باش بەت

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى باشبەت)

UYGHURCHE, УЙҒУРЧӘ


ۋىكىپېدىيەگە خۇش كېلىپسىز
ئۇيغۇرچە ماقالە سانى:‌‌‌5,973

ئا ئە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك ڭ گ ل م ن ھ ئو ئۇ ئۆ ئۈ ۋ ئې ئى ي

ھەپتىلىك نادىر يازما

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ياكى شەرقىي تۈركىستان ۋە ياكى ئۇيغۇرىستان) (خەنچە: 新疆维吾尔自治区) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توپراقلىرى ئىچىدە يەر ئالغان، يەرلىك خەلق ۋە بەئزى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن جۇڭگو تەرىپىدىن تۈرك ئىسلام تۇپراغى بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 31 ئۆلكە دەرىجىلىك مەمورىي رايونى ئىچىدە يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايوندۇر.قىسقارتىلما ئىسمى بىلەن شەرقتە جۇڭگونىڭ گەنسۇ(كەڭسۇ)، چىڭخەي (كۆكنۇر) ئۆلكىلىرى، شەرقى شىمالدا ۋە شىمالدا موڭغۇلىيە، رۇسيە، غەربىي شىمال ۋە غەربتە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان،ئاڧغانىستان ۋە پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر ۋە ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر، جەنۇبتا بولسا جۇڭگو تىبەت قاتارلىق 8 دۆلەت ۋە 3 ئۆلكە بىلەن چىگراداشتۇر. قۇرۇقلۇق چېگرىسى 5600 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگو قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ 4 تىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن، چېگرلىنىدىغان دۆلەت ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون. دەۋامى...

يېڭىلىقلار

ۋىكىپېدىيە نۇرغۇنلىغان تىللاردىكى ئېنسكلوپېدىيە بولۇپ، ئەگەر ئۇيغۇر تىلىنىمۇ مەزمۇنى بىر قەدەر مول بولغان تىللارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇراي دېسىڭىز ، كۆپچىلىككە قېتىلىپ بىرلىكتە ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيەنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىڭ.

يېڭى ياكى كونا مەزمۇنلارنى تەھرىرلەشنى بىلمەكچى بولسىڭىز بەتنى قانداق تەھرىرلەيدۇ ئۇلانمىسىنى چېكىڭ ، ئەگەر سىناپ باقماقچى بولسىڭىز بۇنى ساندبوكس چېكىڭ ، شۇنداقلا كوممۇنیتي پورتالنى زىيارەت قىلسىڭىز ۋىكىپېدىيەدىكى ھەرقانداق ماقالىنى تەھرىرلەشنى شۇئانلا بىلەلەيسىز.

مەشھۇر شەخس...

I ئەھمەد توغانخان (خاقانىيەچە: أحمد طغان خان بن علي، تۈركچە: I. Ahmed Han) بۈيۈك قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ (ھ. 225 – 609 / م. 840 – 1212) 7. خاقانىدۇر. تۇنجى مۇسۇلمان قاراخان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋرىسى، ئەلى ئارسلانخاننىڭ تۆرت ئوغلىدىن بىرى. قاچان توغۇلغانلىقى تارىخنامىلەردە قەيت قىلىنمىغان بولۇپ، ھ. 388 – 408 / م. 997 ياكى 998 – 1017 ياكى 1018 – يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان. ئەبۇلفىدا (ھ. 672 – 732 / م. 1273 – 1331) تارىخىدا ھ. 383 / م. 993 - يىلى ۋەقەلىكىنى بايان قىلىپ: «ھارۇن ئىبنى سۇلايمان ئىلىكخان بۇغراخان بۇخارادا ئاغرىپ قېلىپ يۇرتىغا قايتىپ كېتىۋېتىپ يولدا ۋاپات تاپىدۇ. بۇغراخان دىندار، ياخشى يول تۇتقان زات بولۇپ، مەكتۇبلىرىدا ئۆزىنى ‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەتچىسى› دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركلەرگە تۇغانخان ئەبۇ نەسر ئەھمەد ئىبنى ئەلى خان پادىشاھ بولدى» دەپ يازىدۇ. ھ. 408 / م. 1017 – يىلى ۋەقەلىكىنىڭ بايانىدا: «قاراخاننىڭ ئىسمى ئەبۇ نەسر ئەھمەد ئىبنى تۇغانخان ئەلى بولۇپ، ئۇ ۋاپات بولغاندا قېرىندىشى ئەبۇل مۇزەففەر ئارسلانخان پادىشاھ بولدى» دەپ يازىدۇ.داۋامى ئۈچۈن

ۋىكىپېدىيە باشقا تىللاردا...

4 مىلىيوندىن ئارتۇق ماددىغا ئىگە تىللار:
2 مىلىيوندىن ئارتۇق ماددىغا ئىگە تىللار:
1 مىلىيوندىن ئارتۇق ماددىغا ئىگە تىللار:
500 مىڭدىن ئارتۇق ماددىغا ئىگە تىللار:
250 مىڭدىن ئارتۇق ماددىغا ئىگە تىللار:

تارىختا بۇ ئاي...

2 - ئاي ياكى فېۋرال (ئىنگ: February) ئايى مىلادى تەقۋىمىدە يىلنىڭ 20 ئېيىدۇر. بۇ ئاي ئادەتتىكى يىللاردا 28 كۈن، كەبىسە يىللاردا 29 كۈن بولۇپ كېلىدۇ. تارىخىمىزدا بۇ ئايدا بولۇپ ئۆتكەن بەئزى چوڭ ئىشلار، بۇ ئايدا دۇنياغا كەلگەن ۋە قايتىش بولغان مۇھىم شەخسلەر تۆۋەندىكىچە:


تاللانغان رەسىم

1352 - ھىجرىيە، 24 - ماھى رەجەبدە ئاللاھ سۇبھانە ۋە تەئالانىڭ ياردەم ۋە نۇسرەتى بىلەن ۋە رەئىسىمىز خوجانىياز ھاجى ۋەلەدى ئەمىننىياز ھاجى ھەزرەتلەرىنىڭ لاياقەتلىك ۋە سالاھىيەتلىك ۋەكىللەرنىڭ ئىتتىفاقىغە ۋە بۈتۈن ئەساكىرى ئىسلام قۇماندانلارىغە ۋە ئۇمۇمىي مۇۋافەقەت بىرلىكلەرىغە سۈيەنىب، مۇستەقىل شەرقى تۈركىستانىمىزنىڭ بىرىنچى ھۆكۈمەت مۇەققەتەسى قۇرۇلدى...باياننامە ئوقۇلغاچ نەۋبەت بىلەن تەبرىكلەر سۆزلەندى. خوشلىق ئۈچۈن 41 دانە توپ ئاتىلدى. شۇ بىلەن بىرگە شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى مىللىي بايراغى كۆتەرىلدى. ئاي يۇلتۇزلۇق مىللى كۆك بايراق يىللار مابەينىدە ئۆتكەن شان - شەۋكەتلىق ھاكىمىيەت دەۋىرلەرىنى يادلاتىپ تۇرار ئىدى. دارىلمۇئەللىمىن تەلەبەلەرىنىڭ:
بايراقىمىز كۆك بايراق،
ئوردۇمۇز ئالتۇن ئوردۇ.
تۈركىستان تۈركنىڭ يۇردى،
تۈركىستاننىڭ ئولاجاق.
دەپ دەردلى كۆڭىللەردەكى غايەلەرىنى يۈكسەك ئاۋاز بىلەن ساف تۈرك تىلىدە سۆزلەپ تۇرار ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى (1933 - يىلى 12 - نويابرتۈمەن دەرياسى بويى، كاشغەر

مۇنازىرە ۋە ياردەم · تۈرلەر · ئاچقۇچ تۈرلەر · تۈر
ئۇچۇر | پەلسەپە | ئومومى | ئىلىم | ئەمەلىي | جەمئىيەت | گۇمانتار | تىل | تېخنىكا‏ | تەبىئەت | مەدەنىيەت | ئەدەبىيات | تارىخ | ھالقىما | جۇغراپىيە | كىشلەر | ۋىكى



باشقا ۋىكى تۈرلىرى

ۋىكىلۇغەت
كۆپ تىللىق لۇغەت
ۋىكىكىتاپ
ئەركىن كىتاب ۋە قوللانمىلار
ۋىكىنەقىل
ماقال تەمسىل ۋە ھىكمەتلەر
ۋىكى مەنبە
ئەركىن كۈتۈبخانا
ۋىكى تۈرلىرى
تۈرلەر تىزىمى
ۋىكىخەۋەر
ئەركىن يېڭىلىقلار
Commons
تاراتقۇ ئامبىرى
Meta-Wiki
ۋىكى مەركىزى