يالقۇن روزى ھەققىدە ئىككى كەلىمە

ئورنى Wikipedia

ئالماس ھاجى

يالقۇن ئۇرۇقراق، ئۇزۇن بويلۇق ئوقۇغۇچى ئىدى. سىنىپتا ئاخىرقى پارتىدا ئولتۇراتتى. دەرس سورىسا بېشىنى سەل سىڭايان قىلىپ، بويۇنلىرىغىچە قىزارغان ھالدا قىسقا ئەمما مىغىزلىق جاۋاب بىرەتتى، ئادەتتە كەم سۆز، ئويچان يىگىت ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ئامراق ئىدىم.

– ئوقۇتقۇچى خاتىرىسىدىن

يالقۇن روزى ئۆز خەلقىنى چۈشەنگەن، پىداكارانە روھ بىلەن مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئىلغار پىكىرلىك زىيالى ئىدى. ئۇ مىللەتنىڭ مىللى روھىنى ئويغۇتۇش ۋە تەربىيىلەش يولىدا مۇستەملىكە مائارىپىغا، كوممۇنىستلارنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە تىغ كۆتەرگەن قورقماس جەڭچى ئىدى. ئۇ تۈزۈپ چىققان ئەدەبىيات دەرسلىگى مۇستەملىكە مائارىپىدا تۈنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان، مىللىي روھقا بىر قەدەر تويۇنغان، مىللىي كىملىگىمىزنى نامايان قىلغان دەرسلىك ئىدى. يالقۇن روزىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات -سەنئىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن يازغان ئۆتكۈر پىكىرلىك ئوبزۇرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىي ئوبزۇرچىلىقىدا يېڭى پەللە، يېڭى سەۋىيە ياراتتى. يالقۇن روزى ئاجايىپ ناتىق ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەنالىق، قايىل قىلارلىق لىكسىيەلىرى بىلەن مەۋجۇت مەسئىلىلەرنىڭ يېشىمىنى كۆرسۈتۈپ، كىشىلەرگە كىملىگىنى، كىم بولۇش كېرەكلىگىنى، مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىنى تۇنۇتۇپ، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان مەسئۇلىيەتچان زىيالى ئىدى. يالقۇن روزى تەكلىماندىكى ئۇنتۇلۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن ئالتۇن كولدۇرمىنى جاراڭلىتىپ، ئەجداتلار روھىنى ئۇنتۇماسلىققا چاقىرغان. “لاي قەلئە” نىڭ سىرىنى، “ئاتۇش ئادىمى” نىڭ تارىخىنى سۆزلەپ، خەلقىمىزنى تارىخىي شان شەرەپكە، مۇقەددەس زىمىنگە ئىگە چىقىشقا چاقىرغان. شۇڭا ئۇ ئاكا ئۇكا مۇسابايلار، ئابدۇقادىر دامۇللا، مەمتىلى تەۋپىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئۇ مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق مۇستەملىكە كىشەنلىرىدىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدەنگەن.

يالقۇن روزى كۆپ يىللاردىن بېرى ئىزدىنىپ تاپقان تارىخىي ماتىرىياللار، ئۆزى يازغان ۋە نەشىرگە تەييارلىغان كىتاپلار مەنىۋىيىتىمىزدىكى، مەدەنىيىتىمىزدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ، ئۆرنەك يارىتىپ بايراق تىكلىگەن ئىدى. ئەپسۇس، بۇ خەلقپەرۋەر زىيالىي، كوممۇنىست خىتاي جاللات چىڭ چۈەنگو يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىرىنجى زەربىسىگە ئۇچرىدى.

خىتاي باسقۇنچىلىرى مائارىپ نەشىرىياتىدا مۇھەررىرلىك قىلغان، كىسەللىك پىنسىيەگە چىقىپ، ئۆيىدە دەم ئېلىۋاتقان يالقۇن روزىنى كۈلكىلىك ھالدا خىيانەتچى دىگەن تۆھمەت بىلەن 2016-يىلى 10-ئايدا قولغا ئالدى. كېيىن دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتىنى ئارتىپ 15 يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

خىتاي باسقۇنچىلىرى 2016-يىلدىن باشلاپ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەت تېرۇرىزىمىنى يۈرگۈزۇپ، كۆزگە كۆرۈنگەن دىنى زاتلارنى، مۇنەۋۋەر زىيالىلىرىمىزنى، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى – سودىگەرلىرىمىزنى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلدى. جازا لاگىرلىرىغا، تۈرمىلەرگە تاشلاپ ئۆلتۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار سەرخىللىرىمىزنى يۇقۇتۇپ، مىللىتىمىزنى باشسىز، يىتەكچىسىز قالدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. مىللەتنىڭ سەرخىللىرى مىللەتنىڭ ئومرۇتقۇسىدۇر. ئومرۇتقىسى ئىزىلگەن مىللەت پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ ئەڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەدۇر. بىز مۇشۇنداق ئەڭ خەتەرلىك پەيىتتە تۇرىۋاتىمىز. خىتاي باسقۇنچىلىرى مىللىتىمىزنىڭ ئومرۇتقىسىنى ئىزىپ تاشلىماقچى. بۇ ئارقىلىق شان شۆھرەتلىك ئۇزۇن تارىخقا، ئاجايىپ ئېسىل مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەتنى يوقاتماقچى، بۇ ئىنسانىيەتكە قارىشى كەچۈرگۈسىز جىنايەتتۇر.

بىز خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارىشى بۇ جىنايىي قىلمىشلىرىنى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن دۇنيا خەلقىگە ئاڭلىتىپ، ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلىسەك، بۇ ئارقىلىق خىتاي باسقۇنچىلىرىغا خەلقئارالىق مۇناسىۋەتتە كۈچلۈك بېسىم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىقىتىسادىي ۋە دىلوماتىيە جەھەتتىن خىتاينى جازالاش ۋە چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئالسا ئۇنى ئىلاجىسىز ھالغا كەلتۈرۈپ، جازا لاگىرلىرىنى تاقاشقا، گۇناھسىز قېرىنداشلىرىمىزنى قۇيۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ.

چۇنكى، خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاساسلىقى تاشقىي سودىدىكى مەنپەتدارلىقىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بارلىققا كەلگەن. ھازىرقى بىر يول، بىر بەلۋاغ پىلانىمۇ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرگە تايىنىدۇ. ئەگەر دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئىقىتىسادى جازالىشىغا ۋە دىپلوماتىك چەكلىمىسىگە ئۇچرىسا ئىلاجىسىزلىق بىلەن قەدەملىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېرىنداشلىرىمىزنى، سەرخىللىرىمىزنى، يەنى يالقۇن روزىلارنى قۇتۇلدۇرۇپ ئالالايمىز. قېرىنداشلار ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەركەت قىلايلى، بىر نىشان ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن كۈچ چىقىرايلى. بىزدە ئىمان بار، ھەقىقەت بار، بىز ھەق تەرەپتە. ھەقىقەت ئىگىلىدۇ، سۇنمايدۇ. توغرا بىز زۇلۇمدىن ئىگىلدۇق، لېكىن بىز سۇنمايمىز!

2019-يىلى 24-مارت، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى