13. ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ئەسلى مەن بۇ ھەقتە « ئامېرىكىلىقلاردىن پەرقىمىز نەدە؟» دېگەن تېمىدا ھىكايەتلىك كەچۈرمىشلىرىمنى يازماقچىدىم. بىر ئوقۇرمەن بۇ ھەقتە سورىغانلىقى ئۈچۈن ھازىر يازماي ۋە تەھلىلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتمەي بولمىدى. ئامېرىكىقلار باشىقىلارغا باھا بەرگەننى مەنچە يامان كۆرمەيدۇ، ئەمما ئاساسسىز گەپ تاپسىڭىز بالاغا قالىسىز. ئۇلاردا پاكىتسىز، لوگىكىسىز باھا بېرىدىغانلارنىڭ سانى بىزدىكىدىن سەل ئاز. ( غەيۋەت، مەسخىرە، باتناش دېگەنلەر ئىنسانلارغا ئورتاق، ئامېرىكىدىمۇ جىق، ئەلۋەتتە) . ئۇلارنىڭ ھاياتتىكى پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى سەمىمىيلىك. كىشىلەرنىڭ ئىزگۈ نىيەت ۋەئەھمىيەتلىك پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىغاندا، كۆرگەندە زوقلىنىش ۋە زوقلانغانلىقىنى ئاجايىپ نەپىس تىللار بىلەن بايان قىلىش ئۇلاردا ئومۇمىي ئادەت. بۇ ئىش بىزدە ئانچە ئومۇملاشمىغان. شۇنىڭغا ئوخشاش يامان ئىشلارنى، ياكى ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىمىغان ئىشلارنى ئۇچراتقاندا مۇناسىپ باھا بېرىش ئۇلارنىڭ سەمىميلىك پىرىنسىپىنىڭ گەۋدىلىنىشى.

ئۇلار ھىچ قاچان ئۆز تۇيغۇلىرىنى يوشۇرۇپ ساختا توغرا چۈشەنگەن قىياپەتكە كىرىۋالمايدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر كەچمىشىم بار. بۇلتۇر كۈزدە مەن دەل مەكتەپكە ئىلتىماس سۇنۇش بىلەن بەنت ئېدىم. ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر پروفېسسورلارنىڭ تەۋسىيە خېتىنى كېرەك قىلىدىغان بولغاچ مەن قولىدا ئوقۇغان ۋە مېنى ئوبدان بىلىدىغان پروفېسسورلارغا ئىلتىماس قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇستاز راھىلە داۋۇتتىن باشقا ھەممىسى « ئۆزەڭ يېزىپ كەل، مەن ئىمزايىمنى قويۇپ بېرەي» دەپ تۇرىۋالدى. مەن بۇنداق قىلىشنىڭ خاتالىقىنى، يالغان سۆزلىسەم ئوقۇش پۇرسىتىمنىڭ قولدىن كېتىدىغانلىقىنى ھەرقانچە چۈشەندۈرسەممۇ بولمىدى. ھەتتا بىر ئۇستازىم « كاللاڭلار بەك قىزىپ كېتىپتۇ، مەن بىر قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى يېزىپ كەلگەن تەۋسىيەنامىسىگە ئىمزا قويۇپ بەردىم. ئۇلار چەتئەلدىكى ئوقۇشقا مېڭىپمۇ بولدى.» دەپ ئەستايىدىللىقىمدىن رەنجىدى. مەن ئۆزەم يازغان، مەزكۇر ئۇستاز قول قويغان بىر پارچە تەۋسىيەنامىنى يېزىگىلىك ئۇنۋېرىستىتىدا دەرس ئۆتىۋاتقان بىر ئامېرىكىلىق دوستۇمغا كۆرسەتسەم، چىرايىنى غەلىتە پۈرۈشتۈرۈپ «بۇلشىت!» دېدى. بىللە تۇرغان يەنە بىر ئامېرىكىلىق بالىمۇ « مۇشۇنداقمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولامدۇ؟» دەپ قايناپ كەتتى.

ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بىر قېتىم مەلۇم پروپېسسورنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگىنىمدە مېنى قارىتىپ قويۇپ باشقا نەچچە پروپېسسورنىڭ غەۋىتىنى يېرىم سائەت قىلدى. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ”ئۇ بىزدىن دائىم مېنىڭ دىنىمغا ھۆرمەت قىلمايسىلەر، مېنىڭ دىنىي بايرام كۈنۈمدە يىغىن ئاچىسىلەر دەپ قاقشايدۇ. مەنمۇ ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا كىرىپ، ئىشقا بارغۇم كەلمىگەن كۈننى دىنىي بايرام دەپ تۇرۇۋالسام بولارمىكەن تاڭ“ دېگىنى بولدى. توغرا-دە! ھەممە ئادەم مەسىلىگە دىنداشلىقنى، قانداشلىقنى، مەنپەئەتداشلىقنى ئۆلچەم قىلسا ئورتاق پىرىنسىپ نەدە قالىدۇ؟ شۇنداقتىمۇ ئىككى پروپېسسورنىڭ غەيۋەت قىلىشى ماڭا بەك غەلىتە تويۇلدى. غەيۋەتخورلۇق، باشقىلارغا كەينىدىن باھا بېرىش ئىنسانغا ئورتاق پىسخىكا بولسا كېرەك. دېمەكچى بولغىنىم، ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بېرىدىلا ئەمەس بەلكى ئاشۇرۇپ غەيۋەتمۇ قىلىشىدىكەن.

مەن پەقەت ئۆزەم ئۇچراتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەزى مەدەنىيەت پەرقىگە ياتىدىغان مەسىلىلەرگە ئالدىراپ توغرا خاتا دېمەيدىغانلىقىنى، پەقەت « بىزدە بۇ خۇش كۆرۈلمەيدۇ» دەپ قويىدىغانلىقىنى بايقىدىم. لېكىن ئۇلار سىزدىن «سەنچە شۇنداق قىلسا ئادىللىقمۇ؟ مۇۋاپىقمۇ؟» دەپ سورايدۇ. توغرا، دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىگە بولۇپمۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىگە ياتىدىغان مەسىلىلەرگە ھىچكىم ئالدىراپ توغرا خاتا دېمەيدۇ. بۇ ھەقتە مېنى قاتارغا قوشقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىمۇ « ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە» « ئەمانىڭ شەھرىگە بارساڭ كۆزۈڭنى قىسىۋال» دەيدىغان ئۇدۇم چۈشەنچە بار. بىزنىڭ مىللەتمۇ يۇقارقى پىرىنسىپقا نەچچە مىڭ يىل ئەمەل قىلىپ نەزەرگە نائىل، تۆرگە مۇشەررەپ بولغانكى، خەقنىڭ ئىشىغا قالايمىقان باھا بېرىپ نەزەردىن چۈشۈپ كەلگەن مىللەت ئەمەس. شۇ نەرسە ئايانكى، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە مىللىيلىك پىرىنسىپى بويىچە بولمايدۇ. دۇنيادا مۇۋاپىقلىق، ئادىللىق، ئەقلىيلىق دېگەن ئورتاق پىرىنسىپلارمۇ بار.

بىر خەلق توغرا تونۇغان ئىش، ياكى بىر بۆلۈك كىشى توغرا بىلگەن ئىش باھاسىز، ھۆكۈمسىز رەۋىشتە توغرا چۈشىنىلىۋەرمەيدۇ. مەسىلەن خەنسۇلار ئادەم بار يوق دېمەي يەل قويىۋېتىدۇ. بۇ خەنسۇلارنىڭ ئادىتى، بۇنى ھەتتا ئىچكىرىدكى بىر پروفېسسور ماڭا تەبىئى ھادىسە دەپ ئاقلىغان. ئەمما خەنسۇلارنىڭ بۇ مىللي ئادىتى مۇۋاپىق بولمىغاچ ئىنكار قىلىنىدۇ. مەن بۇ يەرگە كەلگەندە مېنىڭ گۇيجۇلۇق فورددېشىممۇ ماڭا، تۈكۈرۈش، يەل قويىۋېتىشنىڭ ئامېرىكىدا ئېغىر ئېلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئېنىقكى ئۇ مېنى 96% جوڭگۇلۇق سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغان. بۇندىن باشقا ھەممە ئادەم بىر تەخسىگە چوكا تىقىش، بۇمۇ سەھىيە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغاچقا توغرا دەپ قارالمايدۇ. ئامېرىكىلىقلار بۇنىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ دەپ قارايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئەقلىيلىك ئەمەس، يەنى سەھىيە ئىلىمگە خىلاپ. ئەمدى يۇقارقى تۇرسۇنجان ئەپەندىنىڭ ئوغلىنى ئامېرىكىدىكى مەكتەپكە بېرىپ، قىزىنى ئەرەبىستانغا ئەۋەتىۋېتىشى( ئەسلى قىزىمنى ئوقۇتمايمەن دەپتىكەن، مەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازى بولسىمۇ سەل ئىجابىي بولسۇن دەپ تىلغا ئالمىغانتىم)، ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئادىللىق ئەمەس. مەن مۇشۇ خىلدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ « بۇ ئادالەتسىزلىك، نېمىشكە ئوغلىنى ئوقۇتۇپ قىزىنى ئوقۇتمايدۇ، ئەجەبا ئوغلىغا ماس كەلگەن موھىت قىزىغا ماس كەلمەمدىكەن؟» دەيىدىغانلىقى ئېنىق. ئەگەر ئاياللار باراۋەرلىك تەرەپتارلىرى ئاڭلىسا گەپلەر ئۇنچە مۆتىدىل دېيىلمەيدۇ. بەزى دوستلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەتلەر پەرقىگە ياتىدىغان مەسىلىلەردىكى توغرا چۈشىنىش ئۆلچىمىنى ھەممە يەردە پىرىنسىپسىز تەكىتىلىشى مېنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

توغرا ھازىر دۇنيادا مەدەنيەتلەر دىيالوگى تەكىتلىنىۋاتىدۇ. ھەممە نەرسىگە ئۆز بىلىمى ياكى مەدەنىيىتى نوقتىسىدىن باھا بېرىش ئانچە ئالقىشلانمايدىغان بولدى. مەملىكىتىمىزدىمۇ « مەدەنىيەتلەر دىيالوگى» ھەققىدە قەرەللىك مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ يىغىنلارغا تۇڭگان ئالىملىرى ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ ۋە تەشكىللەپ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن كۆڭزىچىلىق مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى كۈچەتىش ھەققىدە ئەھمىيەتلىك ئىزدىنىشلەردە بولىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ئېچىلمايۋاتقان بولسىمۇ، بۇ بىزنىڭ بىر قىسىملارنىڭ ھەدىسىلا ئۆزى چۈشەنمەيىغان، يات مەدەنىيەتلەرگە فىئودالىزىمنىڭ، قالاقلىقنىڭ، قانۇنسىزلىقنىڭ، ۋە ئىلمىيسىزلىكنىڭ قالپىقىنى كەيدۈرۈشنىڭ پەيدىنپەي ئازىيىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئەمما شۇ نەرسە رۇشەنكى ھەر قانداق ھادىسىنى كۆپتۈرۈش ئىلمىيي پىرىنسىپنى زەخمىلەندۈرىدۇ. مەدەنىيەتلەر ئارا چۈشىنىش، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنىڭ تەكىتلىنىشى ئىنسانلارنىڭ ھەممىنى ئۆز مەدەنىيىتىگە ئاساسەن باھالاش، ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت مۇستەبىتىلىكىگە خاتىمە بېرىش بىلەن بىللە يەنە نۇرغۇن نامۇۋاپىق خاھىشلارنىڭ باش كۆتۈرىشىگىمۇ سەۋەپ بولدى.

مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكنى تەكىتلەش « ھەممە نەرسىگە ئورتاق پىرىنسىپتا باھا بەرگىلى بولمايدۇ، ھىچ نەرسە قائىدىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن توغرا ئەمەس بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز توغرا دەپ قارىغاچقا توغرا» دەيىدىغان مەدەنىيەت شەخسىيەتچىكى ۋە مەدەنىيەت قورۇقچىلىقىنى پەيدا قىلدى. مەسىلەن، بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى پروفېسورى ماروڭ ئەپەندى « بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 2005-يىللىق مەلۇم سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ « جوڭگۇدىكى مىللەتلەرگە ئاپتونۇمىيە بېرىش كوڭزىچىلىق مەدەنىيىتىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىش ئەئەنىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس. كۆڭزىچىلىق مەدەنىيىتىدە مىللەت مەدەنىيەت ئۇقۇمى، سىياسىي ئۇقۇم ئەمەس. ئەگەر مىللەت ياۋرۇپا ئەنئەنىسى بويىچە سىياسىي ئۇقۇم دەپ قارالسا ئۇنىڭغا نۇرغۇن سىياسىي ھوقۇقلار بېرىلىشى كېرەك. جوڭگۇ كومپارتىيىسى جوڭگۇدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا غەرپ ئەنئەنىسىدىكى مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش دېگەنگە ئوخشاش پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ سەھۋەنلىك ئۆتكۈزدى، مىللىي ئېڭى يوق مىللەتلەرگە مىللي ئاڭنى يېتىلدۈرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى. جوڭگۇدىكى مىللي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مىللەتنى سىياسىي ئۇقۇم دەپ قارايدىغان ياۋرۇپاچە ئەندىزىدىن مىللەتنى ئۆرۈپ ئادىتى پەرقلىق كىشىلەر توپى دەپ قارايدىغان كوڭزىچىلىق ئەنئەنىسىگە قايتىپ كېلىشىمىز كېرەك» دەپ يازدى. ھەتتا يەنە بەزىلەر دېمۇكراتىيە، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق دېگەن ئۇقۇملارنىمۇ ياۋرۇپا مەدەنىيىتىگە خاس نەرسە دەپ، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دىني زۇلۇم، سىياسىي بېسىم، ۋە كىشىلىك تاجاۋۇزلارنى مىللي ئەنئەنىمىز دەپ يوپۇرىۋاتىدۇ. مەنچە ئىنسانلارنىڭ بىر بىرىگە ئۆزى بىلگەنچە باھا بېرىشى، ھۆكۈم قىلىشى نامۇۋاپىق، ئەمما ھەدېسىلا مېنىڭ مەدەنىيىتىمدە مۇنداق، سېنىڭ مەدەنىيىتىڭدە ئۇنداق دەپ ھەممە نەرسىنى ئۆز مەنپەتىگە ئۇيغۇن چۈشەندۈرۈپ ئىنسانىيەتكە ئورتاق پىرىنسىپلارنى رەت قىلىشى ئاپەتتۇر.

بۇندىن باشقا ھەر قانداق چاغدا چۈشەنگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ چىن ھىسسىياتىنى يوشۇرۇشى ياكى قۇلاق يوپۇرۇپ بىلمىگەنگە سېلىۋېلىشى خەتەرلىكتۇر. مەنچە يۈكسەك ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىدىغان تەجرىبىچىلىك ئەنئەنىسىگە ساھىپ، ھەر ئىشتا پىرىنسىپنى ئاساس قىلىدىغان ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ۋە سەمىميلىككە مۇيەسسەر ئامېرىكلىقلار ھەممە نەرسىنى توغرا چۈشىنىپ باش لىڭىشتمايدۇ. ھەقنى ھەق، ناھەقنى ناھەق دەپ باھا بېرىش ئامېرىكىلققىلا ئەمەس ھەر قانداق مىللەت ئۈچۈن ئورتاق.


ئالدىنقى: 14.ئامېرىكىدا نېمە بار، نېمە يوق؟

كـىيىنكى: 12. سەئۇدىلىق ئۇيغۇر ئىمام