20. مەتبۇئاتتىكى كۆلەڭگىلەر

ئورنى Wikipedia

بىر ياۋرۇپالىقنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىتابىدا مۇنداق گەپنى كۆرگەندەك قىلغان.« ئۇيغۇرلار ياۋرۇپادا ئۆز ئىچىدە بىر بىرىگە ئۆز يۇرتى بىلەن تونۇشتۇرۇلىدۇ، ياۋرۇپالىقلارغا ئۆزىنى ئۇيغۇر تۈرك دەپ تونۇشتۇرىدۇ، لېكىن ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئېسىدە كۆپىنچە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىلا ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇيغۇرلۇقىنى بىلىدىغانلار ساناقلىقلا (ئەلۋەتتە بۇ كىتاب 90 -يىللارنىڭ بېشىدا چىققان، ھازىر بۇگەپلەرنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى چاك باسمايدۇ)». ئەۋەتتە، بۇ يەردە كىمنىڭ ئۆزىنى قانداق تونۇشتۇرۇش مەسىلىسى موھىم ئەمەس، موھىمى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تونۇشنىڭ پەلەمپەيسىمانلىقى ۋە مۇجىمەللىكى، شۇنداقلا ھازىر مەتبۇئاتلارنىڭ مۇشۇلارنى تارقىتىۋاتقانلىقىدۇر. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن جوڭگۇ ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرنىڭ نامى مىسلىسىز تىلغا ئېلىندى.خەلقئارا مېدىيەلەر ئۇيغۇرنى مەدەنىيەت تەۋەلىكى بويىچە يۇقارقى پەلەمپەيسىمان تونۇش بىلەن تەسۋىرلىدى. بەزى سەل تەپسىلى خەۋەرلەردە « مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار…. ئۇلار تۈركچە سۆزلەيدىغان جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» دېگەندەك بايانلار ئاساسى سالماقنى ئېگىلىدى. دېمەك دۇنيانىڭ نەزىرىدە بىز ئاۋال مۇسۇلمان دەپ تونۇلدۇق، ئاندىن تۈركچە سۆزلەيدىغانلىقىمىز تىلغا ئېلىندى، ئۇيغۇرلىقىمىز بولسا ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلدى. يەنى بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلار بىر بىرىگە باھا بەرگەندە ئاۋال ئۇنىڭ چوڭ جەھەتتىكى مەدەنىيەت تەۋەلىكىنى بىرىنچى بولۇپ تىلغا ئالىدىكەن، ئاندىن دائىرىنى سەل تارايتىپ ئىككىنچى قەدەمدىكى مەدەنىيەت تەۋەلىكىنى تەسۋىرلەيدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ ئەڭ نىگىزلىك مەۋجۇد خاسلىقى ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلىدىكەن. ئەلۋەتتە بۇ يەردە دۇنيانىڭ بىزنى ياخشى بىلمەسلىكىمۇ يۇقارقى پەلەمپەيسىمان تونۇشقا سەۋەپ بولماقتا، ئەلۋەتتە.

ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتسىز قالغان دۇنيا جامائىتى 2009-يىلى ئىيولدىن باشلاپ خەۋەردار بولۇشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئېنگىلىزچە، ياپۇنچە، فرانسوزچە، ئىسپانچە، ئەرەبچە، پارىسچە، گېرمانچە، ئىتالىيانچە كىتابلارنىڭ بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك بولدى. ئۇيغۇرغا ئالاقىدار يېزىلىپ نەشىر قىلىنالماي قالغان ياپۇنچە، ئىنگىلىزچە، ئەرەبچە ۋە تۈركچە كىتابلار كەينى كەينىدىن نەشر قىلىندى. ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن بىرقىسىملارنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيادېكى چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. بىر قىسىملىرى خەلقئارالىق مۇكاپاتلاغا ئېرشتى. لېكىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ بىلىملەرنىڭ توغرا -خاتىرى ئايرىلىپ، كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا ئورناپ ئۈلگۈرمىگەچكە جوڭگۇ ۋە دۇنياۋىي مېدىيەلەردە ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە ئۆتمۈشى چالا، قالايمىقان ۋە غۇۋا يوسۇندا ھەر خىل ئىزاھلاندى، ھەتتا ئىسمىمۇ تولا خاتا تەلەپپۇز قىلىندى،مەسىلەن، بەزىدە «يۇغۇر»،«يۇغۇرت»،«ۋىيغىر»،«ئۇيگۇر» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى. ئاتا مىراس زىمىنىمىزنىڭ ئاتلىرىمۇ ھەرخىل تەلەپپۇز قىلىندى.

ئۈرۈمچى شەھرىمىز گەرچە ئۇغۇز بوۋىمىزنىڭ مۇبارەك قىسسەسىدىن ئورۇن ئالغان، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ يازلىق ئارامگاھلىرىدىن بىرى بولغان مۇبارەك توپراق بولسىمۇ، دۇنيا ئۇنىڭ ئىسمىنى بەزىدە «يۇرۇمچى»، «ئۇرۇمكى»، «ۋۇلۇمۇچى» دېگەندەك ئېيتىپ كەلدى. . ئەلۋەتتە، بەزى مىللەتلەرنىڭ نامىمىزغا تىلى كەلمەيدىغانلىقى ئەمەلىيەت، لېكىن ئەڭ موھىمى دۇنيانىڭ ئۇزاق ئەسىردىن بېرى بىزدىن بىخەۋەر قالغانلىقى ۋە خاتا مالۇماتلىق بولغانلىقى ئاساسلىق سەۋەپ. دۇنيانىڭ ئۇيغۇر ھەققىدە خاتا مەلۇماتلاندۇرۇلغانلىقىنى ئەڭ ئاددىيىسى يۇرت ناملىرىمىزنىڭ بەزى خەلقارالىق ئۆلچەمگە مۇخالىپ يېزىلغانلىقىدىنلا كۆرىۋېلىش مۇمكىن.، مەسىلەن، «كۇچا» Kuqa) )ۋە «ئۈرۈمچى») Urumqi ) ( بۇ يەردېكى پىنيىنچە «Q »نى دۇنيا «ق» ياكى «ك» ئوقۇيدۇ، ). بىز بەزىدە غەرپ ئاخباراتىدا ئۇرۇمكى، كۇكا، ۋېنسۇ(ئونسۇ)، جىياشى(پەيزاۋات) دېگەندەك ناملارنى كۆرسەك ۋەئاڭلىساق ئېچىنىمىز، چۈنكى غەرپتە بىرسىنىڭ ئىسمىنى ئېسىدە ساقلىۋېلىش، توغرا تەلەپپۇز قىلىشنىڭ شۇ كىشىگە كۆرسەتكەن ئىتىراپ ۋە ھۆرمەتنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكى ئادەتكە ئايلانغان. بىزنىڭ يەر ناملىرىمىز خەنسۇچە پىنيىنغا تارتىپ يېزىلغاچقا ۋە جوڭگۇنىڭ ئىنگىلىزتىلىدىكى ئاخباراتلىرىدا خەنسۇچە بويىچە تەلەپپۇز قىلىنغاچقا دۇنياۋىي مېدىيەلەرنىڭ خاتا قوللۇنىشى كېلىپ چىققان. جوڭگۇدا نەشىر قىلىنغان ئىنگىلىزچە لۇغەت، خەرىتە قاتارلىقلارغا ئۇيغۇر يەر ناملىرى، كىشى ئىسىملىرى پۈتۈنلەي خەنسۇچە تەلەپپۇزى بويىچە يېزىلغان، نەتىجىدە بىر ئۈرۈمچىنىڭ يۇقارقىدەك بىر قانچە ئىسمى پەيدا بولغان.

بىر مىسالنى قىستۇرما قىلغۇم كەلدى. بىر دوستۇمنىڭ خەنسۇچىدا ئوقۇيدىغان جىيەن قىزى توردا ھەدىسى بىلەن پاراڭلىشىپتۇ. گەپ قىزچاقنىڭ مەكتەپتە ئىنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتقانلىقىغا كەلگەندە دوستىمىز ئىنگىلىزچە قىزنىڭ ئىسمىنى سوراپتۇ. قىز ئىسمىنى خەنسۇچىلاپ دەپ بېرىپتۇ. دوستىمىز تۈزۈتۈپ بەرسىمۇ ئاڭلىماپتۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە خەنسۇچە ئىسمى ئۇنىڭ بىردىنبىر ئىنگىلىزچە ئىسمىكەن. بۇ يەردە ئىسىم قويغۇچى مۇئەللىم قىز ئۈچۈن نوپۇزنىڭ سىموۋۇلى، سىنىپتا ئۇنىڭ دېگىنى دېگەن، پايدا زىياننى ئويلاشقاندا قىزچاقنىڭ قوبۇل قىلىدىغىنى ئەلۋەتتە سىنىپتىكى ئوقۇتقۇچىسى قويغان ئىسىم، ھەرگىزمۇ ئون نەچچە مىڭ كىلومېتىر نېرىدىكى ھاممىسى تۈزەتكەن ئىسىم ئەمەس. بىز جەمئىيىتىمىزنى بىر دەرسخانا دېسەك نوپۇزنىڭ قۇدرىتى تېخىمۇ كونكىرىتلىشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ « جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» دەپلا ئاتىلىشىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى باغرىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغانلىقى سەۋەپ بولغان. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇنداق ئاتىشىغا تۈپتىن قارشى ئىكەن. ئۇلارچە بۇ ئاتالما خەلقئارادا خاتا تەسىر پەيدا قىلغاندىن باشقا، ئىچكىرىدىكى مىللەتچى تورلاردا ئەۋج ئالغان ئۇيغۇر= ئىسلام+ئەلقائىدە+تۈرك+ قانخور دېگەن پورمۇلانى ئومۇملاشتۇرۇپ قويىدىكەن.

ئىلمىيلىك بويىچە ئېيتقاندا بۇ ئۇيغۇر بىلەن باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدىكەن. مېنىڭ ئەرەب تىللىق تونۇشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار ئۇيغۇرنى بىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارچە «جوڭگۇلۇق مۇسۇلمان» دېگەن ئاتالما خەنسۇ تىللىق مۇسۇلمان خۇيزۇلارنى كۆرسىتىدىكەن. كوڭفۇزى ھەزرەت « نام ئورۇنلۇق بولسا گەپ يوللۇق بولۇر » دەيدۇ. تارىخ كىتابلار تۈزۈلمەكتە، ئىتتىپاقلىق دەرسلىكلىرى تەسىس قىلىنماقتا، كېلىشىمنامە، مەسئۇلىيەتنامىلەر يازدۇرۇلماقتا، مەنچە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە يۇرتىنىڭ نامىنى توغرا ئاتاشنى ئۆگەنگەندە ئاندىن باشقا گەپلەر يوللۇق بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا بۇنداق ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ خاتالاشتۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولماي قالىدۇ.

بىر كۈنى ماڭا بۇ يەردە ئاخباراتتا ئوقۇيدىغان بىر گۈيجۇلۇق تونۇشۇم « قۇربان تۇلۇم مەككىگە ھەجگە بېرىشنىڭ ئورنىغا ماۋزىدوڭنى كۆرگىلى بارغانىكەن، سەن بۇنىڭغا قانداق قارايسەن؟» دەپ سۇئال قويغاندا ھەيران قالغانتىم. ئۇنىڭغا باشقا گەپ قىلمىدىم، پەقەت ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈ ئىنسانغا، شەخسكە چوقۇنۇشتىن، تىزلىنىشتىن خالىلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. لېكىن ئۇ «ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆيلىرىگە ماۋزېدوڭ، دېڭشىياۋپىڭ قاتارلىق داھىلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن گىلەملەرنى ئاسىدىكەن» دېگەنىدى، «ئۇنداقتا ئۇ ئۆي پۇقرانىڭ ئەمەس كەنت سېكىرتارىنىڭ مەخسۇس كوممۇنىستىك مېھمانخانىسىكەن» دېدىم. ئۇ جوڭگۇ خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئىنگىلىزچە پروگراممىسىدىن ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ چاغان ئۆتكۇزىدىغانلىقى، چاغاندا پەيزاۋاتتىكى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ «بەخت» دېگەن خەنسۇچە خەت يېزىلغان كەشتىلەرنى تىكىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى دەپ بەردى.

مەن ئىچىمدە «تەشۋىقات» دېدىم. ئەمما ئۇ يەنە شۇ پەيزاۋاتلىق بىر دېھقاننىڭ 2009- يىللىق دۆلەت بايرىمىغا ئاتاپ ئەجدەرھا قولۋاق ياسىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى گەپنى بۇرىۋەتتىم. كاللامغا ئۇيغۇر چۆچەكلىرىدىكى قورقۇنچلۇق ئەجدەرھا ھەققىدىكى ھىكايىلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرى كېلىۋالدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ئەجدەرھالىشىش قەدىمى تېزلەشمەكتە ئېدى. ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئوپالدىكى مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسىدىكى ئەجدەرھا غارىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكۈزىۋەتكەنلىكى( ئۇ غارنىڭ نامى، مەھمۇد كاشغەرنىڭ ياراملىق بىر شاگىرىتىنىڭ ئەجدەرھانى ئۆلتۈرۈپ خەلقنى قۇتقازغانلىقى بىلەن باغلىنىدۇ)، كورلا رەھبەرلىرىنىڭ سارىخان تاغلىرىنىڭ نامىنى ئەجدەرھا تېغى دەپ ئالماشتۇرىۋەتكەنلىكى، خوتەندىكى «كۆتەككۆل» گە ئەجدەرھا كۆلى دەپ نام بېرىلگەنلىكى، شەھەرلەردىكى ئەجدەرھا چۈشۈرۈلگەن راۋاقلار، قەشقەردەكۆپۈيىۋاتقان ئەجدەرھا شەكىللىك بىنالار شۇ شەھەرلەردە ئەسىرلەر بويى ياشاپ كەلگەن خەلقنىڭ ئېڭىغا سىغدالماقتا ئېدى. مەزكۇر تونۇشۇم يەنە شۇ ئەجدەرھا قولۋاق بىلەن قالدى. ئۇ دېھقان ھەتتا مۇخبىرغا «بىز جوڭگۇلۇقلار ئەجدەرھا ئەۋلاتلىرى» دېگەنمىش.

مەن ئۇ خەنسۇ تونۇشۇمغا «ئەجدەرھا ئەۋلاتلىرى» دېگەن بۇ سۆزنى پەيزاۋاتلىق دېھقاننىڭ چۈشىنىشگە ئىشەنمەيدىغانلىقىمنى، بۇ سۆزنى بېيجىڭغا كېلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆگەنگەنلىكىمنى دەپلا خوشلاشتىم. چۈنكى مەن بۇنداق سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ ھارغان، قايتا دۇچ كەلگۈم يوق ئېدى. مەن بۇلارنى راست دېسەم ئەقلىمگە خائىنلىق قىلغان بولىمەن. يالغان دېسەم ئاشۇنداق تەشۋىقاتلارنى رادىئولارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈش ئاسان ئەمەس. يىگىرمە نەچچە يىللىق تەربىيە ۋە تەشۋىقات سىڭدۈرگەن ئىددىيەنى بىر نەچچە ئېغىز گېپىم ئۆزگەرتەلەيىتتىمۇ؟. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىمۇ توغرا چۈشەندىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاخباراتتىن كۆرىدىغىنى يۇقارقىدەك «خەۋەرلەر»، سەھنىلەردە خوشال خورام ئۇسسۇل ئويناۋاتقان، چەكسىز ئىتىباردىن سۆيۈنگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر. تارىخ دەرسلىك كىتابلىرىدىن ئوقۇيدىغىنى ئۇيغۇر شائىرى كەكمەنىرنىڭ خەنزۇچە « خەنزۇلار ئەزەلدىن بولمىش ئۇستازىم» دەپ يازغان «مەشھۇر» نەزمىلىرى.( بۇنىڭ يالغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان) مەنچە ئۇيغۇر ياشاۋاتقان توپراقنى، ئۇيغۇر ياراتقان مەدەنىيەتنى ۋە ئۇنىڭ ھەقدارلىرىنى ئۆزىدىن تانغان، ئەجدەرھاغا مايىل قىلىپ تەشۋىق قىلىش تولىمۇ خەتەرلىك. بۇ چىگرانىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى جوڭگۇ پۇقرالىرى بولۇپمۇ ئاۋام خەلققە خاتا ئۇچۇر، دۇنياغا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويىدۇ.


ئالدىنقى: 21. ئىبرەتنىڭ كۈچى ۋە ئىتىراپ

كـىيىنكى: 19. چىگرىنىڭ چېكى ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى