31. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە باشقا ئاشقۇنلۇقلار

ئورنى Wikipedia

چەتئەلدىكى ھىكايە غەرپتىكى مەلۇم دۆلەتتە بىر قانچە ئۇيغۇر بىللە ئىشلەيدىكەن. ئارىدىكى بىرى خىزمەت ۋاقتىدا باشقا ئىشلارنى قىلىپ خىزمەت ئۈنىمىگە تەسىر كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرى بۇ ئىشنى باشلىققا ئىنكاس قىلىپتۇ. نەتىجىدە ئىنكاسچى ئىدارىدە يەكلىنىپ قاپتۇ. بۇ ھەقتە مەن ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ باھاسى مۇنداق بولدى. ”ھەممەيلەن ئۇيغۇر تۇرسا نېمە قىلىدۇ دوكىلات قىلىپ؟“، ”مۇئاشنى خەق بېرىۋاتسا نېمە كارى؟“، ”باشلىقى ئۇيغۇر بولسىغۇ بىر گەپ، ئۇيغۇرنى ياتقا چاقتى دېگەن نېمە ئىش؟“

ئىچكىرىدىكى ھىكايە بىر كۈنى دۆلەتلىك ئىنگىلىزچە ئىمتىھانغا نازارەتچى بولۇپ قالدىم، مەن بىلەن بىللە نازارەتچى بولغان مۇئەللىم“ بۇ سىنىپتا بىرمۇ ئۇيغۇر يوقكەن، بولغان بولسا ئىنگىلىزچىڭىزنىڭ يارىدىمى تېگەتتىكەن ھە،“ دېدى. كۈلۈپ قويدۇم. ئىمتىھان يېرىملاشقاندا ھېلىقى مۇئەللىم نوقۇپ قالدى، قارىسام بىر ئۇيغۇر بالا بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرۇپ ئىمتىھاننىڭ ماقالە قىسمىنى كۆچۈرگىلى تۇرۇپتۇ. ئاچچىق مىڭەمگە تەپتى، ئوقتەك بېرىپ قەغىزىنى تارتىۋالدىم. ئىمتىھان تۈگىگەندىن كېيىن سەبدىشىم مەندىن رەنجىدى ”سىزنى بەك ئۇيغۇر بالىلارغا كۆيۈنىدۇ دەپ بىلەتتىم، سىز پەقەت ئابستىراكىت ئۇيغۇرنى سۆيىدىكەنسىز، كونكىرىت ئۇيغۇرنى سۆيمەيدىكەنسىز!“

ئۈرۈمچىدىكى ھىكايە ئۇيغۇرلار تولىمۇ ئاز يېڭىشەھەر رايۇنىدا بىر ئوغرى تۇتۇلدى. تۇتقۇچىمۇ ئۇيغۇر ئوغرىمۇ ئۇيغۇر ئېدى. شۇ ئارىدا رايۇننىڭ تازىلىقىنى قىلىدىغان بىر توپ تازىلىقچى ئۇيغۇر ئاياللار بۇ ئىشقا ئارىلاشتى ”ئاكا قاراڭ، بۇ بالىمۇ ئۇيغۇركەن، سىزمۇ ئۇيغۇر بولغاندىن قويۇپ بېرىڭە، ساۋاپ بولا، ھەممىمىز ئۇيغۇر ھەممىمىز مۇسۇلمان ئەمەسمۇ، يامان بولىدۇ، ھېلىمۇ كۈن ئالمىقىمىز تەس بولۇپ كەتتى“، نەتىجىدە ھېلىقى زىيان تارتقۇچى ئۇيغۇر كىشى خۇددى گۇناھكاردەك بەك ئوڭەيسىزلاندى ۋە ئوغرىنى قويۇۋەتتى.

بۇندىن باشقا ئىدارىدە، توردا ۋە گېزىت ژورناللاردا ئەگەر بىرسى ئۇيغۇرغا تونۇلغان بىرەر كىشىنىڭ خاتا سۆزلىرى، يازغانلىرىدىكى خاتالىقلار ۋە بىنورمال قىلىقلىرى ھەققىدە گەپ قىلسا دەرھاللا ”ئۇ دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق ئالىمى، ئۇ دېگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەخىرى، سەن نېمە ئىش قىلغانغا ئۇنداق دەيسەن؟“ دېگەندەك گەپلەنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇنداق سۆھبەتلەر تورلاردا ئايىقى بېسىقماس زىددىيەتلىشىش بىلەن، تۇرمۇشتا جىدەل بىلەن تۈگەللىنىدۇ. بۇرۇن بۇ ئىشلار ماڭا بىر قارىسام ئۇيغۇر سۆيگۈسىدەك، يەنە بىر قارىسام ئۇيغۇرلۇقنى سۈيئىستىمال قىلىش ياكى دەسمايە قىلىپ پايدىلىنىشتەك تۇيۇلاتتى. ھازىر ئويلاپ باقسام بۇلار ئۇيغۇرلۇقنىڭ دەسمايە قىنىلىشى، نەپسى خاھشقا بوي سۇندۇرلىشى ئىكەن. ئۇيغۇرلۇقتىكى ئورتاق تارىخ، ئورتاق تىل، ئورتاق دىن، ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق تەقدىر، ئورتاق كىرزىس ۋە ئورتاق شەرەپ كىشىلىرىمىزدىكى مەنىۋىي بىرلىكنىڭ ئاساسى بولغاندىن باشقا بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ سودا تىجارەت، پەيدا مەنپەئەت ۋە ھوقۇق ئىناۋەتلىرىدىكى دەسمايە ئىكەن. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم ئۇيغۇرلۇقنىڭ بۇنداق دەسمايىغا ئايلنىپ قېلىشىدىكى سەۋەپلەر. مۇلاھىزەمگە كۆرە سەۋەپلەر ئىچىدە ھازىرچە مەن دېيەلەيدىغان سەۋەپ ئاشقۇنلۇق(رادىكال)تۇر. مەن بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئاشقۇنلۇق بىز ئادەتتە تېلۋىزور ۋە رادىيولاردا ئاڭلايدىغان سىياسىي ياكى خەلقئارا مەسىلىلىلەردىكى ئاشقۇنلۇق ئەمەس. مەن بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئاشقۇنلۇق كونكىرىت مەسىلىنىڭ، ھادىسنىڭ ۋە شەيئىلەرنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى، تۈزۈم-ئۆلچەملىرى، ئىلمىيلىك-مەنتىقىسىنى ئويلاشماي ھەمىشە مەلۇم خۇسۇسىي خاھىش، كۆنگەن تەپەككۇر، مىللىي ھىسسىيات ۋە مەلۇم ئىدولوگىيەنى ئۆلچەم قىلىپ پىكىر قىلىش ھەم ھەرىكەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە مەن بۇ ئاشقۇنلۇقنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىپ مۇلاھىزە قىلىمەن.

1. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلىقى. مىللەت سۆيگۈسى ئىنساندىكى تەبىئى تۇيغۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي پىسخىك ئىھتىياجى بولغان تەۋەلىك ئىھتىياجىدىن كەلگەن. بۇ مەنىدە ئۇيغۇرنى سۆيۈش يەنى ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ھەممىزدىكى ئورتاق تۇيغۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلۇقنى قانداق چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئاقىللىقنى ئۆلچەم قىلمىسا، بىر قىسىم تەييارتەپلارنىڭ ئارامگاھىغا، بىر قىسىم خاتا ھۆكۈم ۋە پىكىرلەرنىڭ پاناھگاھىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. يۇقارقى چەتئەل مىسالدا تىلغا ئېلىنغان خىزمەتتىكى ئۈنۈمنى قوغلاشماي يارىماس خىزمەتچىنى نەچچە يىل ئارىسىدا ئاسراپ قالغان ئۇيغۇر ئىشداشلارنىڭ قىلىۋاتقىنى مىللەتنى سۆيۈش ئەمەس پىرىنسىپسىزلىق ھىساپلىنىدۇ. بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنى ساقلاپ قېلىش بەدىلىگە بىر توپ ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنى ئاقسىتىش ئاقىللىق ئەمەس. ئەگەر شۇ بىرەيلەن سەۋەبلىك خىزمەتخانا تاقالسا بىز ئاياپ كەتكەن يۈز ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلۇقىنىڭ زىيالىلاردىكى ئىپادىسى؛ ”قۇربانجان تۇرەك ئۇيغۇردىن چىققان رىياللىقتىكى ئەۋلىيا“ دېگەن ھۆكۈم، يالقۇن روزىنىڭ ”بېكخامدىن ئىشەك موھىم“ دېگەن ھۆكۈمى، قۇددۇس ھاپىزنىڭ ”ئۇيغۇر تىلى 21-ئەسىردە دۇنيا تىلى بولىدۇ،“ دېگەن ھۆكۈمى، ”قاسىم سىدىق ئۇيغۇرنى ئون يىلدىن كېيىن نوبىلغا ئېرىشتۈرىدۇ“ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلارنى ئوتتۇرغا قويۇشقا سەۋەب بولغان ۋە بۇ ھۆكۈملەرنى ئالقىشقا ئېرىشتۈرگەن ئامىل ئوخشاشلا ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلىقىدۇ. بۇ يەردە شەيئىي ۋە ھادسىلەرنى ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتى ۋە شەرىپى نوقتىسدىن باھالاش ھۆكۈم ئاساسى بولغان. ئەگەر بىز دۇنياغا مۇنداق ئۇيغۇرغا ياخشى بولسا ياخشى، مەنپەئەتىسز نەرسىنىڭ قىممىتى يوق، دېگەن نەزەردە باقساق، ئۇيغۇر بىلەن ئالاقىسىز بولغان نۇرغۇن نەرسىنى يوققا چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر مۇشۇ پېتىلا ئويلىساق ئۇيغۇر ئەجداتلار خىزىرغا ئايلىنىدۇ، ئۇيغۇر ئالىمى تەنقىدسىز بولىدۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىسز قالىدۇ، ئۇيغۇر ئوغرىلار جازاسىز قالىدۇ، ئۇيغۇر پاسىقلار نەپرەتسىز قالىدۇ، نەتىجىدە يۇقارقى ھىكايەتلەر ئىجابىي ھادىسىگە ئايلىنىدۇ.

2. ئىلمىيلىك ئاشقۇنلۇقى

مەدەنىيەت (كۈلتۈر) ھادسىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلىمگە ئۇيغۇن بولۇۋەرمەيدۇ. مەسىلەن ئات بىلەن ئېشەكنى مىسالغا ئالايلى. ئات ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، تېرىقچىلىق ۋە باغۋەنچىلىكنى بىرلەشتۈرگەن ئىگىلىك شەكلىدە ئىزچىل موھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ھايۋان. ئەرلەرنىڭ جاسارىتىنى يېغىلىق دەۋرىدە جەڭدە، تنچ زاماندا بەيىگىدە، ئوغۇلاقتا ۋە ئاتتىكى جانبازلىق ماھارەتلىرىدە سىنغان بوۋىلىرىمىز ئاتقا ئالاھىدە مۇھەببەت باغلىغان. گەرچە ھازىر ئات تۇرمۇشىمىزدىن يىراقلاپ ئورنىنى ئېشەك، موتۇ، تراكتۇر، ماشىنا ئېگەللىگەن بولسىمۇ ئاتنىڭ مىللىي پىسخىكىمىزدىكى ئورنى يەنىلا ھەرقاندا مەخلۇققا سېلىشتۇرغۇسىزدۇر. ئىلىم جەھەتتىن قارىغاندا ئات بىلەن ئىشەك ۋە باشقا ھايۋاننىڭ باشقا ھايۋانلاردىن پەرقلىنىدىغان ”ئۇلۇغ“لىقىغا ئائىت پاكىت يوق. مەسىلەن ھىندىستانلىقلار كالىنى، تېبەتلەر بېلىقنى، خەنزۇلار كالىنى ياخشى كۆرىشىدۇ، ھەتتا چوقۇنىدۇ، بۇنىڭدىمۇ ھىچ قانداق پەننىي پاكىت يوق، پەقەت مەدەنىيەتتىكى پەرق مەسىلىسى. بۇ يەردىكى پەرق ئەقىل-پەنگە چۈشىدىغان پەرق ئەمەس، مىللەتنىڭ مەدىنىيىتىگە ياتىدىغان تۇيغۇدىكى پەرق. بۇنى توغرا چۈشەنمەي، يالقۇن روزىنىڭ ”ئۇيغۇرنى ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت دېمەي، نېمىشقا ئات ئۈستىدىكى مىللەت دەيمىز؟ ئېشەك بىزگە نېمە يامانلىق قىلدى؟“ دېيىشى ئاشقۇنلۇقتىن باشقا گەپ ئەمەس. ئاڭلىسام ”كرورەنلىك بالىلار“ دېگەن بالىلار رومانىدا قارغا ئىجابىي ئوبرازقىلىپ يېزىلىپتۇ. بۇ ھەقتە سورالغان سۇئالغا ئاپتۇر ”قارغا ھىچ بىر يامان مەخلۇق ئەمەس…“ دېگەن مەنىدە چۈشەنچە بېرىپتۇ. توغرا، ئىلمىيلىك جەھەتتىن قارغا بىزگە ھىچ يامانلىق قىلغان يوق، ئېشەكمۇ شۇ، ئەمما بىر مىللەت يامان كۆرگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىدە ئىلمىي سەۋەپ بولمايدۇ. بۇندىن باشقا بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى، يىمەك ئىچمەكلىرى ۋە مۇراسىملىرىدىكى ئاتالمىش ”ئىلغار، زامانىۋىي“ مىللەتلەردە يوق تەركىپلەرنى ئىلمىي ئەمەس دەپ يامانلايدۇ. ھالبۇكى ھىچ كىم بىر مىللەت توغرا دەپ قارىغان نەرسىنى ئىلمىيلىك نوقتىسىدىن ئىنكار قىلىپ غەلبە قىلالمايدۇ. چوڭ غەلىبە قىلسا غالىبىيەت روھىغا بىر چۈمۈۋالىدۇ خالاس. بىرقىسىملار قارغا بىلەن ئىشەكنى قانچە مەدھىيەلىسىمۇ ئۇيغۇر تىلىدا ”قارغا بىلەن دوست بولساڭ يىيىشىڭ پوق“ ”قىلىقسىز ئېشەك“ دېگەن گەپلەر كەڭرى قوللۇنىلىۋېرىدۇ.

3. دىن ئاشقۇنلىقى يېقىندا توردا مۇستاپا كامال ۋە سادام ھۈسەيىن ھەققىدە قىزىقارلىق مۇنازىرە بولدى. مۇنازىدە داۋامىدا سادام ”مۇسۇلمان“ بولغانلىقى سەۋەبلىك ئاقلاندى، مۇستاپا كامال بولسا ”دىنسىز“ غا چىقىرىلىپ قارىلاندى. ھەتتا سادامنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەرەپتارى بولمىغانلار كاپىر، سادامغا مايىللار ”مۇسۇلمان“ بولۇپ قالدى. شۇنچە ئۇزۇن تالاشقانلارنىڭ ئىچىدە سادامغا باھا بەرگۈدەك ئەرەبچە، مۇستاپا كامالنى قارىلىغۇدەك تۈركچە بىلىدىغان مۇنازىرىچىلەرنىڭ يوقلىقى مېنى ھەيران قىلدى. مۇنازىرىدە تالىشىۋاتقانلار مۇنازىرە ئوبىكتىنىڭ كىملىكى، ھايات تارىخى، ئۇتۇق-ئۇتتۇرۇقلىرى بىر يەدە قېلىپ ئۇلارنىڭ دىنى باشتىن ئاخىر تالاشلارغا سەۋەپ بولدى. مېنىڭ ”ئامېرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز“ دېگەن خاتىرەمگە ئىنكاس يازغان بىر ئانا بالىسىدىكى ئىزچىلسىزلىق، ئەخلەت يېمەكلىكلەرگە خۇمارلىق، تورخۇمارلىقى…قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەسلەھەت بېرىشىمنى سوراپتۇ. مەن قايسى كىتابنى ئوقۇپ، قايسى ئۇسۇل بىلەن جاۋاپ بېرەرمەن دەپ ئويلاپ بولغىچە بىرەيلەن دىنىي تەربىيە بېرىشنى مەسلەھەت سېلىپ ئۈلگۈرۈپتۇ. دۇنيادا تەننىڭ كېسلىلىنى تېبابەت، روھنىڭ كېسلىنى پىسخولوگىيە داۋالايدۇ. بۇ پەنلەرنىڭ ئىنساندىكى تۈرلۈك روھىي ۋە جىسمانى ساقسزىلىق ھەققىدە نەچچە يۈز يىللىق تەجرىبدىن توپلانغان رىتسىپلىرى بار. بۇلارنى ھىچ قوبۇل قىلماستىن، ھىچ ئويلاشماستىن كاللىمىزغا كەلگەن، ئالدىمىزغا ئۇچرىغان مەسىلىنى ئاللاھ بەرگەن ئەقىل بىلەن ئويلاپ، مىڭىمىزنى ئىشلىتىپ ئىزدىنىپ ھەل قىلماي، ھەممىنى ئاللاھقا يۈكلەپ قويساق بىزنىڭ ئىرادە ھۆرلىكىمىز نەدە قالىدۇ؟ ئەگەر ھەممىنىڭ جاۋابى قۇرئاندا بولسا ئاللاھ نېمىشقا بىزنى تەپەككۇرسىز ياراتمىدى؟ بۇنداق ئاشقۇنلۇققا مايىل قېرىنداشلار كونكىرىت مەسىلىنى كونكىرىت ئوي ۋە ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا قىزىقمايدۇ. چۈنكى تەييار ھۆكۈم ھەممە ئادەمگە خوش ياقىدۇ. ۋاھالەنكى رىياللىق دائىم ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ، ماھىيەتلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى دائىم بىرخىل بولمايدۇ. شۇڭا بىز ئىشەنگەن ھۆكۈمنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن يەنىلا مەسىلنىڭ تارىخى يۈزى، سېلىشتۇرما يۈزى ۋە كۆزىمىزگە كۆرۈنگەن-كۆرۈنمىگەن يۈزى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاشقۇنلۇق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر زىيانلىق ئۆسمە. يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئاشقۇنلۇقلارنىڭ ھەممىسىدە قارىمۇ قارشى قۇتۇپ مەۋجۇد. مەسىلەن؛ مەسلەن بەزىلەر ھەممە مەسىلنىڭ داۋاسىنى دىندىن ئىزدىسە يەنە بەزىلەر ھەممە پىشكەللىكنىڭ سەۋەپكارنى دىن دەپ ئاشقۇنلۇق قىلىدۇ. بەزىلەر ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى ھەممە ھادىسىگە پۈتۈنلەي ئىلىم كۆزى بىلەن قارىسا بەزىلەر ئۇيغۇر ئەجداتلارنىڭ ئۇدۇملىرىنى ھەممىگە ئەڭگۈشتەر بىلىدۇ. بەزىلەر ئۇيغۇرغا خاس بولسىلا پەخىرلەنسە بەزىلەر ئۇيغۇرغا تەئەللۇق بولسىلا گۇمانلىنىدۇ. مەسىلەن ”ئۇيغۇرلار قوي گۆشىنى كۆپ يىگەچكە قويدەك يۇۋاش بولۇپ قالغان“ ، “ ئۇيغۇرنىڭ جىنسىيىتى ئاينىغان…“دېگەن سۆز ئىلىمگە زىت ئاشقۇنلۇق بولسا، ”ئۇيغۇر تائاملىرى سەۋەبلىك بىز قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسەللىرىگە كۆپ گىرىپتار بولۇۋاتىمىز“ دېگەنلىك ئىلىم ئاشقۇنلىقى بولىدۇ. ئاخباراتتىكى تەرەپتارلىق، تەشۋىقاتتىكى يەككە مېلودىيە، ئىدولوگىيە تۇمانلىرىغا يەم بولغان رىياللىق بەلكىم بىر قىسىم ئەڭ غايىلىك، ھۇشيار ۋە ئويغاق قېرىنداشلىرىمزىنى ئاشقۇنلۇق مەپكۇرىلىرىغا مەھكۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ۋە ياكى دۇنيايىمىز ئاشقۇنلۇققا ئۈندەيدىغان ئامىللارغا تولغان بولۇشىممۇ مۇمكىن. مەنچە شۇنىسى شۈبھىسىزكى، ئاشقۇنلۇق بىزنى نورمال ئىنسانى تۇيغۇ ۋە ئادەتتىكى بىر ئىنسانغا خاس تەپەككۇردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئاشقۇنلۇق ئەۋج ئالسا كۆزلىرىمىزگە دۇنيا بىربولسا دۈشمەنلىك، قاراڭغۇلۇق، رەزىللىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ، يەنە بىر بولسا كۆز ئادىمىزدا ئالۋۇندەك بىر مەنزىل بىزنى چاقىرىۋاتقاندەك، شۇ يەردە ھەممە نەرسە گۈزەلدەك، ھاياتنىڭ مەنىسى خىيالى مۇقەددەسلىكتەك بىلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا مەنچە مەيلى دىنى ئاشقۇنلۇق بولسۇن ياكى ئۇيغۇرپەۋەرلىك ياكى لوگىكا ئاشقۇنلىقى بولسۇن ئەقىلدىن ۋە نورماللىقتىن ھالقىغان ھەرقانداق تۇيغۇ ۋە پىكىر ئىنساننىڭ نورمال ھاياتىغا ۋە كەلگۈسىگە نۇر چاچالمايدۇ. مەنچە دۇنيانى ئاددىي بەندىنىڭ كۆزى بىلەن كۈزىتىش، ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ ئىنسانلىقىنى ئىتىراپ قىلىش، ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىشىنىش ھاياتىمىزنى ئاددىي ئىنسانلىق بەختىگە مۇشەررەپ قىلىدۇ.


ئالدىنقى: 32. ئامېرىكىدا ئاياللار ۋە ئەرلەر

كـىيىنكى: 30. ئامېرىكىدىكى بەيتۇللاھ