Jump to content

ۋېن جياباۋ

ئورنى Wikipedia
ۋېن جىياباۋ

ۋېن جياباۋ 1942-يىلى 9-ئايدا تىيەنجىن شەھىرىدە تۇغۇلغان .1965-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن ، 1967-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان ،بېيجىڭ گېئولوگىيە ئىنستىتۇتى گېئولوگىيىلىك قۇرۇلما كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، ئۇقۇش تارىخى ئاسپىرانىت ئۇنۋانى ئىنژىنىر . ئۇ ئىلگىرى گوۋۇيۈەننىڭ باشلىقى ، پارتگۇرپپىسىنىڭ سېكىرتارى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

ئىسمى ۋېن جياباۋ
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1942-يىلى 9-ئاي
پۈتتۈرگەن مەكتىپى بېيجىڭ گېئولوگىيە ئىنستىتۇتى
خەنچە ئىسمى 温家宝
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى
تۇغۇلغان جايى تىيەنجىن شەھىرى

ھاياتى

[تەھرىرلەش]
باش مىنىستىر ۋېىن جىياباۋ

1979-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك گېئولوگىيە ئىدارىسىدا مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ، ئىنژىنىر بولغان .1981-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان .1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە گېئولوگىيە - كان مەھسۇلاتلىرى مىنىستىرلىكى سىياسەت ، قانۇن - نىزام تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان .1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە گېئولوگىيە - كان مەھسۇلاتلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى ، قوشۇمچە سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى بولغان .1985-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت غوجىدار ئىشخانىسىىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان .

1986-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت غوجىدار ئىشخانىسىىنىڭ مۇدىرى بولغان .

1987-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ كاندىدات سېكىرتارى ، قوشۇمچە مەركىزىي كومىتېت غوجىدار ئىشخانىسىىنىڭ مۇدىرى ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى بولغان .1992-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ سېكىرتارى ، مەركىزىي كومىتېت غوجىدار ئىشخانىسىىنىڭ مۇدىرى ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .

1993-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ،  مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ سېكىرتارى بولغان .1997-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ سېكىرتارى بولغان .1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ سېكىرتارى ، گوۋۇيۈەن مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەن مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى 2003-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى  2012-يىلى ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ، پارتگۇرپپىسىنىڭ سېكىرتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.(1)

مەنبە

[تەھرىرلەش]
  1. ئىزدە قامۇسى