6- دېۋىزىيە

ئورنى Wikipedia

6- دېۋىزىيە، تولۇق ئىسمى شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە قۇرۇقلۇق ئەسكىرى ئاتلىق قوشۇن ۋاقىتلىق 6- دىۋىزىيىسى ئېرۇر.

قۇرۇلىشى[تەھرىرلەش]

خوجىنىيازھاجى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغاندىن كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىگە مېڭىش ئالدىدا، ئۆز قىسىملىرىدىن ھامۇتخان لۈيجاڭنى 500 ئەسكەر بىلەن ئۆزىنى قوغداشقا ئېلىپ قالىدۇ، شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى بىر دىۋىزىيە قىلىپ تەشكىللەپ، ئۇنى 6- دىۋىزىيە دەپ ئاتايدۇ. بۇ دىۋىزىيىگە مەھمۇت مۇھىتىنى قوماندانلىققا تەيىنلەيدۇ. دىۋىزىيە بىر برگادا، 4 پولك (تۇەن)، بىر مۇھاپىزەتچى ئىسكادروندىن تەركىب تاپىدۇ. بىرگادا كوماندىرلىقىغا قۇمۇللۇق سالى دورغا،مۇئاۋىنى قىلىپ تۇرپانلىق توختىبەگ تەيىنلىنىدۇ.1- پولك تۇەن كوماندىرى تۇرپانلىق سەمەت ھاجى،2- پولك كوماندىرى تۇرپانلىق قۇرباننىياز گاجىدى(شاھىدى دەپمۇ ئاتىلاتتى )،3-پولك كوماندىرى توقسۇنلۇق غوپۇر،،4- پولك كوماندىرى تۇرپانلىق پولاتبەگلەر بولىدۇ. 36-ماخۇسەن قىسمى مارالبېشىدىن چېكىنگەندىن كېيىن قوماندان مەھمۇت مۇھىتى گېنېرال لېيتنانت ئونۋانى بىلەن 6- دىۋىزىيىنى باشلاپ، 1934-يىلى 20- ئىيۇل قەشقەر شەھرىگە يېتىپ بېرىپ،دىۋىزىيە باش شىتابىنى قەشقەر شەھرىدىكى سابىق شىتەي يامۇلىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.بۇلاردىن بىر تۇەن باش شىتاب ئورۇنلاشقان جايدىكى يۇمۇلاق شەھەرگە،بىر تۇەن شەھەر ئىچىدىكى سودا- سارايلارغا، بىر تۇەن يېڭىسار قەلئەسىگە،بىر تۇەن يەركەن كونا شەھەرگە ئورۇنلىشىدۇ. 1933-يىلى تەشكىللىنگەن يەرلىك قوشۇنلاردىن « قەشقەر ئۈستىن ئاتۇش بىرىگادىسى » دەپ ئاتالغان زەيدىن كارۋاننىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى،«ئاستىن ئاتۇش بىرىگادىسى »دەپ ئاتالغان كىچىك ئاخۇننىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى ۋە كىچىك ئاخۇن قوشۇنىدىكى «پارتىزان ئەترەت قوماندانى» دەپ ئاتالغان رىشتەم (بۇ نامنى تەسلىمىچىلىكى ئۈچۈن مافۇيەن بارگەن )نىڭ بىر پەي ئەسكىرى مەھمۇت مۇھىتىغا قوشۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 6- دىۋىزىيە ئەسكىرىنىڭ ئومۇمى سانى 4000 ئەتراپىدا بولىدۇ.