ياڭ زېڭشىننىڭ ئاق رۇسلارنى بويسۇندۇرۇشى

ئورنى Wikipedia

ياڭ زېڭشىننىڭ ئاق رۇسلارنى بويسۇندۇرۇشى ( 1921 - يىل )

روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ، 30 ، 40 مىڭ كىشىلىك چارروسىيە قوغدىنىش ئارمىيىسى ۋە مۇساپىرلار شىنجاڭغا قېچىپ كىردى . شىنجاڭنىڭ تۇتۇق بېگى ياڭ زېڭشىن خەلقئارالىق قانۇن بويىچە ئۇلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم كىشىلەرنى تاللاپ ئورۇنلاشتۇردى ، ئۇلارنىڭ تاماق ، ئۆي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى . لېكىن ئاق رۇسلارنىڭ مەغلۇب بولغان قىسىملىرى ئۈزلۈكسىز ۋەقە تۇغدۇردى ، ھەتتا قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈردى ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق غايەت زور زىيانغا ئۇچرىدى . 1921 - يىلى 5 - ئايدا ياڭ زېڭشىن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ ، ئۇلارنى قورشاپ تازىلىدى ، 10 - ئايدا ئاق رۇس باندىتلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىپ ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداپ قالدى ، شىنجاڭنى بىر قېتىملىق بالايىئاپەتتىن قۇتۇلدۇردى .