ياپونىيە يىلانبېلىقى

ئورنى Wikipedia
ياپونىيە يىلانبېلىقى

ياپونىيە يىلانبېلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 60 سانتېمېتىرغا يېتىدۇ، ھەر يىلى كۈز پەسلىدە يېتىلگەن ياپونىيە يىلانبېلىقى كۆچۈپ دېڭىزغا چۈشۈپ، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدا تۇخۇملايدۇ.

تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

  • ئۇيغۇرچە ئىسمى:ياپونىيە يىلانبېلىقى
  • خەنزۇچە ئىسمى:日本鰻鱺
  • تىپى:خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
  • تۈركۈمى:يىلانبېلىقلار تۈركىمى
  • تۈرى:ياپونىيە يىلانبېلىقى
  • ئېنگىلىزچە ئىسمى:Japanese eel
  • تەۋەلىكى:ھايۋاناتلار دۇنياسى
  • سىنىپى سۆڭەكلىك:بېلىقلار سىنىپى
  • ئۇرۇقداشلىرى:يىلان بېلىق ئۇرۇقدىشى

ياپونىيە يىلانبېلىقى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ياپونىيە يىلانبېلىقىنىڭ گۆشى يۇمشاق، تەمى ئېسىل، ئوزۇقلۇقى مول بولۇپ، ئالەمدىكى ئېسىل نېمەت دېگەن نامى بار. ئېلىمىزدە ياپونىيە يىلانبېلىقى ئىزچىل تۈردە زىياپەتلەردىكى ئېسىل نېمەت قىلىنىپ كەلدى، ياپونىيىلىكلەر ئۇنى قۇۋۋەت بۇيۇمى ئورنىدا كۆرىدۇ ھەمدە ھەر يىلى باش كۈزنىڭ ئالدىنقى 18-كۈنىنى «چوۋرى كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، ھەممە ئائىلىلەر ياپونىيە يىلانبېلىقى يەيدۇ.

قىزىقارلىقى شۇكى، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتتىكىلەر ياپونىيە يىلانبېلىقىنى يېيىشنى ياخشى كۆرسىمۇ، خېلى بىر مەزگىلگىچە ئۇنىڭ زادى نەدىن كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيتتى، چۈنكى ئۇنى ئىستېمال قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ تۇخۇمى بارلىقىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە دانىيە ئالىملىرى تىنچ ئوكياندىكى بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېنىدىكى دېڭىز رايونىدىن يېڭىلا تۇخۇمدىن چىققان يۇمران ياپونىيە يىلانبېلىقىنى بايقىدى، كىشىلەر شۇندىلا ياپونىيە يىلانبېلىقىنىڭ دېڭىز-ئوكيان تىپىدىكى كۆچىدىغان بېلىق تۈرى ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي بىلدى.

ياشاش قانۇنىيىتى[تەھرىرلەش]

ياپونىيە يىلانبېلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 60 سانتېمېتىرغا يېتىدۇ، ھەر يىلى كۈز پەسلىدە يېتىلگەن ياپونىيە يىلانبېلىقى كۆچۈپ دېڭىزغا چۈشۈپ، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدا تۇخۇملايدۇ. يېڭىلا تۇخۇمدىن چىققان يۇمران ياپونىيە يىلانبېلىقلىرىنىڭ تېنى سۈزۈك بولۇپ، ئىنچىكىلىكى يىڭنىچىلىك كېلىدۇ، ئېغىرلىقى 1.0 گرام ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ئۇ دېڭىزدا دولقۇن بىلەن بىرگە ئۈزۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق دېڭىز-دەريالىرىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغا كەلگەندە دولقۇن بىلەن بىللە شۇ يەرگە كىرىپ، ئەجدادلىرىغا ئوخشاش تاتلىق سۇ تۇرمۇشىنى باشلايدۇ.

ياپونىيە يىلانبېلىقىنى بېقىش[تەھرىرلەش]

ياپونىيە يىلانبېلىقى بېلىجانلىرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدىلا تۇتقىلى بولىدۇ، ھازىرچە تېخى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېلىجان چىقىرىش تېخنىكىسى تەتقىق قىلىنىپ چىققىنى يوق، شۇڭا ئۇ ئالتۇندىنمۇ قىممەت.ياپونىيە يىلانبېلىقىنى بېقىشتا كىلىمات شارائىتى ياخشى، سۇ مەنبەسى يېتەرلىك، قاتناش ترانسىپورتى قۇلايلىق جايلارنى تاللاپ بېقىش مەيدانى قۇرۇش كېرەك؛ ئەگەر زاۋۇتلار ئارتۇقچە ئىسسىق سۇنى قويۇۋېتىدىغان جاي ياكى ئارىشاڭ سۈيى، چوڭقۇر قۇدۇق سۈيى بار جايلار تاللانسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ياپونىيە يىلانبېلىجانلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۆلچىكى، يىلانبېلىق سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۆلچىكى ۋە يېتىلگەن ياپونىيە يىلانبېلىقى كۆلچىكىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، تۈرلۈك كۆلچەكلەرنى ئوبدان ياساش كېرەك. ياپونىيە يىلانبېلىقى بېلىجانلىرى توشۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۇلارنى كۆندۈرۈش باسقۇچى بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدا بېلىجانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش مەقسەت قىلىنىدۇ. كۆندۈرۈشتە ئادەتتە يەمچۈك ئورنىدا يىپسىمان سازاڭ ئىشلىتىلىدۇ. 7 −10 كۈن ئۆپچۆرىسىدە كۆندۈرۈلگەندىن كېيىن، چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە ئايرىپ بېقىشقا بولىدۇ. ياپونىيە يىلانبېلىقى بىر خىل ئالاھىدە تاتلىق سۇ بېلىقى تۈرىدىكىلەر بولۇپ، ئۇلار ساقىقى بىلەن نەپەس ئالغاندىن باشقا، تېرىسى بىلەنمۇ نەپەسلىنەلەيدۇ، ئەگەر سۇدا ئوكسىگېن كەمچىل بولسا ياندۇرۇۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرى ياندۇرسا بارلىق بېلىقلار شۇنىڭغا ئەگىشىپ تەڭلا ياندۇرىدۇ. ياپونىيە يىلانبېلىقىدا ياندۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە ئوزۇقلۇق يەيدۇ يۇ، ئەمما چوڭلىمايدۇ، شۇڭا كىشىلەر دائىم ئوكسىگېن كۆپەيتىپ بېرىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق كۆلچەكتىكى ئوكسىگېن گازىنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. ياپونىيە يىلانبېلىقى سۈنئىي بېقىلغاندا ئۆسۈش سۈرئىتى تېز بولىدۇ، ئادەتتە 8 −9 ئايدا 200 نەچچە گرامغا يېتىدۇ، 1 كىلوگرام ياپونىيە يىلانبېلىقى بېلىجىنىدىن 1 توننا ئۆپچۆرىسىدە يېتىلگەن ياپونىيە يىلانبېلىقى ئالغىلى بولىدۇ.