Jump to content

ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ

ئورنى Wikipedia

ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺯﺍﺕ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﮬﻮﺷﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، <<ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﻮﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. <<ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯘ ﺯﺍﺗﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ . ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﮬﻮﺷﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 1912 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯜﮔﯜﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻮﻟﻼ ﮬﻮﺷﯘﺭ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﮬﺎﺟﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺕ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻨﻰ ﺑﯜﮔﯜﺭ ﯞﻩ ﻛﯘﭼﺎﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. 1932 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1934 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﯨﺮﯨﺴﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ، ھىندىستان، ﻣﻪﻛﻜﻪ، ﻣﯩﺴﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. ﻣﯩﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺯﮬﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﯨﺴﯩﺘﯧﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .

ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﮬﻮﺷﯘﺭ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺯﮬﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯩﺴﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﺳﺘﯘﻧﻠﯘﻙ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯩﺴﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﻓﺎﺭﯗﻕ ﺋﯘﻧﻰ: <<ﺳﻪﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻥ!>> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻣﺎﺧﺘﯩﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯘ <<ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ>>ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﺎﻻﻧﺖ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭ، ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﻪﯓ، ﻧﺎﺗﯩﻘﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺑﻪﺵ - ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ.

ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﯨﻦ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺷﯩﺠﺎﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯗﺷﻜﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ، ﺟﯘﯕﮕﻮ - ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﮬﯚﻛﯩﻤﯩﺘﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺷﯩﺠﺎﯓ ﯞﻩ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺷﯩﺠﺎﯓ 1944 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ .

ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. 1947 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘ، ﺗﯘﻗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯜﮔﯜﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ <<ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ>> ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺟﺎﯓ ﺟﯩﺠﯘﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﭗ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺳﻪﻧﻤﯩﻨﺠﯘﻳﻰ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ، ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﯘ، 1948 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛۈﺯﺩﻩ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﺎﮬﯩﯩﻴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . 1949 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 - ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮﺍ، ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺑﻪﮒ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯘﺩﺍﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﭽﯩﻼﺭ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺑﯜﮔﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ ﭼﯧﮕﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻛﯘﺭﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، 1950 - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﯘﺭﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻮﺗﻜﯩﮕﻪﻥ. 1952 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻧﻰ <<ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ>> ﺩﻩﭖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ

ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﻗﯘﻳﯩﺪﯗ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، 1947- ﻳﯩﻠﻰ 1- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯜﮔﯜﺭ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻳﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻫﯜﻛﯜﻣﻪﺕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺟﺎﯓ ﺟﯩﺠﻮﯓ، ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﭽﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﯩﻼﺭ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﯩﺒﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﯜﻟﯜﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﺳﻪﻥ ﻣﯩﻨﺠﯘﻳﻰ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯜﮔﯜﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﺧﯘﻱ (ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ) ﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ.

ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ھاﻳﺎﺗﯩﺪﺍ "ﺳﻪﺭ ﭘﯘﻝ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ"، "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﻪﺭﻓﻰ"، "ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ"، "ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻫﯘﺩﯗﺗﻠﯩﺮﻯ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

پايدىلانغان مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]
  1. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]