نىزامۇلمۈلك

ئورنى Wikipedia

نىزامۇلمۈلك (ڧارسچە: نظام الملك)، ئەسلى ئىسمى قۋامۇددىن ئەبۇ ئەلى ھاسان بىن ئەلى بىن ئىسھاق ئەت تۇسى (قوام الدين أبو علي الحسين بن علي بن إسحاق بن العباس الطوسي) (تو. 1018-يىل 10- ئۈمىد — 1092- يىل 14- ئوغۇز) سالجۇقىلار سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر سىياسىئونى، ئىسلام ئىلىم-مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك مەدەتكارى بولۇپ، ئىراننىڭ تۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان.

ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئالىملاردىن ئۆمەر ھەييام ۋە ھەسەن ئىبنى ساباھلار بىلەن قەدىناس دوست ئىدى. ئۇ مول بىلىملىك زات بولۇپ، ئىلمى كالام، ئىلمى تارىخ، ئەدەبىيات، ئاسترونومىيە بىلىملىرىگە كامىل، پارس، ئەرەب تىللىرىغا مۇكەممەل ئىدى. ئۇ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئىسلام مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا، ئىلمىي تەتقىقاتنى يۈكسەلدۈرۈشكە، ھەر خىل ئىلىم-پەننى روناق تاپقۇزۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنىدى. نىزامىيە مەدرىسەنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئۇنىڭ ئىلىم-پەن ۋە مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ بىر نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر مەدرىسەنى تەسىس قىلىشقا يارلىق چۈشۈرگەن ئالىپ ئارسلانخاننىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد ئەبۇ شۇجار بولۇپ، ئارىب ئارسلان ئۇنىڭ ”باتۇر شىر“ مەنىسىدىكى خانلىق نامىدۇر. ئۇ زاتمۇ ئىسلاھاتچى، مەرىپەتپەرۋەر بولۇپ، نۇرغۇن دىنىي مەكتەپلەرنى تەسىس قىلغان، ئىسلام مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ياردەم بەرگەن نوپۇزلۇق زات ئىدى.