Jump to content

يالقۇن روزى

ئورنى Wikipedia
يالقۇن روزى

牙里坤·肉孜

شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
ئاتۇش شەھىرى، ئاغۇ يېزىسى
مىللىتى ئۇيغۇر
كەسپى يازغۇچى، شائىر
پەرزەنتلىرى كامالتۈرك، تۇمارىس

يازغۇچى ۋە شائىر يالقۇن روزى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Yalqun Rozi) بولسا 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇش شەھىرىئاغۇ يېزىسى دا توغۇلغان.

ھاياتى

[تەھرىر]

يالقۇن روزى 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل تاغلىق يېزىسى ئاغۇدا توغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى 1973-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ئاغۇ يېزىسىدا ئوقۇغان. 1980-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان.

1987-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، مۇخبىرلىق قىلغان. 1991-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.

2005-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى دەرسلىك بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش، تەھرىرلەش خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ.

يالقۇن روزى ئەدەبىيات ئوبزورچىلىقى، پۇبلىستىك ماقالە، جەدىدىزىم تەتقىقاتى، نۇتۇق لىكسىيە، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى تۈزۈش ۋە نەشرىياتچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە كۆزگە كۆرىنەرلىك نەتىجە-ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما»، «مەمتىلى ئەپەندى» (مېرزا سىيىت بىلەن بىللە)، تۇرمۇشتىكى پەلسەپە (تەرجىمە ئەسەر)، ئويغىنىۋاتقان ئەجداد روھى (ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى توپلىمى)، لاي قەلئەنىڭ سىرى (ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى توپلىمى) قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان ۋە نۇرغۇنلىغان ماقالە – ئوبزورلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.

يالقۇن روزى تەنقىدىي روھقا باي ئوبزورچى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك پۇبلىست، ئىزدىنىش روھىغا باي تەتقىقاتچى، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ناتىق سۈپىتىدە بىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت-مائارىپ، رادىئو-تېلېۋىزىيە ساھەلىرىمىزدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۇتۇق قازانغان، بۇرچىنى بىلىپ ياشىغان بىر زىيالىدۇر،

تۇتۇلىشى

[تەھرىر]

يالقۇن روزى ئەپەندىمنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوغلى كامالتۈرك يالقۇننىڭ بايان قىلىشىچە، دادىسى 2016-يىلى 10-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن، ۋە 2018-يىلى 1-ئايدا دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان دىگەن جىنايەت بىلەن 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.[1]

باشقىلار

[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلانمىلار

[تەھرىر]
لاگېر شاھىتلىرى تىزىملىكى
ھازىرقى ئورنى شاھىتلار تىزىملىكى
شىمالىي ئامېرىكا: تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن|زۇمرەت داۋۇت |گۈلزىرە ئاۋۇلخان |مېھرىگۈل تۇرسۇن|ئانار سابىت|ئوۋالبېك تۇرداخۇن
ياۋروپا: گۈلباھار جېلىلوۋا|گۈلباھار خاتىۋاجى | قەلبىنۇر سىدىق| ئۆمەر بېكالى| سايراگۈل ساۋۇتباي

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى

مەنبەلەر

[تەھرىر]