يەر ياڭىقى(خاسىڭ)

ئورنى Wikipedia
تۇنايىت بازىرىدىكى يەر ياڭاقلىرى
يەر ياڭىقى مۇرابباسى

يەر ياڭىقى بولسا ئۆسۈملۈك يەر ياڭىقى (خۇاسىڭ ) نىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ«يەر ياڭىقى يېغى» ياكى «خاسىڭ يېغى» نامىدا دورىغا ئىشلىتلىدۇ. بەدەننى قۇرۇتۇش، مەنى پەيدا قىلىش، ئوزۇقلۇق بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى يەر ياڭىقى
ئىنگلىزچە Peanut
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ئىسسىق. ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 花生
پارسچە نامى چىنى بادام
ئوردۇچە نامى رەۋغىنى مۇنىكى كى پول

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

تىيىننىڭ يەر ياڭىقى قاسىشى. يەر ياڭىقى يىتىننىڭ ئەڭ ئامىراق يمەكلىكى

يەر ياڭىقى بولسا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك يەر ياڭىقى (خۇاسىڭ ) نىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ«يەر ياڭىقى يېغى» ياكى «خاسىڭ يېغى» نامىدا دورىغا ئىشلىتلىدۇ. بۇ دەسلەپتە جۇڭگودا تېرىلىپ ئۆستۈرۈلگەن، كېيىن چەت ئەللەرگە تارالغانلىقى ئۈچۈن (جۇڭگو بادىمى) ، خەلىق ئارىسىدا يەر ياڭىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا تېرىپ ئۇستۇرىلىدۇ، يەنە شەرقى ياۋرۇپا، شىمالى ئافرىقا، ھىندىستاننىڭ جەنۇبى قاتارلىق چەت ئەللەردىن چىقىدۇ.

رولى[تەھرىرلەش]

باھنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ئەسەپلەرنى قۇۋەتلەش، بەدەننى قۇرۇتۇش، مەنى پەيدا قىلىش، ئوزۇقلۇق بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خاس تەسىرى[تەھرىرلەش]

بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى[تەھرىرلەش]

(1) قان توختىتىش تەسىرى، يەر ياڭىقى مېغىزىنى يىگەندىن كېيىن قاناشقا مائىل كىسەللىكى بىلەن ئاغرىغان ئاغرىقلاردىكى قاناش ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغانلىقى دەسلەپتىلا مەلۇم بولغان، كېيىن مەلۇم بولۇشىچە ، پەقەت A تىپلىق قاناشقا كىسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلارغا ئۇنىمى بولۇپ قالماسدىن ، بەلكىB  تىپلىق قاناش مائىللىقى كىسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ئېنىقلاندى، باشقا قاناشلارنىمۇ توختىتىدۇ، ئېغىر ھالدىكى قاناشقا نىسبەتەن ئۈنىمى نىسبەتەن تۆۋەنرەك، يەر ياڭىقى مېغىزى پوستىنىڭ قاناشنى توختىتىش ئۇنىمى يەر ياڭىقى مېغىزىنىڭ ئۇزىدىن 50 ھەسسە ئارتۇق، قورۇلغاندىن كېيىن كۇچى 20 ھەسسە تۇۋەنلەيدۇ .

يەر ياڭىقى

(2) باشقا تەسىرى : خۇاسىڭ مېغىزىدا ئاسان پەيدا بولىدىغان سېرىق ئېچىتقۇچى باكتىريە زەھىرى Aspergillus flavus   جىگەر راكى پەيدا قىلىدۇ .

تەركىبى[تەھرىرلەش]

ئۇرۇقىدا % 40 ـ 50 ئەتراپىدا مايلىق ياغ، %30 ـ 20 گىچە ئازۇتلۇق ماددىلار،%21 ـ 8 گىچە كىراخمال،تالالىق ماددىلار، سۇ، كۇل ماددىسى ۋە ۋىتامىن قاتارلىق ماددىلار بار.

ئىشلىتىلىش[تەھرىرلەش]

1.يەر ياڭىقى مېغىزىنى ئادەتتە يىيىشكە ئىشلىتىپلا قالماي،بەلكى ياغ چىقىرىپ تۇرمۇشدا، داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. چۇنكى ئۇنىڭ يېغى زەيتۇن يېغىنىڭ ئورنىنى باسالايدۇ، يەر ياڭىقىنىڭ بەدەنگە بېرىدىغان قۇۋىتى ياڭاق مېغىزىنىڭ بېرىدىغان قۇۋىىدىن قېلىشمايدۇ، چۇنكى بۇنىڭ تەركىبىدە  كىراخمال، فوسفۇر،ۋىتامىن ۋە باشقا پايدىلىق ماددىلار مول .

2. يەر ياڭىقى يېغى بىلەن تاماق ئېتىپ يېسە، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. سەمرىتىدۇ، بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى[تەھرىرلەش]

ئۆسۈملۈك يەر ياڭىقىنىڭ ئۇرۇقى.

مىقدارى[تەھرىرلەش]

10-15 مىللىلىتىر.

ساقلاش[تەھرىرلەش]

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ .

تۈزەتكۈچىسى[تەھرىرلەش]

زەنجىۋىل، زىرە.

ئورۇنباسارى[تەھرىرلەش]

بادام مېغىزى، زەيتۇن يېغى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى