چۈچۈك خانىم

ئورنى Wikipedia

چۈچۈك خانىم (؟ - ؟) سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننىڭ خانىمى، ياركەند خانلىقى ئۈچىنچى سۇلتانى سۇلتان ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئانىسىدۇر. ئاتىسى قازاق تۆرىلەردىن، ئانىسى سۇلتان ئەھمەدخان (ئالاچى خان)نىڭ قىزى، سۇلتان سەئىدخاننىڭ قىز قېرىندىشى ئىدى[1].

چۈچۈك خانىم ناھايىتى زاھىدە ۋە ئابىدە، سالىمە ۋە كېڭەشلىك كىشى ئىدى[1].

چۈچۈك خانىم سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننىڭ ئابدۇللەتىف، ئابدۇلكەرىم، ئابدۇررەھىم، ئىبراھىم (سۇفى سۇلتان)، مۇھەممەد ۋە ئەبۇ سەئىد قاتارلىق ئالتە ئوغلىنىڭ ئانىسىدۇر[1].

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. 1.0 1.1 1.2 موللا مىر سالىھ كاشغەرى، چىڭگىزنامە، 105 - بەت