ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ئېلى

ئورنى Wikipedia

ئوسمان ئېلى (؟ - ؟) قىرغىز، ئۇلۇغچاتلىق. ياڭ زېڭىشىن ۋە جىن شۇرېن دەۋىرلىرىدە ئەسكەر بولغان، خىتايچە بىلەتتى. ئۇرۇش تەجرىبىسى كۆپ، ئاتلىق ئەسكەر كوماندىرى بولغان.

1933 - يىلىنىڭ بېشىدا قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ خىتايلارنى قوغلاپ چىقارغان. ما جەنساڭ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، قەشقەر كونا شەھەردىن چىقىشقا مەجبۇر بولغان. يېڭىلگەندىن كېيىن ئۇلۇغچات تاغلىرىغا قايتىدۇ. كېيىن قاقشالدا ھەرىكەت قىلىپ قايتا باش كۆتەرمەكچى بولىدۇ، ئەمما مەغلۇب بولۇپ قولغا چۈشۈپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن.