10. ئوغۇزنامە.
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن! ____________ «ئوغۇزنامە» دىن
“ئوغۇزنامە” داستانى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ بۈيۈك قەھرىمانلىق ئېپوسلىرنىڭ بىرى بولۇپ، قۇيۇق رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بۇ داستانغا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۈيۈك خاقانى بولمىش ئوغۇز قاغاننىڭ تۇغۇلۇش، چوڭ بولۇش، كۈرەش قىلىش، جاھاننى بوي سۇندۇرۇش تارىخى نەپىس ھىكەيەتلەر، تولىمۇ گۈزەل تىللار بىلەن، ئوبىرازلىق بايان قىلىنغان.
ئالىملار ئېيتىدۇر كى: «رىۋايەت تۇقۇلما بولغان بىلەن ئۇنىڭغا يۇشۇرۇنغان فولىكلور مەنبئەلىرى ھەرگىز توقۇلما ئەمەس، ئۇ شۇ رىۋايەت تەۋە بولغان مىللەتنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنىنى ئەكىس ئەتتۈرگۈچىدۇر.»
داستاننىڭ مەتنى (ئۇيغۇرچىلەشتۈرۈلگەن)
[تەھرىرلەش]
ئاشۇنداق بولسۇن دېيىشتى. ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق: (بۇقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان)، شۇندىن كېيىن شادلىققا مۇيەسسەر بولدى. بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۈزى يۇرىدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. ئوغۇلنىڭ يۈز- چىرايى كۆك ئېدى. ئاغزى چوغدەك قىزىل، كۆزلىرى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئېدى. ئۇ ھۆر پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئېدى. ئۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئېمىپلا ئىككىنچىلەپ ئانىسىنى ئەممىدى. خام گۆش، ئاش، مەي سورىدى، تىلى چىقىشقا باشلىدى. قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى، ماڭدى، ئوينىدى. ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۆرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك، پۈتۈن بەدىنىنى قۇيۇق تۈك باسقان ئىدى. ئۇ يىلقىلارغا قارايتتى، ئاتلارنى مىنەتتى، ئوۋ- ئوۋلايتتى، كۈنلەر ئۈتۈپ، تۈنلەر ئۈتۈپ ئۇ يىگىت بولدى. بۇ چاغدا ، بۇ يەردە، بىر چوڭ ئورمان بار ئىدى. ئۇنىڭدا كۆپ دەريا – ئېقىنلار بار ئىدى. ئۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئىدى، قۇشلار ئۇچۇپ يۈرىيتتى. بۇ ئورمان ئىچىدە چوڭ بىر قىئات بار ئىدى. ئۇ مال – چارۋا ۋە خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئىنتايىن ۋەھشى بىر ھايۋان ئىدى. ئۇ ئەل جامائەتكە زور جەبرى جاپا كەلتۈرگەن ئىدى. ئوغۇز خاقان بىر باتۇر ئادەم ئىدى. ئۇ بۇ قىئاتنى ئوۋلىماقچى بولدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئوۋغا چىقتى. نەيزە ئېلىپ، ئوقيا ئېلىپ، يەنە قىلىچ ئېلىپ، قالقان ئېلىپ ئاتلاندى. بىر بۇغا ئوۋلىدى، ئۇ بۇ بۇغىنى تالنىڭ چىۋىقى بىلەن دەرەخكە باغلاپ قويۇپ كەتتى، ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە كۆردىكى قىئات بۇغىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنە بىر ئېيىق ئوۋلاپ، ئۇنى ئالتۇن بەلبېغى بىلەن دەرەخكە باغلاپ قويۇپ كەتتى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە كۆردىكى قىئات ئېيىقنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ (ھېلىقى) دەرەخنىڭ تۈۋىدە تۇرغاندا قىئات كېلىپ بېشىنى ئوغۇزنىڭ قالقىنىغا ئۇردى. ئوغۇز نەيزىسىنى قىئاتنىڭ بېشىغا ئۇردى. ئۇنى ئۆلتۈردى. قىلىچ بىلەن بېشىنى كەستى. ئۇنى ئېلىپ كەتتى. ئۇ يەنە كەلگەندە كۆردىكى بىر شۇڭقار قىئاتنىڭ ئىچ – قارنىنى يەپ تۇرغان، ئۇ شۇڭقارنى ئوقيا بىلەن ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ بېشىنى كەستى، ئاندىن كىيىن ئۇ ئېيتتىكى :” قاراڭ، مانا بۇ شۇڭقارنىڭ تۇرقى (شۇڭقارنىڭ رەسىمى سىزىلغان)، قىئات بۇغا يېدى، ئېيىق يېدى، ئۇ گەرچە تۈمۈردەك قاتتىق بولسىمۇ نەيزەم ئۇنى ئۆلتۈردى. شۇڭقار قىئاتنى يېدى، ئۇ گەرچە شامالدەك تېز بولسىمۇ، ئوقيايىم ئاخىرى ئۇنى ئۆلتۈردى” سۆزلەپ بۇلۇپ كېتىپ قالدى، مانا بۇ قىئاتنىڭ تۇرقى ( قىئاتنىڭ رەسىمى سىزىلغان).
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇز خاقان بىر يەردە تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا ( ئەتىراپ) قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك يورۇق تۈشتى، ئۇ كۈندىنمۇ نۇرلۇقراق، ئايدىنمۇ يورۇقراق ئېدى. ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسا ئۇ يۇرۇقنىڭ ئىچىدە بىر قىز تەنھا ئولتۇرغان. ئۇ ساھىبجامال بىر قىز ئىدى. ئۇنىڭ پىشانىسىدە چوغدەك پارقىراق مېڭى بولۇپ خۇددى تۈمۈر قوزۇققا ئوخشايتتى. ئۇ قىز شۇنداق گۈزەل ئىدىكى، ئۇ كۈلسە تەڭرىمۇ كۈلەر ئىدى، يىغلىسا تەڭرىمۇ يىغلار ئىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە پۈتۈن بەدىنىنى تىترەك بېسىپ ھۇشىدىن كەتتى، ئۇنىڭغا كۈيۈپ قالدى، ئۇنى ئالدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتتى، تىلىكىگە يەتتى. ئۇ قىز ئىككى قات بولدى، كۈنلەر ئۆتۈپ ، تۈنلەر ئۆتۈپ ئۇنىڭ كۆزى يۇرىدى ، ئۈچ ئوغۇل تۇغدى. تۇنجىسىغا كۈن دەپ، ئوتتۇرانچىسىغا ئاي دەپ، كەنجىسىگە يۇلتۇز دەپ ئات قويدى.
بىر كۈنى ئوغۇز خاقان ئوۋغا چىقتى، ئالدىدىكى كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخنى كۆردى بۇ دەرەخنىڭ كاۋىكىدا بىر قىز تەنھا ئولتۇراتتى. ئۇ ئىنتايىن ساھىبجامال ئىدى. ئۇنىڭ كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆكرەك، چېچى سۇ ئېقىنىدەك، تىشى ئۈنچىدەك ئىدى. ئۇ شۇنداق ساھىبجامال قىز ئىدىكى يەر جاھاندىكى كىشىلەر ئۇنى كۆرسە ”ئاھ، ئاھ، جاننى ئالىدىكەن” دەرلەر ئىدى. سۈت قىمىزغا ئايلاندى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە ھۇشىدىن كەتتى. يۈرىكىگە ئوت تۈشتى، ئۇنىڭغا ئاشىق بولدى، ئۇنى ئالدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى، تىلىكىگە يەتتى. ئۇ قىز ئىككى قات بولدى، كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ يەڭگىدى. ئۈچ ئوغۇل تۇغدى. تۇنجىسىغا كۆك، ئوتتۇرانچىسىغا تاغ، كەنجىسىگە، دېڭىز دەپ ئات قويدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئوغۇز خاقان چوڭ توي بەردى. ئەل جامائەتنى تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كېلىپ قاتناشتى. قىرىق شىرە، قىرىق ئورۇندۇق ياساتتى، كۆپچىلىك تۈرلۈك نازۇ- نېمەتلەرنى يېيىشتى. تويدىن كىيىن ئوغۇز خاقان بەگلەرگە ۋە ئەل- جامائەتكە يارلىق چۈشۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان
كۆك بۆرى بولسۇن ھەم ئوران
تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان
ئوۋلۇقتا يۈرسۇن مال – ۋاران
ھەم ئاقسۇن دەريا – ئاقىن
قۇياش تۇغ بولسۇن
ئاسمان قورغان
ئۇنىڭدىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان تەرەپ – تەرەپكە يارلىق چىقاردى. مەكتۇپ يېزىپ ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. مەكتۇبتا مۇنداق دېدى:
”مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن. مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك، شۇڭا سىلەرنىڭ ماڭا بوي سۇنىشىڭلارنى سورايمەن، كىمكى مېنىڭ ئاغزىمغا باقسا، مەن ئۇنىڭغا تارتۇق تارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىمەن. كىمكى ئاغزىمغا باقمىسا، غەزەپ بىلەن لەشكەر تارتىپ ئۇنى ئۆزۈمگە دۈشمەن تۇتىمەن. لەشكەرلىرىم ھەممىلا يەردە سىلەرنى يۇقىتىدۇ”
بۇ چاغدا، ئوڭ تەرەپتە ئالتۇن خاقان دەيدىغان بىر خاقان بار ئىدى. بۇ ئالتۇن خاقان ئوغۇز خاقانغا ئەلچى ئەۋەتىپ نۇرغۇن ئالتۇن – كۆمۈش، نۇرغۇن ياقۇت، ئۈنچە- مەرۋايىتنى سوۋغا قىلىپ، ئوغۇز خاقانغا بېقىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ ياخشى بەگلىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئالتۇن خاقان بىلەن دوست بولدى.
سول تەرەپتە، ئۇرۇم ( رىم) دېگەن بىر خاقان بار ئىدى. ئۇ خاقاننىڭ لەشكەرلىرى ۋە شەھەرلىرى نۇرغۇن ئىدى. ئۇ ئۇرۇم خاقان ئوغۇز خاقاننىڭ يارلىقىنى قۇبۇل قىلمىدى. ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئالدىغا بارمىدى ”بۇ سۆزلەرگە پىسەنىت قىلمايمەن” دەپ يارلىققا بوي سۇنمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز خاقاننىڭ غەزىبى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئەسكەر چىقىرىشقا تەييارلاندى. شۇنىڭ بىلەن تۇغنى كۆتۈرۈپ ئەسكەرلىرنى باشلاپ ئاتلاندى. قىرىق كۈندىن كىيىن مۇزتاغ دېگەن تاغنىڭ باغرىغا يىتىپ كەلدى. چىدىر تىكىپ، شۈك بولۇپ ئۇخلاشتى. تاڭ سۈزۈلگەندە، ئوغۇز خاقاننىڭ چىدىرىغا كۈندەك بىر بىر يۇرۇق تۈشتى، بۇ يۇرۇق ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە چىقتى، بۇ بۆرە ئوغۇز خاقانغا مۇنداق دېدى:
”ئەي ئوغۇز، سەن ئۇرۇمغا ئەسكەر چىقارساڭ مەن ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭىمەن”
شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چىدىرلىرنى يىغىپ ئاتلاندى، قارىسا لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە يول باشلاپ مېڭىۋاتقان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆرىنىڭ كەينىدىن ئەرگىشىپ ئىلگىرلىدى.
بىر نەچچە كۈنىدن كېيىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرە يولدىن توختىدى. ئوغۇزنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن بىرگە توختىدى. ئۇ يەردە ئېتىل دېگەن بىر دەريا بار ئىدى. ئېتىل دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى قارا تاغ باغرىدا قاتتىق ئۇرۇش بولدى، ئىككى قۇشۇن ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ جىددى ئۇرۇش بولدى. ئۇرۇش ئەل جامائەتنىڭ كۆڭلىگە كۆپ قايغۇ سالدى، ئۇرۇش شۇنداق قاتتىق بولدىكى ئېتىل دەرياسىنىڭ سۈيى قىپقىزىل سىرغا ئايلاندى. ئۇغۇز خاقان يەڭدى. ئۇرۇم خاقان قاچتى. ئوغۇز خاقان ئۇرۇم خاقاننىڭ خاقانلىقىنى ئالدى، ئەل جامەئەتنى ئۆزىگە قاراتتى، نۇرغۇنلىغان جانسىز ۋە جانلىق غەنىمەتلەر ئوغۇز خاقاننىڭ ئوردىسىغا كىردى. ئۇرۇم خاقاننىڭ بىر قېرىندىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇرۇس بەگ ئىدى. ئۇرۇس بەگ ئوغلىنى تاغ بېشىغا جايلاشقان، ئەتىراپى چوڭقۇر خەندەك بىلەن ئورالغان شەھەرنى قوغداشقا ئەۋەتتى. ھەمدە ئوغلىغا: ”شەھەرنى قوغدىشىڭ كېرەك، ئۇرۇش باشلانغاندىن كىيىنمۇ شەھەرنى قوغداپ قېلىشىڭ كېرەك” دېدى. ئوغۇز خاقان ئاشۇ شەھەرگە ئاتلاندى، ئۇرۇس بەگنىڭ ئوغلى ئوغۇز خاقانغا نۇرغۇن ئالتۇن – كۈمۈش ئەكەلدى. ھەمدە : ”ئېخ، سەن مېنىڭ خاقانىمسەن! ئاتام بۇ شەھەرنى ماڭا بەرگەن، ھەمدە شەھەرنى قوغدىشىڭ كېرەك، ئۇرۇش باشلانغاندىن كىينمۇ شەھەرنى قوغداپ قېلىشىڭ كېرەك دېگەن. ئەگەر ئاتام خاپا بولۇپ قالسا، مېنىڭ ھالىم قانداق بولۇر؟ مەن سېنىڭ يارلىقىڭنى ئىجىرا قىلىشقا تەييارمەن، بىزنىڭ بەختىمىز سېنىڭ بەختىڭ، بىزنىڭ ئۇرۇغىمىز سېنىڭ دەرىخىڭنىڭ ئۇرۇقىدۇر، تەڭرى ساڭا پۈتۈن زېمىننى ئاتا قىلماقتا، مېنىڭ جىسمىم ھەم بەختىم ساڭا مەنسۇپ، مەن ساڭا تارتۇق تارتىپ تۇرۇپ، دوستلۇقتىن چىقمايمەن” دېدى. ئوغۇز خاقانغا يىگىتنىڭ سۆزى ياقىتى شادلىنىپ كۈلدى. ھەمدە : ”ماڭا كۆپ ئالتۇن تەغدىم قىلىپسەن، شەھەرنى ياخشى ساقلاپسەن“ دېدى. شۇڭا ئۇنىڭغا ”ساقلاپ” دەپ ئات قويدى. ئۇنىڭغا دوستلىق قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئوغۇز خاقان لەشكەرلىرى بىلەن بىللە ئېتىل دەرياسىغا كەلدى. ئېتىل دەرياسى چوڭ بىر دەريا ئىدى، ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرۈپ ئېيتتىكى: ”ئېتىلنىڭ سۈيىدىن قانداق ئۈتەرمىز؟” لەشكەرلەر ئىچىدە ئولۇس ئوردابەگ دېگەن ياخشى بىر بەگ بار ئىدى. ئۇ قابىلىيەتلىك ھەم ئەقىللىق ئادەم ئىدى. ئۇ بەگ دەريا بويىدا نۇرغۇن تال – ياغاچلارنىڭ تۇرغانلىقى كۆردى، ئۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەگ …..ئاشۇ ياغاچلار …كەستى، ئۇنىڭ سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلىتىپ ، ئۆزلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئېتىل دەرياسىدىن ئۆتتى. ئوغۇز خاقان شادلىنىپ كۈلدى. ئېيتتىكى: ”ھەي، سەن بۇ يەرگە بولغىن بەگ، قىپچاق ساڭا ئات بولسۇن”. ئۇلار داۋاملىق ئىلگىرلەپ ماڭدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئوغۇز خاقان يەنە ھېلىقى كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرىنى كۆردى. بۇ كۆك بۆرە ئوغۇز خاقانغا ئېيتتىكى: ”ئوغۇز، ئەمدى لەشكەرلىرىڭنى باشلاپ بۇ يەردىن قوزغال. سەن ئەل جامائەت ۋە بەگلەرنى باشلاپ ماڭ. مەن ساڭا يول باشلاپ ماڭىمەن” . تاڭ ئاتقاندا ئوغۇز خاقان ئەركەك بۆرىنىڭ لەشكەرلىرى ئالدىدا يول باشلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ شادلاندى. ھەمدە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ماڭدى."
ئوغۇز خاقان بىر چىپار ئايغىر ئاتقا مىنەتتى. ئۇ بۇ ئايغىرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. يولدا بۇ ئايغىر كۆزدىن يۈتتى. بۇ يەردە ئېگىز بىر تاغ بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىدە توڭ مۇزلار بار ئىدى. ئۇنىڭ چوققىسىدا ئاپئاق قارلار بار ئىدى. شۇڭا بۇ تاغ مۇزتاغ دەپ ئاتىلاتتى. ئوغۇر خاقاننىڭ ئېتى مۇز تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز خان ئۇزۇنغىچە ئازاب چەكتى. لەشكەر ئىچىدە بەسىتلىك ۋە تەمبەل بىر ئەر بار ئىدى. ئۇ ھېچنىمىدىن قورقماس باتۇر ئادەم ئېدى. جەڭلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەرگەن ئادەم ئېدى. بۇ ئادەم ئاتنى ئىزدىگىلى تاغقا كىردى. توققۇز كۈندىن كېيىن، ئوغۇز خاقانغا ئايغىرنى ھازىر قىلدى. مۇزتاغ ئىنتايىن سوغوق بولغاچقا، بۇ بەگنىڭ پۈتۈن ئەت- جانىنى قار – مۇز قاپلىغان ئىدى. ئوغۇز خاقان خۇرسەند بولۇپ كۈلدى، ئېيتتىكى: ”ھەي، سەن بەگلەرگە بولغىن باشلىق، مەڭگۈلۈك ئىسىم بولسۇن ساڭا قارلۇق” ھەمدە ئۇنىڭغا نۇرغۇن دۇنيا تەقدىم قىلدى. يەنە داۋاملىق ئىلگىرلىدى.
بۇ يولدا ئېگىز بىر ئۆينى كۆردى. بۇ ئۆينىڭ تېمى ئالتۇندىن، تۈڭلۈگى كۈمۈشتىن، ئىشىگى تۈمۈردىن ياسالغان ئىدى. ئىشىگى قۇلۇپلانغان بولۇپ، ئاچقۇچى يوق ئىدى. لەشكەر ئىچىدە بىر چىۋەر ئۇستام بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى تۆمۈردۇ قاغول ئىدى. ئوغۇز ئۇنىڭغا: ”سەن بۇ يەردە قال، ئىشىكنى ئاچ، ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ئوردىغا قايتىپ بار” دەپ يارلىق چۈشۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا قالاچ دەپ ئات قويدى. يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. بىر كۈنى كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرە يەنە يولدىن توختىدى. ئوغۇز خاقانمۇ يولدىن توختاپ، چىدىرلىرىنى تىكتى. بۇ تېرىلمىغان تۈزلەڭلىك بىر يەر بولۇپ، چۇرچىت دەپ ئاتىلاتتى. ئۇنىڭ ئەل جامائىتى كۆپ، يەرلىرى كەڭ ئىدى. بۇ يەردە يىلقىلار، پادا- كالىلار، ئالتۇن -كۈمۈش، ئۈنچە مەرۋايىتلار كۆپ ئىدى. چۇرچىت خاقان ۋە ئەل – جامائىتى ئوغۇز خاقانغا قارشىلىق بىلدۈردى. ئۇرۇش باشلاندى. ئىككى تەرەپ ئوق چىقىرىپ ، قىلىچ ئۇرۇشۇپ جەڭ قىلدى. ئوغۇز خاقان چورچىت خاقاننى يەڭدى. ئۇنىڭ بېشىنى ئېلىپ ئۆلتۈردى. چۇرچىتنىڭ ئەل – جامائىتىنى ئۆز ئاغزىغا قاراتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئوغۇز خاقان لەشكەرلىرىگە ، نۆۋكەرلىرىگە ۋە خەلققە كۆپ غەنىمەتلەر تۈشتىكى، ئۇنى توشۇشقا شۇنچىلا ئات، خېچىر، كالىلار ئازلىق قىلدى. ئوغۇز خاقاننىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدە ياشانغان بىر چىۋەر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى بارماقلىق يوسۇن بىلىگ ئىدى. بۇ چىۋەر ئادەم بىر ئېگىز ھارۋا ياسىدى. ھارۋا ئۈستىگە جانسىز غەنىمەتلەرنى قاچىلىدى. ھارۋىنىڭ ئالدىغا جانلىق غەنىمەتلەرنى قوشتى. ئۇلارغا ھارۋىنى تارتقۇزدى. نەۋكەرلەر، ئەل جامائەت بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولدى. ئۇلارمۇ ھارۋا ياسىدى. ئېگىز ھارۋا ماڭغاندا ”قانغا، قانغا” دېگەن ئاۋاز چىقاتتى. شۇڭىلاشقا ئۇنىڭغا ”قانغا” دەپ ئات قويدى. ئوغۇز خاقان قانغالارنى كۆرۈپ كۈلدى. ئېيتتىكى: ”قانغا بىلەن جانسىز غەنىمەتلەرنى جانلىق غەنىمەتلەر سۆرەپ ماڭىدىكەن، ئېگىز ھارۋىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، قانغۇلۇق ساڭا ئات بولسۇن”. سۆزىنى تۈگۈتۈپ يۇرۇپ كەتتى.
ئاندىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان يەنە كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرە بىلەن سىندۇ، تاڭغۇت، شاغام تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىپ باردى. كۆپ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلاردىن كېيىن، ئۇ جايلارنى ئىشخال قىلدى. ھەمدە ئۇ يەرلەرنى ئۆز دۆلەت چىگرىسىغا قوشتى. ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، جەنۇپ تەرەپتە بارقان دېگەن يەرنىڭ بارلىقىنى بىلىش كېرەك، ئۇ يەر ناھايىتى مۇنبەت ۋە ئىسسىق يەر ئىكەن. ئۇ يەردە ھايۋان ۋە قۇشلار كۆپ ئىكەن. ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ چىرايى قاپقارا ئىكەن. خاقاننىڭ ئىسمى ماسار خاقان ئىكەن. ئوغۇز خاقان شۇ جايغا ئاتلاندى. ئىنتايىن قاتتىق ئۇرۇش بولدى. ئوغۇز خاقان يەڭدى. ماسار خاقان قاچتى. ئوغۇز خاقان بۇ يەرنى ئىشخال قىلدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ دوستلىرى خۇرسەن بولدى. دۈشمەنلىرى زار قاخشىدى، ئوغۇز خاقان ئۇنى يەڭگەندىن كېيىن، پۈتمەس – تۈگىمەس بايلىققا ۋە مال – چارۋىغا ئېگە بولدى. ھەمدە ئۇلارنى ئۆز ئىلىگە تۇشۇپ كەتتى. ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەك، ئوغۇزخاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق ، مۇز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئېدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئېدى. ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئېدى. كۈنلەرنىڭ بېرىدە ، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوقنى كۆردى. بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن، كۈن پېتىشىچە سۇزۇلغان ئېدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇيقۇدىن كىيىن ئۇ چۈشىگە كەچكەنلىرنى ئوغۇز خاقانغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى:” ھەي خاقانىم. ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن، ھەي خاقانىم، سېنىڭ ئەل – نىزامىڭغا ئادالەت يار بولسۇن؛ كۆك تەڭرى چۈشۈمدە بەردى ماڭا ئىشارەت، ئىشخال قىلغان يەرلەردىن ئۇرۇغىغا بۆلۈپ بەرسۇن دەپ” . ئوغۇز خاقان ئۇلۇغ تۈركنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدى، ھەمدە:” ئېيتقىنىڭ كەلسۇن” دېدى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا ، بالىلىرىنى چاقىرىپ كەلتۈرۈپ ئېيتتىكى :” ھەي ( ئوغۇللىرىم) ئوۋنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ، ياشىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن، ئوۋغا چىقىشقا چامىم يەتمەيدۇ، كۈن ، ئاي ، يۇلتۇز ئۈچۈڭلار تاڭ ئاتار تەرەپكە بېرىڭلار، ئاسمان، تاغ، دېڭىز ئۈچۈڭلار تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە بېرىڭلار”. بۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن تاڭ ئاتار تەرەپكە، قالغان ئۈچى تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە كەتتى. كۈن ، ئاي، يۇلتۇز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىدى ھەمدە يولدىن بىر ئالتۇن يا تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شاتلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى:” سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككىچە ئېتىڭلار .” يەنە شۇندىن كېيىن ئاسمان، تاغ، دېڭىز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىغاندىن كېيىن ، يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى، ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شاتلاندى. ھەمدە ئوقلارنى ئۈچكە بۆلۈپ بەردى. ئېيتتىكى:” ھەي ئىنىلەر ، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغۇرلاريدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش( يا غا بويسۇنىڭلار) .” شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چوڭ قۇرۇلتاي چاقىردى. نۆكەرلىرىنى ، ئەل جامائىتىنى چاقىرىتتى ، ئۇلار كېلىپ بۇ مەسلەھەت ئولتۇرۇشتى. ئوغۇز خاقان چوڭ چىدىردا …(ئوڭ تەرىپىگە) قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن ياغاچ قاداتتۇردى. ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن تۇخۇ ئاستى ئۇنىڭ تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغلىدى. سول تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش تۇخۇنى ئاستى، تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلىدى. ئوڭ تەرەپتە بۇزۇقلار ئولتۇردى، سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار ئولتۇردى. قىرىق كېچە – كۈندۈز توي بولدى. ئىچىشتى ، يىيىشتى، خۇرسەن بولۇشتى، شۇندىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان ئوغۇللىرىغا يۇرتنى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. ئېيتتىكى:” ھەي ئوغۇللىرىم، مەن كۆپ ياشىدىم، كۆپ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردۈم، يا بىلەن كۆپ ئوق ئاتتىم، ئايغىر بىلەن كۆپ يوللارنى كەزدىم. دۈشمەنلەرنى زار يىغلىتىپ، دوستلارنى شات ئەيلەتتىم، تەڭرى ئالدىدا مەجبۇريەتنى ئادا قىلدىم، ئەمدى يۇرتنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىمەن”
مەنبئە
[تەھرىرلەش]دەۋر تورى.