19. چىگرىنىڭ چېكى ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى
ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي تۈركچىنى شۇنداق ياخشى سۆزلەيدىغان بىر پروفېسسۇر بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. تۈرك دوستۇم مېنى مېھمانغا چاقىرغاندا ئۇنىمۇ بىللە چاقىرغانىكەن. ئۇ ئايال ئىسلام تەسەۋۋۇفى، كامىروندىكى بەربەر قەبىلىسىنىڭ تىلى قاتارلىق تېمىلارنى تەتقىق قىلىدىكەن. يولدىشىمۇ كامىرونلۇق بەربەركەن. ئادەتتە ئامېرىكىدا تەتقىقاتچىلار قايسى مىللەت ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولسا ئاۋال شۇ مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىدىكەن. تەتقىقات جەريانىدا تىل ئۆگنىشنىڭ تەقەززاسىدا مەدەنىيەت ئۆگىنىپ ئاخىرىدا مەزكۇر مەدەنىيەتنىڭ ھەقدارلىرى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ قالىدىغان ئىشلار ئامېرىكىدا ھەيرانلىق قوزغىمايدىكەن. بىز سۆھبەت جەريانىدا ئارىمىزدا نۇرغۇن تېمىلارغا ئورتاق قىزىقىش بارلىقىنى ھېس قىلىشتۇق. گەپ تەسەۋۋۇفنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك مىللەتلىرىگە تارقىلىشى، پارىس تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مىللەتلىرىگە تەسىرى ھەققىدە بولۇنغاندا قۇرۇلۇش ئىنجىنىرلىقىدا ئوقۇيدىغان ساھىپخان تۈرك دوستۇم بىراز بىئارام بولدى، ھەمدە سەل گۇمان قىلغاندەك بولۇپ قالدى. چۈنكى، مەن پارىس مەدەنىيتىنىڭ تۈرك مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە تەسىرى مىسالىدا بىزدىكى مۇقام ناملىرىنىڭ ئىچىدە «سىگاھ،، چاھارگاھ،، پەنجىگاھ» لارنىڭ پارىسچە ئىكەنلىكى، ھازىرقى تۈركچىدىكى «بەياز(ئاق)، قىرمىزى(قىزىل)،سىياھ(قارا)…» قاتارلىق كەلىمەلەرنىڭمۇ پارىسچە ئىكەنلىكنى دەپ ئۆتتۈم. تۈركىيەدە ئاتا تۈركنىڭ تۈركچىنى ساپلاشتۇرغانلىقىنى ئىپتىخار ئىلكىدە ئۆگۈنۈپ چوڭ بولغان بىر تۈرككە مىساللىرىم تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلاتتى، قوبۇل قىلىش ئاسانغا توختىمايتتى. تۈرك دوستلىرىمىز مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەرلىكىگە، ھەرقانداق ئىشتا ئىلغارلىقىغا ئىشىنەتتى.
ماڭا بىر ئامېرىكىلىق تۈركلەرنى «بۇنى تۈركلەر قىلالمايسىلەر!» دېسەڭ بەك غەزەپلىنىدۇ دېگەن ئېدى. دېمىسىمۇ شۇ، تۈركىيە مەيلى ئوسمان ئىمپىريىسى زامانىدا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاناھى بولغان تارىخى بىلەن بولسۇن، ياكى ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادىدا دۇنيا بويىچە يىگىرمە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ يىغىنىغا بىر مۇسۇلمان دۆلىتى سۈپىتىدە قاتنىشالاۋاتقانلىقى بىلەن بولسۇن ھەر بىر تۈركنىڭ پەخىرلىنىشگە ئەرزىيدۇ. ئەمما باشقىلار بىلەن ئورتاقلىقتا ياشىغىنىمىز، باشقىلاردىن مەدەنىيەت قوبۇل قىلغانلىقىمىز ئېيتىلسا نىمىشكە بىئارام بولىمىز؟ مەدەنىيىتىمىزدىكى تەسىرلەر بىزنىڭ تىرىشچالىقىمىز، قوبۇلچانلىقىمىز، ئىجاتچانلىقىمىزنىڭ دەلىلى. باشقىلاردىن قوبۇل قىلىش، ئۆگىنىشنى بىلىش بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى مەنتىقىدە ئىزچىل تەرەقىيپەرۋەرلىك سانىلىدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە بىر مىللەتنىڭ كىمدىن نېمە قوبۇل قىلغانلىقى موھىم ئەمەس، بەلكى قوبۇل قىلغانلىرىنى قانچىلىك ھەزىم قىلالىغانلىقى ۋە شۇ ئاساستا ئۇنى قانچىلىك يېڭىلىيالىغانلىقى موھىم. مەسىلەن، يۇقارقى ئۇيغۇر مۇقاملىرىمىزنىڭ ئىسمى پارىسچە، مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئىسمى ئەرەبچە ئەمما بۇ مۇقام پارىسنىڭ، مەشرەپ ئەرەپنىڭ ئەمەسقۇ!. تەھقىقكى، ئۇيغۇرنىڭ مۇقاملىرى ۋە مەشرەپلىرى ب د ت غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىردى، دېمەك دۇنيانىڭ نەزىرىدىمۇ، ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدىمۇ مۇقام، مەشرەپ ئۇيغۇرنىڭ. ئۇنداقتا بۇ يەردە بىر سۇئال تۇغۇلىدۇ. نېمىشقا ئۇيغۇر جاھاننى قايىل قىلغان مۇقامىغا پارىسچە، مەشرىپىگە ئەرەبچە ئات قويىدۇ؟
يازمىنىڭ ماۋزۇسىنى «چىگرىنىڭ چېكى ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى» قويدۇق. يۇقارقى سۇئالنىڭ جاۋابى شۇ مازۇدىن باشلاپ يېشىلىدۇ.
كاللامدا بۇرۇن شۇنداق سۇئاللار قاينايتتى، ئۇيغۇرلار نىمىشقا « تايىنى يوق» ھىندىستاننىڭ كىنوسىنى ھوزۇرلىنىپ كۆرىدۇ؟ ھىندىستان كىنو چولپانلىرىنىڭ رەسىمى نىمىشقا شۇجى تاڭغاندەكلا ھەر بىر ئۇيغۇر قىشلاقلىرىغىچە چاپلىنىدۇ؟ نىمىشقا دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلەردە ئىشلەنگەن ماللار ئەرەبچە خەت يېزىپ قويۇلسىلا ئۇيغۇردا بازارلىق بولىدۇ؟ نىمىشقا ئاسانلىقچە پىرىزدېنتلارنىڭ قەدىمى يەتمەيدىغان قەشقەرگە ئىران پرىزدېنلىرى ۋە تۈرك رەھبەرلىرى پات -پات قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرىدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئاچقان ئۈن-سىن دۇكانلىرى ۋە دىسكۇخانىلاردا نىمىشقا روسچە ناخشا ئەۋج ئالىدۇ؟ نىمىشقا كىشىلەر بالىلىرىغا سادامنىڭ ئىسمىنى قويىدۇ؟ نىمىشقا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەرەبىستان، تۈركىيە ۋە پاكىستانلاردا كۆپ؟ ئۇيغۇرلار نىمىشقا كۆك كۆز سېرىق ئادەمنى ”ئورۇس“، «سېرىقتىن ۋاپا كەلمەيدۇ» دەيدۇ؟.
ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرنى كەمسىتىش، سۆكۈش، قارغاش ئەيدىز كەبى ئەۋج ئالغان زامانلاردا مەنمۇ بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى خەلقىمىزنىڭ « نادان»لىقىغا جورۇپ چۈشىنىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ كەلگەن ئېدىم. مۇساپىر بولۇپ، رىيازەت چەككەن دەملەردە، ئاللاھ نىسىپ قىلىپ ئامېرىكىدەك كۆچمەنلەر ۋەتىنىدە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولغان چاغلاردا بۇرۇنقى كاللامدىكى چىگىك ۋە توقۇناق پېتى قالغان مەسىلىلەر ھەققىدە يىراقتا تۇرۇپ قايتا ئويلاندىم. شۇنچە مۇشەققەت چېكىپ ئىزدەپ ئوتتۇرا شەرقلىقلەر ئاچقان دۇكان ۋە ئاشخانىنى كۆرگىنىمدە ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا يېقىن پۇراقنى سېزىپ قەشقەر ياكى كۇچادىكى مەلۇم ئاشخانىدا غىزالانغاندەك ھوزۇرلاندىم. تۇيۇقسىز قايسىدۇر ماشىنىدىن ئاڭلىنىپ قالغان ھىندىچە ناخشا مېنى ۋەتەننىڭ گۈلدەك قۇملىقىغا ئاپىرىپ تاشلىدى. ئىنىمىزگە، ئاكىمىزغا، سىڭلىمىزغا ياكى ئاچىلىرىمىزغا ئوخشاپ كېتىدىغان تۈركلەر، پارىسلارغا قاراپ بوۋىمىز مەھمۇدنىڭ مىڭ يىل مۇقەددەم « پارىسسىز تۈرك(ئۇيغۇر) بولماس » دېگەنلىكىنى ئەسكە ئالدىم.
ئاۋام ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سىياسىي چىگرا ھېلىغىچە تولىمۇ ناتونۇش بىر ئۇقۇم. ئۇلار ھېلىمۇ خەلقارا خەۋەرلەرنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكى بويىچە مۇخبىردىن ۋە دىكتوردىن باشقىچە چۈشىنىدۇ. كىمنى يېقىن ياكى يىراق كۆرۈشنى، نېمىنى سۆيۈش، نېمىنى ھىمايە قىلىش ھەققىدە رىياللىقتىكى چىگرا-توساقلاردىن ھالقىپ تۇرۇپ ئۈنسىز قارار چىقىرىدۇ. تارىختىن بېرى موڭغۇل ئىگىزلىكىدىن تاكى قارا دېڭىزنىڭ ئۇ قاتلىرىغىچە ئەركىن ياشاپ كەلگەن بۇ خەلق 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە مۇنداق مۇئەييەن بىر سىياسى دائىرىگە قاۋىلىپ باقمىغان. ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە پەقەت مەدەنىيەت پەرقىلا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەقىقى چىگرىدۇر. مەن تۈركىيەدە مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغان. ئېيتىلىشىچە 1960-يىللاردىكى قاچ-قاچتا بىر قسىسم ئاپغان پاسپورتى بار ئۇيغۇرلار ئافغانىستانغا قاچقانىكەن. ئەينى چاغدا بۇلارنى ب د ت نىڭ مۇساپىرلار مەھكىمىسى كۈتىۋېلىپ نەگە يەرلىشىشىنى خاھلىسا شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىكەن. ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننى تاللاپتىمىش. ماڭا دەپ بەرگەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئەگەر ئۇلار ئامېرىكا ياكى ياۋرۇپانى تاللىغان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن كۆپ مەنپەئەتلىك بولىمىشكەن. ئەينى چاغدا مەنمۇ بۇ گەپكە قوشۇلغان. ۋاھالەنكى بېشىمدىكى مۇساپىرلىق سەۋداسى يەنە قوزغۇلۇپ ئۆزەمنى ئامېرىكىدا كۆرگىنىمدە ئەشۇ سەرگەدان ئاتىلىرىمىزنىڭ قىلغىنىنى پۈتۈنلەي توغرىكەن دېمىگەن بولساممۇ توغرا چۈشەندىم.
ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ياكى ياۋرۇپانى تاللىماي ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتتىكى تۇغقان ۋە يېقىنلىرى بولغان سەئۇدى ۋە تۈركىيەنى تاللىشى قانداقتۇر ئۇلارنىڭ نادانلىقى ياكى قالاقلىقى ئەمەسكەن. ھەر قانداق ئىنسان تەبىئىكى، ئۆزىگە دىن، ئۆرپ ئادەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن يېقىن كېلىدىغان كىشىلەر بىلەن ئاسانراق چىقىشىپ ئۆتەلەيدىكەن، خۇشھاللىقىدىن تەڭ ھوزۇرلىنىپ قايغۇسىنى تەڭ كۆتۈرىشەلەيدىكەن. بىر ئۇيغۇر بىر تۈركىيەلىك تۈرك بىلەن بىرىنچى ئېغىز سۆز بىلەنلا ئوخشاشلىقنى سېزىدۇ. بىر ئۇيغۇر بىر مۇسۇلماننىڭ بىرەر قىلىقىدىنلا ئورتاقلىقنى ھىس قىلىدۇ. بۇ خىل ھىس تۇيغۇلار ئىنسانلارنى بىر بىرىگە تەبىئى يېقىنلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن، بىر كۈنى بىزنىڭ بىر مۇئەللىم گەپ ئارىلىقىدا دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى ساناپ كېلىپ سىنىپتىكى ئەرەب بالا بىلەن ماڭا قاراپ« سىلەر ئەلجەزىرە تېلۋىزىيەسىنى ھازىرمۇ كۆرەلەۋاتامسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئوقۇتقۇچىمىز مېنىڭ جوڭگۇدىن كەلگەنلىكىمنى بىلىدۇ، نىمىشقا سىنىپتىكى باشقا خەنسۇ بالىلاردىن سورىماي مېنى ئەرەب بالا بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ سۇئال سورايدۇ؟ مەن بۇنى مۇئەللىمدىن سورۇدۇم.
ئۇ ئەلجەزىرە تېلۋېزىيىسىنىڭ گېپى چىققاندا ئەرەب بالا بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرىمىزدىن قىزىقىش ئىپادىلرىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. سىنىپتا باشقا ئەللەردىن كەلگەن بەزى ساۋاقداشلارنىڭ قىلىقلىرى ياقمىسا ئەرەب بالا بىلەن ئىككىلىمىز تەبىئىلا بىر بىرىمىزگە قارىشىپ قالىمىز. ھەتتا ئىككىمىزنىڭ ئىڭگىلىزچە تەلەپپۇزىمىزمۇ يېقىنلىشىپ قالىدىكەن. خوشنا شىتاتقا ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئوقۇغان بىر ئۇكىمىز كېلىپلا مەكتەپتىكى مەسجىدكە بېرىپ تۈرك بالىلار بىلەن تونۇشۇپ، تۈرك ئاشخانىلرىدىن تاماق يەپ غېرىپلىقتىن ئۇزاق ياشاپتۇ. مەزكۇر مەكتەپكە كەلگەن يەنە بىر خەنچە ئوقۇغان قىز خەنسۇلار ھېلىقى ئۇيغۇر بالىنى تېپىپ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمىگىچە ئۇنى ئىزدىمەپتۇ. ئۇيغۇر ئېنىمىز ئۇ قىزنى ئىككى ھەپتە ياتىقىدا تۇرغۇزۇپ باشقا بىر شەھەردىكى تۇغقىنىنىڭ قېشىغا يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. مېنىڭ ئىككى بېنگال خوشنام بار، بىرى مۇسۇلمان يەنە بىرى ئەمەس. مۇسۇلمان بېنگال خوشنام ئۆزىنى ئۆز مىللىتىدىن بولغان تام خوشنىسىدىن مېنى ياخشى كۆرىدۇ. جىددىي يارىدەم لازىم بولسا بېنگال مىللەتدېشىغا دېمەي ماڭا دەيدۇ.
رامازاندا بىر لىۋىيەلىك مۇسۇلماننىڭ ئۆيىگە ئىپتارغا تەكلىپ قىلىندىم. ھەيرانلىقتا شۇنى بايقىدىمكى، ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە بۇرۇن بار ۋە ھازىرمۇ قىسمەن بار بولغان ئىۋرىق، پالاز، تەكىي دېگەنلەر شىمالى ئافرىقىدىن كەلگەن بىر ئامېرىكىلىق ئەرەبنىڭ ئۆيىدىمۇ باركەن. تاماق تارتىلغاندا بىزنىڭ سامبۇسىغا ئوپمۇ ئوخشاش بىر يىمەكلىك دىققىتىمنى تارتتى، ئىسمى سامۇسا ئىكەن. بىزنىڭ سامبۇسىنىڭ دەل ئۆزى. ئەمدى مۇقاملىرىمىزنىڭ ئىسمىدا نىمىشقا ئەرەب- پارىسچە كۆپ؟ ئۇيغۇر تېبابىتىدە نىمىشقا ئەرەب پارىسچە كۆپ؟ لېۋىيەلىك ساھىپخان بىلەن ئەرەب مۇقاملىرىدىن ھوزۇر ئالدۇق. ئەرەبلەرنىڭ مۇقامى بىزنىڭكىدەك تولۇق ئەمەسكەن ھەم سانىمۇ بىزنىڭكىدىن كۆپ ئازكەن. بىزدىكى بىر قىسىم تېبابەتكە دائىر پەرھىزلەر ئۇلاردىمۇ باكەن. بىزدىكى شىئېلارنىڭ ئاھاڭى بىلەن ئۇلارنىڭ شىئېر ئوقۇغاندىكى ئاھاڭى يېقىنلىشىپ قالىدىكەن. تېخىمۇ قىزىق يېرى بىزدىكى كارىز شىمالى ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلاردىمۇ بارئىكەن. داستخاندىكى پولۇ، شورپا، سامبۇسا، قۇيماقتىن تارتىپ سۇپىدىكى مۇشۇككىچە نۇرغۇن نەرسىلەردىكى يېقىنلىق ئارىمىزدىكى جۇغراپىيىلىك يېراقلىقنى دەقىقە ئىچىدە يوق قىلىۋېتىدىكەن. دېمەك مىڭ ئىككى يۈز نەچچە يىللىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرغا تەكلىماكاندىن سەھرايى كەبىرگىچە ياپيات نەرسە يوقكەن، ھەممە نەرسە يېقىنكەن، يېقىنلىشىدىكەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ « ئۆزىنى بىلگەن رەببىنى بىلىدۇ» دېگەن ھەدىسىنى بۇلارمۇ بىزدەك چۈشىندىكەن.
دېمەك بىزدىكى تېبابەت، ئەدەبىيات، مۇقام قاتارلىق خەزىنىلەر ئورتاق ئىسلام مەدەنىيىتىگە باغلانغان بولغاچقا، مەزكۇر ساھەلەردە ئورتاق ئاتالغۇلارنىڭ كۆپلىكى قىلچىمۇ ھەيران قالىدىغان ھادىسە ئەمەسكەن. بۇ خۇددى ياۋرۇپا تىللىرىدا پەن، ئەدەبىيات، تېبابەت ۋە مۇسىكا ئاتالغۇلىرىنىڭ لاتىنچە بولغىنىدەك بىر ئىشكەن. ھازىرقى ياۋرۇپا تىللىرىدىمۇ لاتىنچە سۆزلەر بەك كۆپ. ھازىرغىچە تۈركىيەدە بىز ئۇيغۇر تېبابىتى دەۋاتقان تېبابەتنى ئىسلام تېبابىتى دەيدىكەن. ئەلۋەتتە ئورتاق ئەدەبىيات، ئورتاق پەن ۋە تېبابەتتىن بەھىر ئېلىپ ئورتاق دىندا ياشىغىنىمىز بىزنىڭ ئەرەب ياكى پارىس بولۇپ كەتكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرمەيدۇ ئەلۋەتتە. مەسىلەن، مۇقامنىڭ نامى پارىس-ئەرەبچە بولغان بىلەن ھەر قانداق ئادەم بىرلا ئاڭلاپ ئۇيغۇرنىڭ مۇقامىنىڭ ئەرەبنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. تېبابېتىمىز ئوخشىغان بىلەن شۇ تېبابەتنى ئۆز شارائىتىغا ماس تەرەققىي قىلدۇرغان ھەم ھازىرغىچە ساقلاپ كېلەلىگەن مۇسۇلمان مىللەتتنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئوردۇ ئىكەنلىگىنىمۇ مۇسۇلمان دۇنياسى بىلىدىكەن، ھەم بىلىۋېتىپتۇ.
مەدەنىيەتنىڭ پايانى بويىچە ئېيتقاندا ئۇيغۇرغا شىمالى ئافرىقىدىن بالقانغىچە، قارا دېڭىز بويلىرىدىن سەددىچىنگىچە، ئالتاي تاغلىرىدىن مۇمباي مەھەلىلىرىگىچە ( بۇرۇن ئۇيغۇرلار مۇمباي دەپ يازغانىكەن، ھازىرمۇ ھىندىستانلىقلار مۇستەملىكچىلەرنىڭ تامغىسى بېسىلغان بومباي سۆزىنى يامان كۆرىدۇ) بولغان توپراقلارنىڭ ھىچ بىرسى يات سانالمايتتى. ئۇيغۇرلار ئۆزىنى بىپايان مەدەنىيەتنىڭ ساھىبى سانىغاچ بىپايان قەلبىگە ئىنسانىيەتنىڭ قېرىنداشلىقى، باراۋەرلىكى ۋە ھەمدەملىكىدىن ئىبارەت قىممەتلىك روھنى تېڭىپ بۈگۈنگە ئۇلاشقان. دىيارىمىزغا كۆچمەن بولغان خەنسۇ تىللىق مۇسۇلمانغىمۇ، موڭغۇل تىللىق لاماغىمۇ، ئەپكەش كۆتىرىپ كەلگەن مۇھتاجغىمۇ تەڭ قۇچاق ئاچقان. ئۇيغۇر نىمىشقا كۆك كۆز، سېرىق چاچنى يامان كۆردى؟ چۈنكى ئۇيغۇرنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى قىرغىز، قازاق، تاتار، ئۆزبېك قېرىنداشلىرى شۇ كۆز كۆز سېرىق چاچلىق روسلارنىڭ زۇلمىدىن قېچەپ ئۇيغۇر توپراقلىرىغا سغىندى.
ئۇيغۇر ئۇلاردىن ئۆزى ئەڭ مۇقەددەس بىلىدىغان ئىتىقادىنىڭ قانچىلىك دەپسەندە بولغىنىنى ئاڭلىدى. ئاڭلىمىغانلىرى 30-يىللاردا رۇس ئايرۇپىلانلىرىنىڭ تارىم ئاسمىنىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى قانچە قېتىم قانداق ئوۋلىغانلىقىنى كۆردى، ئاپتۇماتلىرىغا يەم بولدى. ياقۇپ بەگ دەۋردىدىن باشلانغان 80 نەچچە يىللىق توزاق، قىرغىنچىلىق، بۇلاڭچىلىق، سىياسىي نەيرەڭۋازلىق رۇسلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە يات قىلدى. مەدەنىيەتتىكى پاياننىڭ قسىلىشى ئۇيغۇرنىڭ روھىنى سىقتى، قەلبىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاقلىقى ھەققىدىكى بۇيۈك تۇيغىلىرىنى زىدىلىدى، ئىنسان نەسلىگە تەپچىپ تۇرىدىغان ئوتلۇق يۈرىكىنى مۇزلاتتى. چىگرىدىكى چەكلەر، چەتكە قېقىلىشلار، يېتىم قالدۇرۇشلار ئۇيغۇرنى ئۆزلۈكىگە تېخىمۇ چىڭ يېپىشتۇردى، ئۇلار ھەممە بارلىقىدا پەقەت ئۆز ئاۋازىنىلا ئاڭلاشنى ئارزۇلايتتى، پۈتۈن تەئەللۇقاتىدا پەقەت بوۋىلىرنىڭلا ھىدى بولۇشىنى تىلەيتتى. شۇڭا بۈگۈن بىز تىلىمىزدىكى ئەرەب- پارىسچە سۆزدىن بىئارام بولىمىز، پاكىستان، ياكى ھىندىستانلىقلارغا ئوخشىغان تەرىپىمىز كۆزىمىزەە سىغمايدۇ. شۇ خەقلەردەك تونۇرغا نان ياقىدىغان، سامسا يەيدىغان، بازارنى بازار، مازارنى مازار دەيدىغانلىقىمىزنى بىلسەك نېمە بولۇپ كېتەرمىز؟ بۇ چىگرىنىڭ رەھىمسىز سۇۋغىسىمۇ؟ مەجبۇرىي ھەدىيە پەقەت شۇلىمۇ؟ ياق، يەنە نەپرەت، گۇمان، قېيداش، جاھىللىق ۋە ئەسەبىيلىك. مەنچە بۇ رىياللىقنىڭ پەقەت بىر تەرىپى، قىسمەن يۈزى. نەچچە مىڭ يىللىق بىپايان قەلب ۋەچىگرىسىز تەپەككۇرغا كۆنگەن بۇ قەۋم يەنە مۇتلەق مەنىدە چەكسىز تەپەككۇر ھۆرلۈكى ۋە قەلب كەڭلىكى خىيالىدا ئۈنسىز ياشىماقتا.
بىز ئۇيغۇر ئۈچۈن مەدەنىيىتىمىزدە مەۋجۇد بولغان باشقا مىللەتلەر بىلەن ئورتاقلىقلار بىزنىڭ بايلىقىمىز ۋە بارلىقىمىزدۇر. ئەمما خوشنا تىلداش ۋە دىنداش خەلقلەر بىلەن ئارىمىزدىكى مەنىۋىي يېقىنلىق ۋە ئورتاقلىق ئۇيغۇرغا خاس مىللي پاسىلنى ئىنكار قىلماسلىقى كېرەك، ھەم ئىنكار قىلالمايدۇ. مېدىيەلەردە «جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» دېگەنلىك دەل دۇنيانىڭ ئۇيغۇرنىڭ خاسلىقىدىن، توغرىسى ئۇيغۇرغىلا خاس مىللي پاسىلدىن بىخەۋەر قېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ناتوغرا خەۋەردار بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ بىزگە ئارتۇقچە «ياغلىق قاپاقلار» نى يۈكلەيدۇ. ئاتا بوۋىمىز ياشاپ كەلگەن مەدەنىيەت پايانىدا ياشاش قىسمىتىمىزگە مەنسۇپ بولسا مىللي پاسىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ھازىر ئىرادىمىزگە باغلىق بولۇپ قالدى. بىر مىللەتنىڭ مەلۇم مەدەنىيەتتىكى كەڭلىكتە مەۋجۇدلىقى تارىيخى ۋە رىيال ھادىسە، مەزكۇر مىللەتنىڭ يۇقارقى مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆزى ياشاۋاتقان سىياسىي چىگراغا توقۇنۇشتۇماي تەكىتلىشىمۇ تامامەن ھەقلىق ۋە مۇمكىندۇر.
ئالدىنقى: 20. مەتبۇئاتتىكى كۆلەڭگىلەر