4. نېمە قىلىش كىرەك؟

ئورنى Wikipedia

ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئۈچ يىل ئوقۇپ ئالغىنىم دېپلۇم بولۇپتۇ. ئوقۇش جەيانىدا يازغانلىرىم يا نەسىر ئەمەس يا ماقالە ئەمەس بىر نېمىگە ئوخشاپتۇ. ئەسلى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىنى بىر يىپقا تىزىپ ”سوڧىنىڭ دۇنياسى“ شەكلىدە كىتاب يازىمەن دېگەن خىيالىممۇ يوققا چىقتى. مەن ئۆگەنگەن كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە بىزنىڭ ئۇ بۈيۈكلىرىمىز بىر بولسا مىللەتچى يەنە بىر بولسا ماركىسىزىمچى مىللەتچى قىلىپ تەھلىل قىلىناتتى. بۇنى قايتا تىزىپ كىتاب قىلىپ چىقىشنىڭ ھىچ ئەھمىيىتى يوق ئېدى. چۈنكى مەن ئالىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇشۇ ئىككىلا ئىددىيە بار دەپ قارىمايتتىم. بۇ يەردە ئىككى مەسىلىگە دۇچ كەلدىم بىرى دۇنيادا ماركىسىزىمدىن باشقا دۇنيانى چۈشەندۈرىدىغان قانداق پەلەسەپەلەر بار؟ يەنە بىرى قانداق قىلغاندا كىشىلىرىمىزنى زېرىكتۈرمەيدىغان شەكىلدە ئەجداتلارنىڭ تەپەككۇرىنى بۈگۈنكىلەرگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟ مەن ئەجدادلار چۈشەنگەن ۋە چۈشەندۈرگەن دۇنيا، ئىنسان، ئىلاھ، جەمئىيەت ۋە تەبىئەت زادى نېمە، ئۇنى ئوقۇرمەنگە قانداق ئۇسۇل بىلەن يەتكۈزىمەن دېگەنگە جاۋاپ بېرىپ بولالماي ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەتتىم.

ئۇ چاغلاردا ماگىستىر ئوقۇغان ئادەم كۆپ بولمىغاچقا ئاسانلا بىر ئالى مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئورۇنلاشتىم. مۇنبەر چىققاندىن كېيىن ھىس قىلدىمكى كاللامدىكى ئۇيغۇر ھەققىدىكى بىلىملەر پەقەت قالايمىغان دۆۋلەنگەن ماتېرىياللاردىن باشقا نېمە ئەمەسكەن. بۇنداق سېستىمىلاشمىغان بىلىمنى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەسكەن. مەن چۈشەندۈرگەندەك ئوقۇغۇچىلار چۈشەنگەندەك كۆرۈنگەن تەقدىردىمۇ بۇ بىر ماتىرىيال بولۇپ قالىدىكەن، ئۇلارنىڭ بىلىمىگە ئايلىنىپ ھاياتىدا ياكى كۆنكىرىت خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىشىگە ئەس قاتمايدىكەن. بۇنڭغا مۇنداق بىر ھىكايەتنى قوشۇمچە قىلاي. مەلۇم يىلىققا ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى دەرسىدە ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرىگە مىسال قىلىپ ”ئىنسان ئىھساننىڭ قۇلى“ دېگەننى چۈشەندۈردۈم. مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا بۇ ماقالنىڭ مەنىسىنى قىسقىچە ئىزاھلاشنى تەلەپ قىلدىم. قەغەز تەكشۈرۈپ بايقىدىمكى 90 پىرسەنت ئوقۇغۇچۇم بۇ ماقالنى ”ئىنسان ئىنساننىڭ قۇلى“ دېگەن مەنىدە ئىزاھلاپتۇ. ئۇلارچە خاتا كۆرۈپ قالغانمىش، كۆزغۇ خاتا كۆرگەندۇ ئەقىلچۇ، ئەقىدىچۇ؟

نېمە قىلىش كېرەك؟ غەرپتىن سوۋۇغان كۆڭلۈم تۈركىيگە تەلپۈنەتتى. تۈركىيەدېكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنى چۈشىنىش ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى تۈركىيە تۈركچىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۆزەم ئانچە چۈشىنىپ بولالمايۋاتقان غەرپ ئىددىيە ئېقىملىرىغا قارغاندا ئەھمىيەتلىكتەك تۇيۇلدى. بۇندىن باشقا مەن تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى پۈتكۈل مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتۈش ئىھتىماللىقى بار دەپ تەخمىن قىلاتتىم. مەنچە شەرق مىللەتلىرىنىڭ زامانىۋىيلىشىشىدا بىر قانچە دۆلەت ئەندىزە بولالايتتى. بۇلار ياپۇنىيە، كورىيە ۋە تۈركىيە ئېدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئورتاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغان تۈركىيەنى چۈشىنىش ئارقىلىق زامانىۋىيلىشىش جەيانىدا ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش يولى ھەققىدىكى بىلىملەرنى ۋە تەجرىبىلەرنى ئۆگنىۋالالايتتۇق. مۇشۇ مەقسەدلەر بىلەن دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ زىيارەتچى تەتقىقاتچى تۈرىگە ئىلتىماس سۇندۇم. ئىلتىماسنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىن ئۆتۈپ مۇلاقاتقا تاللاندىم. مۇلاقاتتا بېيجىڭدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ سۇئاللىرى مۇنداق بولدى؛

- سەن تۈركىيەدىكى ئىلمىي زىيارىتىڭنىڭ كېينكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىڭغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى يېزىپسەن، سەنچە ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىشنىڭ قانداق رىيال ئەھمىيتى بار؟

بۇ سۇئال ماڭا ياغدەك ياقتى. مەن تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر تىلنىڭ قۇدرىتىنى تونۇتۇپ قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەن مۇشۇنداق پۇرسەتنىڭ بالدۇرراق كېلىشىگە ئۇزۇندىن بېرى تەشنا ئېدىم. جاۋابىمنى مۇنداق باشلىدىم.

بىرىنجى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ پاراۋوزى. ئاپتونۇم رايۇننىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشتىراكىسىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەمۇرىيەت ۋە مائارىپتا قوللىنىلماسلىقى ئاپتونۇم رايۇندىكى ئانا تىلىدا ساۋادى تولۇق چىقىپ بولمىغان نەچچە مىليون جوڭگۇ پۇقراسىنى يېڭى ساۋاتسىزلىققا گىرىپتار قىلىدۇ.ئۇيغۇر تىلنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ۋە تەرەققىياتى جوڭگۇدىكى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك، تۇۋا، سالار، سارىغ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرتىلىنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر تىلى تارىختىن بېرى بۇ تىللارنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ بېيىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرچىدىكى مائارىپ، نەشىرىياتچىلىق، ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرى يۇقارقى قېرىنداش مىللەتلەرگە ئورتاق خىزمەت قىلغان. تارىخنى قويۇپ بۈگۈنگە قارايدىغان بولساق ”قۇرئان“ نىڭ كومپارتىيە رەھبەرلىك قىلغاندىن كېيىن نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن كېيىن قازاقچە، قىرغىزچە تەرجىمىلىرى يورۇقلۇققا چىقتى. ”قۇتادغۇبىلىك“ ، ”دېۋانۇلۇغەتىت تۈرك“ قاتارلىق يىرىك مىراسلارنىڭ قازاقچە نۇسقىلىرىمۇ ئۇيغۇرچە نۇسقىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلدى. ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ئۆزبىك، تاتار، سالار، ۋە تاجىك قاتارلىق مىللەتلەر بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق تەربىيەلەنمەكتە.

دېمەك، ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرەققىيات قېرىنداش تۈركى تىللار ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇندىن باشقا كومپىيوتېر ساھەسىدە ئۇيغۇرچە فونت ياسىغان ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلەر قازاق ۋە قىرغىزچىغىمۇ قوشۇپ ياساپ بۇ تىللارنىڭ ئۇچۇرلىشىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئومۇمىيۈزلۈك گۈللەنگەن ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ تەربىيە بۆشۈكىگە ئايلانغان. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ۋە ئۇيغۇرتىلنىڭ تەرەققىياتى دەخلىگە ئۇچرىسا بۇ مىللەتلەرنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىمۇ ئاقساشقا يۈزلىنىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرتىلنىڭ مەۋجۇدلۇقى تەھدىتكە ئۇچرىسا باشقا تۈركى تىللار يۇقۇلۇشقا يۈزلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا ھەل قىلىنغان مەسىلىلەرنى باشقا تۈركىي تىللارغا شەكسىز تەدبىقلىغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر تىلى ئۇلار ئۈچۈن قالقان ۋە بۇلاق.

ئىككىنچى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا قوللۇنىلىشى ۋە تەرەققىياتى دۆلىتىمىزنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا پايدىلىق. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن رۇس بولشىۋىكلىرى ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدە تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تاشكەنتتە ئورتا ئاسىيا ئۇنۋېرىستىتىنى قۇرۇپ، ئۆزبېكچە مائارىپ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ھەتتا بىر قىسىم موڭغۇل ، تاجىك ۋە شىبەلەرنى تەربىيەلىگەن. بۇ ئارقىلىق تەسىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا تېزلىكتە كېڭەيتكەن ۋە ئۇنى 1960-يىللارغىچە ساقلاپ قالالىغان. ھازىرقى ھۆكۈمەت رۇسلارنىڭ بۇ تاكتىكىسىنى قوللۇنۇپ ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ئارقىلىق ئورتا ئاسىيادىكى تۈركى تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنى تەربىيەلەش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا يىلىغا يۈزلەپ (قازاقىستاندىن يىلىغا ئىككى يۈز ئوقۇغۇچى جوڭگۇنىڭ مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇيدۇ) جوڭگۇغا كېلىپ ھەقسىز ئوقۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنسۇچە تەييارلىق مۇددىتى قىسقاراپ باج تاپشۇغۇچىلارنىڭ قان تەرى كۆپ تىجىلىپ قالىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ يوقۇتۇلۇش ئورنىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلسا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، ئىراق، ئابغانىستان، بالقان يېرىم ئارىلى ۋە روسسىيە تېرىتورىيىسىدە ياشاۋاتقان ئىككى يۈز مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرچە جوڭگۇ مائارىپنىڭ ئوبىكتىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. مائارىپ ئارقىلىق جوڭگۇنىڭ ئەرزان ماللىرىغا خېرىدارلىق قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىنىمۇ مايىل قىلغىلى بولىدۇ. ئۈچىنجى،

- كەچۈرىسەن ۋاقىت توشتى. ئەڭ ئاخىرقى سۇئال، سەن بېيجىڭنى ياقتۇرامسەن؟

- پەقەت ياقتۇرمايمەن.

- ھە، بولدى، رەھمەت ساڭا. ۋاقتىمىز بولغان بولسا ئۇيغۇرتىلنىڭ رىيال ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىڭىنى ئاڭلىغۇمىز بار ئېدى. باشقىلارغا دېمىگەن، ساڭا دەۋىتەيلى، سەن مۇلاقاتتىن ئۆتتۈڭ.

مۇلاقاتتىن ناھايىتى كەيپىم چاغ چىقتىم. يولدا بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر مۇدېر ئۇچراپ قالدى.

- ھە، مىيەنشى (مۇلاقات) قانداق بولدى؟

- ئۆتتۈم،

- ئۇنداق ئاسان بولماس، بېيجىڭدا قايتا پۇچا(تەكشۈرۈش) قىلىدۇ.

- قانچە سۇئال سورىدى؟

- ئىككى، بىرسى بەك ئۇزۇن، سىزگە جاۋابىمنى بىر ئىككى ئاغىز گەپ بىلەن دەپ بولالمايمەن. يەنە بىرى مېنىڭ بېيجىڭنى ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلىقىمنى سورىدى.

- نېمە دەپ جاۋاپ بەردىڭىز؟

- پەقەت ياقتۇرمايمەن دېدىم.

- شۇنداقمۇ دەمسىز، بولدى سىزدە ئۈمىد يوق. ئۇلارنىڭ بېيجىڭنى ياقتۇرامسەن دېگىنى جوڭگۇ كومپارتىيەسىنى ياقتۇرامسەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغۇدامسەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرامسەن، دوڭتۇ تېرورچىلىرىغا مەيدانىڭ قانداق دېگىنى. ھەيىييي، سىز كىتابنى كۆپ ئوقۇغان بىلەن تازا چۈشەنمەي ئوقۇيدىغان ئوخشايسىز. مۇشۇنداق ھالقىلىق سۇئالنىمۇ چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟…بۇ ئادەمنىڭ قالغان گەپلىرى تازا قۇلۇغۇمغا كىرمىدى. بىللە بىر نەزرىگە باردۇق ئۇ يەردىمۇ بۇ گەپنى تۈگەتمىدى. خىيالىمغا بۇ گەپكە مەنىداش گەپلەرنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغىنىم كەلدى. مېنىڭ بىرىنجى قېتىم خىزمەت تاشلىشىمغا سەۋەپ بولغان ھېلىقى گەنسۇلۇق مۇتىھەم شۇجى ھەققىدە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى بىر پراپېسسور بىلەن پاراڭلىشىپ قالغانىدىم.

- نېمە، سىز شۇجى بىلەن ئۇرۇشتىڭىز؟ تېخى خىزمەتنىمۇ تاشلاپ چىقتىڭىز! ھەي نادان بالا، ھازىر دىھقانلارنىڭ مەجبۇرى كىۋەز، بۇغداي تېرىشى دېگەن سىياسىي ۋەزىپە. سىزنىڭ قارشى چىققىنىڭىز بىر شۇجى ئەمەس، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ سىياسىي بۇيرىقى. سىز قەشقەر دېگەن يەردە سىياسىي بىلەن ئويناشماقچىما، دەرھال شۇجىغا يېلىنىپ سىياسىي خاتالىقىڭىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراڭ، مۆرىتى كەلسە يىغلاپ يېلىنىڭ…

يۇقارقى سۆھبەتلەر ئالى مەكتەپتە يۈز بەردى. بىرى ئىدولوگىيەلەر قەسىرى بولغان قەشقەردە، يەنە بىرى ئىقتىسادتىن باشقا گەپ ھىچكىمگە خوپ كەلمەيدىغان لەنجودا. ماڭا بۇنداق دېگەنلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر. بىرى 50 –يىللاردا مەملىكېتىمىزنىڭ داڭلىق ئۇنۋېرىستىتىنى پۈتكۈزگەن ئارامدىكى قەشقەرلىك لۇشۇنشۇناس پروپېسسور، يەنە بىرى خەنسۇچە ئوقۇغان، 80- يىللارنىڭ ئاخىرى ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپنى تۈگەتكەن غۇلجىلىق دوتسىنىت، بىر ئالى مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدېرى. تۆۋە دەيمەن ئوخشىمىغان دەۋردە، ئوخشىمىغان زېمىندا چوڭ بولغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئويى نېمانچە ئوخشايدۇ؟ مەنچە مۇنداق كىشىلەر دۆلەتنىڭ يۈكى، خىزمەتنىڭ توسالغۇسى، تەرەققىياتنىڭ مىتىسى. مەن ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ”خاتالىشىپ“ مۇ كەتمىدىم، دۆلەتنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق ئېلىپ باج تاپشۇرىۋاتقان خەلقنىڭ قان تەرى، مېنىڭ ھالال ئەمگىكىمنىڭ بەدەلى بولغان مۇئاشىمنىمۇ كەم قىلماي تۈركىيەدىكى ئىلمىي زىيارىتىمنى تامالىدىم.


ئالدىنقى: 5. يول قايان؟

كـىيىنكى: 3. رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا