سۇلتان ئابدۇررەشىدخان
سۇلتان ئابدۇررەشىدخان | |||||
---|---|---|---|---|---|
سەلتەنىتى | مىلادى 1533 - 1560 | ||||
ئالدىنقى ھۆكۈمدار | سۇلتان سەئىدخان | ||||
كېيىنكى ھۆكۈمدار | سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان | ||||
تۇغۇلۇشى | ھ. 914 / م. 1508 | ||||
ئۆلۈمى | ھ. 968 / م. 1560 | ||||
جۆرە(لەر) | مەلىكە ئاماننىساخان | ||||
بالا(لىرى) | سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان | ||||
دىنى | ئىسلام | ||||
مەقبەرىسى | يەركەن خانلىقى مازىرى |
سۇلتان ئابدۇررەشىدخان (ئۇيغۇر لاتىن: Abdurashid Xan، كرىل ئۇيغۇر: Абдурәшид Хан) ھىجرى 914 - 968 / مىلادى 1508 - 1560 - يىللار ئارىسى ياشىغان، تۇغلۇق تۆمۈرخان (1347 - 1363) پۇشتىدىن بولۇپ، ياركەند سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى. سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئوغلى. ھ. 939 (م. 1533) - يىلى سۇلتان سەئىدخان تىبەت (ئۇرساڭ) بۇددىستلىرىغا قارشى ئىسلام ئېچىپ سەپەردە كېسەل سەۋەبىدىن (نەپەس يېتىشمەسلىك) 1533 - يىلى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ياركەند خانلىقىنىڭ تەختكە چىققان.
سۇلتان ئابدۇررەشىدخان شېئىرىيەتكىمۇ ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، تەخەللۇسى رەشىدى ئېرۇر.
ھاياتى
[تەھرىرلەش]1538 - يىلى سۇلتان ئابدۇررەشىدخان 1533 - 1539 - يىللار ئارىسى بۇخارا خانلىقى تەختىدە ئولتۇرغان سۇلتان ئۇبەيدۇللاھخان بىلەن بىر تىنچلىق كېلىشىمى تۈزىدۇ. بۇ دەۋردە مەشھۇر نەقشىبەندىي سۇپى رەھبەر ئەھمەد كاسانىي سەمەرقەندتىن كاشغەرگە كېلىدۇ.
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان سۇلتان سەئىدخاندەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر سەلتەنەت سۈرەلمىگەن. ئۇنىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرىستان دەپ ئاتالغان بۇگۈنكى تۇرپان ۋە تۇرپاننىڭ شەرقى، تۇرپاننىڭ شىمالىدىكى رايونلار بىلەن ئالتىشەھەر دەپ ئاتالغان يەركەند، كاشغەر، يېڭىھىسار، خوتەن، ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپان قاتارلىق غەربىي شەھەرلەر ئارىسىدىكى ئۈستۈنلۈك تالىشىش كۈچىيىپ دۈشمەنلىشىشكە ئايلانغان.
ئۆز ۋاقتىدا موڭغۇل دالاسىدا ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ زەئىپلەشكەن، جان تالىشىۋاتقان مىڭ سۇلالىسى زېمىنلىرىغا ۋە شەرقىي تۈركىستانغا كۆز تىكمەكتە بولغان جۇڭغار قالماقلىرى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىچكى نىزالىرىدىن پايدىلىنىپ پات - پات شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان.
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئاددىي دېھقان قىزى ئاماننىساخان بىلەن 1540 - يىلى توي قىلغان. ئۇنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى شائىرە ۋە مۇقامچى مەلىكە ئاماننىساخان باشچىلىقىدا توپلانغان. شۇنداقلا مەلىكە ئاماننىساخان ئۆزى «دىۋانى نەفىسە»، «ئىشرەت ئەنگىز» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.
ئۇنىڭ دەۋىرىدىشى بولغان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان (دۇغلاتى) كەشمىردە تۇرۇپ چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەرق غەرب ئىككىگە پارچىلىنىشتىن بۇرۇنقى (1347 - 1541) ئارىسى 200 يىللىق تارىخىنى قەلەمگە ئېلىپ «تارىخىي رەشىدىي» نامىدا بىر ئەسەر تەسنىف قىلغان.
ۋاپاتى
[تەھرىرلەش]سۇلتان ئابدۇررەشىدخان ئەل ئارىسىدا خۇپيانە كېزىشنى ياخشى كۆرەتتى. مەلىكە ئاماننىساخان بىلەنمۇ بىر قېتىملىق خەلق ئارىسىدا كېزىش جەريانىدا تونۇشقان.
ھىجرى 968 - يىلى (مىلادى 1559-1560) ئەتراپىدا ئۈچىنچى قېتىم يۇرت ئارىلاپ كېزىۋاتقاندا خوتەندە ۋاپات بولغان. شۇ چاغدا تەخمىنەن 52 ياشتا ئىدى.
كىشىلىكى
[تەھرىرلەش]سۇلتان ئابدۇررەشىدخان ئاتاقلىق دۆلەت ئەربابى، مۇتەپەككۇر، مۇزىكانت بولۇپلا قالماي، بەلكى پاساھەت ۋە بەلاغەتتە ئۆز دەۋرىنىڭ يېگانىسى ئىدى. ئۇ «رەشىدى» تەخەللۇسى بىلەن ھەم تۈركىي ھەم فارسىي تىللاردا ئاجايىب لىرىك، ئاجايىپ پاساھەتلىك شىئېرلارنى يازغان.[1]
بەزى تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە «رەشىدى» ئۆزىنىڭ شېئىرلىردىن بىر دىۋان تۈزگەندۇر. ئەپسۇسكى، بۇ دىۋان ھازىرغىچە تېپىلمىدى. «تارىخىي رەشىدى» (زەيلى) دە سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننىڭ تۆرت پارچە شىئېرى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. بۇنىڭ ئۈچىسى غەزەل بىرى رۇبائىدۇر.[2]
غەزەل
[تەھرىرلەش]ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامگە ئاتاپ يازغان تۆۋەندىكى غەزىلىدىن تىلىنىڭ نەقەدەر پاساھەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر.
پەيغەمبەرلىككە تا قىلدىڭ جاھان ئەھلى ئارا داەئۋا،
بۇ دەئۋاغە دېدىلەر بارچە: «ئامەننا ۋە سەددەقنا».
بۇرۇن زاتىڭنى ھەق ئۆز نۇرىدىن پەيدا قىلىپ ئەردى،
سەبەب دۇنياغا كەلمەككە بولدى ئادەمۇ ھەۋۋا.
تۈفەيلىڭدۇر بەنى ئادەم، نە ئادەم، بەلكى ئالەم ھەم،
تاپىلماس ئىككى ئالەمدە سۋنىڭدەك گەۋھەرى يەكتا.
....[3]
ئائىلىسى
[تەھرىرلەش]خانىش:
[تەھرىرلەش]توقال:
[تەھرىرلەش]ئوغۇللىرى:
[تەھرىرلەش]- ئابدۇللەتىف سۇلتان
- سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان (1560 - 1591)
- ئابدۇرەھىمخان (18 يېشىدا قايتىش بولغان)
- ئىبراھىم سۇلتان (سوپى سۇلتان)
- مۇھەممەخان
- ئەبۇ سەئىد سۇلتان
- قۇرەيىش سۇلتان
- شاھ مۇھەممەد سۇلتان
- ئابدۇللاھ سۇلتان
- يۇنۇس سۇلتان
- ئابدۇرەھىم سۇلتان (تۇرفان ۋالىيسى 1595-1640)