33. ئامېرىكىدىكى ئازەرىنىڭ زارى

ئورنى Wikipedia

ئامېرىكىغا كېلىپ تۇنجى قېتىملىق ساياھېتىمدە بىر ئىرانلىق تۈرك (ئىرانغا مۇستەملىكە ئەزەربەيجانلىق) بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. دەسلەپكى پاراڭلاردىن مېنى ئېچىندۇرغىنى، يېشى50 دىن ئاشقان بۇ كىشىنىڭ بىر ئېغىز ئىنگىلىزچە بىلمەي تۇرۇپ ۋەتىنىنى، ئائىلىسىنى تەرك ئېتىپ، يات ئەلدىن پاناھلىق تىلەپ بامباشقا بىر ھاياتلىق سەپىرىگە ئاتلانغىنى بولدى. 2009-يىلى تومۇزدىكى پاجىيە سەۋەبلىك بۇ كىشىمۇ مېنىمۇ ئامېرىكىغا پاناھلىق تىلەپ كەلدىمىكىن دەپ قاپتۇ. پەرەز قىلغىنىمدەك ئۇ ئامېرىكىغا سىياسى پاناھلىق تىلەپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە پاناھلىق تىلەش دېگەنلىك ئۆز دۆلىتىدە ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان كىشىلەرنىڭ نورمال ھاياتىنى داۋام قىلىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوغۇدىشىغا، ئىلتىپاتىغا سىغىنىش دېگەنلىك ئىكەن. پاناھلىق ئادەتتە ئىككى خىل تىلىنىدىكەن. بىرى پاناھلانغۇچى پاناھلىق بېرىدىغان دۆلەتكە قېچىپ بېرىپ شۇ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ئىلتىماس سۇنىدىكەن. يەنە بىرى پاناھلانغۇچى ب د ت نىڭ پاناھلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورگانلار بار دۆلەتكە بېرىپ پاناھلىق تىلەيدىكەن. ب د ت نىڭ ئورگانلىرى بۇنداق كىشىلەرنى ئۈچىنجى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ئادەتتە پاناھلىقنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەر ئاساسەن غەرپ دۆلەتلىرى ئىكەن. ئىرانلىق پاناھلانغۇچىلار قازاقىستان، ھىندىستان، كامبودژا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېلىپ شۇ يەردىكى ب د ت ئورگانلىرى ئارقىلىق پاناھلىق تىلەيدىكەن. شۇ ئان ئېسىمگە 2006- يىلى تۈركىيەدىكى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغۇچىلارنىڭ 2000 گە يەتكەنلىكىنى بۇنىڭ ئىچىدىكى 1800 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىرانلىق ئىكەنلىكىنى ئوقۇغىنىم كەلدى.

تۈركىيەدە ئىراندىن پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئازەرى تۈركلىرىنى كۆپ كۆرگەنىدىم. تۈركىيەدە ماڭا پارىسچە ئۆگەتكەن ئازەرى ئوقۇتقۇچۇممۇ ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئازەرى تۈركلىرى ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارغا پارىسلارنى مەقسىەدلىك ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئانا تىلىنى پارىسچىلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شەھەر-بازار ۋە كوچا مەھەللىلەرنىڭ ناملىرىنى پارىسىچغا ئۆزگەرتىپ ئازەرى تۈركلىرىنىڭ مىللي كىملىكىنى يوقۇتۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. كېيىن تۈركىيەدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئىراندىن كەلگەن ئازەرى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركلەرگە قىلىۋاتقان ئاسمىلاتسىيە سىياسەتلىرىنى تەنقىد ۋە پاش قىلىشلىرىغا شاھىد بولدۇم. ئۇلارنىڭ مەردانىلىقى، قورقۇمسىزلىقىغا پەقەت ھەيرانلا قالالىغانىدىم. بۇ ئازەرى سەپەردېشىمنىڭ بايانلىرى مېنى تېخىمۇ سوغۇق تەر باستۇردى. ئۇ ئىراندا مۇستەقىل ئەزەربەيجان (توغرىسى ئازەربەيجان، چۈنكى ئۇ يەردىكى تۈركلەر ئۆزىنى تۈرك دەپ ئاتايدۇ. تۈركىيە تۈركلىرىدىن پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كەلگەندە ئازەرى دېگەننى قوشىدۇ) قۇرۇشنى نىشان قىلغان تەشكىلاتقا قاتناشقانىكەن ۋە قوراللىق ھەرىكەتلەرگە ئىشتىراك قىلغانىكەن. بۇ كىشىنىڭ كۆزلىرىدىن چاقناۋاتقان غەزەپ، تۆكۈلىۋاتقان ياش، چىرايىدىكى ۋاقىتسىز چۈشكەن قورۇقلار ئەسلىدىنلا ساق يېرى قالمىغان يۈرۈگۈمنى ئازاپ تۈگمىنىگە ئۈگۈت قىلىۋەتتى. چىن سۆزۈمنى ئېيىتسام شۇ چاغدا كېلىۋاتقان دەھشەتلىك خەۋەرلەر، تېلۋىزورلاردىكى ماتەملىك كۆرۈنۈشلەردىن يۈرۈگۈم سىقىلىپ، تېلىۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇشتىن، توردىن پاجىيە ئىزدەشتىن تويۇپ ئامېرىكىنى غەرپتىن شەرققە، شەرقتىن جەنۇپقا ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققانىدىم. نېمىسىنى ئېيتاي، ساياھەتتىمۇ يەنە شۇ دەرتمەنلەرنى تېپىۋالسام بولىدۇ.

ئۇ بىزنىڭ تارىخىمىزنى ئۆزىنى زىيالى سانايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن تەپسىلىرەك بىلىدىكەن. ئۇنىڭ چوقۇنىدىغىنى ئوسمان باتۇر ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراندا ياغلىق ئارتمىغان، ساقال قويمىغان ئاياللار ۋە ئەرلەر نازارەتكە، تەكشۈرۈشلەرگە مەھكۇمكەن. بىزدە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. ئۇنىڭ گەپ ئارىلىقىدا بىر نەرسە ھىسابلاشقا دۇچ كەلگەندە تۈركچە ئەمەس پارىسچە ئىشلىتىشى مېنى تەئەججۈپلەندۈردى. شۇئان مۇشۇنداق ھىسابقا دائىر ئىشلاردا خەنسۇچىنى قاتماي قويمايدىغان خەنزۇۋان ئوقۇغۇچىلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم. تەپەككۇردىكى ئەڭ رۇشەنلىكنى تەلەپ قىلىدىغان ماتىماتىكىلىق ھىسابلاشقا توغرا كەلگەندە ھەممە ئادەم ئۆزى ئەڭ پۇختا بىلىدىغان تىلنى قوللانسا كېرەك. گەرچە بۇ ئاكىمىز تۈركچىنىڭ پارىسچىدىن بايلىقىغا ۋە مۇكەممەللىكىگە شەكسىز ئىشەنسىمۇ، كىچىكىدىن پارىسچە ئوقۇغانلىق سەۋەبتىن تۈركچە ئانا تىلىدا ھېساپلىيالمىغانىدى.

كانزاس ئۇنۋېرىستىتى جايلاشقان لاۋرېنس شەھرىدە بىر ئازەرى ئاچىمىز بىلەن يېقىندىن ئىزدىشىپ ئۆتتۇق. ئۇ بۇندىن يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇن يولدىشى بىلەن ئاۋۋال تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلەپ بىر مەزگىل تۇرۇپ ئاندىن تۈركىيەدىكى ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنىكەن. بۇ ئاچىمىز ئۆزىنىڭ شەخسى داچىسى، ماشىنىسى، تاپاۋىتى ئوبدان خىزمىتى تۇرۇپ ئامېرىكىنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيتتى. تۈركىيەنى تېخى ياراتمايىتتى. دۇنيادىكى پۈتۈن يامان ئىشلارنى ئامېرىكا كاپىتالىستلىرىنىڭ قىلىدىغانلىقىغا، ئامېرىكىنىڭ رەزىللىكىگە يەھۇدىلارنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنەتتى. بۇنداق چاغلاردا فاتىھ ئىسىملىك دوستۇم ”بىرگۈل ئابلا سېنىڭ ئۆزەڭ ئامېرىكىدا بولغان بىلەن كاللاڭ تېخىچە تۈركىيەدە ياكى ئىراندا قاپتۇ. بۇنداق گەپلەرنى ئىراندىكى ۋە تۈركىيەدىكى كاپىتالىزىمغا قارشى كومۇنىستلار، غەرپكە قارشى ساختاكار دىنچىلار توقۇپ چىقىشقان“دەپ دائىم رەددىيە بېرىپ تۇراتتى. بىرگۈل ئابلانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركلەرنىڭ ئاتىسى، ئەڭ مەدەنىيەتلىكى، باش بوغۇنى ئازەرى تۈركلىرى بولۇشى كېرەك ئېدى. بۇنداق گەپلەر بولۇنغاندا مېنىڭ بىر تۈرك دوستۇم ”شۇنداق بىرگۈل ئابلا (ئاچا) ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ ئازەرىيكەن دەپ ئاڭلىغانىدىم“ دەپ تەنە قىلىپ قوياتتى. بىر كۈنى ئۇ پىتسا قاتلىمىسىنى بىز ئازەرىلەر ئىجاد قىلغان دېمەسمۇ تۇرۇپلا قالدىم. تېخى بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ”ئىراندا ھازىر مىللەتچىلىك ئەۋج ئېلىپ كەتتى.

ئەخمەدى نىجاد ھۆكۈمىتى ئىسلامنى يېپىنچا قىلىپ مىللەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ. ئىراندا ھۆكۈمەت تەرغىپ قىلىۋاتقان پارىس مىللەتچىلكىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئىران ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەھدىتى، تۈركلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىكى دېگەن گەپلەرنى تولا ئەزۋەيلەپ ئۆزىدىكى چىرىكلكىنى، مۇستەبىتلىكىنى، ئاجىزلىقنى يوشۇرۇشقا كۈچەۋاتىدۇ. ئامېرىكىغا قارشى تەشۋىقاتتا ئىسلامنى قۇرال قىلىۋاتىدۇ. ئىراندىكى تۈركلەرگە قارشى كەيپىياتنى قوزغاشتا پارىسلارنىڭ مىللەتچىلىكىگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ. خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكا قارشى ساداسىنى ئۇستۇلۇق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى، ئامېرىكىغا قارشى ساداغا بۇراپ كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئىراننى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى دەپ قاراش ئادەتكە ئايلاندى. ھەتتا ئىتالىيەدىكى پىسا شەھرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان پىتسا قاتلىمىسىنىمۇ بىز پارىسلارنىڭ ئىجادىيىتى دەپ قارايدىغان پارىسلار كۆپ“ دېگەنلىرى قۇلاق تۈۋىمدە قايتا جاراڭلىدى. بۇ يەردە بىرگۈل ئابلىمىز ئىراندىكى پارىس مىللەتچىلىكىگە تەڭكەش قىلىپ كۈچىيىۋاتقان ئازەرى مىللەتچىلىكىنى تەرغىپ قىلىۋاتاتتى. ئابلىمىزنى غەزەپلەندۈرگىنى، پارىسلارنىڭ مىللەتچىلىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك دەپ تونۇلۇپ دۆلەتنىڭ تەشۋىقات ئوبىكتىغا ئايلانغان، ئازەرى تۈركلىرىنىڭ مىللەتچىلىكى بولسا بۆلگۈنچىلىككە چىقىرىلىپ تەقىپلەنگەنىدى.

بىرگۈل ئابلامنىڭ بىر ھىكايىسى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇنىڭ لوس ئانجىلىستا ئاھمەد ئىسىملىك دوستى بار ئىكەن. بۇ كىشىمۇ بىرگۈل ئابلىمىزدەك ئىراندىكى سىياسىي زىيانكەشلىكتىن قېچىپ ئامېرىكىغا سىغىنغانىكەن. ئىراندىن يېڭى كېلىپ، خىزمەت، خالىس سىياسىي پائالىيەت، تەتقىقات قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئەمىدىلا ئۇھ دېگەندە بىر تاللا قىزى شەرقى قىرغاقتىكى بىر ئۇنۋېرىستىتقا ئوقۇشقا كىرىپتۇ. تۈمەنلىگەن كۆچمەنلەرنىڭ بالىلىرىغا ئوخشاش ئاھمەدنىڭ قىزى گۈلتەنمۇ ئانا تىلى تۈركچىنى ئاڭلاپ چۈشىنىدىغان لېكىن سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ چوڭ بولۇپتۇ. تۇنجى قېتىملىق يازلىق تەتىلدە قىزى ئۆيىگە بىر ئاق تەنلىك يىگىتنى باشلاپ كېلىپتۇ. قىز بۇ يىگىتنى ”مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم“ دەپ تونۇشتۇرۇپتۇ ۋە“ بىر دەمدىن كېيىن كۆرۈشەيلى“ دەپ قويۇپ ئوغۇل دوستىنى باشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيىگە چىقىپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا ئاھمەدنىڭ كۆزىگە يىگىرمە نەچچە يىل تىرمىشىپ ئالغان داچا زىنداندەك تۇيۇلۇپ كېتىپتۇ. ۋەتنىنى شۇ قەدەر سېغىنىپتۇكى، قىزىنى ئېلىپ كېتەي دېسە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېرى- ئىرانغا تەۋە ئەزەربەيجانغا كېتەلمەيدىكەن. قولىدىكى ئامېرىكا پاسپورتى بولغان بىلەن ئامېرىكىلىقتەك ئىرانغا ئەركىن كىرىپ چىقالمايدىكەن. سەۋەبى ئىران سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن، ئىراننىڭ پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىپ چەتئەل پۇقراسى بولغانلارغا ئىرانغا كىرىش ۋىزىسى بەرمەيدىكەن. ھىچ بىر سىياسىي ئارقا كۆرۈنىشى يوق ئازەرىلەرگە ۋىزا بەرگەن تەقدىردىمۇ بىر قانچە ئاي ساقلىتىپ ئاران ئون بەش كۈنلۈك ۋىزا بېرىدىكەن. شۇندىن كېيىن ۋەتەننىڭ گېپى چىقسىلا يىغلايدىغان بولۇپ قاپتۇ.

بىرگۈل ئابلام بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا تۆكۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭمۇ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىزى، بۇ يىل ئالى مەكتەپكە چىققان بىر ئوغلى بار ئېدى. ئوغلىنى ھەر يىلى رامازاندا مەسجىدتە كۆرەتتىم. تۈركچىسى ئانچە راۋان بولمىغاچقىمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان بالىلار بىلەن بىزگە قارىغاندا بەكرەك ئارىلىشاتتى. بىزنىڭ ئالدىمىزدا تولىمۇ كەمسۆز ۋە ياۋاش كۆرۈنەتتى. ئامېرىكىدىكى ئوقۇشۇم تۈگەپ ۋەتەنگە قايتىدىغان چاغدا بىزنى ئۇزۇتۇپ چاي راسلىدى. “ بۇ ۋەتەنسىزلىكنى، سەرگەردانلىقنى نېمىگە تاللىدىم، بۇ داچىنى نېمىگە ئالدىم بىلمەيمەن. خىيالىمدا ئەتىلا ۋەتەن ئازاد بولىدىغاندەك ھەركۈنى خەۋەرلەرنى كۈتىمەن، ئائىلەمدىن بىرسى ئىشىكتىن كىرىپ كېلدىغاندەك ھەركۈنى ئىشىككە قارايمەن. يىگىرمە يەتتە يىل بولۇپتۇ. خۇددى ئەتىلا كېتىدىغاندەك ئۆيۈمگە ھىچ نەرسە ئالغۇم كەلمىدى. ئۆيۈمدىكى بىساتلارنى سىلەرگە ئوخشاش ئوقۇشقا كەلگەنلەر قايتارشىدا قالدۇرۇپ كېتىشتى. ھازىر بىردىنبىر ئويۇم ئىراندىكى مۇستەبىت قاتىللار ئاتسىمۇ، چاپسىمۇ، زىندانغا تاشلىسىمۇ ئىرانغا كەتسەم دەيمەن. بۇ يەردىكى ۋەتەنسىز راھەتتىن ۋەتەننىڭ تۇرمىسى ئەلاكەن ماڭا.

مەن ئەسلى تۇرمىدىن قېچىپ بۇ يەرگە-ئەركىن دۇنياغا كەلدىم دەپتىكەنمەن. ئەركىنلىككە ئېرىشكىنى روھىم ئەمەس تېنىم ئىكەن. روھىم يەنىلا زالىم ئىراننىڭ تۇرمىسىدا قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىم بىلەن بىللە بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر قىينىلىۋېتىپتۇ. ئىراندىكى تۈركلەر بەكمۇ بەخىتلىك. ئۇلار خالىسا تۇرمىغا كىرەلەيدۇ. خالىسا زالىم ھۆكۈمەتكە ئوق ئاتالايدۇ. خالىسا پارتلاپ، پارتىلىتىپ ئۆلەلەيدۇ. ھىچ ئىش قىلالمىسا زالىملارغا ئالىيىپ قارىۋالالايدۇ. مەنچۇ! ياشىسام نېمە قىلىپ ياشايمەن، ئۆلسەم قايسى دۈشمەنگە قارشى ئۆلىمەن! ۋەتەن قۇرىمىز دەپ ۋەتەندىن ئايرىلىپتۇق. ۋەتەننى ئامېرىكىدا قۇراتتۇقمۇ؟ تۈركىيەدە قۇراتتۇقمۇ؟ مانا ئەمدى ۋەتەننى ئەمەس بالىلىرىمزنىڭ ئىمانىنى، تىلىنىمۇ ساقلاپ قالالماي تىرىك تۇرۇپ دوزاققا تۇترۇق بولۇۋاتىمىز، قىلدەك تولغۇنىۋاتىمىز“. بىرگۈل ئابلا مۇشۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ ئايالىمغا ئېسىلىپ ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى. ئۇيغۇر ئاياللىرىدەك ياغلىقنى چىكىلەپ تاڭغان بۇ ئايالنىڭ يىغىسى يۈرەكنى ئەزدى. يىغىسى توختىغىچە ساقلاپ ئاندىن خوشلاشتۇق، تولا يىغلاپ بىچارە ئايالنىڭ ئۆرە تۇرغۇدەك مادارىمۇ قالمىغانىكەن. ئىشىك ئالدىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئاران ئولتۇرغانچە بىزنى ئۇزۇتۇپ قالدى.


ئالدىنقى: قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلىرى

كـىيىنكى: 32. ئامېرىكىدا ئاياللار ۋە ئەرلەر