26. ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ

ئورنى Wikipedia

مەن ئامېرىكا تۇپرىقىغا قونۇپ يېرىم سائەتكە بارماي ئىئوردانىيىلىككە ئوخشۇتۇلدۇم. ئانامدەك بىر ئەرەب ئايال ماڭا قاراپ شۇنداق جىدىدىي بىر گەپلەرنى دەپ كەتتى. ماڭا قارىتىپ تۆكىلىۋاتقان سۆزلەر مارجانلىرىدىن ئۇنىڭ جوردان دېگەن گېپىنى ئايرىۋېلىپ، <مەن جوردان (ئىئوردانىيە) لىق ئەمەس> دەپ ئېنگىلىزچە جاۋاپ بەردىم-يۇ، بىر ئېغىز ئېنگىلىزچە بىلمەيدىغان بۇ ئايالنىڭ ئوكيان ئاتلىغان غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم. مېنى بۇ ئايال نېمىشقا ئەرەب دەپ قالغاندۇ؟ قاراپ باقسام قولۇمدا كۆتۈرۈۋالغان سومكامدىن جەينامىزىمنىڭ ئۇچى كۆرۈنۈپ قاپتۇ. خىيالمىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگودا نېمە ئۈچۈن ئەرەبلەرگە ئوخشتىلىدىغانلىقى كەچتى. بۇرۇن مەن بېيجىڭدا ئەرەبكە ئوخشتىلاتتىم. 2001-يىلى لەنجۇدا تالىبانغا ئوخشۇتۇلغانىدىم. ئىچكىرىدە خەنزۇلار، «تۇڭگان» لار ئاچقان «ئۇيغۇر» ئاشخانىلىرىغا يۈزىنى چۈمكەپ باشقا ئەزايى ئوچۇق قويۇلغان ئەرەب سەتەڭلىرىنىڭ رەسىملىرى ئېسىلىدىغانلىقىغا قاراپ قاراپ كۆپ سانلىقلارنىڭ بىزنى ئەرەبكە ئوخشىتىدىغانلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى.

جۇڭگودا ئۇيغۇرلارغا ئائىت كىنو ئىشلەنسە ھەيۋەتلىك ئوردا، تەختتە ئولتۇرغان شاھ، قەسىرىدە ياستۇققا يۆلەنگەن بەگ ياكى سارىيىدا كىنىزەكلەرنىڭ يەلپۈشىدە يېنى ياتقان باي ۋە بۇلارغا ئۇسسۇل ئويناپ ناز كەرەشمە قىلىۋاتقان ساھىپجاماللار ئىكراندا زاھىر بولاتتى. بۇنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەپ كىتاپ ئوقۇپ باقسام بۇندىن يۈز يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن ئەنگىلىيە، فرانىسيەنىڭ كىنولىرىدا ئەرەبلەرنىڭ شۇنداق تەسۋىرلەنگەنلىكىنى بىلدىم. بىز ھەققىدە كىنو ئىشلىگەنلەر كىنونىڭ ئۈلگىسىنى غەرپتىن ئۆگەنگەچ غەرپنىڭ ئەرەب ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى مۇسۇلمان ئۇيغۇرغا تەدبىقلىغان ئىدى. قىزىق يېرى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى سۈرەتكە ئېلىش، رىژىسورلۇق قاتارلىق ئىشلار ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن چىققانغا قارىماي يۇقارقى ”ئوردا ۋە سەتەڭ“ كۆرۈنىشى داۋاملاشتۇرۇلغان ئىدى. مۇقامنى كۆرۈنۈشكە ئالغان مۇتەخەسىس ۋە سەنئەتكارلار ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ بىزگىچە يېتىپ كېلىشىدە مەشرەپنىڭ ئاساسلىق شەكىل بولغانلىقىنى، مەشرەپتە ئويۇنچىمۇ، تاماشىبىنمۇ ئارىلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، مەشرەپتە ھەممە كىشىنىڭ مەشرەپچى سالاھىيىتىلا بولىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ چوڭ سەھنىلىك ئوردىلارغا ئەمەس مەھەللىۋىي مەشرەپلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقمىدۇ؟ قايسى كىتاپتا سەئىدىيە ئوردىسىدا شاھ، ئەمىر ۋە ۋەزىر ۋۇزرالارنىڭ ئوردىدا سەتەڭلەرنى ئۇسۇلغان سالىدىغانلىقى ھەققىدە، چەتئەل ئەلچىلىرىنى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ناز كەرەشمىلىك ئۇسۇلى بىلەن قارشى ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خاتىرە باركەن؟ مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدىكى غەرپ كىنولىرىدىن فىلىم ئىشلەشنى ئۆگەنگەنلەر ئەرەبلەرنىڭ ئوبرازىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىغا تەدبىقلاپ جۇڭگۇدىكى كۆپ سانلىقلارنىڭ ئېڭىغا مۇسۇلمان دېمەك ئەرەب دېمەك دېگەننى سىڭدۈرۈپ بولغانىدى.

كىچىكىمىزدە خەنچىدىن تەرجىمە قىلىنغان رەسىملىك كىتابلاردا ئەرەب قىزلىرىغا ئائىت مەزمۇنغا يۈزى ئېتىك باشقا يېرى چالا-پۇلا ئورالغان قىزلارنىڭ ياكى ئۇسۇل ئويناۋاتقان ياكى نازلىق بېقىپ ياتقان رەسىملەرنىڭ قىستۇرلىشىمۇ خەنزۇلارنىڭ ئەرەب-مۇسۇلمانلىرى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. دېمەك، غەرپنىڭ ئەرەب ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى مەملىكتىمىز كىنوچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىغا خۇرۇچ بولۇپ بۇ تەسەۋۋۇر خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ھەققىدىكى تونۇشىغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىغا ئاساس بولغان. قىزىق يېرى ئامېرىكىدا ھېلىقى جەينامىزىمغا قاراپ مېنى ئەرەبمىكىن دەپ قالغان ئايالدىن باشقا مېنى ئەرەبكە ئوخشاتقان يەنە بىرىنى ئۇچراتمىدىم. پەقەت خەنزۇ تونۇشلىرىملا “ تىلىڭلار قۇرئاننىڭ تىلىمۇ، سىلەرمۇ تۆت خوتۇن ئالامسىلەر، ئۇيغۇر قىزلىرى بەك سەتەڭ…تۆگە مىنىپ يۈرەمسىلەر…“ دەپ سوراپ تۇراتتى. ”قۇملۇق، تۆگە، سەتەڭلەر…“ بۇ ئەسلىدە غەرپنىڭ ئەرەب ھەققىدىكى خىياللىرى ئەمەسمىدى؟

ئامېرىكىدا ئۇيغۇرنى ئىسپانلارغا ۋە ئىتالىيانلارغا ئوخشاتقانلارنى جىق كۆردۈم ۋە باشقا ئۇيغۇرلاردىن تولا ئاڭلىدىم. بىزنىڭ فاكۇلتىتتا ئاتا-ئانىسى ئىتاليان بىر پروفېسسور بار، ھوشۇر قارىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ. ئىسپانىيەنىڭ كاتالان دېگەن ئاپتونۇم رايۇنىدىن كەلگەن بىر قىز بىلەن ئۇچرۇشۇپ قېلىپ تاس قالدىم، مېنىڭ كورلىلىق ساۋاقدىشىم گۈلشەنكەنغۇ! دەپ ئۇيغۇرچە گەپ قىلغىلى. تارىخقا قارىساق ئىسپانىيىنى مۇسۇلمانلار قۇرغان كوردۇۋا خەلىپىلىكى 800 يىلغا يېقىن باشقۇرغان. پەيغەمبىرىمىز زامانىدىلا ھەدىسلەردە تەسۋىرلىنىشكە باشلىغان (ئۇيغۇر) تۈركلەرنىڭ ئىسپانىيىنى فەتىھ قىلغان مۇسۇلمان قوشۇنى ئىچىدە بەلگىلىك ساندا بولغانلىقىنى مۆلچەرلىمەك تەس ئەمەس. 860-يىللاردا مىسىردا قۇرۇلغان تولۇنىيە خانلىقىنى ئوغۇز تۈركلىرىدىن بولغان تولۇن جەمەتىنىڭ قۇرغانلىقىنى ئەسلىيەلىسەكلا ئىسپانىيىنى فەتىھ قىلغان مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر-تۈرك ئەسكەرلىنىڭ بولغانلىقىدىن شەكلەنمەيمىز.

مەھمۇد قەشقەرى 20 يىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر توپراقلىرىنى كېزىپ يېزىپ چىققان قامۇسى «دېۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى قاراخانىلارنىڭ بۇغراخانىغا ئەمەس، ئابباسىلار خەلىپىسى ئابدۇللاھ مۇقتەدى بىئەمرۇللاھقا تەقدىم قىلغان. بۇنىڭدىن بىز قاراخانلار ئىمپىرىيىسىدە يارىتىلغان ئۇيغۇر-تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ سەۋىيىسى سەۋەبلىك ئەرەب بىلەن ئۇيغۇر چىگرسىنىڭ قانچىلىك تۇتۇقلاشقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ئەگەر بىز ئوغۇز تۈركلىرنىڭ قاراخانىلار ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىزىغا ئىككى يۈز يىلدىن كېيىن ئىستانبولنى باشكەنت قىلغان ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى، بۇ ئىمپىرىيەنىڭ ياۋرۇپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىنى تۇتاشتۇرغان ھۆكۈمرانلىقىنى 600 يىل داۋام قىلغانلقىنى ئۇلاپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساق، ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىشقا ئىسپانلار ۋە ئىتالىيانلارغا ئوخشايدىغانلىقى رۇشەنلىشىدۇ. چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ياۋرۇپا ئىستىلاسىغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر دانىشمەنلىرى ۋە قوشۇنلىرى ھازىرقى ئەۋلادلىرىنى خىيال قىلساق ئوخشاپ قېلىشلارنىڭ سىرىغا يېقىنلىشىمىز.

ئىتالىيەنىڭ خېلى چوڭ بىر قىسمى نەچچە يۈز يىل ئوسمانلى ئىمپىرىرىيىسىنىڭ ھامىسىدە بولغان. ئىسپانىيىنى مۇسۇلمانلار 800 يىل باشقۇردى. ئەھمىيەتلىك يېرى ئىسپانىيەنى سەككىز يۈز يىل باشقۇرغان مۇسۇلمانلار ئىسپانلارنىڭ تىلىنى ئاسمىلاتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنمىغان. ئىتالىيەنىڭ يېرىمىغا يېقىن قىسىمنى فەتىھ قىلغان تۈركلەر ئىتالىيانلارنى تۈركلەشتۈرۈشكە زورلۇق ئىشلەتمىگەن. بەلكىم 600 يىللىق ۋە 800 يىللىق ھۆكۈمرانلىقنىڭ سەۋەبلىرى مۇشۇنداق مەدەنىيىلىك- ئۇيغارلىقلارغا باغلانسا كېرەك. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرغا ئوخشاپ قېلىشى تۇرغان گەپ، ئۇلارنىڭ قېنىدا ئۇيغۇر ئامىلى بولۇشى تەخمىنگە يېقىن. بۇلارنى ھىساپقا ئالمىغاندىمۇ ئوتتۇرا دېڭىز ۋە بالقان يېرىم ئارىلىغا ماكانلاشقانلار بىلەن تارىم ئاھالىسنىڭ ئىرقى ئورتاقلىقى ئارخولوگلارغا تېپىشماق ئەمەس. ئامېرىكىدا ئىسپان تىپىغا كىرىدىغان كىشىلەر ئاق تەنلىكلەردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇدىغان بولغاچقا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېڭىدا يوچۇن چىراي كىشىلەر ئىسپانلاردەكلا كۆرۈنىدۇ. بۇمۇ بىر سەۋەپ ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە بىز قارشى تەرەپنى كىمگە ئوخشۇتۇپ تەسەۋۋۇر قىلساق شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

ئامېرىكىغا كېلىپ كۆزىتىشىمچە ئۇيغۇرلار ئىرانلىق، ئافغانىستانلىق، موڭغۇلىيەلىك ۋە ھىندىستانلىقلارغا بەكرەك ئوخشايدىكەن. بۇ يەردە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى تىلغا ئالمىدىم. شۇنىسى ئىنكارسىزكى، ئامېرىكىلىقلارغا ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، ئەزەربەيجان، تاتار دېگەنلەر ئوخشاش. بۇ تىللار بەزى مەكتەپلەردە بىر فاكۇلتىتتا، بەزىدە بىر ئوقۇتقۇچى تەرپىدىن ئۆگىتىلىدۇ. بەزىدە ئافغانىستانلىق، ئىرانلىق قىز-يىگىتلەرنىڭ چىرايىدىن، قىلىقىدىن شۇنداق ئېنىق ئۇيغۇرچە ئىپادىلەرنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالىمەن. تارىخقا قاراپ باقسام، ئۇيغۇرلار چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ تارىمغا كەلگەن موڭغۇللارنى ئىختىيارى ئۇيغۇرلاشتۇرغاندىن باشقا، كېيىنچە چىڭ ئىمپىرىيىسدىن مەغلۇپ بولۇپ ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنى پانا تارتىپ كەلگەن موڭغۇللارنىڭ جۇڭغار قەبىلىسى ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەردىن زېمىنىمىغا كەلگەن خۇشۇت، تۇرغۇت، قاتارلىق قەبىلىلەرنى قوينىغا ئالغان ئەمما مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيەگە كۈچىمىگەن ئىكەن. شۇنداقكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا موڭغۇل ئىلمىنتى بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ بەزى كىشىلەرنىڭ بۇنداق چىرايدىكىلەرنى خەنلەرگە ئوخشتىشى ھەقىقى خەنلەرنى كۆپ كۆرمىگەنلىكىدىن ۋە خەنلەرنىڭ ئەسلى ئىرقى مەنبەسىنى بىلمىگەنلىكىدىن بولغان.

شىمالدىكى خەنلەر ئەمەلىيەتتە خەنزۇۋانلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر، موڭغۇل، مانجۇ ۋە بۇلارنىڭ ئورتاق ئەجدادىغا يېقىنلىشىدىغان ھونلارنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرىدۇر. يىپەك يولىنىڭ بەرپاچىلىرى ۋە پاسىبانلىرى بولغان بوۋىلىرىمىز غەربى تەرپىمىزدىكى ئىران سودىگەرلىرى ۋە مۇساپىرلىرىغا ئۆي ئوتاق، يەر سۇ بېرىپ ئورۇنلاشتۇرغاچقا قېنىمىزغا ئىران تەسىرى ئارىلاشقان بولۇشى مۇمكىن. غەرىبىي جەنۇپتىكى قوشنىمىز ئافغانىستان، پاكىستان، بېنگال ۋە ھىندىستانلارنى بوۋىمىز بابۇر 16-ئەسىردە قۇرغان ئىمپىرىيە 18-ئەسىرگىچە تەسەررۇپىدا تۇتقاچقا ھىندىستانلىقلارنىڭ قېنىغا ئۇيغۇر تەركىبى سىڭگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇلار يالغۇز چىراينىڭلا ئوخشاشلىقى ئەمەس. بىز ئىستىمال قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ قوللۇنىلىدىغان لاچىن دانى، قورزاق داچىن، قەلەمپۇر قاتارلىقلارنىڭ ھىندىستاندىن كېلىشى، پولۇ، كاۋاپ، سامسا، سامبۇسا، تونۇر قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش دېيىلىشى بىزدىكى بىردەكلىكلەرنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. قاسىم قارى ھاجىم، ئابدۇلئەزىز مەقسۇم، تەجەللى قاتارلىق زاتلارنىڭ مومباي-دېھلىدە ئوقۇغانلىقى، خوتەن، قەشقەر، كۇچالاردىكى ھىندى سارايلىرى نەزەرلىرىمىزنى تېخمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئەگەر كۆزىمىزنى تېخىمۇ يىراققا تىكسەك ئارىيانلارنىڭ ئىران ئېگىزلىكى، تارىم ۋادىسى ۋە شىمالىي ھىندىستاندا يەرلىكلەر بىلەن ئارىلىشىپ بۈگۈنكى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىنى كامىدا ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرىمىز.

ئەسئەت سۇلايمان يىپەك يولى «خاراپ» بولغانلقى سەۋەبلىك نەچچە يۈز يىل داۋاملاشقان جۇغراپىيلىك يېتىملىك، سىياسى بىتەلەيلىك، ئىقتىسادىي بېكىنمىچىلىك ۋە مەدەنىيەتتىكى تۇرغۇنلۇق تارىمنىڭ غېرىپلىقىنى كۈچەيتىۋەتكەن دەپ تەخمىن قىلغان. ئەسئەت مۇئەللىمنىڭ قارىشىچە يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلاردا مىللىي ئاڭ سۇسلاپ، ئىتتىپاقسىزلىق ئەۋج ئالغان. ئۇيغۇردا مۇقام ۋە تىل ئورتاقلىقىلا قالغان. مەنچە بۇ يەردە ئۇيغۇر پېتىشماس غېرىپ-غۇرۋالارغا ئوخشۇتۇلغان. ئۇيغۇرنى كىمگە ئوخشۇتۇش، يەنى ئۇيغۇر كىملكىگە ھۆكۈم قىلىش بىز قاراۋاتقان ئەينەككە باغلىق. بۇ يەردە ئىككى ئەينەك بار. بىرى بوۋىلاردىن قالغام تارىخ ئەينىكى يەنە بىرى بىز يۈزلەنگەن رىياللىقتىكى ئەينەك. بىز ئەگەر بوۋىلارنىڭ خاتىرسىنى كۆرسىتىدىغان تارىخ ئەينىكىگە ئەمەس، رىياللىقتىكى ئۇيغۇرنىڭ يۇقارقى مىللەتلەر بىلەن ئوخشاشلىقىدىكى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلساقلا ئۇيغۇرنىڭ خوشنا خولۇمدىن ئايرىلىپ ئۇنچە غېرىپ ياشىمىغانلىقى بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەسئەت سۇلايماننىڭ بۇ تەھلىللىرىدە ۋە چىقارغان خۇلاسىسىدە ئەكىس ئېتىۋاتقىنى ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقسىز دېگەن پەرەز ۋە سىتالىننىڭ مىللەت تەبىرى. 20- ئەسىردىكى بىر سىياسىيۇننىڭ گېپىنى ھىچ كىمنىڭ تەبىرىگە ھاجەتسىز نەچچە مىڭ يىل بۇ توپراقلاردا ياشىغان خەلققە تەدبىقلىسا، رىياللىقتىكى ئىمكانسىزلىقتىن بولغان تەشكىلسىزلىكنى تارىختىكى رىياللىققا ئوخشاتسا خۇلاسە خاھىشىقا بېقىپ بولىدۇ. بۇنى رىياللىققا قاراپ تارىختىن خۇلاسە چىقىرىش، يەنى رىياللىق ئەينىكىدىن ئۆتمۈشنى كۆرۈش دەيمىز. زىيالىلار دائىم رىياللىققا قاراپ تارىخنى شەرھىلىسە، ئاۋام رىياللىققا تارىخى خاتىرىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ يەنىلا ئەينەك پەرقى. زىيالىنىڭ قولىدىكى ئەينەك ماركىسنىڭ ياكى خەنلەشكەن ماركىسنىڭ ئەينىكى، ئاۋامنىڭ قولىدىكى ئەينەك بوۋا مومىلاردىن قالغان. رىياللىق ئارقىلىق تارىختىن خۇلاسە چىقىرىش خاتالىقىغا مەنمۇ كۆپ ئۇچرىغان. ماڭا بەك تەسىر قىلغان بىر قانچە ئىشنى ھازىرغىچە ئۇنۇتالمايمەن.

2001-يىلى لەنجۇغا خىزمەتكە بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىر ئاكا دېمەتلىك ئۇيغۇر بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق. گەپ تۇڭگان، موڭغۇللار ئۈستىگە كۆچكەندە ئۇ ئاكىمىز ‹سىلەرنىڭ مەكتەپتىكى تۇڭگان، موڭغۇللار ئۇيغۇرچە ئۇقمامدۇ؟› دەپ ھەيران قالدى. مەن ئۇنىڭ چىرايىدىكى ھەيرانلىققا قاراپ ھەيران قالغانتىم. كېيىن سۈرۈشتۈرسەم غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىغىچە شىنجاڭدىن كەلگەن موڭغۇل، ئورۇس، تۇڭگان، داغۇر، شىبە قاتارلىق مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۇيغۇرچە ئۆتۈلگەنىكەن. شۇندىن كېيىنلا ئۇ ئاكىمزىنىڭ ئەمەس ئوزەمنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئاڭقاردىم. 95 -يىلى خوتەندىن ھەج رەسمىيىتى ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن كاندىدات ھاجىلارغا تەرجىمان بولۇپ بەردىم. پاكىستان ئەلچىخانىسىغا بارغاندا ئۇلار مېنى كېرەك قىلماي كىرىپ كېتىشتى. سورىسام ‹ ئۇكاما بۇ ھىندىستان پاكىستانلىقلار دېگەن بىزنىڭ تىلىمىزنى بىلىدۇ. دادىلىرىمىزنىڭ زامانىدا ئۇ يەرلەر بىزگە قوغۇنلۇقنىڭ يولى ئكەندۇق › دەيدۇ. ئۇلار پەقەت ئەلچىخانىدىن سالپىيىپ ئىلتىماس جەدىۋەلنىمۇ ئالالماي قايتىپ چىققاندىلا باشقا ساقاللىق ئۇيغۇرلار پاكىستانلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە ئىتىراپ قىلىشتى. ئۇچاغدا ماڭا بۇ كىشىلەر تولىمۇ نادان تۇيۇلغان ئېدى.

ھازىر ئويلاپ باقسام ئۇلار دۇنيانى 49-يىلدىن بۇرۇنقى بوۋىلىرىنىڭ سەلتەنەتلىك خاتىرىسى بويىچە چۈشىنىدىكەن. يىراق يېقىندىكى بۇنداق شىرىن خاتىرىلەر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنىڭ جاھانغا تىك بېقىپ، قورقماي يۈزلىنىشگە نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى تۈرتكە بولۇپ كەلگەنىكەن. ئەمدى بىز دۇنياغا يا بوۋىلارنىڭ خاتىرىسى بويىچە يۈزلىنەلمەي، يا ھازىرقى ئەمەلىيىتىمىز بويىچە يۈزلىنىشتىن خاۋاتىرلىنىپ ياكى پۇرسەت تاپالماي يۈرۈپتىمىز. بەزىدە نەچچە مىڭ كېلومېتىر يىراقتىكى خەقلەرنىڭ «بىچارە» ھالىتىگە ياقا يىرتىپ كېتىشىمىزنى ئويلىسام شۇنچە جىق ئادەمنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتارلىقى ياكى سەلتەنەتلىك بوۋىلارنىڭ دۇنياغا پاسىبان بولغان سالاپىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇماندا قالىمەن . بەزىدە خەقنى ئۆزىمىزگە ئوخشۇتۇپ قېلىۋاتامدۇق نېمە، دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. بۇنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئىتىبارغا تولغان موھتىمىز بىزنىمۇ باشقىلارغا ئىتىبار قىلىشقا مايىل تەپەككۇرغا كۆندۈرمەي قالارمۇ؟ 1993- يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيغۇرنى قالاققا، جايىلغا، ھەسەتخورغا، ھورۇنغا، شەھۋەتخورغا، چېقىمچىغا، پېتىشماسقا…ئوخشاتتى. بۇ ئوخشۇتۇشلارغا ئاخباراتلار گۇپپاڭچىلىق قىلدى، ئەزەلدىن موللا ئۆلۈمالىرىنى چوڭ بىلىپ كەلگەن خەلقىمىزمۇ ئۈنسىز خېرىدارلىق قىلدى.

2003-يىلى مەلۇم ئالى مەكتەپتە خەنچە ئوقۇغان بىر سىنىپقا ئۇيغۇر مەدەنىيىدىن دەرەس بەردىم. تېما ئۇيغۇرلارنىڭ سانائىتىگە كەلگەندە « ئۇيغۇرلار 1890-يىللاردا گېرمانىيىدىن زاۋۇت سېتىۋېلىپ غۇلجىدا زامانىۋىي خۇرۇم كارخانىسى قۇرغان» دېسەم، قىرىق نەچچە شۈبھىلىك كۆز ماڭا تىكىلدى. ئارىدىن بىر قانچىسى چۇقىرىشىپ «مۇئەللىم ئۇنداقتا نەسرىدىن ئەپەندى فىلىمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى يالڭاياق چىقىدىكەنغۇ؟» دېيىشتى. ئۇلار ھەدېسە ئۇيغۇرنىڭ ئىللەتلىرىدىن قاقشىشاتتى، سىنىپتىكى كىچىككىنە ناچار ئىشلارنىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوقسانلىرىغا دۆڭگىشەتتى. بىر مەۋسۈم دەرس ئۆتۈپمۇ، ئۇلارنى ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەتتىكى ئىختىرالىرىغا ئىشەندۈرەلمىدىم. ئۇلار بىر بولسا 50-60 يىللاردا ئىشلەنگەن كىنولاردىن مىسال ئېلىپ قايىل بولمايتتى، يەنە بىر بولسا رىياللىققا سېلىشتۇرۇپ گۇمانلىناتتى. بىر مەۋسۈم دەرس ئۆتۈپ ئۇلارنى ئۇيغۇرنىڭ پەزىلتىگە قايىل قىلالىدىممۇ بىلەلمىدىم. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرنى زىيالىلار قانداق ئاڭدا تۇرۇپ، قانداق پەزىلەت ۋە خۇلق نوقتىسىدىن كۆزەتسە ئۇيغۇر شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

مەيلى چەتئەللىكلەر ياكى ۋەتەنداشلار بولسۇن خەقنىڭ ئەڭ ئاۋال، ئەڭ ئاسان باھا بېرىدىغىنى چىرايىمىز. كىرورەن گۈزىلى، مۆرەن گۈزىلى، ئارتۇچ ئادىمى ۋە چەرچەن ئادىمى قاتارلىق تاشقاتما جەسەتلەرنىڭ ئامېرىكىدا شۇنچە قىزىقىش قوزغىشى خەقلەرنىڭ چىرايمىزدىن تارىخىمىزنى بايقاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى. چىرايىمىزدىن قالسا كىشىلەرنىڭ بىزنى باشقىلارغا ئوخشۇتۇشىغا سەۋەپ بولىدىغىنى گېپىمىز ۋە قىلىقىمىز، مەن مۇشۇ كۈنگىچە خەنزۇلارنىڭ ”سىلەرنىڭ تىلىڭلار تۈركلەرنىڭكىگە ئوخشايدىكەن“ دېگىنىنى ياكى بىزنى يېقىنراق كېلىدىغان مىللەتكە ئوخشاتقىنىنى كۆرمىدىم. ئامېرىكىدا تىلىمىزنى تۈركچىگە ئوخشاتقان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇققانلارنىڭ تىلىغا ئوخشاتقانلارنى خېلى ئۇچراتتىم. بۇندىن باشقا ئامېرىكىدا بىزنىڭ ناماز، ئىبادەتلىرىمىزگە قاراپ بىزنى مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقلىقلارغا ئوخشتىدىغانلار كۆپ. ئوخشۇتۇشلاردىن ئۇيغۇرغا يېقىنراق كېلىدىغانلىرىنى ئىچكى جوڭگۇدىلا ئەمەس، ئۈرۈمچىدىمۇ ئاڭلىيالمايمىز. بۇ ئوخشتۇتۇشلاردىن بىزنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزىگە تاشلىنىۋاتقان كىملىكىمىزنىڭ چىراي، تىل ۋە ئورپ ئادەت، شۇنداقلا دىندىن ئىبارەت ئۈچ قاتلىمىنى بايقايمىز.

خەنزۇلارنىڭ ئوخشۇتۇش نىشانى بۇرۇن ئەرەب ئېدى، ھازىر تالىبان قوشۇلدى. بىزنى ئەرەبكە ئوخشۇتۇپ كەيدۈرىۋاتقىنى ئاللىقاچان تارىخقا ئايلانغان مۇستەملىكىچىكنىڭ جەندىسى ئېدى، بۈگۈن ئاشقۇنلارنىڭ تەلپىكى بولماقتا. بىز داۋاملىق باشقىلارغا ئوخشۇتۇلدۇق، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس تونىمىز ۋە بۆكىمىز ھىچ كىمنىڭ خىيالىدا يوق. بۇنداق ئوخشۇتۇشلاردا دائىم خەقلەر بىز ئۈچۈن ئۆلچەم بولدى، بىز پەقەت ئوخشالغۇچى بولدۇق. مەنچە بىز ئاۋال باشقىلارنىڭ بىزنى كىمگە ئوخشۇتۇۋاتقانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئوخشۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلىشىمىز زۆرۈر. بولمىسا يۇقارقىدەك خەق ئەرەبكە ئوخشاتسا كىندىكىنى ئېچىپ ئۇسۇل ئوينايدىغان، ياۋايىغا ئوخشاتسا تۈگمىسىز كۆينەك كېيىپ تۈك مەيدىمزىنى ئېچىپ ھەزىلكەشلىك قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىمىز. ئۇيغۇر بۇندىن كېيىن كىمگە ئوخشايدۇ؟ مەنچە بىر مەنىدە ئۇيغۇرنىڭ كىمگە ئوخشىشى قاراۋاتقان ياكى قارىيالمايۋاتقان ئەينەككە باغلىق. يەنە بىر مەنىدە، ھازىرقى ئۇيغۇر يۈزلىنىپ تۇرغان ئەينەكنىڭ كىمگە ئوخشاتماقچى بولغىنىغا باغلىق.


ئالدىنقى: 27. «ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا

كـىيىنكى: 25. ئامېرىكىدىكى تۈرك دوستلۇرۇم