاچانىكى ياردەملىشىپ ئىشلىشىپ بەرسەك، چوقۇم ئېسىل تاماقلارنى ئەتكۈزۈپ غىزالاندۇرماي ياتىقىمىزغا قايتقىلى قويمايتتى. 
ئۇستازىمىز مۇھەممەت ئېلىئاخۇن خەلپىتىم، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆلىمالىرى ئىچىدە ئاز ئۇچرايدىغان نادىر ئۇستازلاردىن ھېساپلىنىدۇ.مەرھۇم ئۇستاز(خىتاي تۈرمىسىسىن چىققاندىن كېيىن) بىر ئۆمۈر ھاياتىنى تەلىم- تەربىيە بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ دۇنيانىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىگە بىرىلمىگەن، كىچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ دەرس ئۆتۈش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتىن توي-تۈكۈن، نەزىر چىراق دېگەندەكلەرگىمۇ ئاساسەن قاتناشمايتتى، شۇ سەۋەپتىن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىمۇ  خەلپىتىمنىڭ كىملىكىنى ئاساسەن بىلىپ كەتمەيتتى،بىز خەلپىتىمنى ئۇستام دەپ ئاتايتتۇق.بۇنداق ئاتاش مەلۇم جەھەتتىن مەدرىستە ئوقۇۋاتقان تالىپلارنىڭ ئۆز-ئارا پاراڭلىرىدا خەلپىتىمنىڭ ئىسمىنىڭ تىلغا ئېلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن پديدىلىق ئامىل دەپ قارالسا كېرەك. 

خەلپىتىم ۋاپات بولغاندا جىنازىسىغا خوتەن خەلقىدىن ئونمىڭلارچە ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن قاتتىق چۈچىگەن خىتاي خەلپىتىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن كىملىكى ھەققىدە ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىكەن. شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام بىلىملىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغانلارنىڭ كۆپ قىسمى خەلپىتىمدىن بىۋاستە دەرس ئالغان ياكى خەلپىتىمنىڭ تالىپلىرىدىن دەرس ئالغان بولىشى كېرەك دېسەك، ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز... ئۇستازىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلغاې! ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي، ئامىي!

خەلپىتىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئوقۇلغان مەرسىيە مۇھەممەت ئېلى خەلىپىتىمگە: كەتتى (مۇخەممەس) قىلىپ دىللارنى كۆپ مەھزۇن، قەدىرلىك خەلىپىتىم كەتتى .

ئۆگەتمەكنى نىشان قىلغان پىداكار ھەزرىتىم كەتتى.

كاتاڭدا ھارۋا سۆرەشكە چىداملىق ئىچ ئېتىم كەتتى. مائارىپ ھۇلىنى تۇتقان مادارىم قۇربىتىم كەتتى . ساداقەتنى شۇئار قىلغان جاپالىق خىزىرىم كەتتى. يۇرۇتتى مىڭلىغان دىلىنى، مائارىپ مەشئېلى بولدى، بىلىم ئەھلىنى تەييارلاش مۇرادى مەھسۇلى بولدى، زامانمۇ ئاڭا تار كەلدى ، جۇدۇنلۇق مەزگىلى بولدى، تىكەنلىك بولسىمۇ ، قەتئىي مېڭىش جان ۋە دىلى بولدى، بۈيۈك مەقسەتكە يەتمەكتە غورۇرۇم غەيرىتىم كەتتى. ئىلىمگە قەلبىمدە ھەر دەم، مۇھەببەت ئۇردى تاشتى، ئۇزۇن ئىزدەندى ھارماستىن، داۋاندىن ئاخىرى ئاچتى، بۈيۈك ئارمانىغا دوستلار، قەدىناس ئەھلى ماسلاشتى، شۇڭا سانسىزلىغان تالىپ دىلىدا ئىلمى ئورناشتى، مانا قايغۇ پۈتۈن يۇرتقا تېپىلماس ، جۈرئىتىم كەتتى. نەسىبە ئىزدىمەي ئەسلا، زىرائەت يا تىجارەتدىن، نەزەرنى قايتۇرۇپ قەتئىي غەرەزلىك بەختى ئامەتتىن، دىلىم يىغلايدۇ ، ئەي دوستلار، شەرەپ ۋە شەۋكىتىم كەتتى. زامانلار ھەپسىدە ئۆتتى، گويا باھاردەك ياشلىغى، قىينىدى ئەمگەك ۋە ئاچلىق ئەسلا يېتىشمەي ئاشلىغى،

پۈكۈلدى قامىتى ، قەددى، كەتتى يىگىتلىك شادلىقى،

زۇلۇم دەرۋازىسى ئاچقاچ ئەينى زاماننىڭ باشلىغى، يۈرىكى زەربە ، گۆش لەختە پىغان ۋە ھەسرىتىم كەتتى . پەزىلەت بابىدا كامىل تۇرۇپ، ئەسلا كېرىلمەستىن، زاماندىن شان شەرەپ، كەلسە ئاڭا قىلچە بېرىلمەستىن، ئىزىدىن قوپمىدى ئەسلا ئىشى ھەم بېجىرىلمەستىن، كىچىككە مېھرىبان، چوڭغا تېگىشلىك ھۆرمىتىم كەتتى. ئۆزىگە چوڭ تەلەپ قويغاچ نىشانىغا ئالمىدى نامنى، ھاياتى ئىش ئىزى ، جەزمەن كىشىگە ئەسلىتەر شامنى، يۈرەكى سوقتى ئىرفان دەپ، تېگىدىن چىڭدىدى تامنى، يېتەكلەشكە كۆڭۈل بۆلدى، ئىلىم يولىدىكى خامنى. ئوچۇق يۈز بەكمۇ ، مېھماندوست، كۆڭۈل سۆھبىتىم كەتتى. قىيىندۇر بىز ئۈچۈن تاپماق بۇنىڭدەك ئىلمى رەھبەرنى، ھاۋا بىرلە ھېسابلاشماس ئىرادە روھى قەيسەرنى، تاراتقان ئەلگە ھەر دائىم ئىلمىدىن مىشكى ئەنبەرنى، ئاجايىپ تۆھپىكار بولغان تۇرۇپ تۇرمۇشتا كەمتەرنى، رىزا ، ھەق يولىدا ھارماس ، سەمىمىي ئۈلپىتىم كەتتى. ۋاپاتى، بىر تۇيۇق بولغاچ، ئېغىر چۈمدۇق، مۇسبەتكە، ئەكەلدى بۇ خەۋەر ماتەم مۇسۇلمانغا شەرىئەتكە، ھايالسىز ، ھەممەتەن بەردۇق يوللۇققا ھەقىقەتكە، ئېرىشتۇق ئاخىرى ئورتاق سەبىرگە ۋە نەسىھەتكە، ئىلىمنىڭ رولچىسى كەتتى دەلىلىم ھۆججىتىم كەتتى