نورۇزگۈلى

ئورنى Wikipedia

نورۇزگۈلى (ئېنگلىزچە: Cherry blossom؛ ئۇيغۇررچە باشقىچە ئاتىلىشى: ساكۇرا؛ ) بولسا مۇھەببەت ۋە ئۈمۈدنىڭ سىمۋولى، ياپونىيەنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك نەرسىلىرىنىڭ بىرى.

ياپونىيەدىكى نورۇزگۈلى

نورۇزگۈلىنىڭ بارلىققا كەلگەن جايى جۇڭگو. ياپونىيەنىڭ داڭلىق ئەسىرى «نورۇزگۈلى تەسۋىرى» دە خاتىرلىنىشىچە نورۇزگۈلىنىڭ بارلىققا كەلگەن جايى جۇڭگودىكى ھىمالايا تېغى ئىكەن. كىشىلەر ئۆستۈرگەندىن كېيىن بۇ خىل ئۆسۈملۈك ئاستا-ئاستا جۇڭگونىڭ چاڭجىياڭ دەرياسى ئېقىنلىرىغا كىرگەن، جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسىلىرىغا ۋە تەيۋەن ئارىلىغىمۇ يەتكەن. چىن، خەن سۇلالىلىرى مەزگىلىدە خانلىق ئەۋلادلىرى بۇ خىل گۈلنى ئۆستۈرگەن، ھازىرغىچە ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈش تارىخى بار ئىكەن. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە شەخسىي گۈللىكلەردە ئۆستۈرۈش ئومۇملىشىپ كەتكەنكەن. مۇشۇ تەرىقىدە نورۇزگۈلى خان ئوردىسىدىن تەدرىجىي ھالدا ئادەتتىكى خەلق ئارىسىغا كۆچكەنكەن. ئەينى چاغدا ياپونىيە ئېغىر ھالدا جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتىنى دورىغان بولۇپ، بۇ زامانلاردا چىرايلىق ھەم ھوزۇر ئېلىش قىممىتىگە ئىگە بولغان نورۇزگۈلى جۇڭگودىن ياپونىيەگە ئېلىپ كېتىلگەنكەن.