پۇل پاخاللىقى

ئورنى Wikipedia

بۇ يەردە ئېيتىلغان پۇل ئوبوروت قىلىنىۋاتقان پۇلنى كۆرسىتىدۇ. پۇل پاخاللىقى بولسا قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى تاۋار ئوبوروتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان پۇل پاخاللىشىش، مال باھاسى ئۆرلەپ كېتىشتەك ئىقتىسادىي ھادىسىدىن ئىبارەت. پۇل پاخاللىقنىڭ يەنە بىر ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى دەل ئىنفىلاتسىيەدۇر. پۇل پاخاللىقى چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بازاردىكى مال باھاسى ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىدۇ، تار مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پەقەت مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كېلىپ چىققان پاخاللىقنى كۆرسىتىدۇ. مال باھاسىنىڭ چۈشىشىدىن ھاسىل بولغان پۇل پاخاللىقنى ئادەتتە پۇل پاخالسىزلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. پۇل پاخالسىزلىقى دەل پۇل پاخاللىقنىڭ قارشى يۈنىلىشتىكى مال باھاسى ئۆزگىرىشتۇر.

ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ 1989-يىلدىن 2023 يىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى ئىستىمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ قىممەتلىرى.
ئارگىنتىنادىكى پۇل پاخاللىقى نىسپتىى

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :پۇل پاخاللىقى, ئىنفىلاتسىيە


چەتئەلچە نامى :inflation

پۇل پاخاللىق ئىستىكى گىرافى.

ئېنىقلىمىسى[تەھرىرلەش]

بۇ يەردە ئېيتىلغان پۇل ئوبوروت قىلىنىۋاتقان پۇلنى كۆرسىتىدۇ. پۇل پاخاللىقى بولسا قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى تاۋار ئوبوروتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان پۇل پاخاللىشىش، مال باھاسى ئۆرلەپ كېتىشتەك ئىقتىسادىي ھادىسىدىن ئىبارەت.

پۇل پاخاللىقىدىن كېلىپ چىققان ئىچكى ئۇرۇش

پۇل پاخاللىقىنى ئىپادىلىرى[تەھرىرلەش]

تاۋار بازىرىدا باھانىڭ ئۆرلەپ-چۈشۈپ تۇرۇشى دائىم بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنى ئاساسلىقى تاۋار قىممىتى ۋە تەمىنلەش بىلەن تەلەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن، ئەگەر مەلۇم بىر مەزگىلدە مال باھاسى ئومۇميۈزلۈك مۇقىم ئۆرلىگەن بولسا، بۇنى تاۋارنىڭ قىممىتى ۋە تەمىنلەش بىلەن تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولماستىن، بەلكى پۇل پاخاللىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ.مۇئەييەن مەزگىلدە، تاۋار ئوبوروتى جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولغان پۇل مىقدارى تاۋار باھاسىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنى بىرلىك پۇلنىڭ ئوبوروت قېتىم سانىغا بۆلگەنگە باراۋەر كېلىدۇ. ئالتۇن، كۈمۈش پۇل ئوبوروتىغا قاتناشتۇرۇلغان شارائىتتا، ئەگەر ئوبوروت جەريانىدىكى پۇل مىقدارى تاۋار ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتسە، بىر قىسىم پۇل ئوبوروتتىن چېكىندۈرۈلۈپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئادەتتىكى ئىجتىمائىي بايلىق سۈپىتىدە ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئوبوروتتىكى پۇل مىقدارى تاۋار ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىدىن ئاز بولسا، ساقلاپ قويۇلغان پۇل ئوبروتقا قاتناشتۇرۇلىدۇ. مۇشۇنداق ئىستىخىيىلىك تەڭشەش ئارقىلىق، ئوبوروتتىكى پۇل مىقدارىنى تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى بىلەن ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن، قەغەز پۇلنىڭ ئوبوروت ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. قەغەز پۇلنىڭ ئۆزى قىممەتكە ئىگە ئەمەس، ئۇ پەقەت مەجبۇرىي ئوبوروتنىڭ قىممەت بەلگىسىدىنلا ئىبارەت، خالاس. ئومۇمەن ئېيتقاندا، قەغەز پۇلنى ئالتۇنغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ساقلاش ۋاسىتىسى قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ قانچىلىك قەغەز پۇل تارقىتىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئوبوروت ئىچىدە تۇرىدۇ. ئۇنداقتا، ئەگەر قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتسە، بىرلىك پۇل ۋەكىللىك قىلىدىغان قىممەت كىچىكلەيدۇ، يەنى پۇل پاخاللىشىدۇ. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاۋارنىڭ قىممىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، شۇڭا، پۇل پاخاللىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى تاۋارنىڭ باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ.

ئا ق ش ئەلبېشى جوۋ بايدېننىڭ پۇل پاخاللىقنى تۈۋەنلىتىش قانۇن لايىھەسىگە ئىمىزا قويۇش مۇراسىمى

مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر[تەھرىرلەش]

بىر دۆلەتتە، قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارىنىڭ تاۋار ئوبوروت ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ خىل بولىدۇ، بىراق ئاخىرقى نەتىجىسى يەنىلا مال باھاسى سەۋىيىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىشىدىنلا ئىبارەت. ئېغىر پۇل پاخاللىقى خەلق ئىگىلىكىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، چوقۇم تەدبىر قوللىنىپ، پۇل پاخاللىقىنى پەسەيتىش ۋە چەكلەش كېرەك.

دۇنيا پۇل فوندىغان ئەزا ئەللەرنىڭ 2023- يىللىق پۇل پاخاللىق نىسپىتنىڭ رەڭلىك كۆرۈنمە خەرىتىسى.

مەنبە: ئىزدە قامۇسى