ناسداك

ئورنى Wikipedia
ناسداك

ناسداك، تۇلۇق نامى پۈتۈن ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاكسىيە سودىگەرلىرى جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ئاپتوماتىك باھا مەلۇم قىلىش جەدۋىلى، ئامېرىكىنىڭ بىر ئېلېكتىرونلۇق ئاكسىيە سودىسى ئاپپاراتلىرى.

ئۇيغۇرچە نامى ناسداك
چەتئەلچە نامى NASDAQ
قۇرۇلغان ۋاقتى 1971-يىلى
تور بېكىتى http://www.nasdaq.com/
ناسداك تېلۋىزىيەسى
خەنزۇچە نامى 纳斯达克
باش شىتاب ئورنى ئامېرىكا نيۇ نيۇ يورك شەھىرى
تىجارەت دائىرىسى ئاكسىيە سودىسى

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ناسداك ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاكسىيە سودىگەرلىرى جەمئىيىتى بىرژا سىرتى سودىسى ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قالايمىقانچىلىقتىن ساقلىنىپ، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەش سۇپىسى 1971-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان.

ناسداكتا بازارغا چىقىش گۈدۈكى چېلىش

ئەسلى گەۋدىسى داڭلىق مالىيە دوكاسى روكفىللېر قۇرغان نىيۇيورك پايچېكى بازىرى ئىدى. ناسداك 1971-يىلى ئىلىكتىرونلۇق سودا ۋە يېڭى گۈللەنگەن كەسپلەرنى ئاشكارا رىقابەت بىلەن تەمىنلەيدىغان سورۇن سۈپىتىدە قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاۋات ۋە ئەڭ چوڭ ئېلىكتىرونلۇق پايچېكى بازىرى ھېسابلىنىپ كىلىۋاتىدۇ.

ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

ناسداكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئۇچۇرلىشىش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقىدا بولۇپ 1968-يىلى ئامېرىكا پايچېكى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى نىيۇيورك پايچېكى بازىرىغا ئۇچۇر مەلۇم قىلىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سېستىمىسىنى ئورنىتىشنى قارار قىلىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن نىيورك پايچېكى بازىرىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل گەۋدە سۈپىتىدە قۇرۇلغان. بىر شىركەت ياكى بازار ئەمەس بەلكى پايچېكى سودىگەرلىرى جەمىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغانلىقتىن ناسداك ئايرىم بازار بولۇپ قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە 520 پايچېكى سودا شىركىتى ناسداكقا كىردى، بۈگۈنگە قەدەر پايچېكى ناسداك ئارقىلىق بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر 5200 دىن ئاشتى، ناسداكنىڭ يەنە دۇنيادىكى 55 دۆلەتتە 260 مىڭدىن ئارتۇق ئېلىكتىرونلۇق پاي چېكى سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان، دۇنيادىكى پايچېكى سودىسىنىڭ يېرىمى ناسداك ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ناسداكتا پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئاساسەن كومپىيۇتېر يۇقىرى پەن-تېخنىكىسىغا تەۋە شىركەتلەر بولغانلىقتىن ئۆزگىرىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى. مىكروسوفت، ئالما شىركىتى، گوگۇل شىركىتى، بەيدۇ شىركىتى قاتارلىق دۇنيا دىققەت قىلىدىغان تېز كۆتىرىلىۋاتقان چوڭ شىركەتلەرنىڭ ھەممىىسى ناسداكتا بولغانلىقتىن پاي چېكى سېتىۋالمايدىغان كىشىلەرمۇ ھامان ناسداكنىڭ خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلماي قالمىغاچقا، ناسداك قەرەللىك ئىقتىسادى ئاخباراتتىنلا ئايدا نەچچە مىليون دوللار كىرىم قىلىدۇ.

ناسداكنىڭ يۇقارقى چوڭ شىركەرلەردىن باشقا يەنە بىئولوگىيە، مىدىتسىنا، يۇقىرى تېخنىكا، زەنجىرسىمان مۇلازىمەت قاتارلىق كەسپلەرنى ئۆچ ئىچىگە ئالغان، تېز تەرەققى قىلىۋاتقىنىغا بىريىلدىن ئاشقان، 5 مىليون دوللاردىن يۇقىرى بازار قىممىتى بولغان كىچىك شىركەتلەر ئۈچۈن تەسىس قىلغان ئۈمىد پايچېكى بار.

تۈرلىرى[تەھرىرلەش]

ناسداك لوگوسى

2006 -يىلى 2-ئايدا، ناسداك پاي چېكى بازىرىنىڭ ئۈچ قاتلامغا بۈلۈنگەن: « ناسداك يەر شارى بويىچە تاللانغان بازىرى » « ناسداك يەر شارى بازار » (يەنى بۇرۇنقى « ناسداك مەملىكەت بويىچە بازار » دېيىلىدۇ) ۋە « ناسداك كاپىتال بازىرى » (يەنى بۇرۇنقى ناسداك كىچىك تىپتىكى پاي چېكى بازىرىدا)، بازار قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلدى، ئوخشاش بولمىغان قاتلام بويىچە كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش جەلپ قىلىندى.

ناسداك يەر شارى بويىچە تاللانغان بازار[تەھرىرلەش]

ناسداك يەر شارى بويىچە تاللانغان بازار ئۆلچىمىنىڭ مالىيە ۋە ئوبوروتچانلىقى جەھەتتىكى تەلىپى يۇقىرى، دۇنيادىكى ھەر قانداق باشقا بازارلارنى ئەلا سۈپەتلىك تاللاش. ناسداك شىركىتىگە كىرگۈزۈپ نەتىجە ۋە سالاھىيىتىنى نامايەن قىلىش.

ناسداك يەر شارى بازىرى[تەھرىرلەش]

ناسداك ئىستودىيەسى

ناسداك يەې شارى بازىرى ئەڭ چوڭ يەنە كېلىپ سودا ئەڭ جانلانغان پاي چېكى بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناسداك يەر شارى بازىرىغا يېقىن پايچىك بازىرىدىن 4400 ى بار. بۇ شىركەت مالىيە، كاپىتال سوممىسى ۋە ئورتاق باشقۇرۇش قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر بەلگىلىشى كېرەك. يەر شارى بازىرىدا ناسداك دۇنيادىكى بەزى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ داڭلىق شىركەت.

ناسداك كاپىتال بازىرى[تەھرىرلەش]

ناسداك مەخسۇس ئۇزاق مۇددەتلىك شىركەت ئۈچۈن تەمىنلىگەن بازار، ناسداك كىچىك كاپىتال سوممىسى، بازاردا 1700 دانە پايچىك بازىرى بار. كىچىك تىپتىكى كاپىتال سوممىسى دەرىجىدىكى ناسداك بازىرىدا پاينى بازارغا سېلىش ئۆلچىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مالىيە كۆرسەتكۈچ تەلىپى يوق، دۇنيا بازىرىدا بازارغا سېلىش ئۆلچىمى ئوخشاش قاتتىق، لېكىن ئۇلارنىڭ ئورتاق باشقۇرۇش ئۆلچىمى ئوخشاش بولىدۇ.

بازارغا چىقىش شەرتى[تەھرىرلەش]

1. شىركەت مەبلىغى 15مىليون دوللار بولۇش؛

2. يېقىنقى بىر يىل ياكى يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدىكى ئىككى يىلدا بىر مىليون دوللارلىق باجدىن ئىلگىرىكى ساپ كىرىم ياراتقان بولۇش؛

3. ھەربىر پايچېكىنىڭ باھاسى 5 دوللاردىن تۆۋەن بولمىغان ھالدا، تارقاتقان پايچېكى سانى بىرمىليۇندىن ئاشقان بولۇش؛

4. تارقاتقان پايچېكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 8 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇش؛

ناسداك بازار نۇقتىسى

5. 100 دىن ئارتۇق پايچېكى بولغان پايچىك سانى 400 دىن ئاشقان بولۇشى قاتارلىق شەرتلەر بار.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

ناسداكتا مودا بولغان [Any company can be listed, but time will tell the tale] يەنى ھەر قانداق شىركەت پايچېكىنى بازارغا سالالايدۇ (ئەمما ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ) دەيدىغان بىر جۈملە سۆز بار، شىركەتلەرگە ناسداكتا پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىدىغان ئىقتىسادشۇناسلار قوشۇنى كۆپ ھاللاردا شىركەت ئىگىسىنىڭ پايچېكى جەھەتتە تەجرىبىسى بار يوقلۇقىغا قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شىركەت ئىگىسىنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتتە مۇدىر بولۇشىنى قوللىمايدۇ. شىركەتلەرمۇ كۆپ ھاللاردا مەبلەغ سالىدىغان بانكا، مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى، مالىيە سىتاتىسكا قوشۇنى قاتارلىقلار ئارقىلىق پايچېكى سېتىۋالغۇچىلارغا شىركەتنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى بىلدۈرمەكچى بولىدۇ.

ئەنگلىيە باش باقانى بورىس جونسون ۋە سىڭك لوندون بىرلىكتە ناسداك ئېچلىش مۇراسىمىدا

ناسداك نىيۇيورك شەھرىنىڭ 43-كوچىسىغا، يەنى بىرودۋاي كوچىسىنىڭ بېقىنىدىكى دۇنياغا داڭلىق ۋال سىتېرت كوچىسىنىڭ دوقمۇشىدىكى ناسداك پاي چېكى بازىرى بىناسىغا جايلاشقان. بىر دۇنياۋى شىركەتنىڭ مالىيە ئىستىقبالى، دۇنيادىكى تەسىرى قاتارلىقلارغا پەقەت ناسداك ئارقىلىقلار باھا بەرسەكمۇ كۆپ ھاللاردا خاتالاشقان بولمايمىز.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى