چېن يەنشياڭ

ئورنى Wikipedia
چېن يەنشياڭ
(陳彥祥 (Chén Yànxiáng
يۇرتىجاۋا ئارىلى


چېن يەنشياڭ (خەنچە: 陳彥祥 Chén Yànxiáng يىل: 1394―1412) تېگى خىتاي سودىگەر، ئېھتىمال جاۋا ئارىلىدا ياشىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ 1394 - يىلىدىن 1412 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا چاۋشىيەن خانلىقى ۋە ياپونىيەنىڭ مۇروماچىنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ ھاياتىغا دائىر بىردىنبىر مەنبە كورېيە «جوسېئون ھەقىقىي خاتىرىلىرى»دۇر. بۇنىڭدىن «ئالاھىدە رەڭدار كەسىپ»نى كۆرگىلى بولىدۇ [1].

چېن يەنشياڭ تۇنجى قېتىم 1394 - يىلدىكى «ھەقىقىي خاتىرىلەر»دە قەيت قىلىنغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ تايلاندنىڭ ئايۇتتايا خانلىقىدىكى جۇڭگولۇق سودىگەر بىلەن بىللە چاۋشىيەن خانلىقى ئاسترونومىيە ئىدارىسىگە ئەۋەتىلگەن. مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ ئۇ كورېيەدىن ئايرىلغان. ئۇ 1406 - يىلى ئاجايىب قۇشلار، قارامۇرچ ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا ماللار بىلەن كورېيەگە قايتىپ كېلىپ، - ھېچقانداق گۇۋاھنامىسى يوق ھالدا- ئۆزىنى جاۋا پادىشاھىنىڭ باش ئەلچىسى دەپ تونۇشتۇرغان. چېن يەنشياڭ، چاۋشيەن دېڭىز قىرغاقلىرى سىرتىدا، ياپونىيە دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن، ئېھتىمال تۇشىما ئارىلىنىڭ داميوسى شوغۇن ئاشىكاگا يوشىموچى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، پۈتۈن يۈكلىرىنى يوقىتىپ قويغان. ئۇ ئاخىرىدا چاۋشيەن پادىشاھى تەيجوڭ ۋە «ياپونىيە پادىشاھى» تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان كېيىن جاۋا ئارىلىغا قايتقان. چېن يەنشياڭ، 1411 - يىلى ياپونىيەگە جاۋان سارىيى بەرگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەسمىي ئۇنۋان بىلەن قايتا كەلگەن. ئۇ نەۋرىسىنى چاۋشيەن ئوردىسىغا سوۋغات بېرىشكە ئەۋەتىپ، ئۆزى ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيەنىڭ پايتەختى كىيوتودا زىيارەتتە بولغان. 1412 - يىلى ، ئۇنىڭ نەۋرىسى چاۋشيەن ھۆكۈمىتىدىن جاۋاغا قايتىشتا دېڭىز ئوردۇسىنىڭ قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان. كورېيە ھۆكۈمىتى رەت قىلىدۇ. چېن يەنشىاڭ شۇنىڭدىن كېيىن تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇ ھىندونېزىيەدىن كەلگەن كورىيە خان جەمەتىنى زىيارەت قىلغانلىقى بىلىنگەن بىردىنبىر كىشى[2].

مەنبە[تەھرىرلەش]

[1] Reid, Anthony (1992). "The Rise and Fall of Sino-Javanese Shipping". In Houben, V.J.H.; Maier, H.M.J.; Van der Molen, W. (eds.). Looking in Odd Mirrors: The Java Sea. Leiden, The Netherlands: Leiden University Department of Southeast Asian Studies. pp. 177–211. ISBN 9789073084063. Retrieved 6 August 2020. بەت 186

[2] Cho, Hung-guk (2009). Han'guk-gwa Dongnam Asia-ui Gyoryusa 한국과 동남아시아의 교류사 [History of Exchanges between Korea and Southeast Asia] (in Korean). Seoul, South Korea: Sonamu. ISBN 978-89-7139-557-8. بەت 166