15. سۇنىڭ قېشىدا، ئوتنىڭ تېشىدا

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇرلار ئاجايىپ مىللەتبىز، ئۆلۈمگىمۇ چاخچاق ئالغاچ بارىدىغان، يىغلىسىمۇ ئاھاڭغا سېلىپ، قوشاق قاتىدىغان. قېرىنداش تۈركىيە تۈركلىرى ئۇيغۇردىكى بۇ سەنئەت تالانتىنى ھازىرقى سىياسىي تۇرمۇشقا تەدبىقلاپ، نامايىشنى قۇشاقتەك رېتىملىق، ئاھاڭدار شۇئارلىرى بىلەن ئەۋجىگە چىقىرىشىدۇ.. مەنچە قانچە قېتىملىق تارىخىي قىرغىنچىلىق، پىشكەللىك ۋە مەھرۇملۇقلاردىن ئامان قالغان مىللەتنىڭ خاراكتىرىدە بۇنچىلىك ئۆزگىچىلىكنىڭ بولۇشى تاساددىپىلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە. مەن بىلىدىغان تىللاردا ئوت ھەققىدىكى سۆزلەر ئۇيغۇرچىدىكىدىن ھەم ھەم ئاز ھەم رەڭسىز. ھاياتنى ئوتتەك قىزغىنلىقتا سۆيگەن بۇ مىللەت ئاشىقلىق، قەتئىيلىك، جاسارەت، پىداكارلىق، مەردانىلىك، ھالاللىق قاتارلىق خىسلەتلەرنى ئوتقا ئوخشۇتۇپ نۇرلاندۇرۇپ ئۆگەنگەن. ئوت ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىسا لاۋۇلداپ تۇرىدىغان مۇھەببەت ئىچىدە ئۆتۈشنى ئارمان قىلىدىغان، ئۆلسە يۈرەكنى لەختە قىلىدىغان ئازاپتا جان تەسلىم قىلىشقا تەشنا مىللي خاراكتىرىنى يورۇتىدىيغان كۆڭۈلدىكىدەك تەمسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن.

شۇڭا ئوت ئۇيغۇر ئەجداتلىرى تەرىپىدىن ئۇلۇقلىنىپ كەلگەن بولۇشى ئىھتىمال. ئۇيغۇرلار يۈرەكلەردىكى مۇھەببەت ئوتلىرى تېخىمۇ ئۇلغايسۇن دەپ تويلاردا گۈلخان ياقىدۇ. ئوت كۆيگەن ئوچاقنى ھاياتلىق مەنبەسى دەپ تونۇغاچقا بىرسىنىڭ يامانلىقىنى ”ئوچۇقىنى ئۆرىمەك “ دېگەن ئىبارە بىلەن بايان قىلىدۇ. بوۋىلار ياققان ئوت ئۆچمىسۇن دەپ مىيىت چىققان ئۆيدە قىرىق كۈن چىراق ياقىدۇ. بىر قىسىم ئاغرىقلارنى ھەسەت ئوتلىرىدىن بولىدۇ دەپ قاراپ « ئوت كۆچۈرىدۇ»، ئوتنىڭ داۋامى بولغان كۈلگە تۈكۈرۈشنى، تەرەت قىلىشنى يامان كۆرىدۇ. ر بالىلىرىغا ئوتىنى ئۆچۈرگەن مەختۇمسۇلانىڭ پاجىيەسىنى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات سۆزلەپ ماڭىدۇ. ئەڭ مەينەت نەرسىنى چوغ چايقاپ يۇيىدۇ. خەقلەرنىڭ نەزىرىدىكى قەدىرسىز پەرۋانە ئوتقا ئۆزىنى ئۇرغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ قەلب تۆرىگە ئورناشتى. ئوت ئىچىدە ياشايدىغان سەمەندەر نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئىلھام ئاسمىنىغا يۇلتۇز چاچتى. ئوتتا بەش يۈز يىل كۆيۈپ پاكلانغان قەقنۇستەك ياشاش ئۇيغۇرنىڭ يارقىن ساداسى، يۈرەك نىداسى بولۇپ ياڭرىماقتا. ئاڭلاڭ « قېقنۇستەك تۆرەلسەمتىم» دەپ مۇڭ تۆكىدۇ گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ناخشىچى گۈلقىز مۇخپۇل.

ئۇيغۇر دۇنياسىنى يىغا-زارە قاپلىغان شۇ كۈنلەردە بوۋىلارنىڭ «ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيگەندىن تېشىدا كۆيگەن يامان» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى تولۇق ھىس قىلدىم ۋە بوۋىلاردىن قالغان تۈمەن خىل مەنە ۋە شەكىلدىكى ئوتلارنىڭ تېشىدا قىلدەك تولغاندىم. تىلىمىزدىكى بىچارە سۆزى ئەسلى پەقەت چارەسىز مەنىسىدە بولۇپ ھازىر بۇ سۆز بىر ئادەمنىڭ ھەممە جەھەتتىن زىيادە ئاجىز ھالىتىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. قارىغاندا ئىنساننىڭ چارىسىز قالغاندا ئەڭ ئاجىز مەخلۇققا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ زامان نەيرەڭلىرى ۋە نەيرەڭۋازلىرى ئالدىدىكى بىقوۋۇل، ناتۇۋان ھالىتىنى تەسۋىرلەشكە بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر كەلىمە تاپالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تىلىمىزدا مەنىسى تەكىتلىنىپ كېلىدىغان سۆزلەردە تاۋۇش تەكرارلىنىدۇ، مەسىلەن، ئاچچىق، قاتتىق، قىممەت، ئۇششۇق، دەششەت… مۇشۇ قاتاردا بىچارى سۆزىمۇ بىچچارە دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ، بولۇپمۇ بىچچارىلىقنىڭ تەمىنى ئىزچىل تېتىپ كېلىۋاتقان جەنۇپ ئۇيغۇرلىرىدا شۇنداق. ئەمدىلا ئىككى يېرىم ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىچارە قىزىم ئۈرۈمچىدە يىپ يېڭى بىر جۈملە، « ۋاي، قاچايلى!» نى ئۆگىنىۋاپتۇ.

ئۇنىڭ سەبىي دىلىغا پۈتكۈل جانلىقنى ۋە جانسىزنى بىزگە مەنپەئەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بىز بىلەن تەڭ مەۋجۇد بولغانلىقى، ئۆلۈمىمىز ۋە ھاياتىمىزغا ھەمراھ بولغانلىقى ئۈچۈنلا سۆيىدىغان روھنى سىڭدۈرۈشكە نىيەت قىلغانىدىم. قورقۇنچتىن يۈرىگى زىدىلەنگەن بۇ مەسۈمگە ئارمانلىرىم ئۇلىشالارمۇ؟ پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا قورقۇنچ ئەقىلنى تورمۇزلايدۇ، ھىسسىياتنى بىنورماللاشتۇرىدۇ، قاشاڭلاشتۇرىدۇ. ئەنگىلىيىلىك پەيلەسوپ، ماتېماتىك بروتانت راسسىل قورقۇنچ ئىچىدىكى ئىنساننىڭ ئىنسانچە تەپەككۇر قىلىدىغانلىقىغىمۇ ئىشەنمەيدىكەن. بوۋىلىرىمىز كېسەلنى بەرگەن ئاللاھ شىپاسىنى قوشۇپ بېرىدۇ، دەپ ۋەسىيەت قىلىشقانىكەن. ئۈمىتسىز شەيتان. ياشاش ئۈمىدى، مەۋجۇدلۇق ئىھتىياجىدىن باشقا پىلانلارغا چارەسىز قالغان مەندەك ئىنسانغا تۇپرىقىمىزدا ئوتتەك قۇياشنىڭ ئىجازەتسىز، تەستىقسىز چىقىۋاتقىنى ئەڭ چوڭ تەسەللى. لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتا پىشقان ناننى چوغلۇق لىگەندەك قۇياشقا ئوخشۇتۇپ يۇمىلاق ياققان بوۋىلىرىمىز ئوت- قۇياشتىن ئۈمىت ئۈزمىگەنىكەن. خەيرىيەت! ئاسماندىكى ۋە داستىخاندىكى تەۋەرۈك قۇياشلىرىمىز ئامانلا بولسا، يارىلىشتىن بېرى قۇياشنى قوغلىشىپ كېلىۋاتقان بۇ قەۋمنىڭ مەندەك بىچارە پۇشتى يەنە قۇياشلىق كۈنلەرنى باغاشلار.

مەكتەپكە يېڭى كەلگەن ئىيۇننىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە ئۇيغۇرنى بىلىدىغانلىقى بىلەن ماڭا سۆيۈملۈك تۇيۇلغان بىر شوپۇر، بىر دىھقان، ۋە بىر ئوقۇتقۇچى ھازىرغىچە مەن بىلەن سالاملىشىپ قويىدۇ، لېكىن چىرايىدىكى دەسلەپكى ئالقىش تەبەسسۇمىنىڭ ئورنىغا تەڭقىسلىق ۋە ئىنسانلىقىمنى ئىنكار قىلىدىغان ئىچ ئاغرىتىش ئالماشقان. مەن مۇسۇبەتلىك كۈنلىرىمدە تۈمەن ھەسسىلەپ كۆپەيگەن ئىچ ئاغرىتىش ئىپادىلىرى ۋە ئىبارىلىرىگە شۇ قەدەر ئۆچ بولدۇمكى ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپلا بىرىنچى تىلىكىم باشقىلارنىڭ ماڭا ئىچ ئاغرىتماسلىقىنى تىلەش بولدى. مەن نېمىشكە بۇنچىلىك ئىنسانلىق ھىسسىياتىتىنمۇ بىزار بولىمەن؟ چۈنكى ھىسىداشلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش مېنىڭ بىچارىلىقىمنى تېخىمۇ ئاشكارلىلايدۇ، مېنىڭ تېخىمۇ ئاجىز، قىممەسىز، زەبۇن ھالىتىمنى ماڭا ئىتىراپ قىلغۇزماقچى بولىدۇ، ھاياتتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغىنىم بولغان مەۋجۇدلۇقۇمنىڭ ئەھمىيىتىنى بەرباتلىققا سۆرەيدۇ. ئوتقا، ئىسسىققا ئاشىق بىر ئۇيغۇرغا بىىچارىلىقنى ئىتىراپ قىلغۇزۇشنىڭ ۋەھىمىسىنى بۇ سۇغا، سالقىنغا خۇشتار ئامېرىكىلىقلار بەلكى مەڭگۈ ھىس قىلالمايدۇ.

ئۇيغۇرنىڭ ئوتقا، ئىسسىققا بولغان مۇھەببىتى تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن تەپچىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر بىر بىرىگە مەيلى بارلارنى « ئىسسىق ئۆتۈشۈپتۇ» دەپ ئىپادىلەيدۇ، بىر ئۆيگە كىرىپ بىللە ياشىيالمىغانلارنى «ئۆيى ئىسسىمىدى» دەيدۇ، مۇھەببىتى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلەرنى « ئارىغا سوغۇقچىلىق چۈشتى» دەپ ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتىدە بەدەننى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلىك ئاجىزلىقنىڭ بىشارىتى. ئۇيغۇرلار سوغۇقلۇق ۋە سۇنى بەدەننىڭ كۈچىنى خورىتىدىغان كۈشەندە دەپ قارايدۇ. شۇڭا يازلىرى تېمپىراتۇرا قىرىق گرادۇستىن چۈشمەيدىغان تۇرپاندىمۇ ئۇيغۇر ئۇسسۇلۇقىنى قىززىق چاي بىلەن قاندۇرىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ بەدەنلىرىنى شۇنچە ئىسسىق كىلىماتلىق تۇپراقتا نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئوچۇق قويماي ئوراپ يۈرىشى، يالىڭاچلىقتىن پىنھان قالغاندىمۇ ئۇيىلىشى، ئىسسىقلىق__ بەدەندىكى قۇۋۋەت بىلەن مۇھەببەت__ روھتىكى قۇۋۋەتنى مۇھاپىزەت قىلىش سەۋەبىدىن بولغان. ئۇيغۇر كۆرۈنمەس ياراتقۇچىنىڭ قۇدرىتىنى « پاختىغا ئوراپ چوغ ساقلايدۇ» دەپ سۈرەتلەيدۇ. بۇ يەردىكى چوغ، مۇھەببەت بولۇپ ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى؛ بۇ يەردىكى چوغ ھاياتلىق بولۇپ تەڭرىنىڭ مەرھىمىتىدۇر. ئۇيغۇر مۇقەددەس بىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇلۇغلۇق ۋە مېھىر لىباسقا ئورالغىنى ئۈچۈن جەلىپكاردۇر، مۇقەددەستۇر، دەخلىسىزدۇر. ئۇيغۇرنىڭ نەزىرىدىكى گۈزەللىك ئاشكارە – ئوچۇقلۇقتا بەربات بولىدىغان ۋە تارمار قىلىنىدىغانلىقى بىلەن ئۆزگىچىدۇر، سۆيۈملۈكتۇر. بىزنىڭ ئوتقا باغلانغان چۈشەنچىمىز ۋە ئادەتلىرىمىز ئامېرىكىلىقلارنىڭ سۇغا، سالقىنغا بولغان چۈشەنچىسى بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ تىلىدا «سالقىن» دېگەن سۆز پەيزى، قالتىس، لىۋەن، گۈزەل، ئاجايىپ دېگەندەك مەنىلەردە مودا قىلىپ قوللۇنىلىدۇ.

بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلىمىدە لاۋۇلداپ تۇرغان “ ئوت“تەك كۆرۈنگەن لىۋەن قىزنىڭ كۆزلىرى ئامېرىكىلىقنىڭ تىلىدا « سالقىن» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. مەن بۇ يازدا ئىككى ئاي سىنىپتىكى ھاۋاتەڭشەكنىڭ زىيادە سوغۇق چىقارغىنىدىن ئاغرىنىپ چىققان بولسام بىزنىڭ مۇئەللىم ھاۋانىڭ تولىمۇ ئىسسىپ كەتكىنىدىن ۋايساپ چىقتى. مەن يامغۇر ياغقان كۈنلىرى دەرىزەمنى يېپىپ قويمىسام يوتقانغا تۈگۈلۈپ كېتىدىغان ھاۋادا بىزنىڭ لاۋرىنسىلىق تونۇشلار ھاۋا تەڭشەكسىز ئوخلىيالمايدىكەن. ئۇلار ھازىرغىچە مېنى ھاۋاتەڭشەك ئالدۇرۇپ بولالماي، ئىسسىقتا قانداق ياشاۋاتقىنىمدىن ۋايىم يەپ ئاۋارە. ئامېرىكىلىقلارنىڭ كولا، ۋىنۇ ۋە ھەتتا مۇزدەك سوغۇق سۇغىمۇ يەنە مۇز سېلىپ ئىچىدىغان بۇ ئادىتىنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى سالقىنلىققا، ئوچۇقلۇققا تەشنا مىجەزىنى بەلگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن. ياۋرۇپانىڭ چەكسىز ئورمانلىرى ۋە پايانسىز دېڭىز ساھىلىنى ھايات سەھنىسى قىلغان ياۋرۇپالىقلارنىڭ مەدەنىيەت ۋارىسى ھىساپلىنىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىيىنىش، ھىسسىيات ئىپادىلەش ۋە كۆزقاراشلاردىكى ئوچۇق ئاشكالىرىقى بىزدەك تۇتقىلى بولماس ئوتنى يۈرەكلىرىگىچە ئورنىتىۋالغان مىللەتنىڭكىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. بىز بەكرەك يېقىنلاشساق كۆيدۈرىدىغان ئوتقا-ئىسسىققا مەپتۇن بولۇپ، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇقەددەس تۇيغۇ ۋە مەۋجۇداتقا تەمسىل قىلىپ ياشىساق ئامېرىكىلىقلار ئۈزسە راھەتلەنگىلى، تۇتسا ھوزۇر ئالغىلى بولىدىغان سۇغا-سالقىنغا خۇشتار بولۇپ ياشايدۇ. شۇڭا ئامېرىكىلىقلار لاۋرىنىستەك دېڭىزدىن يىراق شەھەرگىمۇ باش ئايىقىغا ئاران كۆز يېتىدىغان سۈنئى كۆللەرنى پەيدا قىلىشقان. بۇ يەردىكى ئەڭ مەشھۇر كېلىنتون كۆلى ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزگىلەرنىڭ يالىڭاچلىقىدىن، ئاشكارىلىقدىن زوق ئالىدىغان ئامېرىكىلقلار بىلەن تولغان. بىر ئامېرىكىلىق دوستۇم بىلەن ساھىلغا باردۇق. بۇرادىرىم چېنىقىشقا، مۇسكۇل چىقىرىشقا ئۆچ ئاز سانلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىرى ئېدى. ساھىلدىكى مۇسكۇللۇق ئەركەكلەر ۋە بەدەنلىرى تولۇق كەلگەن قىزلاردىن ئۇيالدىمۇ مايكىسىنى سالمايلا سۇ ئۈزۈشكە باشلىدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ماسلاشتىم، ساھىلدا كىيىمى بىلەن سۇ ئۈزگەن ئىككىمىزلا بولدۇق.

بىزدىكى تۇتقىلى بولماس ئوتقا بولغان مەپتۇنلۇق بىزنى غايىۋى مەنزىل ۋە غايىپ ھاياتقا مايىل مىجەزگە ئىگە قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ ئۆزىدىكى قىممەتتىن باشقا ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ھىكمەت ۋە سىھىرنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئۈندىگەن. ئامېرىكىلىقلاردىكى سۇغا ۋە سالقىنلىققا تەشنالىق ئۇلاردا ھەممە نەرسىنىڭ تۇتقىلى، بىلگىلى بولىدىغان قىسمىغا ئىتىبار بىلەن قارايدىغان، ھوزۇرلىنىدىغان، كۆرۈپ سىناپ بېقىپ ھۆكۈم قىلىدىغان مىجەزىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. بىزنىڭ خاراكتىرىمىزدىكى ئوتتەك قىزغىنلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ مىجەزىدىكى سۇدەك دولقۇنلۇق ۋە سالماقلىققا رۇشەن سېلىشتۇرما. بىزنىڭ پىكرىمىزدىكى يالقۇن كەبى سەكرەتمىلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ سۇغۇققان تەھلىلىدىن خېلىلا ئۆزگىچە. ماتەملىك كۈنلەردىكى بىر ئوقۇتقۇچۇم بىلەن ئارىمىزدىكى ئۇقۇشماسلىق بەلكىم يۇقارقى بايانلىرىمغا مىسال بولۇشى مۇمكىن.

بېشىمىزغا ھادىسە كەلگەندىن بېرى چىرايىم ئېچىلمىدى، كاللامنى قەتئى يىغالمىدىم، تاپشۇرۇقلىرىممۇ ۋاقتىدا تاپشۇرۇلماي قالدى. بۇنى سەزگەن بىر مۇئەللىم ماڭا بېشىغا مېنىڭكىدەك دەرت كەلگەنلەر بارىدىغان بىر يەرنىڭ بارلىقىنى، شۇيەرگە بېرىپ ئوقۇبەتلىرىمنى تۆكسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بۇ يەرنى خەلقئارالىق بىرەر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ تارمىقى بولسا كېرەك دەپ گۇمان قىلدىم ۋە دەرھال ئۇنداق يەرلەرگە بارسام ماڭا ۋە ئائىلەمنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدىم. مۇئەللىمنىڭ گېپنى بىرسى ئاڭلاپ قالغان بولمىغىيىدى دەپ بەك ئەندىشەلەندىم. كېيىكى قېتىملىق دەرستە مۇئەللىم تىۋىشسىزلا ئالدىمغا بىر ۋاراق قەغەزنى قويۇپ قويىۋىدى ئەتراپىمدىكى خەنسۇ ساۋاقداشلىرىمدىن ئەنسىرەپ تولىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتىم. چۈنكى مەلۇم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇلتۇر جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان شىنجاڭدىكى ئەۋزەل مىللي سىياسەتنى تەشۋىق قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇيۇشمىدىن قوغلانغانىكەن. مېنىڭمۇ ئۇنداق كۈنگە قالغۇم يوق، يوشۇرۇن بىر يەرلەرگە بارغۇم تېخمۇ يوق ئېدى. زادى نېمە بولغىيتتى، دەپ دەككە دۈككىدە ئۆيگە كېلىپ ھېلىقى قەغەزنى ئاچتىم. توۋا، بۇ مەكتەپ پىسخىك داۋالاش مەركىزىنىڭ ئادرىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىكەن.

مۇئەللىم ماڭا تولىمۇ دوستانىلىك بىلەن ئەگەر خالىسام مەن بىلەن دوختۇرخانىغا بىللە بېرىشنى تولىمۇ خاھلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىككىلىك خەت يېزىپ قويۇپتۇ. بىچارىلىقمغا كۈلگۈم كەلدى، بەلكى ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ ئىشقا كۈلگىسى ئەمەس مېنىڭ بىنورماللقىمغا ھىسىداشلىقى كەلگەندۇ. ماڭا بىر بۇرادىرىمىز مالايسىيەدە مەلۇم تىل مەكتىپىدىكى بىر ئۇيغۇرئوقۇغۇچىنىڭ نىڭ مۇخپىرنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا ئوقۇپ بېرىش تەلىبىگە جۇڭگونىڭ دۆلەت مارشىنى، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ بېرىش تەكلىبىگە « شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئەزەلدىن ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن شۇئارنى تەقدىم قىلغىنىنى ھىكايە قىلغىنىدا مەسخىرە قىلىپ تازا كۈلگەنتىم، مانا ئەمدى ئۆزەمنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشنىمۇ، يىغلاشنىمۇ بىلمەي قىينالماقتىمەن.

يۇقارقى مىسالدىن مەن ئامېرىكىلقلار بىلەن ئارىمىزدىكى تەپەككۇر پەرقىنى ھىس قىدىم. تۈرك بۇرادەرلەر «شاتلىق سوزلەنگەنچە كۆپىيىدۇ، ئازاپ سۆزلەنگەنچە ئازىيىدۇ» دەپ ئۆيلىرىدە مىھمان قىلغانتى. ئەگەر ئۇيغۇرلار بولسىمۇ دەل شۇنداق قىلاتتى. ئۈرۈمچىدە بولغان بولساق ئاغىنە بالىلار بىلەن بىر چاس سورۇن تۈزۈپ ئۇلارنىڭ ھاراقتىن كېين توسالغۇسىز چىقىۋاتقان مىھىرلىك سۆزلىرىگە چۈمۈلگەن بولاتتىم. تۈرك ئاغىنىلەرنىڭ پەرقى مەست بولماي تۇرۇپمۇ ساڭا ئەڭ مۇھەببەتلىك شۇ سۆزلەرنى ھەدىيە قىلالايدۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاغىنىلەر مەست بولماي تۇرۇپ بىربىرمىزگە ”كۆڭۈل چۈشەندۈرەلمەيمىز“. ھالبۇكى مەيلى تۈرك بولسۇن ياكى ئۇيغۇربولسۇن ھىچقايسى ساڭا ئامېرىكىلىق ئاغىنەڭدەك پىسخىك داۋالاش مەركىزىگە ئېلىپ بار دېمەيدۇ. قىزىق، بىز ئوتتا__ ئازاپتا كۆيىۋاتقان دوستىمىزنىڭ ئەقلىنى ئوتتەك كۆيدۈرىدىغان ھاراقتا داغلاپ، يۈرەك ۋە نېرىپلىرىنى ئوتتەك قىزىتىپ، زەھەرنى زەھەر بىلەن داۋالايدىكەنمىز.

ئامېرىكىلىقلار سۇدەك تەمكىن مىجەزى بىلەن ئوتنىڭ سىرتىدا قىلدەك تولغىنىۋاتقان دوستىنى دوختۇرخانىغا تەكلىپ قېلىپ مەسىلىنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرسىتىدىكەن. لېكىن ماڭا ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ ئىلمىيلىكى پەقەت تېتىمىدى. ئوتنىڭ تېشىدا قىلدەك تولغانغان بۇ كۈنلەردە ئاچچىق ئازاپنى ئاچچىق ھاراقتا داغلىغان، غەزەپلەر ئوتتەك چاراسلىغاندا ئىككى ئۈچ مەرتتە ئېتىشىپ، ئەتىسى ھىچ ئىش بولمىغاندەك بىربىمىزنىڭكىدە مىھمان بولۇشقان دوستلىرىمنى قەۋەتلا سېغىندىم. لاۋۇلداپ يانغان گۈلخانغا ئۆزىنى ئېتىپ قەلبىدىكى مۇقەددەسلىككە ئۇلاشقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى، ئاشۇ بالىلىرى ئۈچۈن تونۇردىكى يالقۇنغا باشچىلاپ كىرگەن ئۇيغۇر ئانىلىرىنى كۆزۈمگە سۈرگىدەك بولدۇم.


ئالدىنقى: 16. ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى

كـىيىنكى: 14.ئامېرىكىدا نېمە بار، نېمە يوق؟