يىلان پۇرچاق (جاڭدۇ)

ئورنى Wikipedia

يىلان پۇرچاق پۇرچاقنىڭ بىر خىل تۈرى بولۇپ، ئادەتتە ئۆسۈملۈكى ھەشقىپۈچەكتەك مەلۇم بىر جىسمغا يامىشىپ ئۆسىدۇ، ھاسىل بولغان مېۋىسىنىڭ شەكلى يىلانغا ئوخشاش ئۇزۇن ھەمدە ئىككى ئۇچى ئىچى تەرەپكە ئېگىلگەن بولغاچقا پىلان پۇرچاق دەپ ئاتىلىدۇ. يىلان پۇرچاق ئۇيغۇر تائاملىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر خىل كۆكتات. يىلان پۇرچاقنى ئادەتتە ئەتىيازدا ياكى يازدا تېرىپ قويسا ئىككى ئۈچ ئايلاردا مېۋە بېرىشكە باشلايدۇ. يىلان پۇرچاقنىڭ ئۆسۈملۈگى تاكى قۇرۇغۇچە بولغان ئارلىقتا كۆپ قېتىم مېۋە بېرىدىغان بولۇپ داۋاملىق يىلان پۇرچاق ئۈزۈشكە بولىدۇ. يىلان پۇرچاقنىڭ رەڭگى ئادەتتە كۆك ياكى سارغۇچ كېلىدۇ.

باشقا نامى[تەھرىرلەش]

ئەل ئىچى بىتوغرا نامى: جاڭدو، جاڭدۇ

باشقا ئۇيغۇرچە نامى: چوكا پۇرچاق، ساچ پۇرچاق، ئاسپاراگۇس پۇرچاق

تائاملار[تەھرىرلەش]

لەڭمەن

پىلان پۇرچاق سامسىسى

يىلان پۇرچاق مانتىسى

پىلان پۇرچاق قورۇمىسى

ئاچاسەي

ئېچتىلغان سەي

ئالبۇم[تەھرىرلەش]