چۆچۈرە

ئورنى Wikipedia

چۆچۈرە چۆچۈرە - ئۇيغۇر تائاملىرى ئىچىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، قۇۋۋەتلىك تائاملىرىدىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . چۆچۈرىگە چىڭ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ . 500 گىرام ئۇنغا 300 گىرام سۇ ، بىر تۇىۇم ، بىر ئاش قوشۇق تۇز سېلىنىدۇ . ئاندىن يۇغۇرۇپ ياخشى چەيلەپ تىندۇرۇمىز . خېمىر ئوبدان تىندۇرغاندا پاكىز يول لۆڭگە بىلەن مەخسۇس ئىشلىتىدىغان قەغەزگە يوگەپ قويسا ياخشى بولىدۇ . ئاندىن ئۇنى زۇۋۇلا قىلىپ ، قولىمىزدا ياپلاقلاپ نوغۇش بىلەن يېيىپ ، ئوڭ ۋە تەتۇر دەستە قىلىپ قاتلاپ كېسىپ جىلتە تەييارلايمىز . ھەر بىر جىلتىگە بىر چاي قوشۇقتا قىيما سېلىپ تۇخۇم سېرىقى چوڭلىقىدا چۆچۈرە تۇگىمىز .

سېمىز قوي گوشىدىن بىر كىلوگىرام ئۇششاق توغراپ ، 200 گىرام پىيازنى ئاۋال ياپىلاقلاپ ، ئاندىن گوشكە ئارلاشتۇرۇپ ، ئازراق سۇ چېچىپ دەملەپ تۇرۇپ چاچقۇ بىلەن ئۇششاق چانايمىز . ئاندىن تېتىغۇدەك شاكاراپ ، قارىمۇچ ، كاكاۋىچىن سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلاپ ئۇنىڭدىن چۆچۇرە تۈگۈشكە باشلايمىز .

چۆچۈرە تۇرلىرى :

1.چۆچۈرە

2.ياۋا زىرە كۆكى چۆچۈرىسى

3.قورىما شورپىلىق چۆچۈرە

4.شورپىلىق چۆچۈرە

5.زۇۋۇلا چۆچۈرە

6.ماي چۆچۈرىسى

7.كۆك چۆچۈرىسى

8.پۆرە چۆچۈرىسى

9.سۈزمە چۆچۈرىسى

10.قايماق چۆچۈرە

11.قورۇما چۆچۈرە

12.تۇخۇم چۆچۈرىسى

13.سۇ چۆچۈرىسى

14.ئۆگرا چۆچۈرە

15.مۇندەك(قۇمقازان چۆچۈرىسى)

16.ئەرۋاھ ئېشى (ياد ئېتىش تامىقى)

17.بولدونى(ئۈزۈم چۆچۈرىسى)

18.مېغىز چۆچۈرىسى

19.قىزىلبۇداش چۆچۈرىسى

20.يالپۇز چۆچۈرىسى

21.لويلا چۆچۈرىسى

22.پىننە چۆچۈرىسى

23.قوناق ئۇنى چۆچۈرىسى

24.جىگەر چۆچۈرىسى

25.موندىلەك

پايدىلانغان ماتېرياللار:

1. ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى (شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى. 2007-يىل 6-ئاي 1-نەشىرى)