چارلىس چاپلىن

ئورنى Wikipedia
چارلىس چاپلىن(يىلى نامەلۇم)

بارون چارلىس سىپىنسىر چاپىلىن 1889-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنگلىيە نىڭ پايتەختى لوندون نىڭ جەنۇبىدىكى بىر ۋىلايەتتىكى سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1977-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى شىۋېتسارىيە دە 88 يېشىدا ۋاپات بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چارلىس چاپلىن
باشقا نامى بارون چارلىس سىپىنسىر چاپىلىن
يۇرتى لوندون
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1977-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
كەسپى ئارتىس، رېژىسسور، ئويۇنچى

كومىدىيەچى.

مۇكاپات-نەتىجىلىرى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە 查尔斯·斯宾塞·卓别林
خەنچە قىسقارتىلما 查理·卓别林
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1889-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى
يۇلتۇز تۈركۈمى ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى
ۋەكىللىك ئەسىرى مودا دەۋرى
ئېنگلىزچە نامى Charlie Chaplin

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

چارلىس چاپلىننىڭ ئەڭ بىلىنگەن سۈرىتى

بارون چارلىس سىپىنسىر چاپىلىن دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگىليىلىك (ھەرگىزمۇ ئامىركىلىق ئەمەس، لىكىن كىنولىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئامىركىدا ئىشلەنگەن). 1889-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوننىڭ جەنۇبىدىكى بىر ۋىلايەتتىكى سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى سەنئەتكار بولۇپ، ئاكىسى شېدنىمۇ ئاتا-ئانىسىغا ئەگشىپ ئويۇن قۇيغان.

1894-يىلى 5 ياشلىق چارلىس ئاپىسىغا ئەگشىپ سەھنىگە ئويۇن قويغىلى چىققان. كىيىن ئاتا-ئانىسى ئاجىرشىپ كىتىپ، ئۇ ئۆگەي دادىسى سونى چاپىلننىڭ قىشىدا تۇرغان. 1896-يىلى ئانىسى ئىشسىز قالغاندىن كىيىن ئاكىسى بىلەن بىلەن لوندۇن لامبىس ئۆسمۈرلەرنى پاناھلاندۇرۇش ئورنىغا ئاپىرۋىتىلگەن. بىر نەچچە ھەپتىدىن كىيىن باشقا دارلىتامغا ئاپىرۋىتىلگەن.

چالىس چاپلىن 'بۇ بالا' فىلىمىدە

1900-يىلى ئاكسى ئۇنىڭ يازغان ئاۋازسىز دىراممىسىنى سەھنىدە ئويناپ ئۇتۇق قازانغان. 7 يىلدىن كىيىن ئۇ دارلىتامدىن ئايرىلىپ، رەسمىي سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان. ئۇ تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىپ باققان، تازلىق ئىشچىسى، ھاممال، مال توشۇغۇچى، كىيىم يۇيغۇچى، دوختۇر ياردەمچىسى، مىلىچ ماللار دوكىنىنىڭ قارا ئىشچىسى.......دىگەندەك، موشۇ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى چارلىسنىڭ كاللىسىغا قاتتىق ئورناپ كەتكەن. شۇڭا ئونىڭ فىلىملىردىن سەرگەردانلىق تۇرمۇش كارتىنىسى ئۆزۈلمەيدۇ. چارلىس 12 يېرىم ياش ۋاقتىدا دادىسى چارلى چاپلىن 37 يېشىدا ھاراقكەشلىكتىن ئۆلگەن، ئاپىسى نېرۋا كىسەل بولۇپ، ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرۋېتىلگەن (لىكىن بۇچاغدا ئاكا-ئۇكا ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى بېقىۋاتقان دادا باشقا، ئانا بىر ئىنىسى بارلىقىنى بىلمەيتتى. كىيىن بۇ ئىنىسى ھوللىۋودقا كىلىپ، چارلىسنىڭ سىتودىيسىدە ئىشلىگەن).

كەسپىى ھاياتى[تەھرىرلەش]

17 ياش ۋاقتىدا چارلىس شۇ چاغدىكى ئەڭ داڭلىق بولغان كارىنو سېرىك ئۆمىكىدە ئىشلىگەن. كارىنومۇ چارلىسنى كۈلكە دۇنياسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىغا باشلاپ كەلگەن.

1912-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى كارىنو سېرىك ئۆمىكى بىلەن ئامىرىكىغا بارغان. ھەمدە ئويۇن قۇيۇش جەريانىدا ئامىركىنىڭ داڭلىق رژىسسورى M سانات تەرپىدىن بايقىلىپ، 1914-يىلدىن باشلاپ كىنوچىلىق سەھنىسىگە قەدەم قويغان. ئۇ كىنو ساھەسىگە قەدەم قويۇپ نۇرغۇن كىنولارنى ئىشلەپ نام قازانغان. 1918-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى چارلىسنىڭ كىنو سىتودىيسى پۈتكەن.

1919-يىلدىن باشلاپ ئۆزى سىناريە يېزىپ، ئۆزى رېژىسورلۇق قىلىپ، ئۆزى رول ئېلىپ تېخىمۇ داڭىق چىقارغان. پۈتكۈل دۇنيا ئاۋازسىز كىنو ساھەسىدە چارلىس چاپلىننى تونىمايدىغان ئادەم قالمىغان. بايدىن تارتىپ نامراتقىچە، قېرىدىن ياشقىچە ئۇنىڭ كىنولىرىنىڭ بىلىتىنى ئۆچرەت تۇرۇپ تالشىپ كۆرىدىغان بولغان. ئو مۇشۇ مەزگىللەردە 80دىن ئارتۇق فىلىم ئىشلىگەن.

ئۇنىڭ ئۆزى كىنو ئىشلىگەن ۋاقتى دەل 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقان ۋاقىت بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ئۇنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىنى قىزىتىۋەتكەن. ئۇمۇ تەرەققى قىلغان. بىراق ئۇ 1936-يىلى ئىشلىگەن «مودا دەۋرى» فىلىمى ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چىشىغا تىگىپ قويۇپ، فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارسىFBI تەرپىدىن مەخپى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. چۈنكى بۇ فىلىمدە كاپىتالىستلارنىڭ ئىشچىلارنى قاتتىق ئەزگەنلىكى قاتتىق مەسخىرە قىلىنغان. مۇشۇ ۋاقىتتا ئامىرىكا ھۆكۈمىتى ئۇ ئىشلىگەن «فاندۇر ئەپەندى» ناملىق فىلىمنى چەكلىگەن.

1947-يىلى 12-ئايدا چارلىس پارىژ گېزىتىدە مەن ھوللىۋودقا جەڭ ئېلان قىلىمەن دەپ ماقالە يېزىپ، ئۆزنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ئەھۋالىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئېلان قىلغان.

1952-يىلى 9-ئايدا چارلىس يېڭى فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەپەرگە تەييارلىق قىلۋاتقاندا ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ چىگىرىدىن كىرىش ئىلتىماسىنى رەت قىلغانلىقىنى رادىئودىن ئاڭلايدۇ. ئۇ فىرانسىيدە 100دىن ئارتۇق مۇخبىر قاتناشقان سورۇندا: مىنىڭ ئېتقادىم ئەركىنلىك، مەن ھەممە ئادەم ئۈچۈن، مىنىڭ سىياسى كۆز قارىشىم ئىنقىلاپ قىلىش ئەمەس ئەكسىچە فىلىم ئىشلەش دەيدۇ. 1953-يىلى ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئامىركىدىكى بارلىق پاي چەك، ئۆي قاتارلىق شەخسى بۇيۇملىرىنى سېتىپ، ھىساۋاتنى شىۋىتساريىگە يۆتكەيدۇ. چارلىسمۇ بۇندىن كىيىن ئامىركىغا بارماسلىق نىيتىگە كىلىدۇ ھەمدە شىۋىتساريىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

چارلىس چاپلىن 'دىكتاتور' فىلىمدە

1954-يىلى چارلىس چاپلىن بىلەن جوۋ ئېنلەي زۇڭلى بىلەن رىۋانادا كۆرۈشىدۇ، زۇڭلى ئۇنى جۇڭگو غا زىيارەتكە تەكلىپ قىلىدۇ. چارلىس جوۋ ئېنلەي زۇڭلىغا مەن 1936-يىلى شاڭخەيگە بارغان ئىدىم، ئۇچاغدا خەلىق ئازاپ ئىچىدە ئىكەن دەيدۇ. ئىككىسى ناھايتى قىزغىن پاراڭلىشىدۇ كىيىنكى ۋاقىتلاردا چارلىس چاپلىن ئامىرىكىغا بولغان كۆزقارشىنى ئۆزگەرتىدۇ. 1963-يىلى نىيۇ يورىكتا ئۆزىنىڭ كىنو بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ.

شەخسىي تۇرمۇشى[تەھرىرلەش]

1918-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 29 ياشلىق چارلىس بىلەن 16ياشلىق مېردېللىد خاللىس توي قىلغان. ئايالى كىنو ساھىسىدە نام چىقارغان.

1924-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى 36 ياشلىق  ياشلىق چارلىس بىلەن 16 ياشلىق ئارتىس لايتېر گېللى توي قىلغان (لايتېر گېللى بۇ چاغدا چارلىستىن ھامىلدار بۇلۇپ قالغان). ئايالى كىنو ساھىسىدە نام چىقارغان، ئىككى بالىلىق بولغان، كىيىن چارلىس بەكمۇ ئازاپ ئىچىدە ئايالدىن ئاجىرىشىپ كەتكەن. ئاجىرىشىش سوممىسى 825000 دوللار بولغان، بۇ ئاجىرشىش تۆلىمى چارلىسنىڭ چېچىنى ئاقارتىۋەتكەن. سوتنىڭ بۇقارارى چارلىسقا قارشى بىر مەيدان ھەركەتنى قوزغىغان.

1932-يىلدىن 1940-يىلغىچە چارلىس ئايال ئارتىس بارلىد  دىگېداد بىلەن قۇيۇق مۇناسۋەتتە بولغان، 1940-يىلى مەخپى توي قىلغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان، 1942-يىلى ئايرىلغاندىن كىيىن، چارلىس ئۇنىڭغىمۇ نۇرغۇن ئاجىرىشش تۆلىمى تۆلىگەن. كىيىن چارلىس يەنە بىر جەلىپكار ئارتىس جىن بارىي بىلەن يىقىن مۇناسۋەتتە بولغان.

چارلىس چاپلىن ھەيكىلى

1943-يىلى 5-ئايدا باررى چارلىستىن ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلىغان، بىراق قان تەكشۈرۈشتە چارلىسنىڭ بۇ بالا بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، سوت بۇ بالا 21 ياشقا كىرگۈچە ھەر ئايدا 75 دوللار بىرشىكە بۇيرىغان. 1943-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 54 ياشقا كىرگەن چارلىس ئوننا ئوننېر بىلەن توي قىلغان، ئوننانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ چارلىس بىلەن توي قىلىشغا قارشى تۇرغان. بىراق ئوننا بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان ۋە ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان، بىراق چارلىس ئۆلگەندىن كىيىن 14 يىل ئۆتۈپ ئوننا ھاراقكەشلىكتىن ئۆلۈپ كەتكەن.

شان-شەرەپلىرى[تەھرىرلەش]

1972-يىلى 83 ياشقا كىرگەن چارلىس چاپلىن ھوللىۋوددا تارختىن بۇيانقى چاۋاك ساداسى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئوسكار مۇكاپاتىنى تاپشۇرۋالىدۇ.

1975-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلزابىت 2 چارلىسقا بارۇنلۇق ئۇنۋانىنى بىرىدۇ (ئەسلىدە 1931-يىلى 1956-يىلى ئىككى قېتىم بەرمەكچى بولغان، بىراق ئامىرىكا بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى ئويلاپ بەرمىگەن).

ۋاپاتى[تەھرىرلەش]

چارلىس چاپلىن ئىستودىيەسى

1977-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى شىۋېتسارىيە دە 88 يېشىدا ۋاپات بولغان. شىۋىتساريىگە دەپنە قىلىنغان بولىسمۇ، ئۇنىڭ جەسىدىنى كىپەن ئوغىرلىرى ئوغىرلىماقچى بولغاندا قولغا چۈشىدۇ. كىيىن رىۋاناغا يۆتكىلىدۇ. چارلىسنى بەزلەر يەھۇدى دەيدۇ، لىكىن تاكى 1936-يىلغىچە چارلىس ئۆزىنى يەھۇدى دىمىگەن، لىكىن گېرمانىيە دە ناتسېستلار پارتىيسى تەختىكە چىقىپ يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىغاندىن كىيىن چارلىس ئۆزىنى يەھۇدى دەپ جاكارلايدۇ. ھەمدە گېتلىرۋە موسسولىننى مازاق قىلىدىغان كىنو چوڭ مۇستەبىتنى ئىشلەيدۇ. بىراق ئامىرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنى تاكى ئامىرىكا ھۆكۈمىتى گېرمانىيگە ئۇرۇش ئېلان قىلغۇچە ئۇنىڭ بۇ فىلىمنى قۇيۇشىغا يول قويمايدۇ.

باھا[تەھرىرلەش]

ئەنگلىيە نىڭ دۇنياۋى كومىدىيە چولپىنى شۇنداقلا داڭلىق ئۇرۇشقا قارشى زات. ئۇنىڭ ئىسمى ھەممە كىشىنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن(بولۇپمۇ ئۇنىڭ مودا دەۋرى دىگەن فىلىمى). ئۇ دۇنيا ئاۋازسىز فىلىم-كىنو تارخىدا تۇنجى كومدىيلىك كىنو ئىشلەپچىقىرىپ دۇنيانى كۈلكە ساھەسىگە باشلاپ كىرگەن داڭىلىق چولپان ۋە رېژىسسور، ئۇنىڭ ئامىرىكىنىڭ كىنو شەھىرى بولغان ھوللىۋودنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىرىگە قوشقان تۆھپىسىنى بوش چاغلاشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ھاسسىسى بىلەن ئۇنىڭ كەمزۇلى ۋە بەتىنكىسى شۇنداقلا ئۆردەككە ئوخشاش ئېغاڭلاپ مېڭىشى ئۇنىڭ ئەڭ زور بەلگىسى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇ نۇرغۇن فىلىملىرىدە ئۆزى سىناريە يېزىپ، ئۆزى رېژىسورلۇق قىلىپ، ئۆزى رول ئېلىپ كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان كاتتا شەخىستۇر.

مەنبە

  1. ئىزدە قامۇسى
  2. ئېنگلىزچە ۋىكىپىدىيە