مېمفىس

ئورنى Wikipedia

مېمفىس دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 4700 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئۇ مىسىرنىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى سۇلالىلەر دەۋىدىكى پايتەختى ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەھەر مىلادىيە 7-ئەسىردە ۋەيران قىلىنغان، خارابىسى قاھىرەگە 25 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا. قەدىمكى مىسىردىكى تۇنجى ئېھرام ئەنە شۇ مېمفىس شەھىرىگە جايلاشقان.

مېمفىس

شەھەر ھەققىدە[تەھرىرلەش]

مېمفىس مىسىر نىل دەرياسى دېلتىسى جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ،ھازىرقى قاھىرەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 25 كىلومېتىر كېلىدىغان مىتتى لاسىنا كەنتى. مېمفىس دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 4700 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 3100-يىلدىن تارتىپلا مىسىردىكى ئەڭ قەدىمىي پايتەختى بۇلۇپ قالغان، ھەممىسىنىڭ تارىخى 800 يىلدىن ئاشىدۇ.رىۋايەت قىلىنىشىچە، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3100-يىللار ئەتراپىدا يۇقىرى مىسىر پادىشاھى مېمفىس تۆۋەنكى مىسىرغا ھۇجۇم قىلىپ، پۈتكۈل مىسىرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئۇ بۇ غەلىبىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش بولغان جاي (بۈگۈنكى مىتتى لاسىنا كەنتى)غا يېڭى شەھەر بەرپا قىلىپ، ئۇنى «ئاق شەھەر» (ئىلبەيدا) دەپ ئاتىغان. مانا بۇ كېيىنكى كۈنلەردە پايتەخت بولغان مېمفىس شەھىرىدۇر. ئىلگىرى قەدىمكى پادىشاھلىق دۆلەت ( مىلادىدىن ئىلگىرىكى 27-ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 22-ئەسىرگىچە) نىڭ پايتەختى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللاردا دىبىس ئورنىنى ئىگىلىگەن، لېكىن ئۇ يەنىلا مىسىرنىڭ مەشھۇر دىن،مەدەنىيەت شەھىرى.مىلادىدىن ئىلگىرى 7-ئەسىردە ۋەيران بولغان.قەدىمكى مىسىردىكى تۇنجى ئېھرام ئەنە شۇ مېمفىس شەھىرىگە جايلاشقان. ئەينى چاغدا دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈزەل ئۇلۇغ شەھەر بۇلۇپ،ئۇ يەردە يەنە رامېسسىدا Ⅱنىڭ گىرانىت تاشتا ياسالغان غايەت زور ھەيكىلى ۋە باشقا قەدىمىي يادىكارلىقلار بار. ئۇ يەردىن ئىلگىرى پىل چىشى، ئىسكىلىت پارچىلىرى، تاش ۋە ساپال بۇيۇملار قېزىۋېلىنغان.ھازىر پەقەت بىر كىچىك مۇزېي ۋە باغچە ئىچىدە ۋەيران بولغان تاش ئويما ھەيكەللەر ساقلىنىپ قالغان.

ھازىرقى ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

مېمفىس دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك بولغان بىر مۇزېي ھېسابلىنىدۇ ، چۈنكى ئىچىدە پەقەت بىر ياتقان رامسېس Ⅱ ۋە بىر نەچچە ۋەيران بولغان كىچىك تاش ئويما ھەيكەللەر بار. بۇ ھەيكەل ئەسلىدە تەخمىنەن 14 مېتىر ئېگىزلىكتە، پۈتۈن ھاك تاش بىلەن ئويۇپ چىقىرىلغان بولۇپ ، ناھايىتى نەپىس.گەرچە 3200 يىللىق تارىخى بولسىمۇ،لېكىن ھەيكەل ئۈستىدىكى تەسۋىرىي يېزىقنىڭ ھەممىسىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتە، ھەيكەلنىڭ بىر جۈپ پۇتى ۋە سول قولى سۇنۇپ كەتكەن، شۇڭا ھەيكەللەر مۇزېي زالىدا يەرگە توغرىسىغا ياتىدۇ،ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى 2 - قەۋەتتىكى بالكونغا چىقىپ بىرنى ئايلىنىپ بېقىش كېرەك. ھەيكەلنىڭ يەنە بىر قوشكېزەك ئاكا - ئۇكىلىرى قاھىرە شەھىرىدىكى رامۇس پويىز ئىستانسىسىنىڭ مەيدانىدا، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.

داڭلىق ھەيكەللەر[تەھرىرلەش]

مۇزېي گۈللۈكىدە ماينولار ۋىس Ⅱ گە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئادەم باشلىق شىر تەنلىك ھەيكەل بار بۇلۇپ، ئېگىزلىكى تۆت مېتىردىن ئارتۇق ، بىر پارچە 80 توننا كېلىدىغان تاشنى ئويۇپ ياسالغان.