30. ئامېرىكىدىكى بەيتۇللاھ

ئورنى Wikipedia

بۈگۈنكى جۈمە خۇتبىسىدە ئەرەبچە بەيتۇللاھ دېگەن سۆز كۆپ تەكرارلاندى. خاتىپ بۇنىڭ ئېنگىلىزچە مەنىسىنى يېشىپ “ ئاللاھنىڭ ئۆيى “ دەپ چۈشەندۈرۈپ، مەسجىدنىڭ خاسىيىتى، مەسجىدنىڭ مۇسۇلمانلار ھاياتىدىكى ئورنى ھەققىدە تەبلىق قىلىۋاتقاندا ۋەتەندىكى بەيتۇللاغا ئۇچقان خىياللىرىمنى يىغالمىدىم. بەيتۇللاھ دېگەن سۆزنى ئاڭلىساملا يادىمغا قەھرىتاندىكى غۇلجام ۋە ”مەن ئۇيغۇرنىڭ!“ دېگىنىچە مەغرۇرانە سۈكۈتتە تۇرغان بەيتۇللا جامەسى كېلىدۇ. جامەنىڭ چىۋىننىڭ قانىتىدەك داغدىن خالى ئاق-سۈزۈكلىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىنى سېغىندۇرسا، مەغرۇر قەددى ئىلى پەرزەنتلىرىنىڭ قورقۇمسىز، جەسۇرلىقىنى نامايىش قىلىدۇ. خاتىپ تەسىرلىك دۇئانى باشلىىغاندىلا تۈگىمەس خىياللىرىمنىڭ نامىزىنى بەيتۇللادا چۈشىرىۋېتىپ جامائەت بىلەن ”ئامىن“ غا ئەگەشتىم. دۇئالاردىن ئېرىپ كېتەلمىدىم، مىڭ ئەپسۇس، چېچىنىستان، ئافغانىستان، ئىراق، پەلەستىن، يەمەن، سۈرىيە، بەھرەيىن ۋە لېۋىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا بىر بىرلەپ دۇئا قىلغان خاتىپ يەنە ئۇيغۇرنى ئۇنۇتتى. تۈرك خاتىپ باش بولمىغان جۈمە نامىزىدا ئۇيغۇرغا دۇئا قىلىنماي قالاتتى، بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى. كۈۋەيتلىك بۇرادىرىم سەۋەبىنى مەندىن كۆردى، مېنىڭ بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتىم باركەن. دىققىتىم چېچىلىپ خاتىپقا ئەگىشىپ ئوقۇغان نامىزىمدىن تۈزۈك قانائەتلەنمىدىم-دە ناماز تۈگىگەندە ئايرىم بىر يەرگە بېرىپ ئىككى رەكەت شۈكۈر نامىزى ئوقۇدۇم. يۇرتلىرىمىز تۇپراقلىرىدىكى ئاللاھ ئۆيلىرى، خەلقىمىز قەلبىدىكى ئاللاھ قەسىرلىرىنىڭ ئامانلىقى، دەخلىسىزلىكى، مۇقەددەسلىكى ۋە ئەبەدىيلىكى ئۈچۈن خۇداغا يىغلاپ دۇئا قىلدىم.

نامازدىن كېيىن مەسجىدىمىزنىڭ پىرىزدېنتى ھەر قېتىمقىدەك ئامېرىكىنىڭ قايسىدۇر بىر يېرىگە سېلىنماقچى بولغان مەسجىدكە ئىئانىگە دەۋەت قىلدى، ئاندىن جامائەتنىڭ بىر قانچە ئىشقا دىققەت قىلىشىنى سەمىگە سالدى. بىرىنجىسى مەن ئىككى يىلدىن بېرى ئاڭلاپ كېلىۋاتقان ماشىنا توختۇتۇش مەسىلىسى. دېيىلىشىچە نامازخانلارنىڭ ماشىنىسىنى ئۆزىگە قولاي يەرگە قالايمىقان توختىتىۋېلىشى مەيدانىنى بىر پەستە تولدۇرۇپ قويىدىكەن. ئاقىۋەتتە بۇ كىشىلەر نامازنى ئوقۇپ بولۇپ قايتقاندا كىرگەن يېرىدىن چىقالماي بىر مۇنچە ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىكەن. بۇنىڭغا شۇنداق ھەيران قالىمەن. ھەر جۇمە نامىزىدىن كېيىن شۇ گەپ تەكرارلانماي قالمايدۇ. سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى سەككىز دوللارغا يېقىن قىلىپ بېكىتىلگەن ئامېرىكىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماشىنىسى بولۇشى تەبىئى ئەھۋال. ھالبۇكى تىرىشىپ ماشىنا ئالغان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممە ئادەم ماشىنىلىق بۇ دۆلەتتىكى جامائەت ئەخلاقىغا تىرىشماسلىقى نېمدىن؟ مەسجىدكە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن كېلىدۇ-يۇ نېمىشقا قېرىنداشلىرىىنى نارازى قىلىدۇ؟ بۇ قېرىنداشلار مەكتەپ سەيناسىدىكى ماشىنا توختۇتۇش قائىدىلىرىگە شۇنچە ئاسان كۆنۈپ كېتىدۇ، چۈنكى جەرىمانىسى نەق. مەسجىدىمىزنىڭ ئالدىغا، ئاللاھنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە نېمىشقا قائىدىسىزلىك قىلىدۇ؟ ئاللاھنىڭ جەرىمانىسى نىسىمىكەن؟ ئەجەبا بۇ مەسجىدىمزىنىڭ جەرىمانە قويمىغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ ياكى مەسجىد ئالدىغا كەلگەندە بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەتەنلىرىدە كۆنگەن كونا خۇيىغا قايتىۋالغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ؟

ئىككىنجىسى سايلام مەسىلىسى. مەسجىدىمىز بىر پىرىزدېنت، بىر مۇئاۋىن پىرىزدېنت ۋە باشقا تۆت كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر مۇدىرىيەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. خاتىپلار مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتۇقۇچىلاردىن بولىدۇ. خاتىپ بولغۇچى بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن ئىلتىماس قىلسا، مۇدىرىيەت تەستىقلىغاندىن كېيىن بۇ پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ. مەسجىدىمىزنىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان ئىسلامدىن مەلۇمات كۈنى، رامازاندىن بەھىرلىنىش كۈنى، ئىسلام يۈرۈشلۈك لېكسىيەلىرى، قېرىنداشلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلىرىگىمۇ مۇدىرىيەت باشچىلىق قىلىدۇ. ھەر يىلدا بىر سايلام قىلىنىدىغان بولۇپ مۇدىرىيەت ئەزالالىرى ئۆزى نامزات كۆرسىتىدۇ. نامزاتلار ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى خىزمەت تەجرىبىسى ۋە مەزكۇر خىزمەتنى قىلىشتىكى سەۋەب، جەريان ۋە نىشانلار ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ ۋە نۇتۇق مەزمۇنىنى مەسجىدنىڭ تور بېتىگە يېزىپ قويىدۇ. سايلامغا قاتناشقۇچى چوقۇم مەسجىدكە كېلىپ بەلگىلەنگەن كۈندە بىلە تاشلىشى كېرەك. پىرىزدېنتىمىزنىڭ دېيىشىچە بۇ قېتىممۇ سايلامغا قاتناشقانلار بەك ئاز بولۇپ قاپتۇ. ئۇ بۇنداق ئاز كىشى تەرىپىدىن سايلانغان مۇدىرىيەتنىڭ جامائەتكە ۋەكىللىك قىلالىشى ۋە خىزمەتلەنى لاياقەتلىك ئادا قىلالىشىدىن خاتىرجەمسىزكەن. ئويلاپ باقسام ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ، مەنمۇ بۇ سايلامغا قاتنىشىش ئەمەس، مەسجىدىمزنىڭ تور بېتىدىكى سايلامغا ئائىت مەزمۇنلارغا قاراپمۇ باقماپتىمەن. ھەر جۈمە كەمىدە 300 مۇسۇلمان، ئىمتىھان ھەپتىلىرىدە 500 كىشى ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن 50 كىشى سايلامغا قاتناشمايمىز؟ بۇ بىزنىڭ ئەزەلدىن سايلام بولمايدىغان دۆلەتلەردىن كەلگەنلىكىمىز سەۋەبىدىنمۇ؟ ئۈچىنجىسى مەسجىدىمزنىڭ ئىسلام مەركىزى مەسىلىسى.

بۇ مەركەزنى مەسجىدىمىز ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ ئارام كۈنلىرىدە مۇسۇلمانلار، مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى ۋە ئىسلامغا قىزىققان مۇسۇلمان ئەمەسلەر ئۈچۈن ئىسلامنى چۈشەندۈرۈش، قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىش ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى مەقسەد قىلغان ئېدى. بۇ مەركەزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئاساسەن مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئېدى. پىرىزدېنتىمىزنىڭ دېيىشىچە بىر بولسا ئوقۇتقۇچى جىق بولۇپ كېتىدىكەن، بىر بولسا ئوقۇتقۇچى تېپىلمايدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقىتقا رۇئايە قىلماسلىقى ۋە تولا ئالمىشىشى سەۋەبىدىن بۇ ئىشتا بىر تەرتىپ ياكى قائىدە بېكىتەلمەي بېشى قېتىپتۇ. بەش ۋاق نامازنى قائىدىلىك، تەرتىپلىك ئوقۇۋتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىش، خىزمەتتە تەرتىپكە، قائىدىگە بوي سۇنالماسلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى. ھەرقانداق تەرتىپ ۋە قانۇن قائىدىلەر نوپۇزغا، مۇناسىۋەتكە، باي-كەمبەغەلىككە قاراپ ھېلى چىڭ ھېلى بوش بولىدىغان دۆلەتتە ياشاپ كەلگەنلەرنىڭ تەرتىپكە كۆنمىكى ئاسان بولمىسا كېرەك. مېنىڭ ئىسلام بىلىملىرىدىن بەك جىق مەلۇماتىم يوق، شۇڭا مۇسۇلمان دوستلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىدىكى تەرتىپسىزلىك ۋە ساۋاپ ئۈچۈن باشلىغان ئىشىمىزنىڭ نېمىشقا داغدۇغا بىلەن باشلىنىپ بولسا ئۈن-تىنسىز ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەلمەيمەن.

نامازدىن چىقىپ ياپۇنلۇق مۇسۇلمان دوستۇم بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇمۇ دۇئادا ئۇيغۇرنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلىپتۇ. پىرىزدېنتىمىزنىڭ گېپىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورۇسام “ ياپۇنىيە ئىسلاھاتنى تۈزۈم يېڭىلاشتىن، ھەممىدە ئىلىمگە تايىنىشتىن، ئىددىيە يېڭىلاشتىن باشلىغان، ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى ئىشنى ئەكسىچە ھەربى مەكتەپ قۇرۇشتىن، ھەربى زاۋۇت قۇرۇشتىن، پەقەت تېخنىكىلا كىرگۈزۈشتىن باشلىغان مەنچە ھازىرقى مۇسۇلمانلاردىكى مەسىلىلىلەرنىڭ مەنبەسى مۇشۇ پەرقلەرگە باغلىنىدۇ“ دېدى. كۆڭلۈمدىن تۈرك دوستلاردىن بۇ سۇئالنى تولا سوراپ قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ ئالالمىغىنىم كەچتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى غەرپ جاھانگىرلىكىگە دۆڭگەيتتى، بەزىلىرى يەھۇدى ماسۇن تەشكىلاتىغا دۆڭگەيتتى، يەنە بەزىلىرى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا باغلايتتى. پەقەت فاتىھ ئىسىملىك بىر دوستۇمنىڭلا ”بىز ئىنساننى ئىنسان ئەمەس ئاللاھ باشقۇرىدۇ، دەپ قاراپ، ئىنساننى ئىنسان ئەمەس مەسلەھەت ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان تۈزۈمنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنى، ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ قانداق تەشكىللىنىدىغانلىقىنى بىلمىگەن“ دېگەنلىكى ئېسىمدە قاپتۇ. ئۆتكەندە مەسجىدىمىزنىڭ جەينامازلىرىنى رەتلەشكە يارىدەملەشكىنىمدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بىر دۆۋە يېپ يېڭى جەيناماز چىقتى. نېمىشقا ئىشلەتمىگەنلىكىنى سورۇسام. ”بۇ قىلىچ چۈشۈرۈلگەن جەينامازنى سەئۇدى ھۆكۈمىتى تەقدىم قىلغانىدى. كۈۋەيتلىك ئوقۇغۇچىلار نارازى بولۇپ ھۆكۈمىتىگە ھازىرقى يېڭى جەينامازلارنى ئالدۇردى. شۇندىن كېيىن بۇ جەينامازلار بىكار بولدى“ دېگەن جاۋاپقا ئېرىشتىم. تۆۋە، نامازنى ئاللاھقا ئوقۇمدىغاندۇق جەينامازغىمۇ؟ ئۇنى قايسى دۆلەتنىڭ تەقدىم قىلىشى بىلەن نامازنىڭ قوبۇل بولۇشى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارمۇ؟ كۆز ئالدىمدا مەسجىدىمىز سەيناسىدىكى چىملىققا بۇلتۇر ئەتىيازدا ساۋاپ ئۈچۈن تىكىلىپ پەرۋىشسىزلىكتىن قۇرۇپ كەتكەن قارىغايلار خۇددى ياپۇنلۇق مۇسۇلماننىڭ گېپىنى تەستىقلىغاندەك سالپىيىپ تۇراتتى. بۇلارغا قاراپ ۋەتەندە ھەر قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆچەت تىكىش بايرىمىدا تىكىلىدىغان كۆچەتلەر يادىمغا كەچتى. ئۇ چاغدا بىزنىڭ كۆچەت تىكىشىمىز پەقەت ۋەتەنپەرۋەر بولۇش ئۈچۈن ئېدى. بىز يىلدا بىر قېتىم ۋەتەنپەرۋەر بولاتتۇق، كۆچەتلەر يىلدا بىر قۇرۇپ، قايتا تىكىلىپ تۇراتتى. بەيتۇللاھ ئاللاھنىڭ ئۆيى دېگەنلىك، قارىغايلار ئەگەر ئاللاھنىڭ ئۆيى ئالدىدىكى سەيناغا ئەمەس، ئۆز ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى سەيناغا تىكىلگەن بولسا قۇرۇپ كېتەرمىدى؟ مەسجىدتىن قايتىش يولۇمدىكى بۈك باراقسان قارىغايلار بىلەن ئورالغان چىركاۋغا قاراپ ئۆتۈپ كەتتىم. چىركاۋ ھەر كۈندىكىدەك ئادەمسىز ئېدى.


ئالدىنقى: 31. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە باشقا ئاشقۇنلۇقلار

كـىيىنكى: 29. ئامېرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز