چاشقان

ئورنى Wikipedia
چاشقان (چاشقان باي)

چاشقان، سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى، غاجىلىغۇچىلار ئەترىتى، چاشقان ئائىلىسىگە تەۋە غاجىلىغۇچى ھايۋان.

ئۇيغۇرچە نامى چاشقان
ئىنگلىزچە نامى Muroidea
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى كەنجى ئەترىتى
تۈرى چاشقان
باشقا ئاتىلىشى سېسىق چاشقان، ئېتىز چاشقىنى، ئۆي چاشقىنى
ئەترەت غاجىلىغۇچىلار ئەترىتى
كەنجى ئائىلىسى چاشقان كەنجى ئائىلىسى
يېيىشكە ئامراق يېمەكلىكلەر خاسىڭ، گازىر، دانلىقلار، شال، تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىقلار
كۆرسەتكەن ئادەمگە تەسىرى كېسەل تارقىتىش، تۇرمۇش ئەرمەك ھايۋانى
كۆپ ئۇچرايدىغان رەڭگى كۈل رەڭ، ئاق رەڭ، قارا رەڭ
كۈشەندىسى مۈشۈك، يىلان، بۈركۈت، ئاغمىخان
خەنزۇچە ئاتىلىشى 老鼠
تارقالغان رايونلار ئانتراكتىدادىن باشقا، يەر شارىنىڭ ھەرقانداق يېرى. يۇندى يولى، تەرەتخانا، ئاشخانا، ئېتىز، چۆپلۈك، لەمپە
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى غاجىلىغۇچىلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى چاشقان ئۇرۇقدىشى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
كەنجى سىنىپى ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى
كەنجى ئەترىتى چاشقانسىمانلار كەنجى ئەترىتى
كەنجى تۈرى 450 نەچچە تۈر
ئۆمرى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە
پايدىسى دورا تەجرىبە ماتېرىيالى
تارىخى تەخمىنەن 47 مىليون يىل

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

نورۋىگىيەدىكى رەزگى چاشقانلار

چاشقان بولسا بىر خىل غاجىلىغۇچى ھايۋان. ھەرىكىتى چاققان، ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى ساندىكىلىرى ئوزۇقلۇق تاللىمايدۇ؛ تۈرلىرى كۆپ. چاشقاننىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا ھازىر 450 نەچچە تۈر بار. چاشقان بولسا ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئىپتىدائىي سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، سانى كۆپ ھەمدە كۆپىيىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، ماسلىشىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاساسەن ھەممە نەرسىنى يەيدۇ، ھەرقانداق جايدا ياشىيالايدۇ. چاشقان تۆشۈك تىشەلەيدۇ، دەرەخكە چىقالايدۇ؛ چۇما، تارقىلىشچان قاناش قىزىتمىسى، ئىلمەك ئۇچلۇق بۇرغىسىمان تەنچە كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى. لېكىن، چاشقان كىشىلەرنى سانسىز دورىلارنىڭ تەجرىبە سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

سىرتقى شەكلى[تەھرىرلەش]

بەدەن شەكلى كونۇسسىمان، ئوزۇق چىشى يوق، ئۇتتۇر چىش بىلەن ئالدىنقى ئېزىق چىش ۋە ئېزىق چىش ئارىسىدا بوشلۇق بار، چىشى تەرەققىي قىلغان، چىش يىلتىزى يوق، ئۆمۈر بويى ئۆسىدۇ.

تۈرى[تەھرىرلەش]

دۇنيادا تەخمىنەن 1700 خىلدىن ئارتۇق ئاشقان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدە تەخمىنەن 170 خىلدىن ئارتۇق چاشقان بار، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسلىق چاشقان تۈرى 33 خىل.

1.قوڭۇر چاشقان

2. كىچىك ئۆي چاشقىنى (كىچىك چاشقان)

3. ئۆگزە چاشقىنى، چوڭ ئامبار چاشقىنى، سېرىق مۈرە چاشقان قاتارلىقلار.

4. سېرىق تۆش چاشقان

5. قارا يوللۇق ئامبار چاشقىنى : كىچىك ئامبار چاشقىنى، تاغىل ئامبار چاشقىنى، قوۋۇزلۇق ئامبار چاشقىنى،  يوللۇق دۈمبە كىچىك ئامبار چاشقىنى.

بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلكى[تەھرىرلەش]

سەزگۈرلۈكى يۇقىرى[تەھرىرلەش]

پۇراش سېزىمىگە تايىنىپ نەدە نېمە بارلىقىنى بىلەلەيدۇ، كېچىسى چىقىپ ھەرىكەت قىلىپ ، كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ. ئەقلىي قابىلىيىتى يۇقىرى : خېلى زېرەك، ئىنتايىن جانلىق ھەم ھىيلىگەر، قورقۇنچاق، ئۇۋىسىدىن چىققاندا، ئىككى ئالدى پۇتىنى ئۇۋىسىدىن چىقىرىپ، ئوڭ-سولغا قاراپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن چىقىدۇ؛ ئۇ ئۇۋىسىنى يېمەكلىك، سۇ مەنبەسى بار يەرگە سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئازراق شەپە ياكى ئۆزگىرىش، ئۇنى ھوشيار ھالەتكە كەلتۈرىدۇ، ئالدىغا مېڭىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، تونۇش يول بىلەن ئارقىغا يانىدۇ؛ چاشقان ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئەستە ساقلاش ۋە ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، ھۇجۇم ئۇچرىغان يەرنى ئۇزۇن ۋاقىت ئېسىدە تۇتۇپ يېقىن يولىمايدۇ.

كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچار[تەھرىرلەش]

يېقىننى كۆرەلمەيدۇ، سېزىش بۇرۇتچىسى قالتىس يول باشلىغۇچى، تام ياقىلاپ چېپىپ بويلاپ يۈرىدۇ.

تۆشۈك تېشىش ئىقتىدارى[تەھرىرلەش]

دائىم بۇلۇڭ، تامغا، قۇربانلىق ئۆلچەم چەمبەر ، ئىسكىلات، ئاشخانىلارغا تۆشۈك تېشىپ ئۇۋا سېلىۋالىدۇ.

يامىشىش[تەھرىرلەش]

ئىنتايىن چاققان، يامىشىشىقا ماھىر، دەل-دەرەخلەر ياكى توك سىمىدا تېز ئۆمىلەپ ماڭالايدۇ. تىرنىقى ئېگىلىپ، ئالاھىدە گرادۇسى ھاسىل قىلىدۇ، شۇڭا ياماشقاندا خۇددى يەر يۈزىدە تىك ماڭغاندەك ماڭالايدۇ.

سۇ ئۈزۈشكە ماھىر[تەھرىرلەش]

چاشقان سۇ ئۈزۈش ماھىرى، چاشقان ئارقا پۇتى بىلەن سۇ ئۈزۈپ، ئالدى پۇت بىلەن يۆنىلىشنى كونترول قىلىدۇ، قۇيرۇقى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ چىدامچانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇلار ئۈچ كۈن ئۇدا سۇ ئۈزەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار سۇ ئاستىغا چۆكۈشتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، سۇ ئاستىدا تىنماي ئۈچ مىنۇت تۇرالايدۇ.

يمەكلىكى[تەھرىرلەش]

چاشقاننىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى بەك مۇرەككەپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كىشلەر يىگەن نەرسىلەرنى ئۇ يەۋېرىدۇ، كىسلاتالىق، تاتلىق، ئاچچىق، چۈچۈمەل نەرسىلەدىن قورقمايدۇ، لېكىن ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغىنى دانلىق زىرائەت تۈرىدىكىلەر، گازىر، خاسىڭ ۋە مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، يېتىلگەن بىر چاشقان بىر قېتىمدا ئىككى چاياننى يىيەلەيدۇ. بىر چاشقان بىر يىلدا  تەخمىنەن 9 كىلوگىرام ئاشلىق يەپ بولىدۇ. چاشقان ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا ماسلىشالايدۇ، شۇڭا ئۇ ئەڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان تۈر.

ياشاش مۇھىتىى[تەھرىرلەش]

چاشقان دائىم ئەۋرەز يولى، تەرەتخانا، ئاشخانا، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر دۆۋىسى قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ، باكتېرىيە ئېلىپ يۈرگۈچى سورۇن بىلەن پاكىز سورۇنى ئوتتۇرىسىدا ئۇياق-بۇياققا ھەرىكەت قىلىدۇ، پۇتى، بەدەن تۈكى ۋە ئاشقازىنىدا ئېلىپ يۈرۈيدىغان ماددىلار ئارقىلىق كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنى يۇقتۇرىدۇ. مەسلەن، چولا ۋىرۇسى (ياۋروپادا قارا ۋابا دەپمۇ ئاتىلىدۇ).

كۆپىتىشى[تەھرىرلەش]

كىچىك چاشقان بالدۇر يېتىلىدۇ، كۆپىيىش مەزگىلىدە ھاشارات بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان بولۇپ، بالىلىرىنىمۇ ھاشارات بىلەن باقىدۇ، ئۆمرى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان چاشقان بالىسىنىڭ پۈتۈن بەدىنى تۈكسىز، ئىچ-ئىچىدىن گۆش رەڭ، ئىككى كۆزى ئېچىلمىغان، ئىككى قۇلىقى تېرىسىگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ. بىر ھەپتىلىك بولغاندا ئۆمىلەيدۇ، 12 كۈنلۈك بولغاندا كۆزى ئېچىلىدۇ.

ئىنسانلاردىن باشقا ، چاشقان سۈت ئەمگۈچىلەر ئىچىدىكى ۋە كۆپىيىشى ئەڭ تېز ھەم ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تۈر. ھەر يىلى كۆپ بولغاندا سەككىز قېتىم بوغاز بولىدۇ، ھەر قېتىمدا 7-4 گىچە كىچىك چاشقان تۇغىدۇ.

ھازىرقى ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

تۈر توپىنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى گېئومېتىرىك پروگرېسسىيە بويىچە ھەسسىلەپ ئاشقان، لېكىن ئەمەلىيەتتە تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئېشىش سۈرئىتى چەكلىك، زىچلىقى مۇھىتنىڭ سىغدۇرۇش مىقدارى چېكىگە يەتكەندە، ئېشىش سۈرئىتى 0 ئەتراپىدا داۋالغۇيدۇ. چاشقان ئاپىتىنى تۈزەشتىكى ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا، دەل سىغدۇرۇش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش. ئىنسانلار باشقۇرمىغان ئەھۋالدىمۇ، چاشقان سانىدا  پەسىللىك ھەم يىللىق ئۆزگىرىش بار. ئوخشاش بولمىغان چاشقان تۈرىلىرىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسىدىكى پەرق بىر قەدەر چوڭ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى