32. ئامېرىكىدا ئاياللار ۋە ئەرلەر

ئورنى Wikipedia

1. ئايالىمنىڭ نەزىرىدىكى ئامېرىكا ئاياللىرى ۋە ئەرلىرى

ئايالىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكىلىق قىز-ئاياللارنىڭ ياسىنىپ تارىنىشلىرىغا باھا بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يەردە قىز چوكانلار ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەكسىچە يۈزىگە ئانچە قېنىق گىرىم قىلمايدىكەن. ئايالىم ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئىشلەش جەريانىدا ئامېرىكىلىق خانىم قىزلارنىڭ يۈز گۈزەللىكىگە ئەمەس ئۇسقىنىنىڭ گۈزەللىكىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپتۇ. ئادىتىم بويىچە ئايالىمغا بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشۈم كېرەك، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يۈزىگە كۆپرەك گىرىم قىلىشىدىكى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەدەن گۈزەللىكىگە بەكرەك مەپتۇن بولۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟

بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى بۇندىن مىڭ يىللار بۇرۇن ”كىم ئايىپ ئىشتۇر قۇلاق، ئاي ئۆيى ئارتۇچ پۇتاق“ دېگەن قەدىمكى ئۇيغۇر قوشىقىنى خاتىرىگە ئالغان. بۇ مىسرالاردا تۈپتۈز ئۆسكەن ئارتۇچ دەرىخى قىزلارنىڭ قەددىگە، ئارتۇچ پۇتاقلىرىدىن ماراپ تۇرغان ئاي قىزلارنىڭ يۈزىگە ئوخشىتىلغان. يۇقارقى قۇشاق قەدىمكى بوۋىلىرىمىزنىڭ يادنامىلىرى بولۇپ قىزلارنىڭ گۈزەللىكى تۈز قامەت ۋە جەلپكار يۈزگە مۇجەسسەملەنگەن. شۇ زامانلاردا ياشىغان يەنە بىر بۈيۈك مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ”ئەقىل كۆركى تىلدۇر، بۇ تىل كۆركى سۆز. كىشى كۆركى يۈزدۇر، بۇ يۈز كۆركى كۆز“ دەپ يېزىپ يۈز گۈزەللىكىنى ئىنسانىي گۈزەللىكنىڭ كۆركى قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلاردىكى ”قىز بالىنىڭ قاش كۆزى جايىدا بولسا قالغىنى بازاردا بار“، ”مەككىگە بارماڭ يارىم بۇندامۇ بىر مەككە بار، ئاي يۈزۈڭنى كۈندە كۆرسەم مەككىگە بارغانچە بار“ دېگەندەك ماقال ۋە بېيىتلاردا قىزلارنىڭ گۈزەللىكى يۈزنى ئۆلچەم قىلغان.

ئۇيغۇر دىۋان ئەدەبىياتىدا شائىرلار قىزلارنىڭ قەددىنى تۈز ئۆسىدىغان سەرۋىگە ئوخشاتقان. ھەرپ ئارقىلىق ئوبراز يارتىش مودا بولغان نەۋايى دەۋرىدە قىزلارنىڭ قەددى بىرىنجى ھەرىپ ”ا“ كە ئوخشۇتۇلغان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قىزلارنىڭ يۈزىلا ئەمەس يۈزىدىكى بارلىق ئەزالار شۇنچە ئىشتىياق بىلەن سۈرەتلىنىدۇ، مىسالەن قىزلارنىڭ كۆزىنى بۇلاققا، قېشىنى قىياققا، ئاغزىنى غۇنچىغا، كالپۇكىنى گىلاسقا ئوخشاتقان قۇرلارنى شۇنچە كۆپ كۆرۈمىزۇ بەدەننى ۋە بەدەندىكى گۈزەللىكلەرنى تەسۋىرلىگەن قۇرلارنى تولىمۇ ئاز ئۇچرىتىمىز. غەرپ ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق قىزلارنىڭ قەددىنى تۈپ تۈز ئارچىغا ياكى سەرۋىگە ئوخشاتقان قۇرلارنى ئۇچرىتالمايمىز. غەرپتە قىزلارنىڭ بەدەن گۈزەللىكى بىزدىكىدەك تۈز ”ا“ يەنى ئىلىپكە ئەمەس، بەدەندىكى ئەگرىلىكلەر تولۇق گەۋدىلەنگەن ئەس ھەرىپىگە ئوخشۇتىلىدۇ. غەرپتە ئەۋج ئالغان ھەيكەلتاراشلىق، رەسساملىق قاتارلىق تەسۋىرى سەنئەتلەردە ئىنساننىڭ بەدەن گۈزەللىكى تولۇق نامايان قىلىنىدۇ. ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ۋىناسنىڭ ھەيكىلى بۇنىڭ ئىسپاتى. دېمەك، ئوخشىمىغان جۇغراپىيىلىك بەلۋاغلاردا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىي گۈزەللىك ھەققىدىكى چۈشەنچىسى پەرقلىنىدۇ. ئۇيغۇردا گۈزەللىك يۈزگە مۇجەسسەملەنگەن. شۇ سەۋەپتىن بۈگۈنكى ئۇيغۇر قىز ئاياللىرى يۈز گىرىمىگە كۆپرەك دىققەت قىلىدۇ. بۇ ئەنئەنە“دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك“ تىن بۈگۈنگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇنى دىنىمىزدىكى ئاياللارنىڭ بەدەننى ئىپادىلەيدىغان كىيىملەرنى كىيىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگىلا باغلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.

ئايالىم دىققەت قىلغان يەنە بىر ئىش ئامېرىكىدا ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياقلارنى كۆپ كىيمەسلىكى ۋە دورامچىلىق قىلىپ ئوخشاش كىيىنمەسلىكى بولۇپتۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنى كۆپ كەيمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى ئۇ چېنىقىشقا ئەپسىز بولغاچقا دەپ چۈشەندۈردى. ئامېرىكىلىق ساۋاقداش قىزلاردىن سوراپ باقسام دائىم ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىپ يۈرۈش ئەركىن ھەرىكەتكە قولايسىز، سالامەتلىككە زىيانلىق بولغانلىقتىن دېيىشتى. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن قىز-ئاياللارنىڭ ئاياقلىرىغا قاراپ باقتىم. ئاياقلار ئارىسىدا پەس پاشنىلىق ئاياقتىن ئاساسەن يوقكەن. مەن بۇ پەرقلەرنى كىيىم كىيىشتىكى مەقسەدنىڭ ئوخشىماسلىقىدىنمىكىن دەيمەن. ئامېرىكىدا كىشىلەر كىيىمنى مودا بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلار كەيگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس ئۆزىگە ياراشقانلىقى، سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كەيسە كېرەك. تەھقىقكى، بۇنىمۇ مۇتلەقلەشتۈرىۋەتكىلى بولمايدۇ.

ئايالىمنى ھەيران قالدۇرغان بىر ئىش ئامېرىكا ئاياللىرىنىڭ قورقماسلىقى بولۇپتۇ. بىر كۈنى كەچتە ئايالىم بىر دوستى بىلەن بازارغا چىقىپتۇ. ماشىنا توراق(ماشىنا توختۇتۇش مەيدانى) تا ئوتتۇرا ياشلىق بىر تەمبەل ئەر ئۇلارغا سەل ئۇزاق قاراپ قالغان چېغى، ئايالىمنىڭ دوستى ئالدىغا دەۋەيلەپ بېرىپ قارىغانغا تويغۇزۇپ قويغانمىش. ئايالىم بۇ ۋەقەنى تېلىڧوندا ۋەتەندىكى دوستلىرىغا بىرمۇ بىر يەتكۈزدى. قىزىق يېرى ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ ئامېرىكىلىق قىزنىڭ جۈرئىتىگە ئاجايىپ ھەيران قېلىشىتى. ئايالىمنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن يىلى ئاپتۇبوستا قولىنى تۇتىۋالغان بىر ئېشەكتىن قۇتۇلالماي يىغلاپ كەتكەنىكەن. ۋەتەندىكى چېغىمدا ماڭىمۇ ئاپتۇبوستا بۇنداق ئەر-ئايال سۈپەتلىك مەرەزلەرنىڭ قىلمىشى ئۇچرىغان، لېكىن خەقنىڭ قولىنى قويىۋەتمەي يىغلىتىۋەتكەن پەسەندىلەرنى كۆرمىگەنىكەنىمەن. ئايالىم يەنە ئامېرىكىدا قىزلارنىڭ قورۇقماي كېچىلەردە ياپيالغۇز يۈرۈشىدىن تاڭ قاپتۇ. مەنچە بۇ ئامېرىكىدىكى مۇكەممەل قوغۇداش سېستىمىسىنىڭ تۆھپىسى. ۋەتەندە قىز-ئاياللار قانۇننىڭ ۋە قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ قوغۇدىشىغا ئېرىشەلمىگەچكە سىرىتلاردا يالغۇز يۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. قىز-ئاياللارنىڭ قوغۇداقسىز قېلىشى ۋە ئاجىز سانىلىپ قورقۇشقا كۆندۈرىلىشى ئۇزاق داۋاملاشسا قورقۇنچاقلىق ئومۇملىشىپ ئاڭغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەنچە ئەڭ ئېچىنارلىقى قورقۇنچاقلىقنىڭ ئاڭغا ئۆتۈپ كېتىشى ۋە بىر قىسىم نومۇسسىزلارنىڭ بۇنى ئاجىزلىق ساناپ ھايۋانلارچە پايدىلىنىشى.

ئايالىمنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكا ئەرلىرى تاماق ئېتىشكە ئاياللىرىدىن ئۇستا، ئاياللىرىغا تۆشۈكتە قابىل يارىدەمچى، ئاياللىرىغا مېھرىۋان. بۇ گەپ ماڭا خۇددى ”سەن تاماق ئېتىشنى بىلمەيسەن، يارىدەملەشمەيسەن “ دەۋاتقاندەكلا تۇيۇلىدىغان بولغاچ ئانچە چىن پۈتۈپ كەتمەيمەن. مېنىڭ كۈزىتىشىمچە ئامېرىكىدا يەمەكلەر ئاساسەن تەييار تاماقلارنى قىزىتىپ ياكى تەييار خۇرۇچلارنى ئۇيان بۇيان قىلىپ تەييارلىنىدىغان بولغاچقا تاماقنى كىمنىڭ ئېتىشى بەك ئىنچىكىلەيدىغان ئىش ئەمەس. قاچا-قومۇچلارنى يۇيىدىغان ماشىنا ھەممە ئۆيدە دېگۈدەك ئومۇملاشقان بولغاچقا ئەرلەرنىڭ تۆشۈكتە يارىدەمچى بولۇش بولماسلىقىمۇ تالىشىدىغان ئىش ئەمەس. مېنىڭ نەزىرىمدە كىشىنى زوقلاندۇرىدىغىنى ئامېرىكا ئەرلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئاياللىرىغا مېىرىۋانلىقى. مەنچە بۇ سۆيگۈنىڭ مەھسۇلى. ئامېرىكىدا ئائىلە بىزدىكى بىر قىسىم ئائىلىلەرگە ئوخشاش پەرزەنتنى نىشان قىلغان ئىقتىسادى ھەمكارلىق گەۋدىسى ئەمەس. ئامېرىكىدا ئەر-خوتۇنلار ئارىدىكى سۆيگۈنىڭ يۇقالغانلىقىنى سەزگەن ھامان ياغسىراپ كەتكەن زەنجىردەك غىچىرلاشمايلا بىر تەرەپ بولۇشىدۇ. بۇنىڭدىن جامائەتچىلىكمۇ، پەرزەنتلەرمۇ قىلچىلىك غەلىتىلىك ھىس قىلمايدۇ. مەن تونۇيدىغان بىر ئامېرىكىلىق ئالتە بالىسى بىلەن ئاجرىشىپ، بىر بالىسى بار بىر چوكان بىلەن توي قىلغان. تۇرمۇشىدىن ئالامەت رازى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سۆيۈپ تويلاشقان خوتۇنىغا مەنچە ئامېرىكىلىقلا ئەمەس، ھەر قانداق ئىنسان مېرىۋان بولىدۇ.

2. مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئامېرىكا ئاياللىرى، ئەرلىرى

كۆزىتىشىمچە ئامېرىكا ئاياللىرىنىڭ مېنى ھەيران قالدۇرغان بىر تەرىپى ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى. بىر پروفېسسور ئايال بىلەن ياخشى ئۆتەتتىم. بۇ ئايال ئەللىكتىن ئاشقان بولۇپ ئىككى قەۋەتلىك داچىسىدا يالغۇز ياشايتتى. ئامېرىكىدا بۇنداق ئاياللارنىڭ ئادەتتە ئىتى بولىدىغان، بۇ ئايالنىڭ بىر ئىتىمۇ يوق ئېدى. ئۆيىگە بىر قانچە قېتىم باردىم. بىر پىيانىنۇ، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۆيلەرنىڭ ھەممە يېرىگە سەنئەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ كىچىك ئىشكاپلاردىكى ھەددى ھىساپسىز كىتاپتىن باشقا كۆڭۈلنى ئاۋات قىلىدىغان ھىچ بىر جانلىق يوق ئېدى. ھە راست، ئۆينىڭ بىرىنجى قەۋىتىدىكى ھەممە دەرىزىلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان گۈللەر، ئۆينىڭ ئىككىنجى قەۋىتىگە چىقىپ قارىسا كۆرۈنىدىغان چەكسىز ئورمان يېشىل دالا داچىدا بۇ خانىمنىڭ يىگانە جانلىق ئەمەسلىكىدىن خەۋەر بېرىپ تۇراتتى. ئىككىنجى قەۋەتنىڭ ئۈستىدە كەپتەرخانىدەك بىر بالىخانا بولۇپ، خانىمنىڭ ئېيتىشىچە بۇ تۇل كەپىسى دېيىلىدىكەن. بۇرۇنقى زامانلاردا شىمالى ياۋرۇپادا ئېرى دېڭىزغا كەتكەن ئاياللار ئاشۇ ”كەپتەرخانا“ دا قايتىپ كېلەلمەس ئەرلىرىنى كۈتۈپ تۇل قالاتتىكەن. شۇ سەۋەپتىن ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە سېلىغان ئۆيچەك ”تۇلخانا“ ئاتالغانىكەن. مەن ياقتۇرىدىغان بىر قانچە كىتاپنىڭ مۇئەللىپى بولغان بۇ ئايال توختىماي كىتاپلار، ئىنسانلار، ئىشلار ھەققىدە سۆزلەيتتى. ئۆيىنىڭ تۇلخانىسى بولغان بىلەن ئۇ يەردە بىرسىنى كۈتىدىغاندەك قىلمايتتى.

مېنى ئەجەپلەندۈرگەن يەنە بىر ئىش يالغۇزئاتا- ئانىلار. بۇ ئايالى يوق بالىسى بار ئەر، ياكى ئېرى يوق بالىسى بار ئايال دېگەنلىك. باغچىلارغا قارىسىڭىز بىر بالىسىنى كۆتۈرۈپ يەنە بىرىنى يۆتىلەپ ئايلىنىپ يۈرگەن يالغۇز ئەر ۋە يالغۇز ئايللارنى پات پات ئۇچرىتىسىز. مەھەللەمدە بالىسى بار ئائىلە ساناقلىق ئىدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئايالنىڭ بىردىن قىزى بولۇپ ئىككىلىسىنىڭ دادىسى يوق ئېدى. قىزىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار دادىسىنى بىلمەيدىكەن. ئايالى يېقىندا دوختۇرخانىدا بوشانغان بىر تۈرك دوستۇمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە دوختۇرخانىدا تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك گراڧىكلارغا ئادەتتە بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمىنىلا تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن. تۈرك دوستۇم بۇنىڭ سەۋەبى بىر قىسىم ھامىلىدارلارنىڭ ھامىلىدارلىققا سەۋەپ بولغۇچنىڭ ئىسىمىنى دېيىشنى خالىمىغانلىقتىن دەپ چۈشەندۈردى. مېنى مەمنۇن قىلغىنى يالغۇز ئانىسى بىلەن ياشايدىغان ھېلىقى ئىككى قىزنىڭ ھىچ قانداق بىنورمال پىسخىكىدىن خالى چوڭ بولۇۋاتقىنى بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەبىرلى ئىسىملىك بىر قارا تەنلىك قىزچاق ماڭا تولىمۇ ئامراق ئېدى.

مېنى ئەجەپلەندۈرگەن ئۈچىنچى بىر ئىش ئامېرىكىدا ئەر ئاياللار مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى سۆز چۆچەكنىڭ يوقلۇقى ۋە ئاياللاردا بۇ توغرىدىكى ”ھۇشيارلىق“نىڭ كەملىكى. مەن ئامېرىكىغا كېلىپ بىرىنجى ھەپتىسى خەلقئارا مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچىلار يارىدەمچىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايال خادىملار بىلەن تۈرلۈك رەسمىيەتلەر سەۋەبىدىن تاماقتا بىرگە بولدۇم، بازارلارغا بىللە باردىم، ھەتتا ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىندىم. ئامېرىكىدا ئايالنىڭ مېھمىنى ئايرىم، ئەرنىڭ مېھمىنى ئايرىم بولىدىكەن.ھىچ كىم بىر بىرىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايدىكەن. بىر بىرىنىڭ مىھمانلىرى بىلەن پەقەت رەسمىيەت يۈزىسىدىن تونۇشۇپ ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىپ قويۇپلا باشقا ئۆيىدە ئۆز ئىشىغا مەشغۇل بولىدىكەن. مەن تاماققا تەكلىپ قىلغان ئاياللارنىڭ ”ئېرىم نېمە دەپ قالار“ دەپ دىلىغولدا بولغىنىنى كۆرمۈدۈم. مېنى ئۆيىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلغان ئاياللارنىڭ بەزىلىرى پەقەت ئېرىگە تېلىڧون قىلىپ ”كەچتە جوڭگۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىدىن بىر مېھمىنىمىز بارلىقىنى ئۇنۇتما“ دەپ قويۇشتى. تۈزۈلمە سەۋەبلىك جەمئىيەتتە ئىشەنچ، ئىناۋەت دېگەندەك ئۇقۇملارنىڭ بازىرى تولىمۇ كاسات بولغاچقىمىكىن، بىزدىكى بىر قىسىملاردا ئەر ئاياللار مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى سۆز چۆچەك ئاجايىپ بازارلىق پاراڭ تېمىسى.

ئامېرىكىدا ياش قىزلار دېگەندەك بەك گىرىم قىلىپ كەتمەيدىكەن، ئەكسىچە ياشانغان ئاياللار قېرىغانچە بەك ياسىنىدىغان، گىرىم قىلىدىغان بولۇپ كېتىدىكەن. ھەر يەكشەنبە كۈنى چىرايىنى جىگىدىنىڭ قوۋزىقىدەك قورۇق قاپلىغان ئاياللار ياراشتۇرۇپ گىرىم قىلىشىپ مۈكچەيگەن ئەرلىرى بىلەن چىركاۋغا كېلىشىدىكەن. چىركاۋدىن ياناشىدا ئۆزى ياقتۇرغان تاماقخانىلاردا غىزالىنىپ بازار ئارىلىشىدىكەن. ئامېرىكىدا يەتمىشتىن ئاشقانلارمۇ ئادەتتە ئۆزىنى ياش سانايدىكەن. شۇڭا بۇ ياشتىكى ئامېرىكائەر ئاياللىرىنىڭ نىكاھ ھاياتىنى قايتا باشلىشى كۆپ ئۇچرايدىكەن. شۇڭا يەتمىشتىن ئاشقانلارنىڭ پىرىزدېنت سايلىمىغا نامزات بولۇشى، قايىتىدىن كەسىپ ئېگىلەپ ئىش باشلىشى، ئۆگىنىش پىلانى تۈزىشى نورمال ئەھۋال ھېساپلىنىدىكەن. مەن ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن 20 يىللىق پىلانىم ھەققىدە ئاغىز ئاچسام بىر قانچەيلەن ”سەن پىنسىيەگە چىقمامسەن؟“ دەپ سوراپ قالدى. راست گەپنى قىلسام پىنسىيەگە چىقىش دېگەننى مۇشۇ كۈنگىچە خىيالىمغا كەلتۈرۈپ قويمۇدۇم. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن شۇنى بايقىدىمكى، مەمۇرلاردا خۇسۇسى پىلان، ھاياتتىكى قىزىقىش دېگەن گەپلەر پاراڭ تېمىسى ئەمەسكەن. ئۇلاردىكى ياشاش جەريانى ئۆسۈشنى ۋە پىنسىيەنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈش جەيانى ئىكەن. يېشى قىرىققا بارماي تۇرۇپ ئۆزىنى قېرىدۇق دېگۈچىلەر كۆپكەن. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى مودا گەپ “ بىزنىڭ بولۇشىمىز مۇشۇ ئوخشايدۇ، ئەمدى بالىمىزنى ياخشى تەربىيەلىسەك…“. مەنچە بۇنداق قېرىلىققا خۇشتار بىمارلارنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن بالىلارنىڭ بەك ياراملىق بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن، چۈنكى بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى قورقۇنچاقلىق، تەۋەككۈلچىلىكنى خالىماسلىق، تىرىكلىك ئۈچۈنلا ياشاش. بۇنداق ئائىلىلەرنى سۈيى يېڭىلانماس كۆللەرگە ئوخشتۇشقا بولىدۇ. بۇنداق كۆل ئاسان سېسىيدۇ.

قىستۇرۇپ ئۆتمەكچى بولغان ئاخىرقى بايان ئامېرىكىدا ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن خالىلىقى. ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ تەسىرى دېگىنىم قېيىن ئاتا، قېيىن ئانا، قېيىن سىڭىل قېيىن ئاكىلارنىڭ ھەتتا باشقا تۇغقانلارنىڭ ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئارىلىشىپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەن ۋەتەندە سەپەردە بولغانلىرىمدا ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغىنىم ئاتا-ئانىنىڭ بالا دەردى. ئۇندىن قالسا ئەر-خوتۇنلارنىڭ قېيىن ئاتا ۋە قېيىن ئانا ھەققىدىكى ئاغرىنىشلىرى ياكى قېيىن ئانا، قېيىن ئانىلارنىڭ كېلىن ۋە كۈيىلەر ھەققىدىكى نارازىلىقلىرى. ئامېرىكىدا ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ تەسىر قىلىشى ئاساسەن يوقنىڭ ئورنىدا، چۈنكى ئامېرىكىدا ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت يالغۇز بىر جۈپ ئەر ئايالنىڭ ئىشى. بالىلار 18 ياشتىن كېيىن مۇستەقىل ياشايدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ كىم بىلەن تويلۇشۇپ نەدە ياشىشى خۇسۇسى تاللاش مەسىلىسى. بۇنىڭغا ئاتا ئانىلار ۋە باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشى قانۇنسىزلىق ۋە جەمئىيەتتە قوبۇل قىلىنمايدىغان ئەھۋاللار جۈملىسىدىن. ئامېرىكىدا نىكاھ قىز يىگىتنى باغلىسا بىزدە ئىككى ئائىلىنى باغلايدۇ. باغ قانچە مۇرەككەپ بولسا توقۇناق شۇنچە كۆپىيىپ مۇناسىۋەتنىڭ راۋانلىقىغا دەز كېتىدىغان گەپ. ئامېرىكىدا تۇرۇپ قالغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ ئۇيغۇردىكى مۇشۇنداق مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى يۈرۈشتۈرەلمەي ئېرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ ئېرى شۇنچە زورلىسىمۇ ئامېرىكدىن كەتمەي تۇرۇۋاپتۇ.


ئالدىنقى: 33. ئامېرىكىدىكى ئازەرىنىڭ زارى

كـىيىنكى: 31. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە باشقا ئاشقۇنلۇقلار