ۋاسىلىي ۋاسىليېۋىچ گرىگورىيېف

ئورنى Wikipedia
ۋاسىلىي ۋاسىليېۋچ گرىگوريېف
تۇغۇلغان ۋاقتى1816 - 03 - 17

ۋاسىلىي ۋاسىليېۋىچ گرىگوريېف (رۇسچە:Васи́лий Васи́льевич Григо́рьев؛ م. 1816 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - ياكى 27 - كۈنى، سانكت - پېتېربۇرگتا توغۇلۇپ، م. 1881 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19 - ياكى 31 - كۈنى پاۋلوۋوسكتا ئۆلگەن) بىر رۇس شەرقشۇناس ۋە ئارخېئولوگ.

1834 - يىلى سانت پېتىربۇرگ شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. شۇ يىلى خاندەمىرنىڭ «خۇلاسەتۇل ئەخبار» ناملىق ئەسىرى ئاساسىدا يېزىلغان تۇنجى ئەسىرى «موڭغۇللارنىڭ تارىخى» نى ئېلان قىلغان. (ۋاسىلى گرىگوريېف «خۇلاسەتۇل ئەخبار»نى پارسچىدىن رۇسچىغا تەرجىمە قىلغان).

1853 - يىلى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇخبىر ئەزاسى.

1863 - يىلى شەرق ئەدەبىياتى دوكتورى.

80 — 1870 - ئارىسى سانت پېتىربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى.

1867-73 گېرمانىيە ئالىمى كارل رىتتېرنىڭ «يەرشارى ئىلمى» ناملىق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىلمىي سەۋىيەدە ئېلان قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغان.

سابىق چاررۇسىيە دەۋرىدە تۇنجى بولۇپ شەرق خەلقلىرى تارىخى بويىچە لېكسىيە سۆزلىگەن كىشى. ئورۇس تارىخچىلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان كىشىدۇر ۋە 200 گە يېقىن ئەسەرنىڭ مۇئەللىپىدۇر. تەتقىقات دائىرىسى ساكلار، يۇنان - باكترىيە پادىشاھلىقى، ئەرەب سەيياھ ئەبۇدۇلەفنىڭ ماۋەرائۇننەھر ساياھىتى، خىۋە، بۇخارا ۋە قوقەند خانلىقلىرىغا چېتىلىدۇ.

  • «شەرق تىللىرىدىن كەلگەن بۈيۈك رۇسچە كەلىمەلەر ھەققىدە»، سانكت - پېتېربۇرگ، 1854
  • «كابۇلستان ۋە كافىرىستان»، 1867
  • «شەرقىي تۈركىستان» (1869-يىل 1-توم ؛ 1873-يىل 2-توم)
  • «ساكالار ھەققىدە» (1871)
  • «بۇخارا، قوقەن ۋە قەشقەردىكى بەزى ۋەقەلەر ھەققىدە: مىرزا شەمسى بۇخاراينىڭ ئەسلىمىلىرى»، قازان 1861
  • جۇغراپىيە: رۇسىيە بىلەن چېگراداش ئاسيا ئەللىرى جۇغراپىيىسى، سانكت - پېتېربۇرگ، 1867

گىرىگورېف ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئاساسىي ئاھالىسى بولمىش تۈرك ۋە ئىران تىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخ، جۇغراپىيە، ئارخېئ‍ولوگىيە، ئېتنولوگىيە قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ماقالە ۋە رىسالىلەرنى يازغان («شەرقتىن كەلگەن رۇسچە سۆزلەر» (1854) ، «پايدىلىنىش ھەققىدە قىرغىز تىلىدىكى ئاۋازلارنىڭ رۇس ئېلىپبەسىگە »(1861) قاتارلىقلار).

گرىگورېف تۇنجى بولۇپ تاجىك تىلىنى ئۆگەنگەن ياۋروپا شەرقشۇناسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈلگىلىك مىساللار بىلەن رۇسچە سۆزلەيدىغان ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن تاجىك تىلى ۋە گرامماتىكىسىنى تونۇشتۇرغان.

ۋاسىلىي گىرىگورېف تەشۋىقاتچى-ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن ، روسىيەنىڭ مۇھىم تېمىلىرى ، بولۇپمۇ بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن مىرزا مالىك ، ئىزافاتى ماكلۇبا، سۇلتان مېندالى پىرالىيېۋ تەخەللۇسىدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە ماقالە يازغان ،

بەزى ئەسەرلىرى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇتمىسى بىلەن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان. .

گرىگوريېف ئىلمىي تەتقىقات بىلەن بىرگە 1844 - 1880 - يىللاردا تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىدە ئىشلىگەن، شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسيا خەلقلىرى ۋە قىرغىزلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورىنبۇرگ چېگرا كومىسىيەسى (63 — 1854) ۋە دۆلەت مەتبۇئات ئىشلىرى باش باشقارمىسى (80 — 1874) باشلىقلىقىنى ئاتقۇرغان. پۈتۈن كۈچى بىلەن چاررۇسىيەنىڭ ئالىي مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلغان[1].

1874 - يىلى تۇنجى قېتىم قاراخانىيلار سۇلالىسى دېگەن ئاتالغۇنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. OʻzME. 1 - جىلد، تاشكەنت، 2000
  • Григорев Василий Василевич // Вичлас — Гӯянда. — Д. : СИЭМТ, 2015. — (Энсиклопедияи Миллии Тоҷик : [тахм. 25 ҷ.] / сармуҳаррир Н. Амиршоҳӣ ; 2011—2021, ҷ. 4). — ISBN 978-99947-33-77-4.