Jump to content

ھېقىق ساھىلى

ئورنى Wikipedia

ھېقىق ساھىلى بارىكۆل ناھىيەسى سەنتاڭخۇ يېزىسى نىڭ شەرقىگە تەخمىنەن 95 كىلومېتىر كېلىدىغان شىمالى كۆل تەرەپتىكى ئېدىرلىق ۋە چۆللۈك بەلبېغىغا جايلاشقان، بارىكۆل ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 175 كىلومېتىر. ناھىيە بازىرىدىن قوتان كۆلىگە بارىدىغان يولدا، 240 چاقىرىم چۆللۈك تاشقى قىسم رايونى ۋە مۇھىتى ئىنتايىن ئېنىق ئايرىلغان، مەنزىرىسى ئالاھىدە.

چۈنكى كۆز يەتكۈسىز چۆللۈككە نۇرغۇن ھېقىق چېچىلىپ تۇرىدۇ، سۈزۈك ھېقىقلار قۇياش تەرىپىدىن نۇر چېچىپ پارقىراپ تۇرىدۇ، ئون نەچچە كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ھېقىق ساھىلى ھېقىق سانىنىڭ كۆپلۈكى، كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتە ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، قىزىل، سېرىق، ئاق، سۈر، قارا رەڭلىكلىرى بار. ئەڭ چوڭى 6 كىلوگرام ئەتراپىدا، كىچىكلىرى ئادەمنىڭ مۇشتىدەك چوڭلۇقتا، بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر ئۆزىنى خۇددى ياقۇت دۆۋىسىگە چۈشۈپ قالغاندەك ھېس قىلىشىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]