ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻣﻪﺳﯩﻤﻮﯞ

ئورنى Wikipedia
قازاقىستان سابىق باشۋەكىلى كەرىم مەسىموۋ

كەرىم مەسىموۋ (روسچە: карим масимов، تو. 1965- يىلى 15- ئىيۇن، ئاستانا. س س س ر) سابىق قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى باش مېنىستىرى. ئاتىسى: قەجىمقان قاسىموۋىچ مەسىموۋ، ئانىسى: ئېلنارە مەسىموۋ.

ئوقۇش تارىخى[تەھرىرلەش]

1982- يىلى سابىق سوۋىت قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالمۇتا شەھىرىدىكى فىزىكا ۋە ماتېماتىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، 1985- يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ موسكۇۋا شەھىرىدىكى خەلقئارا دوستلۇق ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئەرەب تىلى فىلولوگىيەسى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان. 1988- يىلى بېيجىڭ تىل ئۇنىۋېرسىتىتىدا خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن. 1991- يىلى ۋۇخەن ئەدلىيە ئۇنىۋىرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1995- يىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تەبىئي پەن ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد ۋە خەلقئارا قانۇن كەسپىدە ئوقۇپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كەرىم مەسىموۋ رۇس، ئىنگلىز، خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تىللىرىنى بىلىدۇ.

خىزمەت تارىخى[تەھرىرلەش]

كەرىم مەسىموۋ 1991- يىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

1992- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ۋە جۇڭگو شياڭگاڭ شەھىرىدە تاشقى ئىقتىساد سودا مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

1995- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالمۇتا شەھىرىدىكى سودا بانكىسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

1996- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، قازاقىستان «TuranAlem» بانكىسىنىڭ باشقارما باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن.

1997- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى خەلق بانكىسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

2000- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

2001- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

2003- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

2006- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، بىرلا ۋاقىتتا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

2007- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

2012- يىلى 24- سېنتەبىر كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭ مەمۇرىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ 2014- يىلىغىچە شۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان.

2014- يىلى 2-ئاپرىل كۈنىدىن باشلاپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ تەرىپىدىن ئىككىنچى قېتىم باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەن، 2016- يىل 9- ئاينىڭ 8- كۈنى قازاقىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايوف 9-چېسلا پىرېزىدېنت پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ كەرىم مەسىموۋنى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەن.[1]

قازاقىستان پارلامېتى قوش پالاتا (ماجىلىس - تۆۋەنكى ۋە سېنات - يۇقۇرقى پالاتا) سىنىڭ بىرلەشمە مۇزاكىرىسىدە بۈگۈن 41 ياشلىق كەرىم مەسىموۋنىڭ باش مىنىستېرلىك (زۇڭلىلىق) كە تەيىنلەنگەنلىگە قوشۇلدى. ئىككى كۈن ئىلگىرى ئەسلىدىكى باش مىنىستېر دانىيال ئاخمېتوۋ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىلغانىدى.

مەسىموۋنىڭ باش مىنىستېرلىكىنى تەستىقلاش ئۈچۈن بىرقانچە مىنۇتلا ۋاقىت كەتتى: كۈندۈزى سائەت 3 تە پارلامېت مۇزاكىرىسىگە قاتناشقان رەئىس جۇمھۇر (زۇڭتۇڭ) نۇرسۇلتان نازاربايېۋ پارلامېت ئەزالىرىغا كەرىم مەسىموۋنى باش مىنىستېر بولۇشقا تەۋسىيە قىلدى. جۇمھۇر رەئىس مۇنداق دېدى: "مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، كەرىم مەسىموۋنىڭ بىلىمى ۋە تەجىربىسى ۋەزىپىسىگە مۇناسىپ، ھەمدە يېڭى ھۆكۈمەت قازاقىستاننىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە تەرەقىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشى ھەققىدە پراگرامما تۈزۈپ چىقالايدۇ، ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، مەن ئوتتۇرىغا قويغان ستراتىگىيىلىك ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ "

ۋەزىپىگە تەيىنلەش رەسمىيەتلىرىدە كۆپ مۇزاكىرىەر بولۇنمىدى، پارلامېت ئەزالىرى يېڭى باش مىنىستېر ئۈچۈن بىردەك ئاۋاز بېرىشتى. مۇھاكىمىنىڭ كۆپ بولماسلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەپ تۈنۈگۈن پارلامېتتىكى رەئىس جۇمھۇرغا مايىل بولغان، پارلامېت ئەزالىرىنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان «Нур Отан», ( "نۇر ۋەتەن" ) پارتىيىسى كەرىم مەسىموۋنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

41 ياشلىق كەرىم مەسىموۋ قازاقىستان جۇمھۇريىتىنىڭ يەتتىنجى قېتىملىق باش مىنىستېرى بولۇپ قالدى، ھەمدە ئالدىنقى باش مىنىستېرلارغا قارىغاندا يېشى ئەڭ ياش باش مىنىستېردۇر. مىللىتى ئۇيغۇر، مەسىموۋ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئىنگىلىزچە،خەنزۇچە ۋە ئەرەب تىللىرىنى ئېگەللىگەن بولۇپ يەنە قازاقىستاندىكى داڭلىق جۇڭگوشۇناس (خەنزۇشۇناس) لارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. بۇرۇن قازاقىستاننىڭ سودا-تىجارەت بانكىسىنىڭ مەسئۇلى، جۇمھۇر رەئىس (زۇڭتۇڭ) ياردەمچىسى، قاتناش-ئالاقە مىنىستېرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. بىر يىل ئىلگىرىلا يەرلىك تەھلىلچىلەر كەرىم مەسىموۋنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىكى بىر مۇھىم ئەرباب بولۇپ قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان، دەرۋەقە مۇشۇ بىرنەچچە ئاي مابەينىدە ئۇنىڭ ئىشلىرى زور دەرىجىدە ئىلگىرلەپ، باش مىنىستېر بەسلىشىشىدە ئالدىنقى قاتاردىكى شەخس بولۇپ قالدى.

قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە كەرىم مەسىموۋ 10 كۈن ئىچىدە پارلامېتتا ئۆز ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى يېڭى مىنىستېرلارنىڭ نامزاتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ دەسلەپكى تەسىر كۈچى بار شەخىسلەر بەلگىلىنىپ بولۇنغان -- نۇرسۇلتان نازاربايېۋ سابىق باش مىنىستېر دانىيال ئاخمېتوۋنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتتە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستېرى بولۇشىنى تەۋسىيە قىلغان. ئاخمېتوۋمۇ قوشۇلغان، بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇكى، سابىق باش مىنىستېر ھەربىي ساھەدە تۈنجى پۇقرادىن چىققان مىنىستېر بولۇپ قالدى. بۇ سەۋەپلىك سابىق مۇداپىيە مىنىستېرى مۇختار ئالتىنبايېۋ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستېرىنىڭ ئورۇنباسارى (مۇئاۋىنى) شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇمھۇرىيەت قوراللىق كۈچلىرى شتاپلىرىنىڭ قوماندانلىرى كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىنبىر مۇئاۋىن باش مىنىستېرلىكىگە ئختىساد ۋە خامچوت پىلانى مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاقەت مىنىستېرى ئاسلان مۇسىن تەيىنلەندى. بۇ كىشىمۇ باش مىنىستېر بولماقچى بولغانلارنىڭ بىرى ئىدى. تەكىتلەش ھاجەتكى، دۆلەت باشچىسى (رەھبىرى) نىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستېر ۋە مۇداپىيە مىنىستېرىنى تەيىنلىشىدە، پارلامېتنىڭ مۇزاكىرىسى تەلەپ قىلىنمايدۇ.

كەرىم مەسىموۋنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەقسىدى مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلەش، مەمۇرىي ئىسلاھات، ئىختىسادىي قۇرۇلۇشنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، بولۇپمۇ خام ئەشياسىز ساھەدىكى قۇرۇلۇشنى سىلجىتىش. مۇھىمراق ۋەزىپىلەردىن بىرى قازاقىستاننى دۇنيادىكى رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئالدىنقى 50 مەملىكەتنىڭ بىرى قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. "ئوكيان تورى، 2016- 09-08 ئۇلانمىسى". Archived from the original on 2016-12-19. Retrieved 2016-11-24.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى