18. ئامېرىكىدىكى مىھىرلىك رامازان كۈنلىرى

ئورنى Wikipedia

ئامېرىكىدا رامازان بىر كۈندە باشلانمىدى، تۈرك قارداشلىرىمىز جۈمە كۈنى باشلىدى، ئەرەب بۇرادەرلەر شەنبە كۈنى زوھۇرلۇق يەپتۇ. بىز شەنبە كۈنى كانزاس شىتاتلىق ئۇنۋېرىستىتقا كەلگەن ئىككى ئۇيغۇرۇمىزنى مىھمانغا تەكلىپ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن تۇنجى كۈنى تۇتالماي قالدۇق. مىھمانلارغا گەپ ئارىلىقىدا بۇنى تىلغا ئېلىۋىدۇق، ئۇلار كۈلۈپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇلارمۇ شەنبە ئەتىگەن مىھماندارلىققا بارىمىز دەپ روزا تۇتالماپتۇ. يېڭى كەلگەن ئېنىمىزنىڭ ئامېرىكىلىق ياتاقدېشى ئەرەبچە ئۆگەنگەنىكەن، ئۆزىنىڭمۇ بىللە روزى تۇتقىسى بارلىقىنى، روزىنىڭ خاسىيىتىنى ھىس قىلىپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. شۇ كۈنى ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرنى بىر يېرىم سائەت ماشىنا ھەيدەپ يېنىمىزغا ئېلىپ كەلگەن بۇ ئامېرىكىق بالىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق. ئەتىسىدىن باشلاپ روزامىزنى باشلىۋالدۇق، ئەلھەمدۇلىللاھ .

ئامېرىكىدا مەن ئۈچۈن مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەڭ راھەتلىك، ھوزۇرلۇق كۈنلىرى رامازان، ئادىمىيلىكنىڭ تولۇق چاقنىغان دەملىرى رامازان بولدى. مەكتەپتىكى مەسچىتتە بىرلىكتە يىيىلىدىغان ئىپتار، مۇھەببەتلىك سۆھبەت، مۇڭلۇق قىرائەتكە تولغان تاراۋى نامىزى. بىر بىرىنى مىھمان قىلىۋېلىشقا، بىر بىرىگە يۆلەك بولۇۋېلىشقا تەشنا بۇرادەرلەر توپى. دۇنيانىڭ تۆت بۇرجىكىدىن ئامېرىكىغا بىلىم، ئىستىقبال ئىزدەپ كېلىپ ئۆز ئىتىقادىنىڭ مەمنۇنىيىتى ئىلكىدە ياشاۋاتقان بەختلىك مۇسۇلمانلار، ئامەتلىك ئۈممەتلەر. ئۇلار رامازاننى مەخپىي تۇتۇشنىڭ ئازابىنى، سوغۇق سۇدا، چىراقسىز ياتاقتا تىۋىشسىز زوھۇرلۇق يىيىشنىڭ مۇشكۈلاتىنى بىلمەيدۇ، خەۋەر تاپقانلىرىمۇ باردۇ، ئەمما ھىس قىالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئۇنداق كۈنلەرنى يېقىن يولاتمىغاي. قادىر ئاللاھ ئۆزىگە بەندىلىك قىلىشتىن باشقا غايىسى، تىرىكلىكتىن باشقا نىشانى بولمىغان شور پىشانە ئىخلاسمەنلىرىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغاي، شىھىتلەرگە جەننەت، تىرىكلەرگە ئىسەنلىك ئىلتىپات قىلغاي.

رامازان كۈنلىرى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتتى، كانزاس شەھرىدىكى تۇرك جامائىتىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە بىر قانچە قېتىم ئىپتارغا باردۇق. بىر قېتىملىق ئىپتارنى بىر ئەزەربەيجانلىق ئاكىمىز ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ « ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى ھەر ئاڭلىسام يۈرۈگۈم ئاغرىيدۇ» دەپ كۆزىگە ياش ئالغىنىنى ھەر قېتىم كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم ئۆپكەم ئۆرۈلىدۇ. تەلىيىمگە بىر ئەرەب كىشى بىلەن خوشنا بولۇپ قاپتىمەن، مەسچىتكە ئىپتارغا بارالمىغان كۈنلەردە بىرلىكتە ئىپتارقىلدۇق. قىزىق يېرى رامازان جەريانىدا بۇ كىشىنىڭ ئىنگىلىزچىنى سۇدەك سۆزلەديغان بالىلرى ماڭا پەقەت ئەرەبچىلا گەپ قىلدى. ئۇلار تولىمۇ خۇشال، ماڭا سۆزلەپ ھارمايدۇ، مەنمۇ بىلگەندەك كۈلۈپ قويىمەن. بۇنداق چاغلاردا ھېيتتا بالىرىغا خەنسۇچە گەپ قىلدۇرماي، ئۆزىمۇ گەپلىرىگە قەتئىي خەنزۇ ئارىلاشتۇرماسلىققا تىرىشىدىغان خەنچە ئوقۇغان نەۋرە ئاچام ئېسىمگە كېلىدۇ، بەلكىم بۇلارنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ شۇنى تەلەپ قىلغاندۇ.

ئەرەب ئۈچۈن ئانا تىل ئاللاھنىڭ ھىكمەتلىك ئايلىرىدا ئەزىزدۇر. تېشىدا ھېيىت ئوينىغان ئۇيغۇر ئۈچۈنمۇ ئانا تىل ھىيىتلىق نىمەتتۇر، مەرھەمەتتۇر، مۇقەددەس ئاللاھقا باغلايدىغان رىشتەدۇر، ئىماندۇر. مەسجىدىمىز رامازان كۈنلىرى تۈرلۈك خوش خەۋەرلەر بىلەن جانلىنىپ تۇردى، ئىمان ئېيتقان ئامېرىكىلىق قىزلار، يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەسىرلىك ھىكايىلىرى بىلەن قەلبىمىزنى ياراتقۇچىنىڭ مېھرىگە تېخىمۇ ئۇلۇق قىلىپ ئاچتى. مەسجىدىمىزنىڭ قىلغان يەنە بىر ساۋابلىق ئىشى، مۇسۇلمان ئەمەس ئوقۇغۇچىلارغا چىقارغان رامازان چاقىرىقى بولدى. بۇ چاقىرىققا 500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئاۋاز قوشتى، رامازان تۇتقان ئوقۇغۇچىلار ئىپتارلىق تاماق ۋە مىۋىلەر بىلەن مىھمان قىلىندى. ئۇلارنىڭ رامازان تۇتقانلىقى بىلەن تىجەپ قالغان پۇلى شەھەردىكى خەيرى-ئىھسان جەمئىيەتلىرىگە ئىئانە قىلىندى. تېخىمۇ تەسىرلىك يېرى، ئىپتاردىن كېيىن بۇ روزا تۇتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ناماز ئوقۇشى بولدى، ئۇلار بۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ رامازانلىق پائالىيەتلىرىنى تولۇق تاماملاش، مۇسۇلمانلىقنىڭ تۇيغۇسىنى مۇكەممەل ھىس قىلىش ئۈچۈن ئىختىيار قىلىشقانلىقىنى بايان قىلىشتى.

رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى مەسچىتتە بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغا بىر مۇسۇلمان دىققىتىمنى تارتتى. گەپلىرى ۋە ئىنگىلىزچە تەلەپپۇزىدىن قارىغاندا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ئامېرىكىلىقتەك قىلاتتى. (ئامېرىكىدا دۇنيادىكى ھەممە مىللەت دېگۈدەك تېپىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئامېرىكىدا چوڭ بولغان ئامېرىكىلق ۋە كېيىن كەلگەن ئامېرىكلىق دەپ ئايرىش مۇمكىن) قىزىقىپ سورۇدۇم. _ سىز ئامېرىكىلىقمۇ؟ _ ھەئە، بەختىمگە قارشى مەن ئامېرىكىلىق. _ نېمىشقا مۇنداق دەيسىز؟ _ مېنىڭ مۇسۇلمانلار كۆپرەك دۆلەتتە ياشىغۇم بار ئېدى. _ نېمىشقا؟ _ پەرزەنتلىرىمدىن ئەنسىرەيمەن. _ قانداقسىگە؟ _ مەن ئۇلارنى مۇسۇلمانلىقتا ياشاپ بولالماي قالامدىكىن دەيمەن. چۈنكى بىزنىڭ بۇ شەھەردە مۇسۇلمانالار بەك ئاز، ئۆيدە ھەرقانچە تەربىيە قىلغىنىم بىلەن ئەتراپتا، جەمىيەتتە پەرزەنتلىرىمنى باشقا ئېقىملارغا ئەگەشتۈرىدىغان ئامىللار كۆپ. _ مەنچە ئۇنداق بولۇپمۇ كەتمەس، مۇسۇلمانلار كۆپ جەمىيەتتىكى مۇسۇلمانلارمۇ پۈتۈنلەي ئۆز مەدەنىيىتىدىن بەھىر ئېلىپ ياشاپ كېتەلمەيدۇ. _ سىز قاچان ئىسلامغا كىرگەن؟ _ مەن ئىسلامغا قايتقىلى 20 يىلدىن ئاشتى. _ سىز تولىمۇ توغرا كەلىمە ئىشلەتتىڭىز. ئەسلى مەنمۇ توغرا سورىيالماي قاپتىمەن . _ ھىچقىسى يوق، بىز مۇسۇلمانلار ھەر بىر ئېغىز سۆزىمىزگىمۇ ئىگە بولۇشىمىز كېرەك، غەيرى مۇسۇلمان زىيالىلىرى ئاغزىمىزغا نېمە سېلىپ بەرسە شۇنى دورىساق بولمايدۇ. مانچە ئادەم مۇسۇلمان بولدى دېگەن خاتا ئىبارە. توغرىسى ئىسلامغا قايتتى بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇسۇلمان يارىتىدۇ. ئاتا ئانىمىز ۋە موھىت قايسى دىندا، قايسى ئىددىيىدە بولسا بىزمۇ شۇنداق چوڭ بولىمىز. ئەقلىمىزنى تاپقاندا بەزىمىز ھەققە قايتىمىز، ئەمما كۆپىنچىمىز كۆنگەن خۇيىمىزنى داۋام ئېتىمىز. سۆھبەتكە قېتىلغان ئىرانلىق ئەزەرى دوستۇم، «ماشائاللاھ! مانا بۇ مەن ئاڭلىغان يېڭى گەپ، بىلىدىغان، ئەمما تەدبىق قىلىشنى ئۇنۇتقان موھىم بىلىم بولدى. بىز ھەمىشە بىلگىنىمىز بىلەن قىلغىنىمىزنى بىرلەشتۈرەلمەي قالىدىكەنمىز.

ئىمانىمىزقەلبىمىزدىلا قالىدىكەن، قىلىقىمىزدا زاماندا ئاققاننى، خەققە ياققاننى داۋام قىلىدىكەنمىز. مەن ھېلىمۇ ئۆزەمنى توپا توزۇتۇپ ماڭغان ماشىنا كەينىدىن يۈگۈرىۋاتقان بالىدەكلا ھېس قىلىمەن. ماشىنىنى كۆرگۈم بار، چۈنكى ئېڭىمدا ئۇ مەن كۆرۈپ باقمىغان يېڭىلىق، تولۇقراق كۆرۈشكە قادىر بولالمايۋاتقان تەرەققىيات. ماشىنىنىڭ رولچىسى مېنى تونۇمايدۇ، تونۇشىنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇ پەقەت مېنىڭ جان جەھلىم بىلەن قوغلاشلىرىمدىن ھوزۇر ئالىدۇ، خوشى تۇتسا يەپ ئاشقان كەمپىتنىڭ قەغەزلىرىنى تاشلاپ بېرىدۇ. مەن دوستلۇرۇم بىلەن ئۇنى پۇل قىلىپ ئوينايمەن. ماشنا يەنە كېلىدۇ، يەنە قوغلايمەن، كەينىمگە قارىسام كۆز يەتكۈسزى بىر توپ ماڭا ئەگىشىپ قوغلاۋاتقان. ئالدىمدا ماشىنا يوق، ئەمما توختاپ قالغۇم كەلمەيدۇ.

چۈنكى مەن دېگەن ئەڭ ئالدىدا ئۈزۈپ ماڭغۇچى، ئۇلار ماڭا ھەۋەس قىلىدۇ، مەندىن پەخىرلىنىدۇ، مېنى ئەڭ بۇرۇن ماشىنىغا چىقىدىغان كىشى دەپ تونۇيدۇ، مېنىڭ ماشىنى كۆرۈپ قوغلاۋاتقىنىمغا ئىشىنىدۇ. مەن ئامالسىز قوغلاشنى داۋام قىلىمەن…» سوۋېت ئىمپىرىيىسى بىلەن برتانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ تەقسىم قىلىشى بىلەن تۈركچە سۆزلىشىدىغان ئەزەرىلەر ئىككى دۆلەتكە تەۋە بولۇپ قالغان ئىكەن. سوۋېت پارچىلانغاندىن كېيىن روسلارغا تەۋە ئەزەربەيجان مۇستەقىل بولۇپتۇ. ئەينى چاغدا برىتانىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئىرانغا تەۋە بولغان ئەزەرىلەر ھازىرغىچە مۇستەملىكە بولۇپ تۇرۇۋېتىپتۇ. دوستۇمنىڭ بۇ نەسىردەك سۆزلىرى تولىمۇ چىن، بەكمۇ تونۇشلۇق ئېدى. ئۇنىڭدىن «ئىسمىڭ پارىسچىمۇ ؟» دېسەم چىرايىنى سەل ئۆزگەرتىپ « ئىراندا قۇشلارمۇ پارىسچە سايرىشى كېرەكمىدى؟ بىزمۇ ئادەم، بىزنىڭمۇ تىلىمىز بار، مېنىڭ ئىسمىم سەننۇر!» دېگەنلىرىنى ئۇنۇتالمايمەن.

رامازان جەريانىدا بىر بىلىۋالغىنىم، بىز ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلىرىغا ئەمەس تۈركىيە تۈركلىرىگە ئوخشاش ھەنەپىي مەزھىبىگە مەنسۇپكەنمىز. چۈنكى بىز ئۇلاردەك تاراۋىنى يىگىرمە رەكەت ئوقۇيدىكەنمىز، پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن ئۈنلۈك «ئامىين» دېمەيدىكەنمىز، ئىمامغا سوڭدىشىپلا سالام بېرىدىكەنمىز. بۇ يەردىكى سەئۇدىلىك ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتتىكى شەكىللىرى بىزدىن سەل پەرق قىلىدىكەن. مۇشۇنچىلىك پەرقنى توغرا ھەل قىلماي توقسىنىنچى يىللاردا بىر «ئامىن» نى تېشىدا ياكى ئىچىدە دېيىشنى تالىشىپ پىرقىلەرگە بۆلۈنگەن ساددا قېرىداشلىرىمغا ئاللاھتىن تەپەككۇر، ئىجتاھات تىلىدىم. شۇ تالاش تارتىشلار بولغان زاماندا مەن «ئامىن» نى تېشىدا دېيىشكە مايىل ئىدىم. چۈنكى ياش-بوغۇن بولغاچقا ئىسلاھات-يېڭىلىققا ئىنتىلگەن بولۇشىمىز تەبىئى، ئەمما ئسلاھاتنىڭ شەكىلدىن ئەمەس، مەنىسىدىن باشلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلىشىمىز لازىم ئېدى. قايسى ئىسلاھاتنى چوقۇم، قايسى يېڭىلاشنى ئىمكانىمىزغا، شارائىتىمىزغا بېقىپ قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىزگە شۇ چاغلاردا ئۆگىتىلىشى لازىم ئېدى .

رامازاندا ماشىنىلىق ئۈچ سائەتلىك يەردىن كېلىپ، مەسچىتىمىزگە نەزىر بەرگەن ئۇيغۇر ھەمشىرىمىزدىن ئالەمچە رازى بولدۇق، مۇسۇلمان بۇرادەرلەر ئىپتاردا ئۇيغۇر پولوسى بىلەن ئۇيغۇر قوردىقىنى تالىشىپ يەپ كېتىشكەندە، مۇشۇ تائاملارنىڭ ئىجادچىسى بولغان مۆئمىن ئۇيغۇرۇمغا، ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئەرزىيەتلىرىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان تىرىكلىك تۇتقۇنلىرىغان ۋە ئۆلۈم شاھادەتمەنلىرىگە ئاللاھتىن رەھمەت، ئامانلىق تىلىدىم. ھېيىت نامىزىنى تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۇيغۇر بالىلىرىدەك ھېيىتلىق كىيىملىرىنى كېيىشىپ،دادىلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن تۈرك بالىلىرى بىلەن بىر سەپتە ئوقۇدۇم. قاراڭ، بۇ ئىسلامدىكى ئادىللىقىنى، ئاللاھ ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغان مەسچىتتە كىچىكمۇ، چوڭمۇ، بايمۇ، گادايمۇ ھەممىمىز بىر سەپتە. تۈرك قېرىداشلارنىڭ دۇئادىكى بىرىنجى جۈملىدە «ئى ئاللاھ! ئەزىز ۋەتىنىمىزنى، جانىجان ھۆرلۈكىمىزنى قوغدۇغايسەن…» دەپ خىتاب قىلغاندا كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلدى.

دادامنىڭ مېنى كىچىكىمدە ھېيىت نامىزىغا مۇشۇنداق ئېلىپ بارغانلىقى، جامائەتنىڭ نامازدىن بۇرۇنقى سېھىرلىك تەكبىرلىرىدىن غايىپ ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھىس قىلغانلىرىم، چوڭلار بىلەن بىر سەپەت تۇرۇپ ئۆزەمنى چوپچوڭ يىگىتتەك چاغلاپ غۇرۇرلانغىنىم ئېسىمگە كەچتى. بىزنىڭ نەۋرىلەر بۇنداق بەخىتتىن، بۇنداق سېھىرلىك تۇيغۇدىن، دادا بىلەن بىر سەپتە تۇرغاندا ئويغۇنىدىغان ئەركەكلىك مەسئۇلىيەت ۋە غۇرۇردىن مۇستەسنا چوڭ بولماقتا ئېدى. تۈركلەردىمۇ كىچىكلەرگە ھېيىتلىق بېرىدىغان ئادەت باركەن. مەن تەييارلىقسىز كەلگەنىكەنمەن، ھەممە ئادەم كىچىلەرنى چاقىرىپ، يانچۇقلىرىدىن بىر دوللارلىق پۇللارنى بەرگىلى تۇرغاندا بەكمۇ خىجالەت بولدۇم. تەلىيمگە بىر تۈرك بۇرادەر جىقلا پارچە پۇل ئېلىۋاپتىكەن. شۇنىڭدىن پارچىلىتىپ مەنمۇ ھېيىتلىق بەردىم، ئۇيغۇر بالىلىرىدەكلا ئوماق بۇ بالىلار ھېيتلىقنى ئېلىپ رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، قولۇمغا سۆيۈپ قويۇشتى، باشقىلار ئەسكەرتمىسە قولۇمنى ئۇزاتماي تۇراركەنمەن تېخى. (تۈركىيە تۈركلىرىدە كىچىكلەر چولڭلارنىڭ قولىغا سۆيۈپ كۆرىشىدۇ.)


ئالدىنقى: 19. چىگرىنىڭ چېكى ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى

كـىيىنكى: 17. رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى بولارمۇ؟