Jump to content

يۇرۇڭقاش بازىرى

ئورنى Wikipedia
يۇرۇڭقاش بازىرى

玉龙喀什镇.Yurungqash Town

خوتەننىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
شەھەر خوتەن شەھىرى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر

خەنزۇ

تىللار ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە
كەنت سانى 15 دانە
نوپۇس 25 مىڭ
تور بېكەت خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

يۇرۇڭقاش بازىرى خوتەن شەھىرى نىڭ شەرقىىگە، يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5 كىلومېتىر، غەربىي تەرىپى خوتەن شەھىرى (ناھىيە) بىلەن دەريانىڭ ئىككى يېقىدا قارىشىپ تۇرىدۇ، شىمالىي خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرق، جەنۇبىي لوپ ناھىيىسى نىڭ بۇيا يېزىسى بىلەن تۇتاشقان.

مەمۇرىي كەنتلەر

[تەھرىر]

1984-يىلى يۇرۇڭقاش بازىرى تەسىس قىلىنغان. 1997-يىلى كۆلىمى 28.6 كۋادرات كىلومېتىرغا، ئاھالىسى 25 مىڭ ئادەمگە يەتكەن، بۇ بازار ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل قىلغان بازار بولۇپ، قاراشلىقدا ئالتىلە، داۋابازار، يۇڭ بازار، باش ئىگىز ئېرىق، قىرئېرىق، باش مىقىلا، ئاياغ مىقىلا، ناغرىچى، قۇتچى، لەڭگەر، يېڭىئاۋات، ئىگەرچى، ئاياغ ئىگىز ئېرىق قاتارلىق 12 مەمۇرىي كەنت بار. بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي يۇڭ بازار كەنتى، شەرقىي تەرىپى بىلەن لوپ ناھىيە بازىرىنىڭ ئارلىقى 20 كىلومېتىر. 2006-يىلى خوتەن شەھىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئايرىلغان.

مەنبەلەر

[تەھرىر]