14.ئامېرىكىدا نېمە بار، نېمە يوق؟

ئورنى Wikipedia

كىشى باشقا بىر دۆلەتكە بارغاندا دائىم ئۆزىدە بار بىلەن خەقتە يوقنى سېلىشتۇرۇپ قالىدۇ. دەسلەپتە ماڭا يوق بىلىنگىنى موزدۇز. ئامېرىكىدا موزدۇزنىڭ يوقلىقىنى ئايىقىمنىڭ پاشنىسى ئۇپىراپ كەتكەندە بىلدىم. بەلكىم ئامېرىكىلىقلار ماشىنا بىلەن يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بولغاچ پاشنىسى ئۇپرىمىسا كېرەك. مەن ”چېنىقىشقا ۋاقتىم چىقمىدى“ دەپ چېنىقىمەن دېگەن باھانە بىلەن بىر يىلغا يېقىن دەرسكە مېڭىپ باردىم. بۇ يەردە مەندەك چېنىقىمەن دەپ رەسمىيي كىيىنىپ مېڭىپ يۈرۈيدىغان ئادەم يوقكەن. چېنىقماقچى بولغانلار مەخسۇس تەنھەركەت كىيىملىرىنى كېيىپ چىقىدىكەن. نېمىلا دەپ باققىنىم بىلەن موزدۇزسىز بۇ شەھەر مېنى مايماق پاشنىلىق ئاياقلاردا ئىككى يىل ماڭغۇزدى. ۋەتەندىكى چېغىمدا مەن نەگە بارسام موزدۇز ياكى مايلامچىلار بىلەن پاراڭلىشتاتتىم. بۇ يەردە ئۇنداق پۇرسەتنىڭ بولمىغىنىدىن ئەپسۇسلاندىم.

جوڭگۇنىڭ خېلى جىق شەھەرلىرىدىكى ئاۋامنىڭ ئويلىرىنى، تۇرمۇشىنى شۇلار ئارقىلىق كۆزىتەتتىم. ئىچكىرىگە سېلىشتۇرۇپ بىلىشىمچە ئۇيغۇردا ئايال مايلامچى يوق، خەنسۇلاردا ئەر ۋە بالا مايلامچى يوق ئېدى. ئايىقىنى مايلىتىدىغانلارنى كۆزەتكىنىمدە، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاساسەن كوچىدا ئاياق مايلاتمايتتى. بۇ يەردە ئۈنسىز بىر ھۆرمەتنىڭ قەدىرلىنىۋاتقانلىقى مېنى سۆيۈندۈرەتتى. ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ ئاياق مايلاپ بولسىمۇ ھالاللىق بىلەن ئاياللىرىنى بېقىشى، پۇل ئۈچۈن ئاياللىرىنى خەققە تەلمۈرتمەسلىكى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ ھەرقانچە باي بولسىمۇ قېرىنداشلىرىنىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇلارغا پۇت سۇنۇپ غادايماسلىقى مىللتىمىزدىكى ئېسىللىقنىڭ پاكىتى ئېدى. لەنجۇدا كۆرگەن بىر ئىش قەتئى ئېسىمدىن چىقمايدۇ.

يامغۇر قاتتىق ياغقان بىر كۈنى كوچىدا بىر ئەر-خوتۇن ئازراق گەپ تالاشقاندىن كېيىن خوتۇنى ”مەن يامغۇر توختاشنى ساقلىمايمەن، ھاپاش بول، مېڭىۋېرەيلى“ دەپلا ئېرىنى ھاپاچ قىلغانىدى. مەنچە ئۇيغۇر ئەرلىرى كوچىدا ئەمەس، يالغۇز قالغاندىمۇ خوتۇنىغا ھاپاچ بولمايدۇ. خەنسۇلاردا ئايال مايلامچى ۋە موزدۇزلارنىڭ بولۇشى بىزدە بولماسلىقى ئىككى مىللەتنىڭ ئەر –ئاياللار ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. يۇقارقى ئەھۋالدا ئامېرىكىلىقلار قانداق قىلار بولغىيتى؟ ئەگەر ئۇلاردىمۇ موزدۇز، مايلامچى بولغان بولسا سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن بولاتتىم.

ئامېرىكىدا كەچلىك بازار يوق. ئېنگىلىز تىلىدا بۇنداق ئاتالغۇمۇ يوق. بىر مىللەتتە مەلۇم ھادىسىنىڭ بار يوقلىقىنى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلىش مۇمكىن. ئۇيغۇر تىلىدىكى بازار دېگەن سۆز ئەزەلدىن كۈندۈزنى كۆرسەتكەن بولۇپ ”قاراڭغۇ بازار“ دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىدا ھارام پايدا ئالىدىغان بازارنى كۆرسىتىدۇ. كەچلىك بازار دېگەن سۆز خەنسۇچىدىن كەلگەن بولغاچقا مەتبۇئاتتا كەچلىك بازار دېگەندىن باشقا ھىچ بىر ئۇيغۇر كەچلىك بازار دېيىشكە كۆنمەي خەنسۇچىسى بويىچە ”يېشى“ دەيدۇ. بىزدىكى كەچلىك بازار دېگەن گەپ 90-يىللاردا پەيدا بولدى. ئەسلى ئۇيغۇرلار خەققە قارىتىپ كوچىدا يىمەك يىيىشنى ئېغىر ئالاتتى. ئادەتتە كاۋاپ، نان، سامسا قاتارلىق سۇسىز تاماقلاردىن باشقىلىرى كوچىدا تىزىپ سېتىلمايدۇ. ساتقىلى بولىدىغان شۇ قۇرۇق يىمەكلىرىمىزنىمۇ ھىچ كىم كوچىدا خەققە قارىتىپ تۇرۇپ مالاچلاپ يىمەيدۇ. كوچىدا سېتىلىدىغان سۇيۇق يىمەكلىك لەڭپۇ، لېكىن بۇ بىزنىڭ ئەمەس تۇڭگاننىڭ. دېمەك كوچىدا، ئوچۇقچۇلۇقتا تاماق يىمىگەن ئەجداتلىرىمىز تاماقنى چىرايلىق يەردە، تۈزۈك قاچىدا، شەكلەنمەي ئولتۇرۇپ يىيىشنىڭ ساغلاملىق ۋە مەدەنىييلىكنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ ئادەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ بىزنىڭ مەدەنىيىتمىز ئېدى.

مانا ئەمدى خەق ئۆگەتكەن ”يېشى“ دا، كوچىدا تاماق يىيىشكە ئادەتلىنىپ كەتتۇق. 97-يىلى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن تۇققانلىرىمىز ”بۇ يەردە ‘يېشى’ يوقكەن “ دەپ نارازى بولغاندا يۇرتۇمنى قالاقتەك كۆرۈپ تەڭ ئاغرىنغانىكەنمەن. 2008-يىلى بىر دوستۇمنى قەشقەرگە ئېلىپ بېرىپ توپا-تۇمان لەيلەپ تۇرغان كوچىدا سېتىلىۋاتقان قويۇق سۇيۇق تاماقلارنى كۆرۈپ ئون يىللىق تەرەققىياتتىن تاڭ قالدىم. سۆيۈنگەن يېرىم ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلارنى ئاپئاق داكا بىلەن ئوراپ قويۇشى ئىچكىرىدىكى ”يېشى“ لاردىن پەرقلىق كۆرۈنەتتى.

ئامېرىكىدا ھەممە دۇككاندا ھاراق يوق. ئامېرىكىدا ھاراق ساتىدىغان دۇككانلار مەخسۇس ئىجازەتنامە ئالغان بولىدۇ. خالىغان كىشىنىڭ ئۆزى خالىغان يەردە ھاراق سېتىشى چەكلەنگەن. ھاراق سېتىۋالماقچى بولغانلارمۇ چوقۇم رەسىملىك كىملىك كۆرستىشى كېرەك. قانداق كىشىلەرنىڭ ھاراق سېتىۋالسا بولىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق قانۇن بار. ھاراق سېتىلىدىغان كۇلۇپلارغىمۇ كىملەرنىڭ كىرىشى، قانچە گرادوستىكى ھاراقلارنىڭ سېتىلىشى ھەققىدە قانۇن بار. بىزنىڭ مەكتەپتە ئۇچ تاللا بازىرى بار، لېكىن ئىچىدە ھاراق ئەمەس تاماكىمۇ يوق. مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا كېچىلىك كۇلۇپ يوق، ئويۇنچۇقخانا، قىمارخانا، تورخانا يوق. (ئامېرىكىدا تورخانا يوق) جوڭگۇدىكى مەن ئىشلىگەن ئالى مەكتەبلەرنىڭ ئەتراپىدا مۇشۇنداق يەرلەر بارئېدى. ھەتتا ئاشىق مەشۇقلار ئايرىمخانىسى دەپ شەكلى ئۆزگەرگەن پاھىشخانىمۇ بار ئېدى. ۋەتەندە مۇنداق مەكتەپ ئەتراپىدىكى ”بۇزۇقخانا“ لارنىڭ بەزىلىرى ئاشكارە بەزىلىرى يوشۇرۇن. بىزدە بۇنداق ئىشلارغا دائىر قانۇن يوق. قانۇن بولغان تەقدىردىمۇ ئىجراسىنىڭ تايىنى يوق.

مەن بارغان شەھەرلەردە بايقىغىنىم ئامېرىكىدا يانچۇقچى يوقكەن. بەلكىم بۇ كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدا نەق پۇل ساقلىمايدىغان، ھەممە يەردە كارت ئىشلىتىدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. مەن 92-يىلى ئىچكىرىگە بارغاندىن باشلاپ نارەسىدە ئۇيغۇر بالىلرىنىڭ يانچۇقچىلىققا سېلىنىۋاتقانلىقىغا ئامالسىز شاھىت بولغان ئېدىم. كىمنىڭ خوجايىن، كىمنىڭ قۇش، كىمنىڭ شوركا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قايسى يەرلەردە ”بازا ئوينايدىغان“، ”ئاپتۇبۇس يۆلەيدىغان“ لىقىدىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بار ئېدى. پەقەت ساقچىمۇ ئوغرى بولغاچ ”قارغا قارغىنىڭ كۆزىنى چوقۇمايتتى.“ ئەمما ئىچىكىرىلىكلەر بۇنى ئۇيغۇرنىڭ ”قالاقلىقى“، ”ياۋايىلىقى“ ۋە چەكسىز ئىتىۋاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىغا پاكىت دەپ چۈشىنىپ پۇرسەت تاپسىلا كەمسىتەتتى، ياكى تۇتۇپ بېرەتتى. ئوغۇرلانغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى پەرزەنتلىرىنى تاپاتتى، لېكىن ”زوراۋان“ دىن قورقۇپ قايتتۇرۇپ كېتەلمەيتتى. قايتۇرۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يېرىم يولدىن تۇتلۇپ، تاياق يەپ بالىسىنى قويۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولاتتى. مەن بىر ماتىرىيالدا بۇنداق بالىلارنىڭ 50 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى كۆرگەنتىم. ئامېرىكىدا ساقچىلار قانۇنلۇق پۇقراسىنىلا ئەمەس، چىگرىدىن قانۇنسىز كىرگەن مېكسىكىلىق، جۇڭگۇلۇق ۋە شىمالىي كورىيەلىكلەرنىڭمۇ ھوقۇقىنى قوغۇدايدۇ. ھەتتا يېقىندا مۇشۇنداق قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ دۆلەتنىڭ پۇلىغان ھەقسىز داۋالىنىش ھوقۇقى بارمۇ يوقمۇ؟ دېگەن تېمىدا مۇنازىرە بولۇپ ئۆتتى. شۇ نەرسە ئېنىقكى، مەيلى قانۇنسىز ياكى قانۇنلۇق پۇقرا بولسۇن، ھەرقانداق كىشى بىر نەرسىسىنى يوقاتسا، شەخسىيىتى تاجاۋۇزغا ئۇچرىسا ساقچى مىنۇت ئىچىدە ھازىر بولىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ يوقالغان پەرزەنتىنى ئۆزلىرى ئىزدەيدىغان ئىش يوق. خەۋەردىن كۆرۈشۈمچە 13 يېشىدا يوقاپ كەتكەن بىر قىز 27 يېىشدا تېپىلغان. ساقچىلار ۋاقتىدا تېپىپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئو قىزغا 23 مىيۇن دوللار تۆلەم تۆلىگەن.

ئامېرىكىدا جوڭگۇنىڭ مېلىنى ساتمايدىغان چوڭ تاللا بازىرى يوق. جوڭگۇنىڭ ئەرزان ماللىرىنى بىلمەيدىغان ئامېرىكىلىق يوق. جوڭگۇلۇق يوق شەھەر ۋە ئالى مەكتەپ يوق، ئالدامچىلىق سەۋەبىدىن جوڭگۇلۇقنى قوغلىمىغان مەكتەپ ئاز. جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلاردىن بۇرۇن ئالغان نەتىجىسىنى ئامېرىكىدا ئالالايدىغانلىرى بەك ئاز. مەكتەپلەر ئۇلارنىڭ ئىلگىركى ئېنگىلىزچە نەتىجىسى ھەرقانچە يۇقۇرى بولسىمۇ بىۋاستە دەرسكە كىرگۈزمەيدۇ، قايتا ئىمتىھان ئالىدۇ، نەتىجىدە كۆپىنچىسى جوڭگۇدا ئالغان نەتىجىنى ئالالماي ئېنگىلىزچە ئۆگىنىدۇ. مەن ئامېرىكىدىكى جوڭگۇ ماللىرىنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ تىجارەت قىلىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن.

جوڭگۇدا ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن كىيىم كىيىپ باققان ئۇيغۇر يوق. (ئامېرىكىدا ئۆزىدە ئىشلەنگەن كىيىمنى تېپىش ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. قارىغاندا ئامېرىكىلىقلار قول ئىشى تەلەپ قىلىدىغان بۇنداق ئەمگەكلەرنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۆتۈنىۋەتكەن ئوخشايدۇ). بىزدە چەتتىن كىرگەن مال قىممەت، ئامېرىكىدا چەتتىن كىرگەن مال ئەرزان بولۇپمۇ تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى بولمىغان تاۋارلارنىڭ شۇنداق. بۇ سېلىشتۇرمىغا ئاخىرىدا بىرلا نەرسىنى قوشساق مەسىلە ئايدىڭ بولىدۇ.

جوڭگۇدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكىسىز داۋام قىلالايدىغان يۇقۇرى تېخنىكا شىركىتى يوق. جوڭگۇدا ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ۋىندوس، مەكىنتاش يۇمشاق دىتالىنى ئىشلەتمەي كومپىيوتىر ئىشلىتەلەيدىغان ئادەم يوق. جوڭگۇدىن توننىلاپ كىرىۋاتقان مالدىن كىرگەن پايدا، ئامېرىكىدىن چىققان بىر سەر كەلمەيدىغان تېخنىكىلىق ئۈسكۈنە ياكى بىر يۇمشاق دىتالنىڭ ئالدىدا ھىچ نېمە ئەمەس. جوڭگۇدىن كېلىۋاتقان بايلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكىغا تۈرلۈك يوللار بىلەن ئېلىپ كىرىۋاتقان پۇلىنىڭ ئالدىدا جوڭگۇنىڭ ئەرزان تەقلىدي ماللاردىن قىلىۋاتقان كىرىمى تايىنىلىق گەپ. ئامېرىكىلىق ئىنجىنىر بىر سائەتتە لايىھەلىگەن بىر سىخىمىنىڭ پايدىسى مىڭ جوڭگۇلۇق ئىشىچى بىر يىل تىككەن كىيىمدىن ئېشىپ چۈشىشى چوقۇم. شۇڭا بىلىم كۈچ، بىلىم پۇل دېگەن گەپ مۇشۇ يەردە ئىسپاتلىنىدۇ.


ئالدىنقى: 15. سۇنىڭ قېشىدا، ئوتنىڭ تېشىدا

كـىيىنكى: 13. ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟