مېھراي مەزەنسوف
Appearance
مېھراي مەزەنسوف
Mehray Mezensof | |
شەخسىي ئۇچۇرلىرى | |
تۇغۇلغان | 1995-يىلى |
مىللىتى | ئۇيغۇر |
ھازىر تۇرۇۋاتقان ئورنى | مەلبېرن، ئاۋسترالىيە |
كەسپى | سېستىرا |
مېھراي مەزەنسوف (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mehray Mezensof) بولسا 1980-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىن ئاۋسترالىيە كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتى بولۇپ، ئاۋسترالىيەدە توغۇلۇپ چوڭ بولغان.
ھاياتى
[تەھرىرلەش]- 2016-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ ئۈرۈمچىدە مىرزات تاھىر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش بىلەن توي قىلغان.
- 2017-يىلى ئاۋسترالىيە ۋىزىسى ئېلىپ ئايالى بىلەن ئاۋسترالىيەگە ماڭاي دەپ تۇرغاندا پاسپورتى تارتىۋېلىنغان ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلىپ لاگېرغا قامالغان. مېھراي خانىمنىڭ ۋىزىسىنىڭ ۋاقتى توشۇپ ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.
- 2019-يىلى مىرزات لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن. مېھراي خانىم 2019-يىلى ئىيۇل ئېيىدا شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ۋە يولىشى بىلەن 6 ئاي بىللە تۇرالىغان. ئالتە ئايدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىزىسىنى ئۇزرتىپ بەرمىگە ۋە يەنە ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.
- 2021-يىلى 4-ئايدا مېھراي خانىم يولدىشىنىڭ قۇمۇل شەھىرى لىك سوت تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك جىنايەتلىرى بار دە قارىلىپ 25 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان. ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ يولدىشىنىڭ ئاۋازى بولۇش ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يولغا چىققان.[1]