نەجىب ئەلكەيلانىي

ئورنى Wikipedia
نەجىب ئەلكەيلانىي
تۇغۇلغان ۋاقتى1931 - يىلى 1 - ئىيۇن
يۇرتىمىسىر
ۋاپاتى1995 - يىلى 5 - ماي
مىللىتىئەرەب
كەسپىدوختۇر
ئەسەر(لىرى)تۈركىستان كېچىلىرى ۋ.ب


نەجىب ئەلكەيلانىي (ئەرەبچە: نجيب الكيلاني)، 1931 - يىلى 1 - ئىيۇن - 1995 - يىلى 5 - ماي. شائىر، يازغۇچى ۋە دوختۇر.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

دوكتور نەجىب كەيلانىي ھىجرىيە 1350 / مىلادىيە 1931 - يىلى مىسىرنىڭ غەربىيە ۋىلايىتى شەرشابە يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

ھ. 1369 / م. 1949 - يىلى تانتادا تولۇق ئوتتۇرا دىپلومىغا ئېرىشىپ، قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.

ھ. 1375 / م. 1955 - يىلى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىگە قوشۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرقى ئوقۇش يىلى قولغا ئېلىنىپ، ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. شۇ جەرياندا تۈرمىلەردە ھەرخىل قىيناشلارغا دۇچار بولغان.

ھ. 1379 / م. 1959 - يىلى ئىككى پۇتىنىڭ پەيلىرى تارتىشىپ، ساغلاملىقى ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن قويۇپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇشىنى قايتا داۋاملاشتۇرۇپ، ھ. 1380 / م. 1960 - يىلى تېببىي فاكۇلتىتنى پۈتتۈرگەن. مەشغۇلاتچى دوختۇرلۇق خىزمىتى بىلەن بىرگە ئەدەبىي ئەمگەكلىرىنىمۇ ئېلان قىلىشقا باشلىغان.

ھ. 1385 / م. 1965 - يىلى جامال ئابدۇنناسىر دەۋرىدە كەيلانىي يەنە بىر قېتىم تۈرمىگە كىرگەن، ھ. 1387 / م. 1967 - يىلى «ئالتە كۈن» ئۇرۇشى مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن

كىشىلىكى[تەھرىرلەش]

نەجىب كەيلانىينىڭ تۈرمىلەردە تارتقان مۇشەققەتلىرى ئۇنىڭ زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقنى ئۆچ كۆرۈش، مېھىر - مۇھەببەت، كەڭ قورساقلىق ۋە ئىنسانلىقىنى ھۆرمەتلەش قاراشلىرىغا چوڭ تەسىرى كۆرسەتكەن. شۇ جەھەتتىن، بۇ يۈكسەك ئىنسانىي خاراكتېر ئۇنىڭ پۈتۈن ئەدەبىياتىغا سىڭىپ كەتكەن.

ئۇ ئىجادىيەتلىرىنىڭ مول، سەرخىل ۋە يارقىنلىقى جەھەتتىن، ھازىرقى زامان ئىسلامچى ئەدىبلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. ئۇ رومان، قىسسە، شېئىر، ئوبزور، پىكىر - ئىدىيە ۋە تېبابەت ساھەلىرىدە 70 تىن ئارتۇق كىتاب يازغان بولۇپ، يازمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەركىن پەرۋاز قىلغۇچى تالانتلىق ئەدىب، شۇنداقلا ياخشىلىق، پەزىلەت، كەڭ قورساقلىقتىن ئىبارەت ئىنسانىي ۋە ئىسلامىي قىممەت قاراشلارغا چاقىرغۇچى ئىدى.

ئەدىب كەيلانىي دىن بىلەن پەن - ئەدەبىيات ئارىسىدا ھېچبىر توقۇنۇش يوق، ئەگەر بار دېيىلسە، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان ياكى ئىسلامنىڭ كەڭ شەرىئىتىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان توقۇنۇش بار، چۈنكى ئىسلام پەنگە، ئەدەبىياتقا قارشى تۇرمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا تەرغىب قىلىدۇ، مۇسۇلمان دېگەن روھ ۋە تەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئىسلامىي ئەدەب - ئەخلاقلاردىن چىقىپ كەتمىسىلا، روھى ۋە تېنىنىڭ ئارام ۋە ھۇزۇر ئېلىشىنى رەت قىلمايدۇ، دەپ قارايتتى.

ئۇ ناھايىتى خۇش پىچىم ۋە كەمتەر بولۇپ، كۈلۈمىسىرەپ تۇرۇشى، ئىللىق چىرايى، گۈزەل كېلەچەككە ئىشەنچ بىلەن بېقىشى، مۇۋازىنەتلىكلىكى، چوڭقۇر نەزىرى، تىمتاسلىقى، ساغلام لوگىكا، راۋان ئۇسلۇبى قاتارلىقلار ئۇنىڭ ھەربىر ھالەتلىرىدە، ھەتتا قاپقاراڭغۇ كامېرلاردىمۇ، زالىم جاللاتلارنىڭ قامچىلىرى ئاستىدىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدىغان سۈپەتلەر ئىدى.

ئۇ شۇنداقلا مىسىرلىق باشقا ئېسىل قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش يۇمۇرىستىك ئىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى، لېكسىيەلىرى ۋە يازمىلىرىنىڭ ھەممىسى يۇمۇرىستىك ئىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاياتىمنى شائىرلىق بىلەن باشلىدىم، پەقەت شېئىرلا يازاتتىم، شېئىرلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى سىياسىي ۋە ھېسسىي شېئىرلار ئىدى. كېيىن ھېكايە - قىسسىگە يۆتكىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىنى ۋە ئۇنىڭ مىسىر جەمئىيىتىگە، بولۇپمۇ مىسىرنىڭ يېزا - سەھرالىرىغا بولغان تەسىرىنى ئىپادىلەيدىغان ‹ئۇزۇن يول› دېگەن رومانىم بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ بىر مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى ئۇرۇنۇپ كۆرۈشۈم ئىدى. نەتىجىدە، تۈرمىدە تۇرۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم. تەلىيىمگە روماندىكى ئىسمىم تەخەللۇس ۋە مەخپىي رەقەم بولغاچقا، روماننىڭ بىر مەھبۇسنىڭ ئىكەنلىكى پەقەت نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاشكارىلاندى.

ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتى، ئىقتىدارى ۋە كۈچىگە بېقىپ ئورۇنلايدۇ.

ئەدىب ۋە شائىر دوكتور نەجىب كەيلانىي ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يازغۇچى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتىنى دىنى ئۈچۈن ۋە دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىكى مەزلۇم مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانىدى. ئۇنىڭ قىسسە - رومانلىرى، درامىلىرى ۋە شېئىر - ئەدەبىياتى ھەتتا ئۇنىڭ تېببىي كەسپى ھەممىسى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئىززەت، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتەنلىرى ئۈچۈن ھۆرىيەت ۋە ئىستىقلال تەلەپ قىلىدىغان مۇشۇ چوڭ نىشان ۋە مۇشۇ بۈيۈك غايە ئۈچۈن ئىدى.

كەيلانىي ئىسلامنىڭ پىكىر - ئىدىيەلىرىنى گۈزەل يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلام تارىخى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ رېئاللىقىنى توغرا ئىسلامىي تەسەۋۋۇر بىلەن چۈشەندۈرگەن ئۇتۇقلۇق ئەدىبلەردىن بولۇپ، بۇ ھال، خۇسۇسەن، ياش ئوغۇل - قىزلارنىڭ، ئومۇمەن، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇردى.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

ئەرەب ۋە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ھەققىدە بىر بۆلۈك قىسقا ھېكايىلەرنى يازدىم، مەسىلەن: ‹أرض الأنبياء (پەيغەمبەرلەر زېمىنى)›، ‹عمر يظهر في القدس (قۇدۇستا نامايان بولغان ئۆمەر)›، ‹ليالي تركستان (تۈركىستان كېچىلىرى)›، ‹عمالقة الشمال (شىمال گىگانىتلىرى)›، ‹عذراء جاكرتا (جاكارتا قىزى)› قاتارلىقلار. ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشلىرى ھەققىدە ‹اليوم الموعود (ۋەدە قىلىنغان كۈن)› رومانىنى، ئىسلامنىڭ تۇنجى دەۋرى ھەققىدە ‹قاتل حمزة (ھەمزەنىڭ قاتىلى)› رومانىنى يازدىم».