گۈلبوغۇن

ئورنى Wikipedia
گۈلبوغۇن

گۈلبوغۇن(خەنزۇچە: 益母草) كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يارماقگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛

سىرتقى شەكىلى[تەھرىرلەش]

گۈلبوغۇن كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يارماقگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، تۆت قىرلىق؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى يۇمىلاق تۇخۇمسىمان، گىرۋەكلىرىدە رەتسىز يېرىقچىلار بولىدۇ، يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى شىنىسىمان، ئۈچكە چوڭقۇر يېرىلغان، يېرىقچە يوپۇرماقلىرى تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈلى كالپۇك شەكىللىك، رەڭگى سۇس سۆسۈن قىزىل، يۇمشاق ئاق تۈكلۈك كېلىدۇ، گۈللىرى غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىغا توپلىشىپ ئۆسكەن ئايلانما گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ مېۋىسى كىچىك، قاتتىق مېۋە، شەكلى ئۈچ قىرلىق، رەڭگى كۈل رەڭ قوڭۇر

ئۆسۈش خۇسۇسىيىتى [تەھرىرلەش]

گۈلبوغۇن ئىللىق ۋە نەمخۇش مۇھىتنى خالايدۇ، قۇياش نۇرىنى ياخشى كۆرىدۇ، يوپۇرماق شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تاختا يوپۇرماقلىق ۋە گۈللۈك يوپۇرماقلىق دەپ ئايرىلىدۇ، ئادەتتە تۇپراق ۋە قاقاس تۆپىلىكتە بىر قەدەر مۇنبەت، ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق تۇپرىقى ياخشى، سۇ شارائىتى يېتەرلىك مۇھىتتا ياخشى بولىدۇ. ئەمما سۇ يىغىلىش، ھۆلچىلىكتىن قورقىدۇ. كۆپ خىل مۇھىتتا يەنى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3400 مېتىرغا يېتىدىغان مۇھىتلاردىمۇ ئۆسەلەيدۇ. ياۋا بوز يەر، يول ياقىسى، ئېتىز قىرى، تاغ قاپتىلىدىكى ئوتلاقلاردا، دەريا بويى، قۇياشقا يېقىن بولغان جايلاردا ئۆسىدۇ.

تارقىلىش ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

گۈلبوغۇن جۇڭگو، رۇسىيە، چاۋشيەن، ياپونىيە؛ ئىسسىق بەلباغ رايونلاردىن ئاسىيا قىتئەسى، ئافرىقا قىتئەسى ھەمدە ئامېرىكنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقالغان.